تەسەللىي بەرگۈچى خۇدا يەھۋانى ئۈلگە قىلايلى
«خۇدا... بىزگە ھەممە دەردلىرىمىزدە تەسەللى بېرىۋاتىدۇ» (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 1:3، 4).
ناخشىلار: 23، 152
1. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ئىسىيان كۆتەرگەندە، يەھۋا ئىنسانىيەتكە قانداق قىلىپ تەسەللىي ۋە ئۈمىدنى بەرگەن؟
يەھۋا — تەسەللىي بەرگۈچى خۇدا. ئىنسانىيەت گۇناھ قىلىپ، مۇكەممەللىكتىن ئايرىلغاندىن بېرى يەھۋا ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ كەلمەكتە. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا خۇداغا قارشى چىققاندا، خۇدا دەرھال بىر بېشارەتنى ئېيتقان. يارىتىلىش 3:15تە يېزىلغان بېشارەتنى چۈشىنىش ئۇلارغا تەسەللىي ۋە ئۈمىد بېرەتتى. بېشارەتتە شەيتان ئىبلىسنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەممە رەزىل ئىشلىرىنىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان (يوھاننانىڭ 1-خېتى 3:8؛ ۋەھىي 12:9).
يەھۋا قەدىمقى خىزمەتچىلىرىگە تەسەللىي بەرگەن
2. يەھۋا نۇھقا قانداق تەسەللىي بەرگەن؟
2 يەھۋا خۇدا نۇھ ئىسىملىك خىزمەتچىسىنى قانداق ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى ئەسكە ئالايلى. ئۇنىڭ زامانداشلىرى زوراۋان ۋە ئەخلاقسىز بولغان، پەقەت نۇھ بىلەن ئائىلىسى يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان. مۇنداق ۋەزىيەتتە ياشىغان نۇھ چۈشكۈنلۈككە بېرىلىشى مۇمكىن ئىدى (يارىتىلىش 6:4، 5، 11؛ يەھۇدا 6). ئەمما يەھۋا ئۇنىڭغا داۋاملىق ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا ۋە توغرا ھەرىكەت قىلىشقا جاسارەت بەرگەن (يارىتىلىش 6:9). يەھۋا نۇھقا شۇ زەزىل دۇنيانى ۋەيران قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى ۋە ئائىلىسى بىلەن ئامان قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ چۈشەندۈرگەن (يارىتىلىش 13—18). ئۇ نۇھ ئۈچۈن تەسەللىي بەرگۈچى خۇدا ئىدى.
3. يەھۋا خۇدا يەشۇئاغا قانداقلارچە تەسەللىي بەرگەنىدى؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
3 كېيىنىرەك، يەھۋا خىزمەتچىسى يەشۇئانى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان ئىدى. يەشۇئا ئىسرائىللىقلارنى ۋەدە قىلىنغان يەرگە باشلاپ كىرىشى ھەم شۇ يەردە ياشىغان خەلىقلەرنىڭ كۈچلۈك ئەسكەرلىرىنى يېڭىپ غەلبە قىلىشى كېرەك ئىدى. يەھۋا يەشۇئانىڭ قورقۇنۇچقا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى بىلىپ، مۇساغا: «يەشۇئانى ئۆز مەنسىپىگە سېلىپ: «جۈرئەتلىك بولۇپ قورقمىغىن» دەپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈرگىن. چۈنكى ئۇ ئۆزى بۇ خەلىقنىڭ ئالدىدا بېرىپ، سەن كۆرگەن يۇرتنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ»،— دېدى (تەكرار قانۇن 3:28). ئاندىن، يەھۋا ئۆزى يەشۇئانى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق ئېيتقان: «جۈرئەتلىك بولۇپ قورقمىغىن دەپ بۇيرۇغاندىن كېيىن، قورقماي تۇرۇپ، جۈرئەتسىز بولمىغىن، چۈنكى مەن تەڭرىڭ خۇداۋەندە سەن قەيەرگە بارساڭ، سەن بىلەن بولىمەن» (يەشۇئا 1:1، 9). قانداق ئويلايسىز، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، يەشۇئا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟
4، 5. ئا) قەدىمدە يەھۋا خەلقىنى قانداق ئىلھاملاندۇرغان؟ ئە) يەھۋا ئوغلىغا قانداق تەسەللىي بەرگەن؟
4 شۇنداقلا يەھۋا خۇدا پۈتكۈل خەلقىنى ئىلھاملاندۇرغان. مەسىلەن، بابىل قۇللىقىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ تەسەللىيگە مۇھتاج بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتىرىش ئۈچۈن، مۇنداق بېشارەت ئېيتقان: «قورقما، چۈنكى مەن سېنىڭ بىلەن بىللىدۇرمەن، ئۇ يان بۇ يان قاراپ ھودۇقماڭلار، چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن، مەن يەنە سېنى كۈچەيتىمەن، شۇنداق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! دەرھەقىقەت، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرىدىغان ئوڭ قولۇم بىلەن يۆلەيمەن» (يەشايا 41:10). كېيىن يەھۋا دەسلەپكى مەسىھىيلەرگىمۇ تەسەللىي بەرگەن ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزگە دەل شۇنداق تەسەللىي بېرىدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 1:3، 4نى ئوقۇڭ).
5 يەھۋا ئۆز ئوغلىنىمۇ ئىلھاملاندۇرغان. ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاسماندىن: «بۇ مەن ماقۇللايدىغان مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم»،— دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغانىدى (مەتتا 3:17). يەردىكى خىزمىتى جەريانىدا، بۇ سۆزلەرنىڭ ئەيساغا كۈچ بەرگەنلىكى شەك-شۈبھىسىزدۇر!
ئەيسا باشقىلارغا تەسەللىي بەرگەن
6. ئەيسانىڭ تالانت توغرۇلۇق تەمسىلى بىزگە قانداق تەسەللىي بېرىدۇ؟
6 ئەيسا باشقىلارنى سادىق بولۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئاتىسىنى ئۈلگە قىلغانىدى. بۇ ئۇنىڭ تالانت ھەققىدىكى تەمسىلىدىن كۆرۈنىدۇ. ئەيسا غوجايىننىڭ ھەربىر سادىق خىزمەتچىسىگە: «يارايسەن! سەن مېھرىبان ھەم سادىق قۇل ئىكەنسەن. سەن كىچىك نەرسىگە ئىدارە قىلغاندا سادىق بولدۇڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى كۆپ نەرسىنىڭ ئۈستىدىن قويۇمەن. غوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىنى بۆلۈشكىن»،— دېگەنلىكىنى ئېيتقان (مەتتا 25:21، 23). بۇ سۆزلەر شاگىرتلىرىغا تەسەللىي بېرىپ، ئۇلارنى يەھۋاغا داۋاملىق سادىق خىزمەت قىلىشقا ئۈندىگەنىدى!
7. ئەيسا ئەلچىلىرىنى، بولۇپمۇ پېترۇسنى، قانداق ئىلھاملاندۇرغان؟
7 شاگىرتلىرى ئۆز-ئارا ئارىسىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ لۇقا 22:24—26). پېترۇس بىرنەچچە قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئەيسانىڭ كۆڭلىنى قالدۇرغان (مەتتا 16:21—23؛ 26:31—35، 75). ئەمما، بۇنىڭغا قارىماستىن، ئەيسا پېترۇستىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن. ئەكسىچە، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، ھەتتا باشقىلارنى مۇستەھكەملەشنى تاپشۇرغان (يوھاننا 21:16).
ئىكەنلىكى ھەققىدە پات-پات گەپ تالاشسىمۇ، ئەيسا ھەردائىم ئۇلارغا سەۋرچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ ئۇلارنى كەمتەر بولۇشقا ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىشىنى خالاشنىڭ ئورنىغا، باشقىلارغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان (تەسەللىي بېرىش ھەققىدىكى ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەر
8. ھىزكىيا قوشۇن سەردارلىرىنى ۋە يەھۇدىيلارنى قانداق قىلىپ ئىلھاملاندۇرغان؟
8 ئەيسانىڭ ئۈلگىسى تېخى بولمىغان چاغدىمۇ، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلگەن. مەسىلەن، ھىزكىيانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئاسسۇرىيەلىكلەر يېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، ئۇ قوشۇن سەردارلىرى ۋە خەلىقنى يىغىپ، ئۇلارغا تەسەللى بەرگەن. خەلىق ئۇنىڭ «سۆزىدىن تەسكىن تاپتى» (تارىخنامە 2-يازما 32:6—8نى ئوقۇڭ).
9. باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشتە ئايۇپتىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
9 باشقىلارغا تەسەللىي بېرىش ھەققىدە ئايۇپتىنمۇ ئۈلگە ئالساق بولىدۇ. ئۆزى تەسەللىيگە مۇھتاج بولسىمۇ، ئۇ باشقىلارغا قانداق تەسەللىي بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن. ئايۇپ ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇشقا كەلگەنلەرگە ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولسا، ئېغىر تېگىدىغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە دەردىگە داۋا بولىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىدىغانلىقىنى دېگەن (ئايۇپ 16:1—5). ئاخىرىدا ئايۇپ ئېلىخۇدىن ۋە يەھۋانىڭ ئۆزىدىن تەسەللىي بېرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدى (ئايۇپ 33:24، 25؛ 36:1، 11؛ 42:7، 10).
10، 11. ئا) يىفتاھنىڭ قىزى نېمە ئۈچۈن تەسەللىيگە مۇھتاج بولغانىدى؟ ئە) بۈگۈنكى كۈندە بىز كىملەرنى ئىلھاملاندۇرساق بولىدۇ؟
10 يىفتاھنىڭ قىزىمۇ تەسەللىيگە مۇھتاج بولغانىدى. ھاكىم بولغان ئاتىسى يىفتاھ ئاممونلۇقلارغا قارشى جەڭگە چىقماقچى بولغان. يەھۋا جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ياردەم بەرسە، ئۇ ئۆيىگە قايتقاندا، بىرىنچى بولۇپ چىققان ئادەمنى مۇقەددەس چېدىردا خىزمەت قىلىشقا بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئىسرائىل خەلقى دۈشمەنلىرىنى يېڭىپ، يىفتاھنىڭ ئالدىغا بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ يالغۇز قىزى چىقتى. بۇنى كۆرگەندە، يىفتاھ قاتتىق قايغۇردى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ سۆزىدىن يانماي، قىزىنى مۇقەددەس چېدىردا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ (ھاكىملار 11:30—35).
11 بۇ يىفتاھ ئۈچۈن بەك قىيىن بولغىنى بىلەن، قىزىغا ئۇنىڭدىنمۇ تەس بولغان بولسا كېرەك. ئامما قىزى ئاتىسىنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇنلاشقا تەييار بولدى (ھاكىملار 11:36، 37). ئۇ ھېچقاچان تۇرمۇشقا چىقماتتى ۋە پەرزەنت كۆرەلمەتتى. دېمەك، ئائىلىسىنىڭ نەسەبنامىسى ئاياقلىشاتتى. يىفتاھنىڭ قىزىغا كۆپ تەسەللىي ۋە مەدەت كېرەك ئىدى. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى بېرىپ، ھەر يىل تۆت كۈنگىچە گىلىيادلىق يىفتاھ قىزىنى ياد يىغلىشاتتى» (ھاكىملار 11:39، 40). يىفتاھنىڭ قىزى بىلەن بولغان ۋەقە يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن توي قىلماي يۈرگەن قېرىنداشلارنى ئېسىمىزغا سالىدۇ. ئۇلارنى ماختاپ، ئىلھاملاندۇرىمىزمۇ؟ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:32—35).
ئەلچىلەر قېرىنداشلارغا تەسەللىي بەرگەن
12، 13. پېترۇس قانداقلارچە قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىگەن؟
12 ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىسى ئەيسا ئەلچى پېترۇسقا مۇنداق دېگەن: «سىمۇن، سىمۇن، شەيتان سىلەرنى بۇغدايدەك تاسقاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئېتىقادىڭ ئاجىزلىماسلىقى ئۈچۈن، مەن سەن ھەققىدە قىزغىن دۇئا قىلدىم. ھەم سەن يېنىپ كېلىپ، بۇرادەرلىرىڭنى مۇستەھكەملىكىن» (لۇقا 22:31، 32).
13 پېترۇس دەسلەپكى مەسىھىيلەر جامائىتىدە رەھبەرلىكنى زىممىسىگە ئالغانلارنىڭ بىرى بولغان (گالاتىلىقلارغا 2:9). ئۇ ئەللىكىنچى كۈندىكى ھوسۇل يىغىش بايرىمىدىكى ۋە كېيىنكى باتۇرلۇق بىلەن قىلغان ئىشلىرى ئارقىلىق قېرىنداشلىرىنى ئىلھاملاندۇرغان. كۆپ يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ قېرىنداشلارغا: «سىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ۋە خۇدانىڭ ھەقىقىي ئىنايىتى ھەققىدە ئىخلاس بىلەن گۇۋاھ بېرىش ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ سادىق خىزمەتچىسى سىلۋانۇسنىڭ ياردىمى بىلەن سىلەرگە قىسقىچە يازدىم. خۇدانىڭ مول مېھىرلىگىدە مەھكەم تۇرۇڭلار»،— دەپ يازغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:12). پېترۇسنىڭ خەتلىرى ئۇنىڭ زامانىدىكى مەسىھىيلەرنى ئىلھاملاندۇرغانىدى. شۇ خەتلەر يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۈتۈپ يۈرگەن بىزنى تېخىچە ئىلھاملاندۇرماقتا! (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:13).
14، 15. ئەلچى يوھاننا يازغان كىتابلار بىزنى قانداق ئىلھاملاندۇرىدۇ؟
14 ئەلچى يوھاننامۇ دەسلەپكى مەسىھىيلەر جامائىتىدە يېتەكچىلىك قىلغانلارنىڭ بىرى يوھاننا 13:34، 35نى ئوقۇڭ).
بولغان. ئۇ ئۆزى يازغان خۇش خەۋەردە ئەيسانىڭ خىزمىتى ھەققىدە بايان قىلغان. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بۇ كىتابى مەسىھىيلەرنى يۈزلىگەن يىل داۋامىدا ئىلھاملاندۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بىزگىمۇ تەسەللىي بېرىدۇ. مەسىلەن، ھەقىقىي شاگىرتلارنى مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئېنىقلاشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەيسانىڭ سۆزلىرىنى پەقەت ئەلچى يوھاننا يېزىپ قويغان (15 يوھاننانىڭ يازغان ئۈچ خېتىدىمۇ باھالىق ھەقىقەتلەر بار. ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلۈككە چۈشكەندە، ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى «ھەرقانداق گۇنادىن تازىلايدۇ» دېگەن سۆزلەر بىزگە تەسكىن بېرىدۇ (يوھاننانىڭ 1-خېتى 1:7). ئەگەر ئۆزۈمىزنى يەنىلا ئەيىبكاردەك ھېس قىلىۋەرسەك، يەھۋا «بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىن ئۇلۇق» دېگەن سۆزلەر تەسەللىي بېرىدۇ (يوھاننانىڭ 1-خېتى 3:20). مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت يوھاننا «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر» دەپ يازغان (يوھاننانىڭ 1-خېتى 4:8، 16). شۇنداقلا ئۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خەتلىرىدە «ھەقىقەتتە مېڭىۋاتقان» مەسىھىيلەرنى ماختىغان (يوھاننانىڭ 2-خېتى 4؛ يوھاننانىڭ 3-خېتى 3، 4).
16، 17. ئەلچى پاۋلۇس دەسلەپكى مەسىھىيلەرگە قانداق تەسەللىي بەرگەن؟
16 ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلارغا تەسەللىي بېرىشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى بولغان. ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، ئەلچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېرۇسالىمدا قالغانىدى. رەھبەرلىك كېڭەشمۇ شۇ يەردە ئىدى (ئەلچىلەر 8:14؛ 15:2). يەھۇدىيەدىكى مەسىھىيلەر ئاللىقاچان يالغۇز خۇداغا ئىشەنگەن ئادەملەرگە مەسىھ ھەققىدە ۋەز قىلىپ يۈرگەنىدى. ئەمما، مۇقەددەس روھ پاۋلۇسنى كۆپلىگەن ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدىغان گرېكلار، رىملىقلار ۋە باشقا خەلىقلەرگە ۋەز قىلىشقا ئەۋەتكەن (گالاتىلىقلارغا 2:7—9؛ تىموتىيغا 1-خەت 2:7).
17 پاۋلۇس ھازىرقى تۈركىيە، گرېتسىيە ۋە ئىتالىيە رايونلىرىغا سەپەر قىلغان. ئۇ شۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەس ئادەملەرگە ۋەز قىلىپ، يېڭى جامائەتلەرنى قۇرغان. يېڭىدىن مەسىھىي بولغان بۇ قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالى ئاسان بولمىغان. ئۆز مىللەت كىشىلىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكەچكە، ئۇلارغا تەسەللىي كېرەك بولغان (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 2:14). تەخمىنەن 50-يىللىرى پاۋلۇس سالونىكىدىكى يېڭى جامائەتكە روھنى كۆتىرىدىغان خەتلەرنى يازغان. ئۇ: «ھەر قېتىم دۇئالىرىمىزدا بارلىقىڭلارنى ئەسكە ئېلىپ، خۇداغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، چۈنكى بىز ھەردائىم سىلەرنىڭ... ئېتىقاد پائالىيىتىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببەت ۋە تاقابىل ئەمگىگىڭلارنى ئەسلەيمىز»،— دىدى (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 1:2، 3). شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇلاردىن بىر-بىرىگە تەسەللىي بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ، مۇنداق دەپ يازغانىدى: «بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارنى مۇستەھكەملەڭلار» (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:11).
يېتەكچى كېڭەش بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
18. بىرىنچى ئەسىردىكى يېتەكچى كېڭەش فىلىپنى قانداق ئىلھاملاندۇرغان؟
18 بىرىنچى ئەسىردە، يەھۋا يېتەكچى كېڭەش ئارقىلىق ھەممە مەسىھىيلەرگە، شۇنىڭ ئىچىدە جامائەتتە يېتەكچىلىك قىلغانلارغىمۇ تەسەللى بەرگەن. مەسىلەن، فىلىپ سامارىيەلىكلەرگە مەسىھ ھەققىدە ۋەز قىلغاندا، يېتەكچى كېڭەش ئۇنى قوللىغان. ئۇلار پېترۇس بىلەن يوھاننانى يېڭىدىن مەسىھىي بولغان قېرىنداشلار ئۈچۈن مۇقەددەس روھ سوراپ دۇئا قىلىشقا ئەۋەتكەنىدى (ئەلچىلەر 8:5، 14—17). يېتەكچى كېڭەشنىڭ ياردىمىنى سەزگەن فىلىپ ۋە يېڭىدىن مەسىھىي بولغان قېرىنداشلارنىڭ زور تەسەللىي ئالغانلىقى شەك-شۈبھىسىز!
19. دەسلەپكى مەسىھىيلەر يېتەكچى كېڭەشتىن كەلگەن خەتنى ئوقۇغاندا، ئۆزىنى قانداق ھېس قىلدى؟
19 كېيىنىرەك، يېتەكچى كېڭەش ناھايىتى مۇھىم بىر قارارنى چىقىرىشى زۆرۈر بولغانىدى: يەھۇدىي ئەمەس مەسىھىيلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش خەتنە قىلىنىشى شەرت بولدىمۇ؟ (ئەلچىلەر 15:1، 2). يېتەكچى كېڭەش مۇقەددەس روھ سوراپ دۇئا قىلىپ، يازمىلارنىڭ ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن، ئەمدى خەتنە قىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى قارار قىلغانىدى. ئاندىن ئۆز قارارىنى چۈشەندۈرۈپ خەت يازغان ۋە ئۇنى جامائەتلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇرادەرلەرنى ئەۋەتكەن. مەسىھىيلەر خەتنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭدىكى «ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەرگە ئۇلار خۇشال بولۇشتى» (ئەلچىلەر 15:27—32).
20. ئا) بۈگۈن يېتەكچى كېڭەش ھەممىمىزنى قانداق ئىلھاملاندۇرىدۇ؟ ئە) كېلەركى ماقالىدە قانداق سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
20 بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى بەيتەلدىكىلەرگە، باشقا مەخسۇس تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرگە ۋە ھەممە ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا تەسەللىي بېرىدۇ. بىرىنچى ئەسىردىكى قېرىنداشلارغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇلاردىن تەسەللىي ئېلىپ خۇشال بولىمىز! شۇنداقلا، يېتەكچى كېڭەش ھەقىقەتتىن يىراقلاپ كېتىپ قالغانلارنى قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، 2015-يىلى «يەھۋاغا قايتىپ كېلىڭ» (خەنزۇچە) ناملىق كىتابچىنى نەشىر قىلغانىدى. لېكىن، پەقەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەر باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەكمۇ ياكى ھەممىمىز شۇنداق قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كېلەركى ماقالىدە تاپالايسىز.