يەھۋا تونۇشۇشقا ئەرزىيدىغان خۇدا
يەھۋا تونۇشۇشقا ئەرزىيدىغان خۇدا
ھاياتىڭىزدا مۇھىم بىر نەرسىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇۋاتامسىز؟ ئەگەر خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىڭىز ئاز بولسا، ئۇنداقتا مۇھىم نەرسىنى قولدىن بېرىپ قۇيۇۋاتىسىز.نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ سەۋەبى، مىليونلىغان ئىنسانلار چۈشىنىپ يەتكەندەك، مۇقەددەس كىتابتىن خۇدا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشنىڭ پايدىسى بەك زور. ئادەملەر ھاياتىدا بۇنىڭ پايدىسىنى دەرھاللا كۆرىدۇ ۋە بۇنى ئۆمۈر بويى ھېس قىلالايدۇ.
مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپى تەڭرى يەھۋا، ئۇ ھەققىدە بىلىم ئېلىشىمىزنى خالايدۇ. زەبۇر يازغۇچىسى مۇنداق دەپ يازغان: «ئىنسانلار بىلسۇنكى، ئىسىمى يەھۋا بولغان سەن، پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە يالغۇز ئەڭ ئۇلۇغ بولغۇچىدۇرسەن». ئۇ بىزنىڭ ئۇنى تونۇشىمىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. «مەن يەھۋا، سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن. ساڭا پايدىلىق بولغاننى ئۆگەتكۈچىمەن». ئەڭ ئۇلۇغ خۇدا يەھۋانى بىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟—زەبۇر 83:18؛ يەشايا 48:17.
خۇدا بىزگە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى ئۆگەتكەندە، كۆڭلىمىزگە تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگەندە ۋە كېلەچەك ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۈمىدنى ئاتا قىلغاندا، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيمىز. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بىز يەھۋا بىلەن يېقىنراق تونۇشقانسېرى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى قىزىقتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم سوئاللارغا باشقىچە قارايدىغان بولىمىز. قايسى سوئاللار؟
ھاياتىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ئاجايىپ تەرەققىياتقا قارىماستىن، ئىنسانلار يەنىلا غەم-تەشۋىشكە سېلىپ كېلىۋاتقان ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ: «نېمە ئۈچۈن توغۇلدۇم ۋە ياشاۋاتىمەن؟ كېلەچەكتە نېمە بولىدۇ؟ ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟» ئەگەر ئىنسان بۇ سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىسا، ھاياتى ئەھمىيەتسىز بولىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر بۇنى ھېس قىلامدۇ؟ 1997-يىلى گېرمانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسىسىگە قارىغاندا، پىكىرى سورالغانلارنىڭ تەڭ يېرىمى ھېمىشە ياكى بەزىدە ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئېھتىمال، سىز ياشاۋاتقان جايدىمۇ كىشىلەر شۇنىڭغا ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇشى مۇمكىن.
ئىنسان ھاياتى مەقسەت بولسا، كەلگۈسى تۇرمۇشى ئۈچۈن ئۇل-ئاساس سالالمايدۇ. كۆپلىرى مائاشى يۇقىرى ئىشقا كىرىش ياكى مال-مۈلۈك توپلاش ئارقىلىق مەنىلىك ھاياتنى كەچۈرىمىز دەپ ئويلاپ، بار كۈچىنى چىقىرىدۇ. بىراق، ئۇلار مەنىلىك ياشاش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. مەنىسىز ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار بولسا ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولۇشى مۇمكىن. «International Herald Tribune» خەلقئارالىق بىر گېزىتتا ئېيتىلىشىچە، ھۆسۈن-جامالى چىرايلىق ياش بىر ئايال شۇنداق ئەھۋالغا چۈشكەن ئىكەن. ئۇ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپ ۋە ئىنتايىن كۆپ، ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىپ، ھاياتىنى مەنىسىز دەپ قارىغان. بۇ ئايال ئۇيقۇ دورىسىنى ئىچىۋېلىپ، ئۇنى ئۆلۈك ھالدا تاپقان ئىدى. بەلكىم، سىز يالغۇز ياشاپ، پاجىئەلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەر ھەققىدە باشقا ھېكايىلەرنى بىلىدىغانسىز.
