1-تەتقىق ماقالىسى
ئۇ يان، بۇ يان قاراپ، ھودۇقما، چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن
«قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن. ئەندىشە قىلمىغىن، چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن. سېنى كۈچلەندۈرىمەن، ساڭا ياردەم بېرىمەن».—يەشايا 41:10.
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) يەشايا 41:10-ئايەتتىكى سۆزلەر يوشىكوغا قانداق تەسىر قىلغان؟ (2) يەھۋانىڭ بۇ سۆزلىرى كىملەر ئۈچۈن يېزىلغان؟
ئۇزۇن يىللار جەريانىدا، يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقان يوشىكو ئىسىملىك قېرىنداش دوختۇردىن يامان خەۋەر ئاڭلىغان. دوختۇر ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئايدىن كېيىن ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يوشىكو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايەت، يەشايا 41:10-دىكى (ئوقۇڭ) سۆزلەرنى ئېسىغا ئالغان. ئۇ ھودۇقماستىن، دوختۇرغا يەھۋا ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقانلىقتىن، ھېچ قورقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان b. ئايەتتىكى ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەر ئەزىز قېرىندىشىمىزغا يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايىنىشقا ياردەم بەرگەن. بۇ ئايەت بىزگىمۇ بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە خاتىرجەم بولۇپ قېلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. كېلىڭلار، ئاۋۋال خۇدا بۇ سۆزلەرنى يەشايا پەيغەمبەرگە نېمە سەۋەبتىن ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
2 بېشىدا يەھۋا بۇ سۆزلەرنى بابىلدا قۇللۇقتا بولىدىغان يەھۇدىيلارغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن يەشايا ئارقىلىق ئېيتقان. لېكىن، يەشايا 41:10-دىكى سۆزلەر پەقەت ئۇلارغىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن كېيىن ياشىغان خىزمەتچىلىرىگىمۇ پايدا ئەكېلىش ئۈچۈن يېزىلغان (يەشايا 40:8؛ رىملىقلار 15:4). «ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار» ياشاۋاتقانلىقتىن، بىز ئىلھام بېرىدىغان بۇ سۆزلەرگە بەكمۇ مۇھتاج.—2-تىموت. 3:1.
3. (1) يەشايا 41:10-ئايەتتە قانداق ۋەدىلەر يېزىلغان؟ (2) بىز بۇ ۋەدىلەرگە نېمە ئۈچۈن مۇھتاج؟
3 بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ يەشايا 41:10-دىكى ئۈچ ۋەدىسىنى c كۆرۈپ چىقىمىز: (1) يەھۋا بىز بىلەن بولىدۇ؛ (2) ئۇ بىزنىڭ خۇدائىمىز؛ (3) ئۇ بىزگە ياردەم بېرىدۇ. يوشىكوغا ئوخشاش، بىزمۇ سىناقلارغا ئۇچرايمىز، شۇڭا بىزمۇ بۇ سۆزلەرگە مۇھتاج. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ رەزىل دۇنيادىكى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەت بىزگە تەسىر قىلىدۇ. بەزى قېرىنداشلار ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە تەقىپكە ئۇچراۋاتىدۇ. ھازىر بۇ ئۈچ ۋەدىنى بىر-بىرلەپ مۇھاكىمە قىلايلى.
«مەن سېنىڭ بىلەن بىللىدۇرمەن»
4. (1) يەھۋانىڭ بىرىنچى ۋەدىسى قانداق؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ) (2) يەھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟ (3) خۇدانىڭ سۆزلىرى سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
4 يەھۋانىڭ بىرىنچى ۋەدىسى: «قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن» d. ئۇ بىزگە ھەممە دىققىتىنى بۆلۈپ، بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا بىزگە كۆيۈنىدىغانلىقىنى بۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن: «سەن نەزەرىمدە قەدىر-قىممەتلىك بولغاچ، سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم، سېنى سۆيدۈم» (يەشايا 43:4). ئالەمدىكى ھېچبىر كۈچ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ (يەشايا 54:10). يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن دوستلۇقى بىزنى جاسارەتلىك قىلىدۇ. ئۇ دوستى ئابرامغا (ئىبراھىم): «ئابرام، قورقما. مەن سېنىڭ ئۈچۈن قالقان»،— دەپ ئېيتقان (يارىت. 15:1). يەھۋا ئىبراھىمنى قانداق قوغدىغان بولسا، بىزنىمۇ شۇنداق قوغدايدۇ.
