مۇقەددەس كىتابقا بولغان كۆزقارىشىڭىز قانداق؟
سىزنىڭچە ئۇ كىتاب . . .
-
ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئاساسىدا يېزىلغانمۇ؟
-
ئەپسانىلەر ياكى رىۋايەتلەرمۇ؟
-
خۇدانىڭ سۆزىمۇ؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ
«پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغان». — تىموتىيغا 2-خەت 3:16.
بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالايسىز. — پەندى-نەسىھەت 2:1–5.
كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن ئىشەنچلىك يولباشچىلىققا ئېرىشەلەيسىز. — زەبۇر 119:105.
كەلگۈسىگە ھەقىقىي ئۈمىد باغلىيالايسىز. — رىملىقلارغا 15:4.
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟
شۇنداق، ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سەۋەبى بار:
-
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماس كېلىشچانلىق. مۇقەددەس كىتاب 1600 يىل جەريانىدا، 40قا يېقىن كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ھېچقاچان بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ باققان ئەمەس. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب باشتىن-ئاخىرغىچە ئۆزئارا ماس كەلگەن بولۇپ، بىر باش تېما ئاساسىدا يېزىلغان.
-
سەمىمىي يازغۇچىلار. بۇ دۇنيادىكى تارىخشۇناسلار دائىم ئۆز خەلقىنىڭ جەڭ مەغلۇبىيەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىشىدۇ. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، مۇقەددەس كىتابنى يېزىپ خاتىرىلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىكى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئوچۇق تىلغا ئالغان. —تارىخنامە 2-يازما 36:15،16؛ زەبۇر 51:1–4.
-
ئىشەنچلىك بېشارەت. قەدىمقى بابىلون شەھىرىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تەخمىنەن 200 يىل ئاۋۋال مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن (يەشايا 13:17–22). بېشارەتتە پەقەت بابىلوننىڭ قانداق مەغلۇپ قىلىنىشىلا ئەمەس، ھەتتا يەنە شۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغۇچىنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنغان.— يەشايا 45:1–3.
يەنە مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپلىگەن باشقا بېشارەتلىرى ئەڭ كىچىك تەپسىلاتلىرىغىچە ئەمەلگە ئاشقان. خۇدادىن كېلىدىغان كىتاب چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ — پېترۇسنىڭ 2-خېتى 1:21.
ئويلاپ كۆرۈڭ
خۇدانىڭ سۆزى تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ: يەشايا 48:17،18 ۋە تىموتىيغا 2-خەت 3:16،17.