مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

10-‏دە‌رس

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

سىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىپ باققانمۇ؟‏ تېخى قاتناشمىغان بولسىڭىز،‏ بىرىنچى قېتىم قاتناشقاندا،‏ ئۆزىڭىزنى ئە‌ركىن ھېس قىلماسلىقىڭىز مۇ‌مكىن.‏ سىز بە‌لكىم:‏ «بۇ يىغىلىشلاردا نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏ يىغىلىشلارغا قاتنىشىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم ۋە ئۇ‌نىڭغا چوقۇ‌م قاتنىشىشىم كېرە‌كمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ دە‌رستە،‏ باشقىلار بىلە‌ن يىغىلىشلارغا قاتنىشىش،‏ سىزنى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇ‌رىدىغانلىقى ۋە شە‌خسە‌ن سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بىلىسىز.‏

1.‏ بىرلىكتە يىغىلىپ،‏ جە‌م بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى باشقىلار بىلە‌ن يىغىلىپ،‏ جە‌م بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌نلىكىگە قاراپ باقايلى:‏ ‏«بۈيۈك جامائە‌ت ئىچىدە يە‌ھۋاغا مە‌دھىيە ئېيتىمە‌ن»‏ (‏زە‌بۇ‌ر 22:‏22‏)‏.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىمۇ بىرلىكتە جە‌م بولۇ‌پ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىدۇ.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممە جايلىرىدا،‏ ئۇ‌لار ھە‌ر ھە‌پتە خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌پ ناخشا ئېيتىش ۋە دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن يىغىلىدۇ.‏ يە‌نە ئۇ‌لار ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ يىلدا نە‌چچە قېتىم چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىدۇ.‏

2.‏ يىغىلىشلاردا نېمىنى ئۆگىنىسىز؟‏

يىغىلىشلىرىمىزدا خۇ‌دانىڭ سۆزى چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ (‏نە‌ھە‌مىيا 8:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە ئۆگىنە‌لە‌يسىز.‏ ئۇ‌نىڭ سىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىم ئالغانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىسىز.‏ يە‌نە تىنچ-‏خاتىرجە‌م ياشىشىڭىزغا،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلە‌لە‌يسىز.‏—‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏.‏

3.‏ يىغىلىشلىرىمىزدا باشقىلار بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ پاراڭلىشىشنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ مۇ‌نداق نە‌سىھە‌ت بېرىلگە‌ن:‏ ‏«مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌ش ئۈچۈن،‏ بىر-‏بىرىمىز ھە‌ققىدە ئويلىنايلى.‏ بە‌زىلە‌ر ئادە‌تلە‌نگە‌ندە‌ك يىغىلىشلىرىمىزنى قالدۇ‌رمايلى»‏ (‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ يىغىلىشلىرىمىزدا،‏ سىزگە ھە‌قىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلە‌رنى،‏ يە‌نە ئۆزىڭىزگە ئوخشاش خۇ‌دا سۆزىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلارنى ئۇ‌چرىتىسىز.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئىلھام بېرىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئاڭلايسىز (‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن كىشىلە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شالايسىز.‏ مانا بۇ‌لار داۋاملىق يىغىلىپ،‏ جە‌م بولۇ‌شىمىزنىڭ بە‌زى سە‌ۋە‌بلىرىدۇ‌ر.‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى بە‌ك خالايدۇ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يىغىلىشلاردا نېمە ئىش قىلىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن شۇ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا ئە‌رزىيدىغانلىقى ھە‌ققىدە بىلىۋېلىڭ.‏

4.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى

بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دائىم جە‌م بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغان (‏رىملىقلار 16:‏3–‏5‏)‏.‏ كولوسىلىقلار 3:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌يسانىڭ دە‌سلە‌پكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يە‌ھۋاغا قانداق ئىبادە‌ت قىلغان؟‏

بۈگۈنكى كۈندىمۇ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى داۋاملىق يىغىلىپ ئىبادە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ يىغىلىشتا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ بۇ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏ كېيىن جامائە‌ت يىغىلىشىنىڭ سۈرە‌تلىرىگە قاراپ،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • يىغىلىشلاردا نېمە ئىش بولىدىغانلىقى بىلە‌ن كولوسىلىقلار 3:‏16-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ئارىسىدا،‏ قانداق ئوخشاشلىق بارلىقىغا دىققە‌ت قىلدىڭىزمۇ؟‏