5، 6. (1) يەھۋا بىزگە قىيىنچىلىقلاردا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟ (2) يوشىكونىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز ؟
5 بىز يەھۋانىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، ئۇ ئۆز خەلقىگە مۇنداق ۋەدە بەرگەن: «سۇلاردىن كېچىپ ئۆتكىنىڭدە، مەن سېنىڭ بىلەن بولىمەن، دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە سۇغا غەرق بولمايسەن. ئوتتىن ئۆتۈپ يۈرگىنىڭدە، كۆيۈپ كەتمەيسەن ۋە ئۈستۈڭگە ئوت تۇتۇشۇپ كەتمەيدۇ» (يەشايا 43:2). بۇ سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
6 ئەلۋەتتە، يەھۋا قىيىنچىلىقلىرىمىزنى يوق قىلىشقا ۋەدە قىلمىغان. لېكىن، ئۇ «دەريالاردەك» قىيىنچىلىقلارنىڭ بىزنى چۆكتۈرۈۋېتىشىگە ۋە بىزنىڭ «ئوتتەك» سىناقلاردا مەڭگۈ ئازاب چېكىشىمىزگە يول قويمايدۇ. ئۇ سىناقلار ۋاقتىدا يېنىمىزدا بولۇپ، بىزگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغان. يەھۋا بۇنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدا تۇرساقمۇ، ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قېلىشىمىز ئۈچۈن، قورقۇنۇچقا چۈشمەسلىكىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 41:13). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يوشىكو بۇنىڭغا كۆز يەتكۈزگەن. ئۇنىڭ قىزى مۇنداق دەيدۇ: «ئاپامنىڭ خاتىرجەملىكى بىزنى ھەيران قالدۇردى. يەھۋا ئۇنىڭغا كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بەرگەنلىكى روشەن كۆرۈندى. ئاپام ئاخىرقى نەپىسىگىچە سېسترالار بىلەن يېنىدىكى باشقا ئاغرىق كىشىلەرگە يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرى ھەققىدە ئېيتقان». يوشىكونىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بىز يەھۋانىڭ «مەن سېنىڭ بىلەن بىللىدۇرمەن» دېگەن ۋەدىسىگە ئىشەنسەك، بىزمۇ جاسارەت بىلەن كۈچكە تولۇپ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز
«مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن»
7، 8. (1) يەھۋانىڭ ئىككىنچى ۋەدىسى قانداق ۋە ئۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) يەھۋا قۇللۇقتىكى يەھۇدىيلارغا نېمە ئۈچۈن «ئەندىشە قىلمىغىن» دېگەن؟ (3) يەشايا 46:3، 4-ئايەتتىكى قايسى سۆزلەر خۇدا خەلقىنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرغان؟
7 يەشايا كىتابىدىكى ئىككىنچى ۋەدىنى كۆرۈپ چىقايلى: «ئەندىشە قىلمىغىن، چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن». بۇ يەردىكى «ھودۇقۇش» دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئەسلى يازمىلاردىكى، بۇ سۆز «بىرەر خەۋپ-خەتەردىن قورقۇپ، كەينىگە ئەنسىرەپ قاراشنى» ياكى «خەتەرلىك ۋەزىيەتتە بولغان كىشىدەك ئالاقزادە بولۇشنى» بىلدۈرىدۇ.
8 يەھۋا نېمە ئۈچۈن بابىل قۇللىقىدىكى يەھۇدىيلارغا «ھودۇقماڭلار» دېگەن؟ سەۋەبى، ئۇ شۇ يەرنىڭ تۇرغۇنلىرى قورقۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى، يەھۇدىيلارنىڭ 70 يىللىق قۇللىقىنىڭ ئاخىرىدا مىدىيا بىلەن پارسنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرى بابىلغا ھۇجۇم قىلىشى كېرەك ئىدى. يەھۋا بۇ ئەسكەرلەرنى ئۆز خەلقىنى بابىل قۇللىقىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان (يەشايا 41:2—4). بابىللىقلار ۋە شۇ چاغدا ياشىغان باشقا كىشىلەر دۈشمەنلىرى يېقىنلىشىۋاتقاندا بىر-بىرىگە «يۈرەكلىك بول!»، دەپ ئېيتاتتى. ئۇلار يەنە كۆپرەك بۇتلارنى ياساپ، قۇتۇلۇپ قالىمىز دەپ ئۈمىدلەنگەن (يەشايا 41:5—7). يەھۋا بولسا، قۇللۇقتا بولغان يەھۇدىيلارغا: «ئەي ئىسرائىل، سەن مېنىڭ قولۇم، … ئەندىشە قىلمىغىن، چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن»،— دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرغان (يەشايا 41:8—10). يەھۋا «مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» دەپ ئېيتىشى بىلەن، ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىنى ئۇنتۇمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ تېخىغىچە ئۇلارنىڭ خۇداسى، ئۇلار بولسا ئۇنىڭ خەلقى ئىدى. يەھۋانىڭ «سىلەرنى ئۆزۈم يۈدۈپ، … قۇتقۇزىمەن» دېگەن ۋەدىسى سۆزسىز خەلقنى روھلاندۇرغان.—يەشايا 46:3، 4-نى ئوقۇڭ.
9، 10. نېمە ئۈچۈن بىزگە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
9 دۇنيادىكى ئەھۋالنىڭ ناچارلىشى ئادەملەرنى ساراسىمىگە سالماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ قىيىنچىلىقلار بىزگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. بىراق، بىزگە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، يەھۋا خۇدا بىزگە: «مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن»،— دەيدۇ. بۇ سۆزلەر نېمە سەۋەبتىن بىزنىڭ خاتىرجەم بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟
10 بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. جېلىل بىلەن بەختىيار ئىسىملىك ئىككى كىشى ئايروپىلاندا ئۇچۇۋاتقاندا، ئۇ كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىدىن سىلكىنىدۇ. شۇ چاغدا ياڭراتقۇدىن: «بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلاڭلار. ئايروپىلان يەنە بىراز ۋاقىت سىلكىنىدۇ»،— دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. جېلىل قاتتىق قورقۇپ كېتىدۇ. بىر ۋاقىتتا ئۇچقۇچى: «ھودۇقماڭلار، سىلەرگە ئۇچقۇچى سۆزلەۋاتىدۇ»،— دەپ ئېيتىدۇ. ئەمما جېلىل بېشىنى چايقاپ: «قانداق ھودۇقمايسەن؟!»— دەيدۇ. ئۇ بەختىيارنىڭ ھېچ قورقمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: «ھەي، سەن نېمە ئۈچۈن قورقماي ئولتۇرسەن؟»— دەپ سورايدۇ. بەختىيار كۈلۈپ، ئۇنىڭغا: «مەن بۇ ئۇچقۇچىنى ياخشى تونۇيمەن. ئۇ — مېنىڭ دادام!»— دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كېيىن، ئۇ: «دادام قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك تەجرىبىلىك ئۇچقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلسەڭ، سەنمۇ قورقمايسەن»،— دىدى.
11. ئايروپىلانندىكى ئىككى كىشى توغرۇلۇق مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
11 بۇ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ بەختىيارغا ئوخشاش بىز ئەنسىرىمەيمىز، چۈنكى ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ياخشى تونۇيمىز. مۇشۇ دۇنيانىڭ ئاخىرىدا بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋا بىزگە ئۇلاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈشكە ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 35:4). بىز يەھۋاغا تايانغانلىقتىن، بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئوخشاش قورقۇنۇچقا بېرىلمەي، خاتىرجەملىكنى ساقلىيالايمىز (يەشايا 30:15). بۇنىڭدىن تاشقىرى، بىزمۇ بەختىيارغا ئوخشاش خۇداغا نېمە ئۈچۈن پۈتۈنلەي بىلەن تايىنىدىغانلىقىمىزنى باشقىلارغا ئېيتالايمىز. شۇ چاغدا، خۇدا ھەرقانداق قىيىنچىلىقتا ئۇلارنى سۆزسىز قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئۇلارمۇ مەھكەم ئىشىنەلەيدۇ.
«سېنى كۈچەيتىمەن، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن»
12. (1) يەھۋانىڭ ئۈچىنچى ۋەدىسى قانداق؟ (2) يەھۋانىڭ «بىلىكى» دېگەن سۆز نېمىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ؟
12 يەشايا پەيغەمبەر يازغان ئۈچىنچى ۋەدىنى كۆرۈپ چىقايلى. يەھۋا: « سېنى كۈچەيتىمەن، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن»— دەپ ۋەدە قىلغان. يەھۋا ئۆز خەلقىنى قانداق مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «مانا، ئۇلۇغ رەب يەھۋا كۈچ-قۇدرىتى بىلەن كېلەر، ئۇنىڭ بىلىكى ئۇ ئۈچۈن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزەر»،— دېگەن (يەشايا 40:10). «ئۇنىڭ بىلىكى» دېگەن سۆزلەر يەھۋانىڭ كۈچ-قۇدرەتلىك پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. يەھۋا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز كۈچىنى قەدىمقى زامانلاردا ئۇنىڭغا تايانغان ئادەملەرگە ياردەم بېرىشتە قانداق ئىشلەتكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.—تەكرار. قا 1:30، 31؛ يەشايا 43:10.
13. (1) قانداق ئەھۋالدا، يەھۋا چوقۇم ئۆز ۋەدىنىسنى ئورۇنلايدۇ؟ (2) يەھۋا بىزگە كۈچ-مەدەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ؟
13 دۈشمەنلەربىزگە قارشى چىققاندا، يەھۋا ئۆزىنىڭ «سېنى كۈچلەندۈرىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلايدۇ. دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا، دۈشمەنلىرىمىز ۋەز ئىشىمىزنى توختىتىشقا ۋە تەشكىلاتىمىزنىڭ پائالىيىتىنى مەنئىي قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، شۇنداق ھۇجۇملار سەۋەبلىك ھەددىدىن زىيادە غەم-ئەندىشە قىلمايمىز. يەھۋا بىزگە كۈچ-مەدەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ مۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: «ساڭا قارشى چىقىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال-ياراق غەلبە قازىنالماس» (يەشايا 54:17). بۇ بىزگە ئۈچ مۇھىم نەرسىنى ئەسلىتىدۇ.
14. دۈشمەنلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟
14 بىرىنچى، بىز مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغانلىقتىن، ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ (مەتتا 10:22). ئەيسا ئاخىر زاماندا شاگىرتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدەئالدىن-ئالا ئاگاھلاندۇرغان (مەتتا 24:9؛ يۇھاننا 15:20). ئىككىنچى، يەشايا پەيغەمبەر دۈشمەنلەر بىزنى ئۆچ كۆرۈپلا قويماي، بىزگە قارشى ھەر تۈرلۈك قوراللارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار يالغاننى ھەقىقەتتەك كۆرسىتىشى، بىز ھەققىدە يالغان سۆز-چۆچەكلەرنى تارقىتىشى ۋە بىزگە ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن (مەتتا 5:11). ئەلۋەتتە، يەھۋا دۈشمەنلىرىمىزنىڭ شۇ قوراللارنى بىزگە قارشى قوللىنىشىنى توسىمايدۇ (ئەفەس. 6:12؛ ۋەھىي. 12:17). لېكىن، قورقۇشقا ھېچقانداق سەۋەپ يوق. نېمە ئۈچۈن؟
15، 16. (1) ئېسىمىزدەا ساقلاشقا تېگىشىلىك ئۈچىنچى ۋەدە نېمە ۋە بۇ يەشايا 25:4، 5تىن قانداق كۆرىنىدۇ؟ (2) يەشايا 41:11، 12گە ئاساسلانغاندا.بىزگە قارشى ھۇجۇملارنىڭ ئاقىۋېتى نېمە بولىدۇ؟
15 ئېسىمىزدە ساقلاشقا تېگىشلىك ئۈچىنچى ۋەدىنى كۆرۈپ چىقايلى. يەھۋا بىزگە قارشى ئىشلىتىلگەن «ھېچقانداق قورالنىڭ» كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. تام بىزگەبوراندا دالدا بولغاندەك، يەھۋا بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ھۇجۈمدىن ھىمايە قىلىدۇ (يەشايا 25:4، 5-نى ئوقۇڭ). دۈشمەنلىرىمىز بىزگە مەڭگۈگە زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ.—يەشايا 65:17.
16 يەھۋا ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىزگە «ئاچچىقلانغانلارنىڭ» ھەممىسىگە نېمە بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ (يەشايا 41:11، 12-نى ئوقۇڭ). دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ھۇجۇمى قانچىلىك شىددەتلىك بولمىسۇن، ئاقىۋەتتە خۇدا خەلقىنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرى «پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتەر».
يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق مۇستەھكەملىيەلەيمىز؟
17، 18. (1) مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش يەھۋاغا تايىنىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (2) 2019-يىللىق ئايەت ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
17 يەھۋانى يېقىنراق تونۇغانسېرى، ئۇنىڭغا كۆپرەك تايىنىمىز. خۇدانى تونۇشنىڭ يالغۇز يولى — مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ۋە ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش. مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا ئۆتمۈشتە ئۆز خەلقىنى قانداق قوغدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىشەنچلىك مەلۇمات بار. شۇڭا، يەھۋا بىزگىمۇ غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
18 يەھۋا بىزنى قانداق ھىمايە قىلدىغانلىقىنى، يەشايا ئاجايىپ مىسال بىلەن تەسۋىرلىگەن. ئۇ يەھۋانى قويچى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قوزىلار بىلەن سېلىشتۇرغان. يەشايا يەھۋا توغرۇلۇق: «ئۆز قولى بىلەن قوزىلىرىنى توپلايدۇ، ئۇلارنى قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ»،— دېگەن (يەشايا 40:11). يەھۋا بىزنى باغرىغا باسقاندا، ئۆزۈمىزنى ناھايىتى خاتىرجەم ھېس قىلىمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايلى، تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلىشىمىزغاياردەم بېرىش ئۈچۈن، سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل 2019-يىلنىڭ ئايىتى سۈپىتىدە، يەشايا 41:10-دىكى «ئەندىشە قىلمىغىن، چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» دېگەن سۆزلەرنى تاللىغان. ئىلھام بېرىدىغان بۇ سۆزلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلايلى. بۇ سۆزلەر بىزنى كېلەچەكتىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييارلايدۇ.
137-ناخشا جاسارەت بەرگىن
a 2019-يىل ئۈچۈن تاللانغان ئايەتتە، دۇنيادا ھەم ھاياتىمىزدا قورقونچلۇق ئىشلارغا يولۇققاندا، خاتىرجەملىكنى ساقلاشنىڭ ئۈچ سەۋەبى كەلتۈرۈلگەن. بۇ ماقالىدە شۇ سەۋەبلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە غەم-ئەندىشىگە بېرىلمەي، يەھۋاغا كۆپرەك تايىنىشنى ئۆگىنىمىز. شۇڭا، يىللىق ئايەت ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىڭ. ئىلاجى بولسا، ئۇنى يادلاۋېلىڭ. بۇ ئايەت سىزگە كېلەچەكتىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە كۈچ بېرىدۇ.
c سۆز مەنىسى: يەھۋانىڭ ۋەدىسى — بىرەر نەرسە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان ئىشەنچلىك سۆزلەر. يەھۋانىڭ ۋەدىلىرى بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ. بىزنى تۇرمۇشىمىزدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلاردا، ئارتۇقچە غەم-ئەندىشىلەرنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.
d ئىزاھات: «قورقما» دېگەن سۆز يەشايا 41:10، 13، 14-ئايەتلەردە ئۈچ قېتىم ئۇچرايدۇ. يەنە بۇ ئايەتلەردە يەھۋاغا قارىتا «مەن» دېگەن سۆز كۆپ قېتىم قوللانغان. يەھۋا نېمە ئۈچۈن يەشاياغا «مەن» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم يازدۇرغان؟ بىر مۇھىم ھەقىقەتنى تەكىتلەش ئۈچۈن: پەقەت يەھۋاغا تايانساقلا، قورقۇنۇچنى يېڭىۋالالايمىز.
e سۈرەتتە: ئائىلە ئەزالىرى ئىشتا، سالامەتلىك تەرەپتىن، ۋەز خىزمىتىدە ۋە مەكتەپتە سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
f سۈرەتتە: ئۆيدە ئۆتۈۋاتقان جاژامائەت يىغىلىشىغا ساقچىلار بېسىپ كىردى، لېكىن قېرىنداشلار ھودۇقماي ئولتۇرىدۇ.
g سۈرەتتە: ئائىلىۋى ئىبادەتنى دائىم ئۆتكۈزۈش سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.