ياشلار، روھىي مەخسەتلەرگە ئىنتىلامسىلەر؟
«قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن، ئۇنداق قىلغاندا پلانلىرىڭ پىشىپ چىقار» (پەندى-نەسىھەت 16:3).
ناخشىلار: 11، 24
1—3. ئا) ياشلارنىڭ ھەممىسىگە نېمە قىلىش كېرەك ۋە بۇنى نېمە بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.) ئە) مۇنداق ۋەزىيەتتە ياش مەسىھىيلەرگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
سىز يىراق بىر شەھەردە ئۆتىدىغان مۇھىم يىغىنغا بارماقچى دەيلى. شۇ يەرگە يېتىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كەلگەندە، مىغ-مىغ ئادەم ۋە تىقما-تىقماق ئاپتۇبۇسنى كۆرۈپ، ئازىراق ھودۇقۇپ قالىسىز. لېكىن، بەختكە يارىشا، سىز نەگە بارىدىغانلىقىڭىزنى ۋە قايسى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىسىز. سىز باشقا ھېچقانداق ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرمايسىز، چۈنكى ئۇ سىزنى تامامەن باشقا تەرەپكە ئاپىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىسىز.
2 ھاياتنى ساياھەت بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ياشلار بولسا، ئاپتۇبۇس بېكىتىدە تۇرغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ. بەزىدە ھاياتتىكى قارارلار بىلەن تاللاشلارنىڭ كۆپلىكىدىن، ياشلار نېمە قىلارىنى بىلمەي، قاتتىق ئەنسىرىشى مۇمكىن. ئەمما، سىز كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزنى ياخشى بىلسىڭىز، توغرا قارار قىلىش ئاسانىراق بولىدۇ. ئۇنداقتا، سىز قايسى تەرەپكە يول تۇتۇشىڭىز كېرەك؟
3 بۇ ماقالە مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، سىزنى يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ. بۇ بىلىم ئېلىش، ئىشقا كىرىش، توي قىلىش ۋە بالىلىق بولۇشقا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەردە يەھۋانىڭ پەندى-نەسىھەت 16:3نى ئوقۇڭ).
يول-يورۇقىغا تايىنىشنى بىلدۈرىدۇ. يەھۋاغا يېقىنلىشىشقا ياردەم بېرىدىغان مەقسەتلەرگە ئىنتىلىشمۇ بۇنىڭغا كىرىدۇ. ئەگەر يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە بولسا، ئۇنىڭ سىزگە مول بەرىكەت تۆكۈپ، ئۇتۇققا ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقى سۆزسىز (نېمىشقا روھىي مەقسەتلەرنى قويۇش كېرەك؟
4. مۇشۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشنىڭ پايدىسى زور. نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ ئۈچ سەۋبىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سەۋەبتىن روھىي مەقسەتلەرگە ئىنتىلىش يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۈچىنچى سەۋەبتىن مۇنداق مەقسەتلەرگە ياش چېغىڭىزدىن باشلاپ ئىنتىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىسىز.
5. روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى نېمە؟
5 روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى — يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ۋە بىز ئۈچۈن قىلغان ھەممە ياخشىلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش. زەبۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى: «پەرۋەردىگارغا شۈكۈر قىلىش...ئەلادۇر. چۈنكى سەن، پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، قوللىرىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن»،— دېگەن (زەبۇر 92:1، 4). يەھۋا خۇدا بەرگەن ھەممە نەرسىلەر ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ سىزگە ھايات، ئېتىقاد، مۇقەددەس كىتاب، جامائەت ۋە جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بەردى. سىز روھىي مەخسەتلەرنى قويۇپ، ئۇلارغا ئىنتىلگەندە، يەھۋاغا بارلىق ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىسىز ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىسىز.
6. ئا) روھىي مەقسەتلەر يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئە) ياش چېغىڭىزدا قويالايدىغان مەقسەتلەرنىڭ بەزىلىرى قانداق؟
6 ئىككىنچى سەۋەبى بولسا، روھىي مەقسەتلەرنى قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندا، سىز يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىسىز. بۇمۇ سىزنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق ۋەدە بەرگەن: «ئۇنىڭ ئىسمىغا كۆرسىتىلگەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ھەم... ئەمگىگىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغىدەك، خۇدا ھەققانىيسىز ئەمەستۇر» (ئىبرانىيلارغا 6:10). مەقسەتلەرنى قويۇش ئۈچۈن مەن تېخى بەك ياش دەپ ئويلىماڭ. مەسىلەن، كرىستىن 10 ياشقا كىرگەندە، سادىق قېرىنداشلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇشنى مەقسەت قىلدى. توبى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال مۇقەددەس كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش مەقسىتىنى قويغان. ماكسىم 11 ياشتا ۋە سىڭلىسى نائومى 10 ياشتا بولغاندا چۆمۈلدۈرۈلگەن. ئىككىلىسى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلگەن. بۇ مەقسىتىنى دائىم ئېسىدە ساقلاش ئۈچۈن، ئۇلار بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ئىلتىماس خېتىنى تامغا ئېسىپ قويغان. سىزچۇ؟ سىزنىڭ قانداق مەقسەتلىرىڭىز بار؟ ئۇلارغا قول يەتكۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ (فىلىپپىلىقلارغا 1:10، 11نى ئوقۇڭ).
7، 8. ئا) نېمە ئۈچۈن مەقسەت قويسىڭىز، قارار قوبۇل قىلىش ئاسانىراق بولىدۇ؟ ئە) نېمىشقا بىر قېرىنداش ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇماسلىقنى تاللىغان؟
7 ياشلارنىڭ مەقسەت قويۇشى پايدىلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئۈچىنچى سەۋەبى قانداق؟ سىز ياش بولغاچ، كۆپ قارارلارنى چىقىرىشىڭىز لازىم. مەسىلەن، سىز قانداق بىلىم ئېلىشنى، قانداق ئىشقا كىرىشنى ۋە باشقىمۇ كۆپ قارارلارنى چىقىرىشىڭىز كېرەك. بۇ قارارلار ئالدىڭىزدىكى تۆت كوچىغا ئوخشاش. نەگە ماڭماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلسىڭىز، قايسى يول بىلەن بېرىشنى قارار قىلىش ئاسان بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەقسەتلىرىڭىزنىڭ پەندى-نەسىھەت 21:5تە: «ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت مولچىلىققا يېتەكلەر»،— دەپ يېزىلغان. بالدۇر ياخشى مەقسەت قويۇپ، ئەتىگەنرەك پىلان تۈزسىڭىز، تېزىراق ئۇتۇققا ئېرىشىسىز. دامارىس دېگەن قېرىندىشىمىزنىڭ ۋەزىيىتى شۇنداق بولغان. ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئۇ مۇھىم بىر قارار قىلغان.
قانداق ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز، دانا قارار چىقىرىش ئاسانىراق بولىدۇ.8 دامارىس مەكتەپنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تاماملىغانلىقتىن، ئالىي مەكتەپتىكى قانۇن فاكۇلتېتىغا چۈشۈپ، ھەقسىز ئوقالاتتى. لېكىن، بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ ئاددىي ئىشقا كىرىشنى قارار قىلغان. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى، ئۇ كىچىكىدىن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلمايدىغان ئىشقا كىرىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. ئەلۋەتتە، ئۇنىۋېرسىتېت دىپلومى بىلەن كۆپ پۇل تاپاتتىم، لېكىن يېرىم كۈنلۈك ئىشنى تېپىشىم ئىككى تايىن». دامارىس 20 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇ قويغان مەقسىتى ۋە ئۆسمۈر چېغىدا قىلغان قارارى ھەققىدە ھازىر نېمە ئويلايدۇ؟ ئۇ توغرا قارار قىلدىم دەپ ھېسابلايدۇ. ئىشىدا ئۇ كۆپ قانۇن ئوقۇغانلارنى ئۇچراتقان. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان بولسا، دامارىس خۇددى ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلەتتى. ئۇ ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى ئىشىدىن قانائەت ئالمايدۇ. دامارىس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش داۋامىدا كۆپ خۇشاللىق تاپقانلىقىنى ۋە بۇ قارار ئۇنىڭغا شۇ ئادەملەردەك خۇشاللىقىنى يوقۇتۇپ قويماسلىققا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
9. ياشلار نېمە ئۈچۈن ماختاشقا لايىق؟
9 دۇنيا يۈزىدىكى مىڭلىغان ياشلار توغرا ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇلار ماختاشقا لايىق. يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە روھىي مەقسەتلىرى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىلەر. بۇ ياشلار ھاياتتىن ھەقىقىي خۇشاللىق تاپماقتا. شۇنداقلا ئۇلار بىلىم ئېلىش، ئىش تېپىش ياكى ئائىلىۋى تۇرمۇشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە يەھۋانىڭ رەھبەرلىگىگە تايىنىشقا ئۆگىنىدۇ. سۇلايمان پادىشا: «پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن. قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل، ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (پەندى-نەسىھەت 21:5). ياشلار، يەھۋا سىلەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ! سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى باھالىق ۋە ئۇ سىلەرنى قوغدايدۇ، يېتەكلەيدۇ ۋە مول بەرىكەت بېرىدۇ.
