سەگەك تۇرۇڭلار!
ئالىملار قىيامەت كۈنىنىڭ سائەت تىلىنى ئالدىغا يۆتكىدى — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
ئالىملار، 2023-يىلى 24-يانۋاردا، قىيامەت كۈنىنىڭ سائىتى a يېرىم كېچىگە، يەنى دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«بۇ يەردە تىلغان ئېلىنغان «قىيامەت كۈنىنىڭ سائىتى» ئىنسانىيەت ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىش خەۋپ-خەتىرىگە سىمۋول قىلىنغان. سەيشەنبە كۈنى، ئالىملار قىيامەت كۈنىنىڭ سائەت تىلىنى يېرىم كېچىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. چۈنكى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش، يادرو قورالى ئۇرۇشى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ۋە يەر شارى مۇھىت بۇلغىنىشى ئىلگىرى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا، تېخىمۇ يامان ۋەزىيەتكە يۈزلىنىپ كېتىۋاتىدۇ».—AFP International Text Wire.
«سەيشەنبە كۈنى، ئالىملار قىيامەت كۈنىنىڭ سائەت تىلى يېرىم كېچىگە، يەنى ئىنسانىيەت ئۆز-ئۆزىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدىغان ۋاقىتقا 90 سېكۇنت قالغان يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئاشكارلىدى».—ABC News.
«خەلقئارالىق بىر گۇرۇپپا ئالىملار ئىنسانىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا، ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەرگە يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى».—The Guardian.
ئىنسانىيەت ۋە يەر شارىنىڭ گۇمران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىۋاتامدۇ؟ كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن قورقۇشىمىز كېرەكمۇ؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىشلار
مۇقەددەس كىتابتا «يەر يۈزى مەڭگۈگە قالار» ۋە ئادەملەر «يەردە مەڭگۈ ياشار» دەپ يېزىلغان (ۋەز 1:4؛ زەبۇر 37:29). شۇڭا، ئىنسانلار يەر يۈزىنى ۋەيران قىلمايدۇ ياكى پۈتكۈل يەر شارى ياشاش ئىمكانسىز بىر جايغا ئايلىنىپ قالمايدۇ.
ئەمما، مۇقەددەس كىتاب بىر ئاخىرلىشىشنى تىلغا ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭدا «بۇ دۇنيا ... ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ يېزىلغان.—1-يۇھاننا 2:17.
مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى ئەسلىدە نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، «دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كېلىۋاتىدۇ؟ ئاخىرەت كۈنى دېگەن نېمە؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتاب، كېلەچەكتە دۇنيادا يۈز بېرىدىغان ئىش-ۋەقەلەرنىڭ ۋاقىت-سائىتى ھەققىدە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، «بۇ دۇنيا قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
ئۈمىدۋار بولۇشقا تىرىشىڭ
بۈگۈنكى كۈندىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، بىزنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشقا مۇقەددەس كىتاب ياردەم بېرەلەيدۇ. قانداق؟
مۇقەددەس كىتاب كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشچان مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ (2-تىموتىي 3:16، 17). مەسىلەن، ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ئىجابىي كۆز قارىشىڭىزنى ساقلاشقا مۇقەددەس كىتاب قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، «غەم-تەشۋىشلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتاب كېلەچەككە بولغان ئىشەنچىلىك بىر ئۈمىدنى بېرىدۇ (رىملىقلار 15:4). ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەم كېلەچەكتە قانداق ئىشلارنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ ۋە دۇنيادا قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، داۋاملىق ئۈمىدۋار بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنىڭ كۆپرەك پايدىسىنى كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن، سىزنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ھەقسىز بىلىم ئاشۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.
a «قىيامەت كۈنىنىڭ سائىتى — كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر لايىھە. بۇ ئۆز قولىمىز بىلەن ياسىغان خەتەرلىك تېخنىكىلار ئارقىلىق دۇنيانى ۋەيران قىلىشقا قانچىلىك يېقىنلاپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇ بىر ئوخشىتىش بولۇپ، بىزگە يەر يۈزىدە ھايات قېلىش ئۈچۈن چوقۇم ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان خەۋپ-خەتەرلەرنى ئەسكەرتىدۇ» (Bulletin of the Atomic Scientists).