ئىلىم-پەن ھايات سىرلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ گېرمانىيىدە چىقىدىغان ھەپتىلىك «Die Woche» ناملىق ژۇرنالدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «گەرچە ئىلىم-پەن ئىنسانلارنىڭ ماددىي دۇنيانى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرەلىسىمۇ، دىنىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئىپتىدائىي ۋە بەك ئاددىي، ئەمما چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان كۋانت فىزىكىسى، گەرچە زەررىچىلەرنىڭ تەرتىپسىز ھەرىكەتلىنىشىنى چۈشەندۈرەلىگەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىپ، تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ». ئەلۋەتتە، ئىلىم-پەن ياردىمىدە ھاياتنى تۈرلۈك شەكىلدە تەسۋىرلەپ بېرىشكە ۋە ھاياتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان تەبىئىي فونكىسىيەلەر ھەم بىر قاتار ھەرىكەتلىنىش جەريانلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان كۆپ نەرسىلەر ئاشكارا قىلىنغان. ئەمما، ئىلىم-پەن ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە كېلەچەك توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. نەتىجىدە، «Süddeutsche Zeitung» گېزىتىدا ئېيتىلغاندەك، «يول-يورۇققا مۇھتاجلىق ھەممىلا جايدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ».
يول-يورۇقنى ياراتقۇچىدىن باشقا كىممۇ بېرەلەيدۇ؟ ئۇ دەسلەپتە ئىنسانلارنى يەر-يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرغان، شۇڭا بىز نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇ چوقۇم بىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، يەھۋا ئىنسانلارنى يەر-يۈزىنى تولدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالسۇن دەپ ياراتقان. ئادەملەر ھەممە ئىشلىرىدا خۇداغا خاس ئېسىل پەزىلەتلەرنى، شۇ جۈملىدىن ئادالەت، دانالىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك ئىدى. يەھۋا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بىلسەك، ھاياتنىڭ مەنىسىنى ياخشىراق چۈشىنەلەيمىز.—يارىتىلىش 1:26—28.
نېمە قىلالايسىز؟
ئەگەر ئۆتمۈشتە «نېمە ئۈچۈن تۇغۇلدۇم ۋە ياشاۋاتىمەن؟ كېلەچەكتە نېمە بولىدۇ؟ ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟» دېگەن سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى تاپالمىغان بولسىڭىز، نېمە قىلالايسىز؟ مۇقەددەس كىتاب سىزنى يەھۋا بىلەن يېقىنراق تونۇشۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر: «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن يېگانە ھەق خۇدانى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇش كېرەك»،— دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب سىزنى خۇدا ياقتۇرىدىغان پەزىلەتلەرنى، بولۇپمۇ مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشكە ۋە يېقىنلىشىۋاتقان خۇدا پادىشاھلىقى ئاستىدا ياشاش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقىرىشقا ئۈندەيدۇ. ئەگەر دەل شۇنداق قىلسىڭىز، مەنىلىك ھايات كەچۈرەلەيسىز ۋە مۇستەھكەم ئۈمىدكە ئېرىشەلەيسىز. سىزنى قايمۇقتۇرغان، كۆپ سورالغان مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز.—يۇھاننا 17:3؛ ۋەز 12:13.
ھاياتتىكى مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ھاياتىڭىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ خانس ئىسىملىك كىشى بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىدۇ. a ئۆتمۈشتە ئۇ مەلۇم دەرىجىدە خۇداغا ئىشەنگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق تەسىر قىلمايتتى. ئۇ موتوسىكلېتلارغا قىزىقاتتى، زەھەر چېكەتتى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلاتتى ۋە ئۇششاق جىنايەت سادىر قىلاتتى. خانس ئەسكە ئېلىپ: «ئەمما مەن ئەھمىيەتسىز ھايات كەچۈرۈپ يۈرەتتىم. ھاياتىمدىن قانائەت تاپالمايتتىم»،— دەيدۇ ئۇ. خانس 25 يېشىدا خۇدا توغرىسىدا كۆپرەك بىلىم ئېلىشنى قارار قىلدى ۋە مۇقەددەس كىتابنى دىققەت بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى. يەھۋا بىلەن يېقىنراق تونۇشقاندىن كېيىن، خانس نېمە ئۈچۈن ياشاش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن ۋە ھايات تەرزىنى ئۆزگەرتىپ، ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. ھازىرغا قەدەر، ئۇ ئون يىلچە خۇداغا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى. بۇنىڭغا ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدۇ. يەھۋا بىلەن تونۇشۇپ، ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم».
