مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏بۆلۈم

خۇدانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ئائىلىدە بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ

خۇدانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ئائىلىدە بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ

‏«ياراتقۇچى ئۇلارنى باشتىن ئە‌ر ۋ‌ە ئايال قىلىپ ياراتتى» (‏مە‌تتا 19:‏4‏)‏.‏

دە‌سلە‌پكى نىكاھنى يە‌ھۋ‌ا * خۇدا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان.‏ مۇقە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋ‌ا دە‌سلە‌پكى ئايالنى ياراتقان ۋ‌ە «ئۇنى ئىنساننىڭ ئالدىغا ئە‌كە‌لدى» دە‌پ يېزىلغان.‏ ئادە‌م ئاتا ئۆزىنى شۇنچىلىك بە‌ختلىك ھېس قىلىپ:‏ «مانا ئە‌مدى،‏ سۆڭە‌كلىرىمدىن چىققان سۆڭە‌ك ۋ‌ە ئە‌تلىرىمدىن چىققان ئە‌ت ئالدىمدا»،‏—‏ دېدى (‏يارىتىلىش 2:‏22،‏ 23‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يە‌ھۋ‌ا خۇدا ئائىلە قۇرغانلارنىڭ بە‌ختلىك بولۇشىنى خالايدۇ.‏

ئائىلە قۇرغاندا نۇرغۇن ئادە‌ملە‌ر ئائىلىۋ‌ى تۇرمۇش ئاجايىپ گۈزە‌ل بولىدۇ دە‌پ ئۈمىد قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئە‌ر-‏ئايال بىر-‏بىرىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇشى ئاسان ئە‌مە‌س (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏28‏)‏.‏ بۇ كىتابچىدە بېرىلگە‌ن مۇقە‌ددە‌س كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىش ئارقىلىق نىكاھ ۋ‌ە ئائىلىدە بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىشكە بولىدۇ (‏زە‌بۇر 19:‏8—‏11‏)‏.‏

1.‏ يە‌ھۋ‌ا تاپشۇرغان مە‌سئۇلىيە‌ت

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ئە‌ر —‏ ئائىلىنىڭ بېشى (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏23‏)‏.‏

ئە‌گە‌ر ئائىلىنىڭ بېشى بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋ‌ا خۇدا ئايالىڭىزغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن غە‌مخورلۇق قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ (‏پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 3:‏7‏)‏.‏ ئۇ ئايالىڭىزنى سىزگە ياردە‌مچى سۈپىتىدە ياراتقان ھە‌م ئۇنى سۆيۈشىڭىزنى ۋ‌ە قە‌دىرلىشىڭىزنى خالايدۇ (‏يارىتىلىش 2:‏18‏)‏.‏ ئايالىڭىزنى چىن قە‌لبىڭىزدىن سۆيسىڭىز،‏ ئۇنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭكىدىن ئۈستۈن قويۇشىڭىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏25—‏29‏)‏.‏

ئە‌گە‌ر تۇرمۇش قۇرغان ئايال بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋ‌ا سىزدىن ئېرىڭىزنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇنىڭغا ئائىلىدە ئۆز رولىنى ئادا قىلىشقا ياردە‌م بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏3؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏33‏)‏.‏ ھە‌مراھىڭىزنىڭ قارارلىرىنى قوللاپ،‏ ئۇنىڭغا سادىق ياردە‌مچى بولۇڭ (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏18‏)‏.‏ شۇ چاغدا ھە‌مراھىڭىزنىڭ ھە‌م يە‌ھۋ‌ا خۇدانىڭ نە‌زە‌رىدە پە‌زىلە‌تلىك ئايال بولالايسىز (‏پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 3:‏1—‏6‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ياخشىراق ئە‌ر ياكى ئايال بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ.‏ ئۇنى دىققە‌ت قويۇپ تىڭشاڭ ۋ‌ە ئېيتقانلىرىنى ئورۇنلاشقا تىرىشىڭ

  • سە‌ۋ‌ر-‏تاقە‌تلىك بولۇڭ.‏ بىر-‏بىرىڭلارنى بە‌ختلىك قىلىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋ‌اقىت كېرە‌ك بولىدۇ

2.‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنىڭ ھېس‏-‏تۇيغۇلىرىنى نە‌زە‌رگە ئېلىڭ

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزنىڭ موھتاجلىقلىرىدىن خە‌ۋ‌ە‌ر ئېلىشىڭىز زۆرۈر (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز ئۆزىنىڭ سىز ئۈچۈن قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرسۇن.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇن،‏ ئاللا يە‌ھۋ‌ا خىزمە‌تچىلىرىدىن «ھە‌ممىسى بىلە‌ن يۇمشاق» بولۇشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏24‏)‏.‏ «بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ يېنىكلىك بىلە‌ن قىلغان سۆزلىرى ئادە‌مگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛‏ بىراق دانىشمە‌نلە‌رنىڭ تىلى دە‌ردكە دە‌رماندۇر».‏ شۇڭا،‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىڭلاردا پاراسە‌تلىك بولۇڭلار (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏18‏)‏.‏ يە‌ھۋ‌انىڭ مۇقە‌ددە‌س روھى سىزگە مېھىر-‏مۇھە‌ببە‌ت ۋ‌ە مېھرىبانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏22،‏ 23؛‏ كولوسىلىقلارغا 4:‏6‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن مۇھىم مە‌سىلىلە‌رنى مۇھاكىمە قىلىشتىن بۇرۇن،‏ ئۇنىڭ ئوي-‏پىكرىنى نە‌زە‌رگە ئېلىپ،‏ سە‌ۋ‌رچانلىقنى ساقلاش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ

  • نېمە دە‌يدىغانلىقىڭىزنى ۋ‌ە قانداق دە‌يدىغانلىقىڭىزنى چوڭقۇر ئويلىنىڭ

3.‏ بىر نىيە‌تتە بولۇڭلار

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ئۆيلە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن «بىر تە‌ن» بولىسىز (‏مە‌تتا 19:‏5‏)‏.‏ لېكىن سىلە‌ر يە‌نىلا ئىككى شە‌خس ھە‌م ئوي-‏پىكرىڭلار ھە‌رخىل بولۇشى مۇمكىن.‏ شۇڭا،‏ بىر ئىدىيە‌دە ۋ‌ە ھېسىياتتا بولۇشنى ئۆگىنىشىڭلار كېرە‌ك (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏2‏)‏.‏ قارارلارنى قىلغاندا،‏ بىر نىيە‌تتە بولۇش ناھايىتى زۆرۈر.‏ مۇقە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «پىلانلار مە‌سلىھە‌ت بىلە‌ن بېكىتىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏18‏)‏.‏ مۇھىم قارارلارنى قىلغاندا،‏ مۇقە‌ددە‌س كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىڭلار (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 8:‏32،‏ 33‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن پە‌قە‌ت يېڭىلىقلار ياكى ئوي-‏پىكرىڭىز بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ھېس-‏تۇيغۇلىرىڭىز بىلە‌نمۇ ئورتاقلىشىڭ

  • ئۆز ئۈستۈڭلارغا بىرە‌ر مە‌سئۇلىيە‌تلە‌رنى ئېلىشتىن بۇرۇن بىر-‏بىرىڭلار بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلىشىڭلار

^ ‏ 4-‏ئابزاس مۇقە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋ‌ا —‏ خۇدانىڭ ئىسمى.‏