باشقىلارغا يەھۋا توغرىسىدا ئېيتىشقا ياخشى تەييارلىنىڭ
10. ئا) نېمە سەۋەبتىن ۋەز ئىشى بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك؟ ئە) باشقىلارغا كۆزقارىشىڭىزنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
10 يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇ ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىشنى خالايدىغانسىز. ئەيسا مەسىھ «ئاۋال... خۇش خەۋەر ۋەز قىلىنىشى لازىم» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان (ماركۇس 13:10). ۋەز ئىشى جىددىي بولغانلىقتىن، بىز ئۈچۈنمۇ ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك. سىز ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ۋەز قىلىشنى مەقسەت قىلالامسىز؟ پىئونېر بولۇپ خىزمەت قىلالامسىز؟ ۋەز قىلىشنى ئانچە ياقتۇرمىسىڭىزچۇ؟ باشقىلارغا كۆزقارىشىڭىزنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ سىزگە ئىككى نەرسە ياردەم بېرەلەيدۇ: بىرىنچىدىن، ياخشى تەييارلىق كۆرۈڭ ۋە ئىككىنچىدىن، ھېچ بەل قويۇۋەتمەي يەھۋا ھەققىدە بىلگەنلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. شۇ چاغدا ۋەز قىلىش قانچىلىك كۆپ خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن.
11، 12. ئا) باشقىلارغا يەھۋا ھەققىدە ئېيتىش ئۈچۈن قانداق تەييارلانسىڭىز بولىدۇ؟ ئە) بىر ياش بۇرادىرىمىز مەكتەپتە يەھۋا توغرىسىدا ئېيتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى قانداق پايدىلاندى؟
11 ئەڭ ئاۋۋال، سىنىپداشلىرىڭىز سوراپ ئىبرانىيلارغا 3:4، رىملىقلارغا 1:20 ۋە زەبۇر 139:14. تور بېكىتىمىزدە كۆپلىگەن سوئاللارغا جاۋاب تەييارلاشقا ياردەم بېرىدىغان باشقىمۇ ئىش ۋاراقچىلىرى بار (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:15نى ئوقۇڭ).
قېلىشى مۇمكىن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تەييارلاڭ. مەسىلەن، ئۇلار سىزدىن: «خۇداغا نېمىشقا ئىشىنىسىز؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. بىزنىڭ org.jw تور بېكىتىمىزدە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان ماقالىلەر بار. مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى > ئۆسمۈرلەر دېگەن يەرگە كىرسىڭىز، «مەن نېمىشقا خۇداغا ئىشىنىمەن؟» دېگەن ئىش ۋاراقچىسىنى تاپالايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي جاۋابىڭىزنى تەييارلاش ئۈچۈن بۇ ئىش ۋاراقچىسىدىكى ھەربىر قەدەمنى ئورۇنلاپ چىقىڭ. شۇ يەردە قوللىنىشقا بولىدىغان ئۈچ ئايەتنى كۆرىسىز:12 سىنىپداشلىرىڭىزغا org.jw تور بېكىتىگە ئۆزلىرى كىرىپ كۆرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. لۇكا ئىسىملىق بۇرادىرىمىز شۇنداق قىلغان. بىر قېتىم دەرىستە ھەر تۈرلۈك دىنلار قاراشتۇرۇلغاندا، ئۇ دەرىسلىكتە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە يالغان مەلۇمات يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن. لۇكا ھودۇقسىمۇ، مۇئەللىمدىن يېزىلغان مەلۇماتنىڭ نېمە ئۈچۈن ناتوغرا ئىكەنلىكىنى سىنىپتا چۈشەندۈرۈشكە رۇخسەت سورىغان. رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن ئۇ ھەممە سىنىپداشلىرىغا ئېتىقادى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن ھەم org.jw تور بېكىتىنى كۆرسەتكەن. مۇئەللىمى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆي تاپشۇرۇقى سۈپىتىدە «لۆكچەكلەرنى مۇشتۇمسىز يەڭگىن!» دېگەن ۋىدېئونى كۆرۈشنى ئېيتقان. لۇكا مەكتەپتە يەھۋا خۇدا توغرىسىدا ئېيتقىنىغا قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟
13. نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ھەرگىز بەل قويۋەتمەسلىكىمىز كېرەك؟
13 قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە چۈشكۈنلۈككە بېرىلمەي، داۋاملىق مەقسەتلىرىڭىزگە ئىنتىلىڭ (تىموتىيغا 2-خەت 4:2). كاتىرىنا 17 ياشتا بولغاندا، خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ۋەز قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلارنىڭ بىرسى بىرنەچچە قېتىم ئاغزىنى يامان قىلىپ، ئۇنى ھاقارەتلىگەنىدى. ئەمما كاتىرىنا ئۆز مەقسىتىنى ئەستىن چىقارمىغان. ئۇنىڭ ئۈلگىلىك يۈرۈش-تۇرۇشى خانىس دېگەن بىر خىزمەتدىشىغا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى. ئۇ ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇشقا ۋە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، كېيىن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. كاتىرىنا شۇ چاغدا باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇنى بىلمىگەن. شۇڭا 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كاتىرىنا ئائىلىسى بىلەن جامائەت يىغىلىشىغا كەلگەندە، ئاممىۋىي نۇتۇقنى ئېيتقان بۇرادەر خانىس ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بەك ھەيران قالغانىدى! ئۇ ئۆز ۋاقتىدا خىزمەتداشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىش مەقسىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىگە ناھايىتى خۇشال بولغان.
مەقسەتلىرىڭىزنى ئەستىن چىقارماڭ
14، 15. ئا) بېسىمغا ئۇچرىغاندا نېمىنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز كېرەك؟ ئە) باشقىلارنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
14 كۆرگىنىمىزدەك، بۇ ماقالە سىزنى يەھۋانىڭ قوبول قىلىشىغا ئېرىشىشكە ئىنتىلىشكە ۋە روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشقا دەۋەت قىلدى. لېكىن، تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت ئويۇن-تاماشا ھەققىدىلا ئويلايدۇ. بەلكىم، ئۇلار سىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىڭىزنى خالايدىغاندۇ. بۈگۈن بولسۇن ياكى ئەتە، مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ھېچكىمنىڭ سىزگە بېسىم قىلىپ، مەقسەتلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرۇشىغا يول قويماڭ. ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ئاپتۇبۇس بېكىتىدە تۇرسىڭىز، ئىچىدىكى ئادەملەر ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، دەپ ھەرقانداق بىر ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرامسىز؟ ئەلۋەتتە، ياق!
15 باشقىلار سىزنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە مەجبۇرلىغاندا، ئۇلارنىڭ بېسىمغا باش ئەگمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاسان خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان ۋەزىيەتلەردىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىڭ (پەندى-نەسىھەت 22:3). يامان ئىشلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋېتى ھەققىدە ئويلىنىڭ (گالاتىلىقلارغا 6:7). دانا مەسلىھەتكە مۇھتاج بولغانلىقىڭىزنى كەمتەرلىك بىلەن ئىقرار قىلىڭ. ئاتا-ئانىڭىز ۋە جامائەتتىكى تەجرىبىلىك قېرىنداشلارنىڭ گېپىگە كىرىڭ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:5، 6نى ئوقۇڭ).
16. كرىستوفنىڭ ۋەقەسىدىن كەمتەر بولۇشنىڭ مۇھىملىقى قانداق كۆرۈنىدۇ؟
16 كرىستوف ئىسىملىق بۇرادەرگە كەمتەرلىك خىسلىتى مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بەرگەنىدى. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇ تەنتەربىيە مەركىزىگە بېرىشنى باشلايدۇ. شۇ يەردىكى ياشلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ توپىغا قوشۇلۇشقا چاقىرغان. كرىستوف بۇ توغرىسىدا بىر ئاقساقال بىلەن سۆزلەشكەن. ئاقساقال ئۇنى رىقابەتلىشىش روھنىڭ پەيدا بولۇشىدەك بەزى خەتەرلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ شۇ توپقا كىرىشنى قارار قىلغان. بىراق، ۋاقىت ئۆتۈپ، كرىستوف بۇ تەنتەربىيە تۈرىنىڭ زوراۋان ۋە ھەتتا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. شۇ چاغدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاقساقاللار بىلەن سۆزلەشكەن، ئۇلار ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ مەسلىھەت بەرگەن. كرىستوف مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا ماڭا ياخشى مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتتى. مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بىراز ۋاقىت كەتسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا قۇلاق سالدىم». سىزچۇ، ياخشى مەسلىھەتكە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالامسىز؟
17، 18. ئا) يەھۋا خۇدا ياشلار ئۈچۈن نېمىنى خالايدۇ؟ ئە) چوڭ بولغاندا قارارلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
17 مۇقەددەس كىتابتا: «ياشلىقىڭدىن ھۇزۇر ئال، ئەي يىگىت، ياشلىقىڭدا كۆڭلۈڭ ئۆزۈڭگە خۇشاللىقنى يەتكۈزگەي»،— دەپ ئېيتىلغان (ۋەز 11:9). يەھۋا خۇدا سىزنىڭ ياش چېغىڭىزدا شاد-خۇرام بولۇشىڭىزنى خالايدۇ. بۇ ماقالىدىن بىلگىنىڭىزدەك، بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن روھىي مەقسەتلىرىڭىزگە كۆز تىكىشىڭىز ۋە پىلان تۈزۈپ، قارار قىلغاندا دائىم يەھۋانىڭ يول-يورۇقىغا تايىنىشىڭىز كېرەك. بۇنى قانچە ئەتىگەن قىلسىڭىز، يەھۋانىڭ قوغدايدىغانلىقىنى، رەھبەرلىك ۋە بەرىكەت بېرىدىغانلىقىنى شۇنچە تېزىراق ھېس قىلىسىز. ئۆزىنىڭ سۆزىدە يەھۋانىڭ سىزگە قانچىلىك كۆپ مەسلىھەت بەرگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىڭ ۋە بۇ سۆزلەرگە ئەمەل قىلىڭ: «ياشلىقىڭدا ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدا چىڭ تۇت» (ۋەز 12:1).
18 ياشلار تېز ئۆسۈپ، چوڭ بولىدۇ. بەك ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن ياشلار ناتوغرا مەقسەتلەرگە ئىنتىلگەنلىكىگە ياكى تامامەن مەقسەت قويمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشىدۇ. ئەمما روھىي مەقسەتلىرىڭىزنى ئەستىن چىقارمىسىڭىز، چوڭ بولغاندا ھازىر قىلغان قارارلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىسىز. مىريانا ئىسىملىق قېرىندىشىمىز بۇنىڭغا كۆز يەتكۈزگەن. ئۆسمۈر بولغاندا ئۇ بەك ياخشى تەنھەرىكەتچى بولغان. ئۇ ھەتتا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە تەكلىپ قىلىنغان. بىراق، ئۇ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، يەھۋاغا تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىشنى تاللىغان. بۇنىڭدىن 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتسىمۇ، يولدىشى ئىككىسى تېخىچە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئېيتقاندەك، نام-شۆھرەت، شان-شەرەپ مال-دۇنيا قوغلىغان ئادەملەر ھېچقاچان ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنداقلا مىريانا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى ۋە ئۇ ھەققىدە ئادەملەرگە ئېيتىپ بېرىشنى ھاياتتىكى ئەڭ ياخشى مەقسەت دەپ ھېسابلايدۇ.
19. نېمە ئۈچۈن ياش چېغىڭىزدا روھىي مەقسەتلەرگە ئىنتىلىشىڭىز پايدىلىق؟
19 ياشلار، قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ئەڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر ماختاشقا لايىق. سىلەر روھىي مەقسەتلەرگە ئىنتىلىپ، ۋەز ئىشىنى ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى دەپ سانايسىلەر. شۇنىڭ بىلەن، بۇ دