مەتتا كىتابى 28:1—20
28 دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا، مەجدەللىك مەريەم ۋە يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرۈشكە كەلدى.
2 تۇيۇقسىز ئۇ يەردە قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتتى، چۈنكى يەھۋانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە بېرىپ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تاشنى بىر تەرەپكە دومىلىتىپ ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى.
3 پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپپاق ئىدى.
4 قوغدىغۇچى قاراۋۇللار ئۇنىڭدىن قورقۇپ تىترىشىپ، خۇددى ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى.
5 پەرىشتە ئاياللارغا مۇنداق دېدى: «قورقماڭلار، سىلەرنىڭ تۈۋرۈككە مىخلانغان ئەيسانى ئىزدەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلىمەن.
6 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدى. كېلىڭلار، ئۇ ياتقان جاينى كۆرۈڭلار.
7 دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ئەيسانىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ: ‹ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال جەلىلىيىگە بارىدۇ. ئۇنى ئۇ يەردە كۆرىسىلەر›،— دەپ ئېيتىڭلار. مانا مەن بۇ خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزگىلى كەلدىم».
8 ئاياللار بىر تەرەپتىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور خۇشاللىق ئىچىدە دەرھال قەبرىدىن چىقىپ، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن يۈگرەپ كېتىشتى.
9 تۇيۇقسىز ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «سالام سىلەرگە!»،— دېدى. ئۇلار ئالدىغا بېرىپ، يەرگە تىزلىنىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈردى.
10 شۇ چاغدا، ئەيسا ئۇلارغا: «قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا خەۋەر قىلىڭلار. ئۇلار جەلىلىيىگە بارسۇن. مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ»،— دېدى.
11 ئاياللار يولدا كېتىۋاتقاندا، قەبرىنى قوغداۋاتقان قاراۋۇللارنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالىي روھانىيلارغا خەۋەر قىلدى.
12 ئالىي روھانىيلار بىلەن ئاقساقاللار بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، شۇ لەشكەرلەرگە نۇرغۇن كۈمۈش تەڭگىلەرنى بېرىپ،
13 مۇنداق دېدى: «سىلەر كىشىلەرگە مۇنداق دەڭلار: ‹بىز كېچىدە ئۇخلاپ قالغاندا، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ›.
14 ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارسا، بىز ئۆزىمىز ئۇنىڭغا چۈشەندۈرىمىز،سىلەر غەم قىلماڭلار».
15 شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. بۇ يالغان گەپلەر تا بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە.
16 ئون بىر شاگىرت جەلىلىيىگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان تاغقا چىقتى.
17 ئۇلار ئەيسانى كۆرگەندە، يەرگە تىزلىنىپ ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى، لېكىن بەزىلەر ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلدى.
18 ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.
19 شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىڭلار، ھەممە خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار. ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىسىمى بىلەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈڭلار.
20 مەن سىلەرگە بۇيرىغان ھەممە نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار. مەن بۇ زاماننىڭ ئاخىرىغىچە ھەردائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن».