6-بۆلۈم
خۇدانىڭ يەرشارى ئۈچۈن قانداق مەقسىتى بار؟
خۇدا يەرشارىنى ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ماكان قىلىپ يارىتىپ بەرگەن. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئاسمانلار يەھۋانىڭ ئاسمانلىرى، ئۇ ئىنسانلارغا يەر يۈزىنى بەردى»،— دەپ يېزىلغان.— زەبۇر 115:16.
تۇنجى ئىنسان ئادەم-ئاتىنى يارىتىشتىن ئاۋۋال، خۇدا يەر يۈزىدىكى ئېرەم دېگەن بىر پارچە يەرنى تاللاپ، گۈزەل باغ بەرپا قىلغان ئىدى. مۇقەددەس يازمىلار، فىرات ۋە دىجلە دەريالىرى ئاشۇ ئېرەم دېگەن جايدىن ئېقىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ a. مۇشۇ سەۋەب، كىشىلەر جەننەتنى ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىنىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان دەپ قارىشىدۇ. دەرۋەقە، ئېرەم باغ يەر يۈزىدە بولغان!
پەرۋەردىگار ئادەم-ئاتىنى يارىتىپ، «ئېرەم بېغىنى پەرۋىش قىلىپ، باغدىن خەۋەر ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى» (يارىتىلىش 2:15). كېيىنچە، خۇدا ئادەم-ئاتىنىڭ ئايالى ھاۋا-ئانىنى ياراتقان. ئۇ مۇشۇ بىر جۈپ ئىنسانغا: «يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ، ئۇنى بويسۇندۇرۇڭلار»،— دەپ ئەمر-پەرمان چۈشۈرگەن (يارىتىلىش 1:28). ناھايىتى ئېنىقكى، خۇدا «يەرنى بىكارغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ياراتقان».— يەشايا 45:18.
ئەمما، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا خۇدانىڭ قانۇنىنى بۇزۇش ئارقىلىق ياراتقۇچىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. شۇڭا، خۇدا ئۇلارنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقارغان. ئۇلارنىڭ جەننەتتە ياشاش پۇرسىتى يوقالغان. ھەتتا، ئادەم-ئاتىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك، تېخىمۇ يامان ئاقىۋەت پەيدا بولغان. قانداق يامان ئاقىۋەت؟ مۇقەددەس يازمىلار: «بىر ئىنسان ئارقىلىق دۇنيادا گۇناھ پەيدا بولدى ۋە گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم ھەممە ئىنسانلار ئارىسىغا تارقالدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھ قىلغان»،— دەيدۇ.— رىملىقلار 5:12.
يەر يۈزى شاد-خۇراملىققا تولغان كىشىلەر بىلەن تولۇشى كېرەك — يەھۋا ئۆزىنىڭ بۇ دەسلەپكى مەقسىتىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! خۇدا شۇنداق دەيدۇ: «ئېغىزىمدىن چىققان سۆزۈم ھەم شۇنداقتۇر؛ ئىرادەم جەزمەن ئەمەلگە ئاشمىغىچە، ئۇنى ئەۋەتكەندىكى مەقسىتىمگە چوقۇم يەتمىگىچە، ئۇ ماڭا بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەلمەيدۇ» (يەشايا 55:11). جەننەت يەر يۈزىدە قايتىدىن بەرپا قىلىنىدۇ!
جەننەتتىكى تۇرمۇش قانداق بولىدۇ؟ تۆۋەندە خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
a يارىتىلىش 2:10–14-ئايەتلەردە، «ئېرەمدىن بىر دەريا ئېقىپ چىقىپ باغنى سۇغىراتتى. ئاندىن كېيىن، ئۇ يەردە سۇ تۆتكە بۆلۈنۈپ ئاقاتتى. بىرىنچى دەريانىڭ ئىسىمى پىشون بولۇپ، … ئىككىنچى دەريانىڭ ئىسىمى گىھون بولۇپ، … ئۈچىنچى دەريانىڭ ئىسىمى دىجلە بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرق تەرىپىگە ئاقىدۇ ۋە تۆتىنچى دەريانىڭ ئىسىمى فىرات»، دەپ خاتىرىلەنگەن. باشتا تىلغا ئېلىنغان ئىككى دەريانىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىقى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئېنىق مەلۇماتلار يوق.