مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1_باب

خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەت دېگەن نېمە؟

خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەت دېگەن نېمە؟

خۇدا ھەقىقەتەن سىزگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟

خۇدانىڭ قانداق خاراكتېر-‏خۇسۇسىيەتلىرى بار؟ ئۇنىڭ ئىسمى بارمۇ؟

خۇداغا يېقىنلىشىش مۇمكىنمۇ؟

سـىـز كىچىك بالىلارنىڭ سوئال سوراشقا ئامراق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ باققانمۇ؟ نۇرغۇن بالىلار تىلى چىقىپ گەپ قىلىشنى بىلگەندىن باشلاپ سوئاللارنى سورايدۇ. ئۇلار بۇلاقتەك سەبىي كۆزلىرى بىلەن سىزگە تەلمۈرۈپ قاراپ، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن:‏ نېمە ئۈچۈن ئاسمان كۆك رەڭدە؟ ئاسماندا قانچە يۇلتۇز بار؟ قۇشلارغا سايراشنى كىم ئۆگىتىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىشىدۇ. گەرچە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن تەقدىردىمۇ، بالىلارنى رازى قىلىش ئاسان ئەمەس. ھەتتا، سىز قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرسىڭىزمۇ، بالىلار يەنە ‹نېمە ئۈچۈن؟› دەپ سورىشى مۇمكىن.

2 ئەمەلىيەتتە، پەقەت كىچىك بالىلارلا سوئال سوراپ قالماستىن، بىزمۇ يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ توختىماستىن يېڭى سوئاللارنى ئوتتۇرغا قويىمىز. بىزنىڭ سوئال سورىشىمىز بولسا مەلۇم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تېپىش، قانداق قىلىپ خەۋپ-‏خەتەردىن خالىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئۆز قىزىقىشلىرىمىزنى قانائەت تاپقۇزۇش ئۈچۈندۇر. بىراق، نۇرغۇن كىشىلەر سوئال سوراشنى توختاتقاندەك قىلىدۇ، بولۇپمۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ جاۋاب تېپىشنى توختاتتى.

سوئال سوراۋاتقان كىچىك بالا

3 مۇشۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز، مۇندەرىجە ياكى مۇشۇ بابنىڭ باش قىسمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان سوئاللار توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم سوئاللاردۇر. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشتىن ۋاز كەچكەن. نېمە ئۈچۈن؟ مۇقەددەس كىتاب بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەمدۇ؟ بەزى ئادەملەر، بۇلار چۈشىنىش قىيىن مەسىلىلەر دەپ ھېس قىلىشىدۇ. يەنە بەزىلەر، شۇنداق سوئاللارنى سوراپ باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا بۇ مەسىلىلەرنى ئەڭ ياخشىسى دىنىي ئۆلىمالار مۇھاكىمە قىلىشسۇن، شۇلارغا قالدۇرايلى دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا، سىزنىڭ مۇشۇ مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟

4 سىز بەزىدە تەبىئىيلا:‏ ‹ئادەم بولۇپ ياشاشتىكى مەقسەت زادى نېمە؟ ھاياتلىق پەقەت تۇغۇلۇش، ياشاش، قېرىپ ئۆلۈشمۇ؟ خۇدا — ئۇ زادى قانداق خۇدا؟› دېگەندەك كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى ئويلاپ قالىدىغانسىز. مۇشۇنداق سوئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر. چوقۇم ئۆزىڭىزنى قايىل قىلغۇدەك ئىشەنچىلىك جاۋابنى تېپىپ چىققۇچە ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ. ئەيسا پەيغەمبەر:‏ «تىلەڭلار ۋە سىزلەرگە بېرىلۇر، ئىستەڭلار ۋە تاپىسىزلەر، قېقىڭلار ۋە سىزلەرگە ئېچىلۇر» دېگەن. — مەتتا 7:7.

5 ئەگەر سىز ‹ئىزدىسىڭىز› سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز (پەندى-‏نەسىھەت 2:‏1_5). باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جاۋابلارنى ئىزدەپ تاپالايسىز. ئاشۇ جاۋابلار مۇقەددەس كىتابتا بار ۋە چۈشىنىش تەس ئەمەس. ھەمدە ئۇ سىزگە ئۈمىد ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىپ سىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن قانائەت تېپىپ ياشىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. بىز ئاۋۋال نۇرغۇن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان بىر سوئال ئۈستىدە پاراڭلىشىپ باقايلى.

خۇدا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان تاش يۈرەك خۇدامۇ؟

6 نۇرغۇن ئادەملەر، خۇدا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھەمدە ‹ئەگەر خۇدا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلسە، بۇ دۇنيا ھازىرقىدەك بولۇپ كەتمەيتتى› دەيدۇ. ئەتراپىمىزغا قاراپ باقايلى، دۇنيا ئۇرۇش، ئۆچمەنلىك، ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە تولۇپ كەتتى. ئۆز-‏ئۆزىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئازاب-‏ئوقۇبەت تارتىۋاتىمىز ياكى يېقىن ئۇرۇق-‏تۇغقان، دوست-‏بۇرادەرلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئادەملەر:‏ ‹ئەگەر خۇدا ئىنسانلارغا ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلسە، ئۇ شۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟› دېيىشىدۇ.

7 ئەڭ يامان بولغىنى، بەزى ۋاقىتلاردا دىنىي ئۇستازلار ئاللانى كىشىلەرگە تاش يۈرەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار قانداق قىلىپ كىشىلەرنى شۇنداق ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ؟ بىرسى ئېچىنىشلىق پاجىئەگە يولۇققاندا، ئۇلار:‏ بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئاشۇ ئۇستازلارنىڭ شۇنداق چۈشەندۈرۈشى، خۇدا ئېچىنىشلىق پاجىئەگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك دەپ ئۇنى ئەيىبلىگەنلىكتۇر. شۇنداق چۈشەندۈرۈش توغرىمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟ ياقۇپ يازغان خەت 1-‏باب 13-‏ئايەتتە:‏ «بىر كىمەرسە [كىشى] ئىمتىھان قىلىنغاندا خۇدا تەرىپىدىن ئىمتىھان قىلىنۇرمەن دەپ ئېيتمىسۇن، چۈنكى خۇدا يامانلىقدىن ئىمتىھان قىلىنماس ۋە ئۆزى ھېچ كىمنى ئىمتىھان قىلمايدۇر» دەپ يېزىلغان. شۇڭا دۇنيادىكى ھەرخىل يامان ئىشلارنى ھەرگىزمۇ خۇدا پەيدا قىلغان ئەمەس (ئايۇپ 34:‏10-‏12). ئاللانىڭ ھەقىقەتەن يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغانلىقى ئىنكار قىلىنمايدۇ. لېكىن، مەلۇم ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇش بىلەن مەلۇم ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇش ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار.

8 مەسىلەن، دانا، مېھر-‏مۇھەببەتلىك ئاتا بىلەن ياش يىگىت توغرىسىدا مۇنداق پەرەز قىلىپ باقايلى. ئوغۇل ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلىپتۇ. ئاتا بولغۇچى توسماپتۇ. ئوغۇل يامان يولغا كىرىپ، ئاقىۋەتتە تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپتۇ. مۇشۇ ئاۋارىچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئوغۇلنىڭ ئاتىسى سەۋەبچى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ياق (لۇقا 15:‏11-‏13). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانلار خاتا يولدا مېڭىشنى تاللىغاندا، خۇدامۇ ئۇلارنى توسمىغان. شۇڭلاشقا، ئىنسانلار باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارغا ھەرگىزمۇ خۇدا سەۋەبچى ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل قىيىنچىلىقلىرىغا خۇدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك دەپ ئۇنى ئەيىبلەش ئادىلسىزلىقتۇر.

9 خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ يامان يولدا مېڭىشىغا يول قويۇشىدا سەۋەب بار ۋە شۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى دانا، كۈچ-‏قۇدرەتلىك ياراتقۇچى ئىگىمىزنىڭ بىزگە چۈشەندۈرۈشى ھاجەتسىز. بىراق، خۇدا مېھر-‏مۇھەببەت بولغاچقا، سەۋەبىنى بىزگە ئېيتىپ بەردى. مۇشۇ كىتابنىڭ 11-‏بابىدا ئاللانىڭ ئىنسانلارنى يامان يولدا مېڭىشىغا يول قويغانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي ئۆگىنىمىز. ئەمما شۇنداق ئېيتالايمىزكى، خۇدا ھەرگىز ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا جاۋابكار ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇ بىزگە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدىنى بەردى! — يەشايا 33:‏2.

10 خۇدا مۇقەددەستۇر (يەشايا 6:‏3). بۇ خۇدا پاك، ئەيىبسىز ۋە ئازراقمۇ نۇقسان يوق دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، بىز ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشىنەلەيمىز. لېكىن، بىز ھەرقانداق ئادەمگە ئۇنداق مۇكەممەل ئىشىنەلمەيمىز، چۈنكى بەزىدە ئادەملەر تۇرۇپلا يامانغا ئۆزگىرۋالالايدۇ. ئەڭ سەمىمىي ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان ئادەملەرنىڭمۇ دائىم يامان كىشىلەر پەيدا قىلغان بۇزغۇنچىلىقلارنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى تۈزەشكە قۇدرىتى يەتمەيدۇ. بىراق، خۇدا ھەممىگە قادىر، ئۇ مۇشۇ دۇنيادىكى يامان ئىشلارنى، يامان كىشىلەر پەيدا قىلغان قىيىنچىلىقلار ۋە ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىشقا قادىر بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىدە ئۇ رەزىللىكلەرنى مەڭگۈلۈك يوق قىلىدۇ! — زەبۇر 37:‏9-‏11.

خۇدا بىز دۇچ كېلىدىغان ئادالەتسىزلىككە قارىتا قانداق ھېسسىياتتا؟

11 خۇدا يامانلىقنى تېخى يوق قىلمىغان ئىكەن، ھازىرقى دۇنيانىڭ ئىشلىرى ۋە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قارىتا ئۇ قانداق ھېسسىياتتا؟ مۇقەددەس كىتاب بىزگە:‏ «خۇداۋەندە ھەقلىقنى دوست تۇتۇپ»، توغرا-‏خاتاغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ ھەرقانداق ئادالەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ دەپ تەلىم بېرىدۇ (زەبۇر 37:‏28). مۇقەددەس كىتاب يەنە:‏ ئىلگىرى دۇنيا يامانلىققا تولغاندا، خۇدا «كۆڭلىدە ئەپسۇس يېدى» دەيدۇ (يارىتىلىش 6:‏5، 6). خۇدا ھەرگىز ئۆزگەرگىنى يوق (مالاخى 3:‏6). ئۇ ھېلىھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى كۆرۈشنى ئۆچ كۆرىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىنى كۆرۈشنىمۇ ئۆچ كۆرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ» دەيدۇ. — 1-‏پېترۇس 5:‏7، ھ.ز.

12 خۇدانىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتنى كۆرۈشنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى قانداق جەزملەشتۈرەلەيمىز؟ تۆۋەندىكىلەر يەنە بىر ئىسپاتتۇر. مۇقەددەس كىتاب:‏ ئادەم خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان دەپ تەلىم بېرىدۇ (يارىتىلىش 1:‏26). شۇڭا بىزدە خۇدادا بار بولغان ھەرخىل گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەتلەر بار. مەسىلەن، سىز بىگۇناھ بىر كىشىنىڭ ئازاب-‏چەككەنلىكىنى كۆرسىڭىز، قەلبىڭىز بىئاراملىق ھېس قىلامدۇ؟ سىز ناھەقچىلىككە كۆڭۈل بۆلگەن يەردە، ئاللا ئەلۋەتتە ناھەقچىلىككە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

13 ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى مېھر-‏مۇھەببەت. ئىنسانلارنىڭ باشقىلارغا مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار. ئۇ شۇنداقلا ھەم خۇدانىڭ پەزىلىتىنىڭ ئەكس ئەتتۈرلىشىدۇر. مۇقەددەس كىتاب:‏ «خۇدا ئۆزى مۇھەببەتتۇر» دەپ تەلىم بېرىدۇ (1-‏يۇھاننا 4:‏8). خۇدا مۇھەببەت بولغانلىقتىن، بىزدىمۇ مۇھەببەت بار. سىز مېھر-‏مۇھەببەتلىك بولغان ئىكەنسىز، دۇنيادىكى سىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بارلىق ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى ۋە ئادىلسىزلىقلارنى يوق قىلىۋېتىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىزنىڭ شۇنداق قىلىدىغان كۈچ-‏قۇدرىتىڭىز بولسا قانداق قىلار ئىدىڭىز؟ ئەلۋەتتە، سىز ئۇنى يوق قىلاتتىڭىز! ئوخشاشلا، بىز جەزملەشتۈرەلەيمىزكى، خۇدامۇ ھەم ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى ۋە ئادىلسىزلىقلارنى يوق قىلىدۇ. مۇشۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەدىلەر ھەرگىزمۇ قۇرۇق خام-‏خىيال ئەمەس. خۇدانىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ! ئۇنىڭ ئاشۇ ۋەدىلىرىگە ئىشەنچ باغلاش ئۈچۈن ئاشۇ ۋەدىلەرنى قىلغان خۇدا توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

ئاللا سىزنىڭ ئۇنى تونۇشىڭىزنى خالايدۇ

14 ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىزنى تونۇشىنى خالىسىڭىز، سىز قانداق قىلىسىز؟ سىز ئۆز ئىسمىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا ئاللانىڭ ئىسمى بارمۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر:‏ ئاللانىڭ ئىسمى كۆپ. مەسىلەن، «رەھمان»، «رەھىم» دەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ماس كەلگەن. شۇڭلاشقا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ ئىسمى ئەمەس، سۈپەتلىرىدۇر. يەنە بەزى كىشىلەر، ئۇنىڭ ئىسمى «خۇدا»، «پەرۋەردىگار» ۋە «ئاللا» دېيىشىدۇ. بىراق ئۇلار ئۇنىڭ خاس ئىسمى ئەمەس، نام-‏ئۇنۋانىدۇر. مەسىلەن، «پادىشاھ»، «باش ۋەزىر» دېگەنلەر نام-‏ئۇنۋان، ئىسىم ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب بىزگە خۇدانىڭ نۇرغۇن نام-‏ئۇنۋانلىرى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلىرى بىر نەچچىسىلا خالاس. بىراق، مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ بىرلا خاس ئىسمى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاللانىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى:‏ يەھۋا. زەبۇر 83-‏باب 18-‏ئايەت:‏ «ئۇلار سېنىڭ بارەڭدە [سەن توغرىسىدا] يالغۇز ئۇ يەھۋا ئاتۇنۇر دەپ ئۇقۇپ سېنىڭ تامام يەر يۈزى ئۈستىگە ھەقتائالا [يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاللا] ئىكەنىڭنى بىلگەي» دەيدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدىكى مۇقەددەس كىتابتىن مۇشۇ ئىسىمنى تاپالمىسىڭىز، مۇشۇ كىتابتا بېرىلگەن قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ. شۇندىلا سەۋەبىنى بىلەلەيسىز. ئەمەلىيەتتە، خۇدانىڭ ئىسمى مۇقەددەس كىتابنىڭ قەدىمىي قوليازما كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرىدا نەچچە مىڭ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا يەھۋا خۇدا سىزنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلىشىڭىزنى ھەم ئاشۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشىڭىزنى خالايدۇ. شۇنداق دېيىشىكە بولىدۇكى، يەھۋا مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنى سىزگە تونۇشتۇرىدۇ.

ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان ئايال

مۇقەددەس كىتاب بىزگە، يەھۋا پۈتۈن ئالەمنىڭ مېھرى-‏شەپقەتلىك ياراتقۇچىسى دەپ بىلىم بېرىدۇ

15 خۇدانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قويغان ئىسمىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى بار. ئۇنىڭ ئىسمى يەھۋا، مەنىسى ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ۋەدىلىرىنى ئورۇندايدۇ ۋە ئۇ ھەرقانداق مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر.* ئاللانىڭ ئىسمى بىردىن-‏بىر، پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋە ھەم خاستۇر. نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئېلىپ ئېيتساق، يەھۋا خۇدا بولسا بىردىن-‏بىر، يەككە-‏يىگانەدۇر. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق دەيمىز؟

