مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

23-‏بۆلە‌ك

خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ تارقىلىشى

خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ تارقىلىشى

پاۋلۇ‌سنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقىتىش ئۈچۈن قورۇ‌قلۇ‌ق ۋە دېڭىز سە‌پىرى قىلىشى

پاۋلۇ‌س ئۇ،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغاندىن كېيىن،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا قىزغىن ئىشتىياق بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتتى.‏ ئىلگىرى ئۇ ئۆزى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتقۇ‌چىلارغا قارشى تۇ‌رغان،‏ مانا ئە‌مدى ئۇ دائىم قاتتىق قارشىلىققا دۇ‌چ كە‌لدى.‏ بۇ ھارماس-‏تالماس ئە‌لچى،‏ ئاشۇ پادىشاھلىق خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن ئىرادە قىلغان ئە‌سلى مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقىتىش ئۈچۈن بىر نە‌چچە قېتىم ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌ر قىلدى.‏

ئۇ‌نىڭ بىرىنچى قېتىملىق سە‌پىرىدە،‏ پاۋلۇ‌س لىسترا شە‌ھىرىدە بىر تۇ‌غما پالە‌چ كىشىنى ساقايتتى.‏ بۇ ئىشلارنى كۆرگە‌ن كۆپچىلىك،‏ پاۋلۇ‌س ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە سە‌پە‌ر قىلغان بارنابانى ئىلاھلار دە‌پ ۋارقىرىشىپ كە‌تتى.‏ ھە‌مدە كۆپچىلىك ئۇ‌لارغا ئاتاپ قۇ‌ربانلىق قىلماقچى بولغىنىدا،‏ ئۇ‌لار ئىككىسى كىشىلە‌رنى توسۇ‌پ قالالمىغىلى تاسلا قالدى.‏ لېكىن،‏ پاۋلۇ‌سقا قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلارنىڭ قۇ‌ترىتىشى بىلە‌ن،‏ كېيىن ئاشۇ كىشىلە‌ر پاۋلۇ‌سنى تاكى ئۆلدى دە‌پ ئويلىغىچە چالما-‏كېسە‌ك قىلىشتى ۋە ئاخىردا ئۇ‌نى تاشلاپ كېتىپ قېلىشقان ئىدى.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنىڭ زىيانكە‌شلىكىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ ساق قالدى ۋە شە‌ھە‌رگە قايتىپ كىرىپ،‏ كىشىنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچە‌يتكە‌ن ئىدى.‏

بە‌زى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان يە‌ھۇ‌دىي ئېتىقادچىلار،‏ يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌س ئېتىقادچىلارمۇ،‏ قە‌دىمكى زاماندا خۇ‌دانىڭ ئىسرائىل خە‌لقى ئۈچۈن چۈشۈرگە‌ن بە‌زى بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ تالاش-‏تارتىش قىلىشتى.‏ پاۋلۇ‌س يېرۇ‌سالېمغا بېرىپ،‏ ئۇ يە‌ردىكى ئە‌لچىلە‌ر ۋە جامائە‌تچىلىكنىڭ يېتە‌كچىلىرىگە مۇ‌شۇ مە‌سىلىنى يە‌تكۈزدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئىنچىكە مۇ‌لاھىزە قىلغاندىن كېيىن،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ يول باشچىلىقى بىلە‌ن ئۇ‌لار جامائە‌تچىلىككە خە‌ت يېزىپ بۇ‌تپە‌رە‌سلىكتىن،‏ بوغۇ‌پ ئۆلتۈرۈلگە‌ن ھايۋاننىڭ گۆشىنى ۋە قاننى يېيىشتىن ھە‌م جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقلاردىن خالىي بولۇ‌ش توغرىسىدا ئۇ‌لارنى ئاگاھلاندۇ‌ردى.‏ مۇ‌شۇ‌لار ‹زۆرۈر بۇ‌يرۇ‌قلار› دۇ‌ر.‏ بىراق،‏ ئۇ زۆرۈر بۇ‌يرۇ‌قلارغا بويسۇ‌نۇ‌ش،‏ قە‌دىمكى زاماندا خۇ‌دانىڭ ئىسرائىل خە‌لقى ئۈچۈن چۈشۈرگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا چوقۇ‌م ئە‌مە‌ل قىلىش دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29‏.‏

پاۋلۇ‌س ئىككىنچى قېتىملىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقىتىش سە‌پىرىدە،‏ بېرىيا شە‌ھىرىگە يە‌نى بۈگۈنكى كۈندىكى گرېتسىيە زېمىنىغا بارغان ئىدى.‏ ئۇ يە‌ردە ياشايدىغان يە‌ھۇ‌دىيلار خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە پاۋلۇ‌سنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا-‏خاتالىقنى بىلىش ئۈچۈن ھە‌ركۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئىزدىنىپ ئۆگە‌ندى.‏ ئە‌مما،‏ قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلار يە‌نە ئۇ‌نى ئۇ شە‌ھە‌ردىن ئايرىلىشقا مە‌جبۇ‌ر قىلغاچ،‏ ئۇ ئافىناغا باردى.‏ ئۇ يە‌ردىكى بىلىملىك كىشىلە‌رنىڭ ئالدىدا،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌ستىلىق ۋە پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بىلە‌ن پاساھە‌تلىك سۆزلە‌رنى قىلىپ،‏ كىشىنى قايىل قىلىدىغان نۇ‌تۇ‌ق سۆزلىگە‌ن ئىدى.‏

پاۋلۇ‌س ئۈچىنچى قېتىملىق سە‌پىرىدىن كېيىن،‏ يېرۇ‌سالېمغا بارغان ئىدى.‏ ئۇ ئىبادە‌تخانىغا كىرگىنىدە،‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلار غە‌ۋغا كۆتۈرۈپ ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولۇ‌شتى.‏ رىملىق لە‌شكە‌رلە‌ر ئارىغا چۈشۈشتى ۋە ئۇ‌لار پاۋلۇ‌سنى سوراق قىلدى.‏ كېيىنچە،‏ رىم پۇ‌قراسى سالاھىيىتىدە،‏ پاۋلۇ‌س رىملىق ۋالىي فېلىكسنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىدى.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار پاۋلۇ‌س ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتى ئۈچۈن ھېچقانداق دە‌لىل-‏ئىسپات كۆرسىتە‌لمىگە‌ن ئىدى.‏ يە‌نە بىر ۋالىي فېستۇ‌سنىڭ ئۆزىنى يە‌ھۇ‌دىيلارغا تاپشۇ‌رۇ‌پ بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاۋلۇ‌س:‏ «قە‌يسە‌رگە ئە‌رز قىلۇ‌رمە‌ن»،‏ دېدى.‏ فېستۇ‌س:‏ «قە‌يسە‌رنىڭ ئالدىغا بارۇ‌رسە‌ن»،‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردى.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 25:‏11،‏ 12‏.‏

پاۋلۇ‌س سوت قىلىنىش ئۈچۈن سۇ يولى ئارقىلىق ئىتالىيە‌گە يولغا سېلىندى.‏ دېڭىزدا كېمە ھادىسىگە ئۇ‌چرىغاچقا،‏ ئۇ ئامالسىز قىش پە‌سلىنى مالتا ئارىلىدا ئۆتكۈزدى.‏ ئە‌ڭ ئاخىرى،‏ ئۇ رىمغا يېتىپ كېلىپ،‏ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىدە ئىككى يىل تۇ‌ردى.‏ گە‌رچە ئۇ كۆزە‌تچى لە‌شكە‌رنىڭ نە‌زە‌ربە‌نتى ئاستىدا بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كۆرۈشۈشكە كە‌لگە‌ن ھە‌ممە كىشىلە‌رگە قىزغىن ئىشتىياق بىلە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان ئىدى.‏

‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 11:‏22–‏28:‏31-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن.‏