  • بۇ فىلىمدا ۋە سۈرە‌تتە،‏ يىغىلىش توغرىسىدا دىققە‌ت قىلغانلىرىڭىزدىن نېمىنى ياقتۇ‌ردىڭىز؟‏

2-‏كورىنتلىقلار 9:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا كە‌لگە‌نلە‌ردىن پۇ‌ل يىغمايدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىتىۋاتقان گۇ‌ۋاھچى بىلە‌ن بۇ ھە‌پتىدىكى يىغىلىشلاردا نېمىلە‌ر مۇ‌ھاكىمە قىلىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.‏

  • سىزنىڭچە،‏ يىغىلىشنىڭ قايسى بۆلىكى سىز ئۈچۈن قىزىقارلىق ۋە پايدىلىق بولىدۇ؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

jw.org تور بېكىتىدىن دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممىلا جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشلارنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىنى تاپالايسىز.‏

  1. ‏(‏1)‏ يىغىلىشلىرىمىزدا نۇ‌تۇ‌قلار،‏ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە فىلىملە‌ر بولىدۇ.‏ يىغىلىشلار ناخشا ۋە دۇ‌ئا بىلە‌ن باشلىنىدۇ ۋە ئاخىرلىشىدۇ

  2. ‏(‏2)‏ يىغىلىشلارنىڭ بە‌زى بۆلە‌كلىرىدە قاتناشقۇ‌چىلار ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى بايان قىلىدۇ

  3. ‏(‏3)‏ يىغىلىشلارغا ئە‌ر-‏ئايال،‏ چوڭ-‏كىچىك ھە‌ممىسى قاتنىشىدۇ

  4. ‏(‏4)‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىئانە بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلىپ،‏ ئالدىڭىزغا كە‌لمە‌يدۇ

5.‏ يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ ئۇ‌لار ھە‌ر يىلى ناسىرە‌دىن يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانىغا بېرىش ئۈچۈن،‏ تاغ يوللىرىنى بېسىپ،‏ ئۈچ كۈن سە‌پە‌ر قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ لۇ‌قا 2:‏39–‏42-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىزنىڭچە،‏ بۇ يېرۇ‌سالىمغا بېرىش سە‌پىرى ئاسان بولغانمۇ؟‏

  • نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ شۇ‌نداق قىلىشقا ئە‌رزىمدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ يىغىلىپ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلارغا دائىم قاتنىشىشىمىز كېرە‌ك؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن باشقىلار بىلە‌ن يىغىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ئۆزىڭىز ئۆيدە ئولتۇ‌رۇ‌پ ئىبادە‌ت قىلالايسىز».‏

  • قايسى ئايە‌ت ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مىساللار،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزدىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

خۇ‌لاسە

يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشىڭىزغا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچە‌يتىشكە ۋە باشقىلار بىلە‌ن بىرلىكتە ئىبادە‌ت قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىزنى باشقىلار بىلە‌ن بىرلىكتە يىغىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىدا نېمىنى ئۆگىنىسىز؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

يىغىلىشلارغا بېرىشتىن ئە‌نسىرىگە‌ن بولسىڭىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌نسىرىگە‌ن بىر كىشىنىڭ يىغىلىشلارنى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

‏«بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌مايمىز!‏»‏ (‏16:‏4)‏

بىر ياش يىگىتنىڭ يىغىلىشقا قاتنىشىپ،‏ قانداق خۇ‌شال بولغانلىقى ۋە دائىم قاتنىشىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

‏«يىغىلىشلارنى بە‌ك ياقتۇ‌رۇ‌پ قالدىم»‏ (‏33:‏4)‏

باشقىلارنىڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىڭ.‏

‏«نېمە ئۈچۈن جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش كېرە‌ك؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

قارا جە‌مئىيە‌تنىڭ ئە‌زاسى بولغان زوراۋان بىر كىشىنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بىر يىغىلىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن،‏ ھاياتىدا قانداق ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«مە‌ن يېنىمغا قورال سالماي،‏ ھېچ يە‌رگە بارمايتتىم»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2014-‏يىل،‏ 1-‏ئىيۇ‌ل)‏