16 زەبۇر 83-‏باب 18-‏ئايەتتە:‏ پەرۋەردىگار يەھۋا توغرىسىدا «يالغۇز ئۇ…ھەقتائالا [يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاللا]» دەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پەقەت يەھۋالا ھەممىگە قادىر دەپ تىلغا ئېلىنغان. ۋەھىيلەر 15-‏باب 3-‏ئايەت:‏ «ئەي قادىرى مۇتلەق [ھەممىگە قادىر] رەب خۇدا، سېنىڭ ئەمەللىرىڭ ئۇلۇغ ۋە ئاجايىپتۇر، ئەي قەۋملەرنىڭ پادىشاھى سېنىڭ يوللۇرۇڭ ئادالەت ۋە ھەقىقەتتۇر» دەيدۇ. ئاللا يەھۋانىڭ ‹ھەممىگە قادىر› دېگەن نام-‏ئۇنۋانى، ئۇنىڭ بىردىن-‏بىر ئەڭ كۈچ-‏قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كۈچ-‏قۇدرىتى تەڭداشسىز ۋە چەكسىزدۇر. تىموتىي 1-‏خەت 1-‏باب 17-‏ئايەتتە:‏ تەڭرى يەھۋا «ئەبەدىي پادىشاھ» دەپ تىلغا ئېلىنغان. مۇشۇ نام-‏ئۇنۋانى، يەنە بىر تەرەپتىن يەھۋانىڭ بىردىن-‏بىر خۇدا ئىكەنلىكىنى ئىسىمىزگە سالىدۇ. پەقەت يالغۇز ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. زەبۇر 90-‏باب 2-‏ئايەت:‏ «ئەزەلدىن ئەبەدغىچە سەن خۇدادۇر سەن» دەيدۇ. بۇ راستتىنلا كىشىنىڭ ھۆرمەت ئېھتىرامىنى قوزغايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

17 يەھۋا ئۇ يەككە-‏يىگانەدۇر. يالغۇزلا ئۇ ياراتقۇچى ئىگىدۇر. ۋەھىيلەر 4-‏باب 11-‏ئايەت:‏ «سەن ئەي تەڭرى خۇداۋەندىمىز جالال [ئۇلۇغلۇق] ۋە ئىززەت ۋە قۇدرەت ئالغىلى لايىق دۇرسەن، چۈنكى ھەر نەرسىلەرنى سەن ياراتتىڭ ۋە سېنىڭ خاھىشىڭ بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىپ يارىتىلدى» دەيدۇ. سىز ئويلىغان ھەرقانداق نەرسىلەر، مەيلى ئاسماندىكى كۆرۈنمەيدىغان روھى مەخلۇقاتلار، كېچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلار، مەيلى دەرەختىكى ھەرخىل مېۋىلەر، دېڭىز ۋە دەريالاردىكى بېلىقلار ھەممىسى ياراتقۇچى يەھۋا سەۋەبلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

سىز يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشالامسىز؟

18 پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان ئۇلۇغ، ئالاھىدە خاراكتېر-‏خۇسۇسىيەتلىرى، بەزى كىشىلەرنى خۇدا ناھايىتى يۇقىرى شان-‏شەرەپكە ئىگە، ئۆزىنى بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە ھېچ نېمىگە ئەرزىمەس ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇداغا يېقىنلىشىشقا ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەمما، شۇنداق ھېسسىياتتا بولۇش توغرىمۇ؟ مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆز قارىشى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. مۇقەددەس كىتاب:‏ يەھۋا خۇدا «ئۇ ئۆزى ھەربىرىمىزدىن يىراق ئەمەسدۇر» دەيدۇ (ئەلچىلەر 17:‏27). ھەتتا، مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئۈندەپ مۇنداق دەيدۇ:‏ «خۇداغا يېقىن كېلىڭلار ۋە ئۇ سىزلەرگە يېقىن كېلۇر». — ياقۇپ 4:‏8.

ئەگەر سىز باشقا بىرسىنىڭ سىزنى تونۇشىنى خالىسىڭىز، باشقىلارغا ئۆز ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟ خۇدا ئۆز ئىسمىنى بىزگە مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىپ بەرگەن

خۇدانىڭ ياراتمىلىرى

19 سىز قانداق قىلىپ خۇداغا يېقىنلىشالايسىز؟ ئاۋۋال، ھازىر قانداق قىلىۋاتقان بولسىڭىز توختىماستىن شۇنداق قىلىڭ — يەنى خۇدا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. مۇقەددەس كىتابتا مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسا پەيغەمبەر:‏ «ئەبەدىي تىرىكلىك بۇ دۇركى سەن ھەقىقىي ۋاھىد [بىردىن-‏بىر] خۇدانى ۋە سەن ئەۋەتكەن [ئەيسا] مەسىھنى تونۇغايلار» دەيدۇ (يۇھاننا 17:‏3). مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى شۇنى ئېيتىدۇكى، يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا بىلىم ئېلىش بىزگە «ئەبەدىي تىرىكلىك» يەنى مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كېلىدۇ! بىز بۇرۇن كۆرۈپ ئۆتكەندەك، «خۇدا مۇھەببەتتۇر» (1-‏يۇھاننا 4:‏16). ئاللا يەھۋانىڭ بۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن گۈزەل ئەخلاق-‏پەزىلىتى ۋە كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان خاراكتېر-‏سۈپەتلىرى بار. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب:‏ يەھۋا «خۇداۋەندە رەھىم، مېھرىبانلىق بولۇپ غەزىپى كەچ، شەپقىتى بىلەن ۋاپاسى كەڭرى بىر تەڭرىدۇر» (چىقىش 34:‏6). ئۇ «كەرىم [سېخىي] ۋە ئەپۇ قىلغىلى تەييار» (زەبۇر 86:‏5). ئۇنىڭ كۆڭلى-‏كۆكسى كەڭدۇر (2-‏پېترۇس 3:‏9). ئۇ ئىشەنچىلىك خۇدادۇر دەيدۇ (ئىبرانىيلار 10:‏23). سىز يۇقىرىدا مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغاندەك، يەھۋا خۇدانىڭ نۇرغۇن ئاساسىي خاراكتېر-‏سۈپەتلىرىدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرىنى مۇقەددەس كىتابنى داۋاملىق ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلەلەيسىز.

20 خۇدا ئۇ كۆرۈنمەس روھتۇر. سىز ئۇنى كۆرەلمەيسىز (يۇھاننا 1:‏18؛ 4:‏24؛ 1-‏تىموتىي 1:‏17). بىراق، مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوي-‏پىكىر، ھېسسىياتلىرى توغرىسىدا تونۇشقا ئىگە بولالايسىز. خۇددى زەبۇردا ئېيتىلغاندەك:‏ سىز يەھۋانىڭ «جامالىغا نەزەر» سالالايسىز (زەبۇر 27:‏4؛ رىملىقلار 1:‏20). سىز يەھۋا توغرىسىدا ئۆگەنگەنسېرى، بەرھەق چىن خۇداغا بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ ھەمدە ئۇنى سۆيۈشىڭىز كېرەكلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.

ئاتا ۋە ئوغۇل

بىزنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھر-‏مۇھەببىتى، بىر مېھر-‏مۇھەببەتلىك ئاتىنىڭ بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۇھەببىتىگە ئوخشاش ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك ھەم چوڭقۇردۇر

21 سىز ئاستا-‏ئاستا نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب بىزگە، يەھۋانى ئاتا ئورنىدا تونۇشنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىسىز (مەتتا 6:‏9). ئۇ پەقەت بىزگە ھاياتلىق بېرىپ قالماستىن، يەنە خۇددى كۆيۈمچان ئاتا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەڭ بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك، بىزنىڭمۇ بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى خالايدۇ (زەبۇر 36:‏9). مۇقەددەس كىتاب يەنە بىزگە ئاللا بىلەن ئىنسانلارنىڭ دوستلۇق ئورنىتالايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ (ياقۇپ 2:‏23). قېنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ:‏ سىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن دوست بولالايسىز!

22 سىز بىر مەزگىل مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئېھتىمال بەزى ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، سىزنى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى توختىتىشقا ئۈندىشى مۇمكىن. بىراق، خۇدا بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشىڭىزغا ھەرقانداق كىشىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويماڭ.

23 ئەلۋەتتە، باشلىنىشىدا سىز چۈشەنمەيدىغان بەزى ئىشلار بار. باشقىلاردىن ياردەم سوراش بىرئاز كەمتەر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، خىجىللىق ھېس قىلىپ سوئال سوراشتىن ۋاز كەچمەڭ. ئەيسا كىشىلەرنى كىچىك بالىلارغا ئوخشاش كەمتەر بولۇشقا ئۈندىگەن (مەتتا 18:‏2-‏4). بىز بىلىمىز كىچىك بالىلار نۇرغۇن سوئاللارنى سورايدۇ. سىزمۇ سوئال سوراشنى توختاتماڭ! ئاللا سىزنىڭ جاۋاب تېپىشىڭىزنى خالايدۇ. مۇقەددەس كىتاب خۇدا توغرىسىدا ئۆگىنىشكە ئىنتىزار بولغان بەزى كىشىلەرنى مەدھىيلىگەن. ھەمدە ئاشۇ كىشىلەر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى. — ئەلچىلەر 17:‏11.

24 يەھۋا توغرىسىدا ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى مۇقەددەس كىتابنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتۇر. مۇقەددەس كىتاب باشقا ھەرقانداق كىتابلاردىن پەرقلىق. ئۇنداقتا قانداق پەرقلىق؟ كېيىنكى بابتا، مۇشۇ تېما توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • خۇدا سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. — 1-‏پېترۇس 5:‏7.
  • خۇدانىڭ خاس ئىسمى يەھۋا. — زەبۇر 83:‏18.
  • خۇدا سىزنى ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا چاقىرىدۇ. — ياقۇپ 4:‏8.
  • خۇدا رەھىمدىل، مېھرىبان ۋە شەپقەتلىكتۇر. — چىقىش 34:‏6؛ 1-‏يۇھاننا 4:‏8، 16.

*   قۇشۇمچە ئىزاھاتتا خۇدانىڭ ئىسمى ۋە قانداق تەلەپپۇز قىلىش توغرىسىدا كۆپرەك تەپسىلاتلار بار.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. نېمە ئۈچۈن سوئال سوراش پايدىلىق؟

3. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر ئەڭ مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى توختاتتى؟

4، 5. كىشىلىك تۇرمۇشتا بىز چوقۇم جاۋاب تېپىشقا تېگىشلىك قانداق مۇھىم سوئاللار بار؟ نېمە ئۈچۈن بىز چوقۇم جاۋابىنى ئىزدىشىمىز كېرەك؟

6. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر، خۇدا ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەيدۇ؟

7. (1) قانداق قىلىپ دىنىي ئۇستازلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللا باغرى تاش دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ؟ (2) بىز دۇچار بولىدىغان سىناقلارغا قارىتا مۇقەددەس كىتاب قانداق ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ؟

8، 9. (1) قانداق مىسال ئارقىلىق، يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇش بىلەن يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چۈشەندۈرەلەيسىز؟ (2) خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ يامان يولدا مېڭىشىغا يول قويغانلىق قارارىنى ئەيىبلىشىمىز نېمە ئۈچۈن ئادىلسىزلىق؟

10. نېمە ئۈچۈن، بىز خۇدانىڭ چوقۇم يامان ئىشلار، يامان كىشىلەر پەيدا قىلغان بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ۋە ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز؟

11. (1) خۇدا ئادالەتسىزلىككە قارىتا قانداق ھېسسىياتتا؟ (2) سىز ئازاب-‏ئوقۇبەت چەكسىڭىز خۇدا قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟

12، 13. (1) نېمە ئۈچۈن بىزدە مېھر-‏مۇھەببەت قاتارلىق گۈزەل ئەخلاق-‏پەزىلەت ۋە خاراكتېر-‏خۇسۇسىيەتلەر بار؟ بىزدە مېھر-‏مۇھەببەت بار بولغانلىق سەۋەبلىك، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارغا قارىتا قانداق ھېسسىياتتا بولىمىز؟ (2) نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ بۇ دۇنيادىكى ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر بىلەن كارى بولماي تۇرالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيسىز؟

14. ئاللانىڭ ئىسمى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن بىز مۇشۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟

15. يەھۋا دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نېمە؟

16، 17. (1) ھەممىگە قادىر (2) «ئەبەدىي پادىشاھ» (3) ياراتقۇچى ئىگە دېگەن نام-‏ئۇنۋانلار ئارقىلىق تەڭرى يەھۋا توغرىسىدا نېمە ئۆگىنەلەيمىز؟

18. نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەر، بىز خۇداغا ھەرگىز يېقىنلىشالمايمىز دەپ ھېس قىلىدۇ؟ بىراق، مۇقەددەس كىتاب مۇشۇ توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟

19. (1) قانداق قىلىپ بىز خۇداغا يېقىنلىشىشنى باشلىيالايمىز؟ مۇشۇنداق قىلىشىمىزنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ (2) خۇدانىڭ قايسى سۈپەت-‏خاراكتېرلىرى سىزنى ئۆزىگە ئەڭ تارتتى؟

20-22. (1) بىزنىڭ خۇدانى كۆرەلمەسلىكىمىز بىزنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىمىزنى توسۇپ قويامدۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ. (2) بەزى ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر سىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندىشى مۇمكىن؟ بىراق، سىز نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟

23، 24. (1) نېمە ئۈچۈن سىز ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىز توغرىسىدا داۋاملىق سوئال سورىشىڭىز كېرەك؟ (2) كېيىنكى باب نېمە تېما توغرىسىدا؟