ئەلۋەتتە، ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى سوئال كۆپلىگەن ئىنسانلارنى غەم-تەشۋىشكە سالىدىغان بىردىن-بىر سوئال ئەمەس. دۇنيانىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالى، كۆپلىگەن كىشىلەرنى باشقا بىر غەم-تەشۋىشكە سالىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلەر يۈز بېرىدۇ؟
ئادەمنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، ئۇ: «بۇ نېمە ئۈچۈن يۈز بەردى؟»— دېگەن سوئالنى توختىماي سورايدۇ. ئادەمنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بېرىش-بېرەلمەسلىكى ئۇشبۇ سوئالغا توغرا جاۋاب تېپىشىغا باغلىق. ئەگەر ئۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىسا، ئۇ كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ۋە ھەتتا تاش يۈرەك بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. برۇنى ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ھەققىدە ئالايلى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر نەچچە يىل بۇرۇن كىچىكىدە ئوماق قىزىم ئۆلۈپ كەتتى. يۈرىكىمگە پىچاق سانجىلغاندەك بولدى. مەن خۇداغا ئىشىنەتتىم. شۇڭا، مەن تەسەللى ئېلىش ئۈچۈن يەرلىك روھانىينىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ ماڭا، قىزىم سۇساننانى خۇدا ئاسمانغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇ پەرىشتىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. قىزىمدىن ئايرىلغاندا ئاسمان دۈم كۆمتۈرۈلۈپ چۈشكەندەك بولدى ۋە قايغۇ-ھەسرەت ياشلىرىم كۆزىمدىن توختىماي، قىزىمنى ئېلىپ كەتكىنى ئۈچۈن خۇداغا ئاچچىقلاندىم». برۇنى بىر نەچچە يىل ئازابلىنىپ ياشىدى. ئۇ سۆزنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇنداق دەيدۇ: «دەل شۇ مۈشكۈل كۈنلەردە بىر ئايال يەھۋا گۇۋاھچىسى ماڭا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ، خۇداغا ئاچچىقلىنىشقا ھېچقانداق سەۋەب يوقلىقىنى كۆرسەتتى. يەھۋا سۇساننانى ئاسمانغا ئېلىپ كەتمىگەن ۋە قىزىمنى پەرىشتىگە ئايلاندۇرمىغان. ئۇ بارچە ئىنسانلارغا ئوخشاش نامۇكەممەل بولغاچ، كېسەلگە گىرىپتار بولغان. سۇساننا ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا، يەھۋانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۈتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئىنسانلارنى يەر-يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاشقا ياراتقانلىقىنى ۋە پات يېقىندا ئۇنىڭ بۇ نىيىتى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. يەھۋا بىلەن يېقىنراق تونۇشقاندا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرىممۇ ئازىيىشقا باشلىدى».—زەبۇر 37:29؛ ئەلچىلەر 24:15؛ رىملىقلار 5:12.
مىليونلىغان ئىنسانلار ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىدۇ. بۇ شەخسىي پاجىئە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە تەبىئىي بالايىئاپەتلەر بولۇشى مۇمكىن. برۇنى مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋا خۇدانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە سەۋەبچى ئەمەسلىكىنى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئازاب چېكىشىنى ھەرگىز خالىمايدىغانلىقىنى ۋە پات-يېقىندا يامانلىقنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغانىدى. ھەممىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاجايىپ ئۆزگۈرۈشلەر پات-ئارىدا يۈز بېرىدۇ.—2-تىموتىي 3:1—5؛ مەتتا 24:7، 8.
خۇدا توغرىسىدا بىلىم ئېلىش
خانس ۋە برۇنى خۇدا توغرىسىدا مەلۇم دەرىجىدە بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەن بولسىمۇ، ئۇ ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمىگەن. ئۇلار يەھۋا توغرۇلۇق توغرا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ، تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنى ئۈچۈن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتى. ئۇلار ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپتى. بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىنچ-خاتىرجەملىككە ۋە مۇستەھكەم ئۈمىدكە ئېرىشتۈردى. يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان مىليونلىغان ئادەملەرمۇ بۇنى ھېس قىلىدۇ.
