مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

8-‏بۆلۈم

مە‌سىھنىڭ كېلىشى

مە‌سىھنىڭ كېلىشى

دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر بېشارە‌ت بېرىپ،‏ 500 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىسى جە‌برائىل داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئە‌ۋلادلىرىدىن بىرى بولغان مە‌ريە‌م ئىسىملىك بىر قىزغا كۆرۈندى.‏ جە‌برائىل قىزغا:‏ «سالام ساڭا،‏ بۈيۈك ئىلتىپاتقا مۇ‌يە‌سسە‌ر بولغان قىز.‏ يە‌ھۋا سېنىڭ بىلە‌ندۇ‌ر!‏»،‏—‏ دە‌پ ئېيتتى (‏لۇ‌قا 1:‏28‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ مە‌ريە‌م چۆچۈپ قورقۇ‌پ كە‌تتى.‏ جە‌برائىل نېمە مە‌قسە‌تتە شۇ‌نداق سالام بە‌رگە‌ن؟‏

پە‌رىشتە جە‌برائىل مە‌ريە‌منىڭ مە‌سىھنى تۇ‌غىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئۇ‌نىڭغا خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزگە‌ن

جە‌برائىل:‏ «ئە‌ي مە‌ريە‌م قورقمىغىن،‏ چۈنكى سە‌ن خۇ‌دانىڭ نە‌زىردە ئىلتىپات تاپتىڭ.‏ مانا،‏ سە‌ن ھامىلدار بولۇ‌پ،‏ بىر ئوغۇ‌ل تۇ‌غىسە‌ن ۋە ئىسىمىنى ئە‌يسا قويىسە‌ن.‏ … يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئاتىسى داۋۇ‌تنىڭ تە‌ختىنى بېرىدۇ.‏ ئۇ ياقۇ‌پنىڭ جە‌مە‌تى ئۈستىدىن مە‌ڭگۈگە پادىشاھلىق قىلىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىنىڭ چېكى بولمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ مە‌ريە‌مگە چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏لۇ‌قا 1:‏30–‏33‏)‏.‏ بۇ نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شال قىلارلىق خە‌ۋە‌ر،‏—‏ ھە!‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار كۈتكە‌ن «نە‌سىل»،‏ يە‌نى مە‌سىھنى مە‌ريە‌م تۇ‌غقان ئىدى!‏

كېيىنكى يىلى،‏ ئە‌يسا بە‌يتلە‌ھە‌مدە تۇ‌غۇ‌لدى.‏ شۇ كۈنى بىر پە‌رىشتە شۇ يە‌ردىكى پادىچىلارغا:‏ «قورقماڭلار!‏ مە‌ن سىلە‌رگە پۈتكۈل ئىنسانلارنى چە‌كسىز خۇ‌شاللىققا چۆمدۈرىدىغان خە‌ۋە‌رنى ئېلىپ كە‌لدىم.‏ بۈگۈن داۋۇ‌تنىڭ شە‌ھىرىدە سىلە‌ر ئۈچۈن بىر قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى —‏ ھە‌زرىتى مە‌سىھ تۇ‌غۇ‌لدى» (‏لۇ‌قا 2:‏10،‏ 11‏)‏.‏ كېيىنچە،‏ ئە‌يسانىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر ناسىرە شە‌ھىرىگە قايتتى ۋە ئۇ شۇ يە‌ردە چوڭ بولدى.‏

ئە‌يسا دە‌ل مىلادى 29-‏يىلىدا،‏ مە‌سىھ سۈپىتىدە مە‌يدانغا كېلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىدى.‏ ئۇ ئاشۇ چاغدا «تە‌خمىنە‌ن ئوتتۇ‌ز ياشتا ئىدى» (‏لۇ‌قا 3:‏23‏)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌نلىكىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار:‏ «ئارىمىزدىن ئۇ‌لۇ‌غ بىر پە‌يغە‌مبە‌ر چىقتى!‏»،‏—‏ دېيىشكە‌ن ئىدى (‏لۇ‌قا 7:‏16،‏ 17‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ نېمىنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر كىشىلە‌رنى خۇ‌دانى سۆيۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشقا ئۆگە‌تكە‌ن:‏ ئۇ:‏ «خۇ‌دايىڭ بولغان يە‌ھۋا يىگانە يە‌ھۋادۇ‌ر.‏ خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋانى پۈتۈن قە‌لبىڭ،‏ پۈتۈن جېنىڭ،‏ پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلە‌ن سۆيگىن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ماركۇ‌س 12:‏29،‏ 30‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋاغا سە‌جدە قىلغىن ۋە پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌ت قىلغىن!‏»،‏—‏ دېگە‌نىدى‏.‏‏—‏ لۇ‌قا 4:‏8‏.‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر كىشىلە‌رنى بىر-‏بىرىنى سۆيۈشكە ئۈندىگە‌ن:‏ ئۇ:‏ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆي»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ماركۇ‌س 12:‏31‏)‏.‏ ھە‌مدە،‏ ئۇ:‏ «باشقىلارنىڭ سىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار،‏ سىلە‌رمۇ ئۇ‌لارغا شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىڭلار.‏ چۈنكى تە‌ۋرات قانۇ‌نى ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ تە‌لىملىرى بۇ‌دۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن‏.‏‏—‏ مە‌تتا 7:‏12‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ قىزغىنلىق بىلە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە كىشىلە‌رگە ۋە‌ز ئېيتقان:‏ ئۇ:‏ «باشقا شە‌ھە‌رلە‌ردىمۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلىشىم كېرە‌ك.‏ چۈنكى مە‌ن بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تىلدىم»،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى (‏لۇ‌قا 4:‏43‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا پادىشاھلىقى شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بولسا يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان ئاسماندىكى ساماۋى ھۆكۈمە‌ت،‏ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ ئاشۇ مە‌سىھ سۈپىتىدە كە‌لگە‌ن ئە‌يسا،‏ پادىشاھلىقنىڭ خۇ‌دا تە‌رىپدىن تە‌يىنلە‌نگە‌ن پادىشاھىدۇ‌ر.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ خۇ‌دانىڭ ئاسماندا مە‌سىھكە «ھۆكۈمرانلىق،‏ ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌ق ۋە پادىشاھلىق» بە‌رگە‌نلىكىنى ئالدىن كۆرگە‌ن ئىدى (‏دانىيال 7:‏14‏)‏.‏ شۇ پادىشاھلىق جە‌ننە‌تنى پۈتكۈل يە‌ر يۈزىگە كېڭە‌يتىپ،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق بىلە‌ن مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىنمۇ قالتىس خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بارمۇ؟‏