يەھۋا بىلەن تونۇشۇش مۇقەددەس كىتابنى دىققەت بىلەن ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ، چۈنكى بۇ كىتاب ئۇنىڭ كىملىكىنى ۋە بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ. بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان بەزى كىشىلەر دەل شۇنداق ئىش-ھەرىكەت قىلغان. تارىخشۇناس ۋە دوختۇر بولغان لۇقا بېرىيا شەھىرىدىكى ئىبرانىيلار جامائىتىنىڭ ئەزالىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «[پاۋلۇس ۋە سىلاس تەرەپتىن] ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەنلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدىنىپ ئۆگەندى».—ئەلچىلەر 17:10، 11.
بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائەت سۈپىتىدە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئىبادەت يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزەتتى (ئەلچىلەر 2:41، 42، 46؛ 1-كورىنتلىقلار 1:1، 2؛ گالاتىيالىقلار 1:1، 2؛ 2-سالونىكالىقلار 1:1). شۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىمۇ جامائەت سۈپىتىدە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئادەملەرنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ۋە ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. يېقىن ئەتراپتا ياشاۋاتقان يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ يەنە باشقا پايدىسى بار. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى يەھۋادىن ئۈلگە ئالغانسېرى مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىڭغا خاس ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا، گۇۋاھچىلىرى بىلەن ئارىلىشىش يەھۋانى ياخشىراق بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ.—ئىبرانىيلار 10:24، 25.
بەلكىم، سىز: «بىر شەخس بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈنلا شۇنچە كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەكمۇ؟»— دەپ سورايدىغانسىز. ئەلۋەتتە كېرەك. لېكىن، باشقا مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەك ئەمەسمۇ؟ داڭلىق تەنتەربىيە چولپانلىرى چېنىقىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن فرانسىيىلىك چاڭغا تېيىلىش ماھىرى جان-كلود كېلې خەلقئارالىق مۇسابىقىدە غەلىبە قازىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «10 يىل بۇرۇن، ئالدىن تەييارلىق قىلىشنى باشلاپ، يىلدىن-يىلغا پىلان تۈزۈش ۋە ھەر كۈنى بۇ ھەققىدە ئويلاش كېرەك ... بۇ بىر يىلدا، 365 كۈن ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان كەسىپتۇر». بار-يوقى 10 مىنۇتتا تۈگەيدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىنىدۇ! ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك، تۈگىمەس بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ!»
بارغانسېرى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش
ھېچ كىم ھاياتىدا مۇھىم بىر نەرسىنى قولىدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھاياتىڭىزدا ھەقىقىي مەقسەت-نىشانىڭىز يوقتەك تۇيۇلسا ياكى نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىڭىز، مۇقەددەس كىتابتىن تەڭرى يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشقا قەتئىي بەل باغلاڭ. ئۇ ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولسىڭىز، ھاياتىڭىز ياخشىلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ پايدىسىنى ئۆمۈر بويى كۆرەلەيسىز.
يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىش قاچان ئاياقلىشىدۇ؟ نۇرغۇن يىللار يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئۈزلۈكسىز ئۇ ھەققىدە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىدىن ھەيران قالماقتا. بۇنداق بىلىم ئېلىش جەريانى بىزنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ ۋە بارغانسېرى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. بىز ئەلچى پاۋلۇسنىڭ يازغان مۇنۇ سۆزلىرىگە قوشۇلىمىز: «ئاھ، خۇدانىڭ بايلىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نەقەدەر مول، نەقەدەر چوڭقۇر،-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەقىل يەتمەس ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولماس. ‹چۈنكى، كىم يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرىنى چۈشىنىدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىغان؟› ».—رىملىقلار 11:33، 34.
[بەت ئاستى ئىزاھاتى]
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
[قىستۇرما تېكىست]
ئىنسانلار يەنىلا غەم-تەشۋىشكە سېلىۋاتقان ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ: «نېمە ئۈچۈن تۇغۇلدۇم ۋە ياشاۋاتىمەن؟ كېلەچەكتە نېمە بولىدۇ؟ ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟»
[قىستۇرما تېكىست]
«يەھۋا بىلەن يېقىنراق تونۇشقاندا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرىممۇ ئازىيىشقا باشلىدى»
[قىستۇرما تېكىست]
«يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى. بۇنىڭغا ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدۇ. يەھۋا بىلەن تونۇشۇپ، ھاياتنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم»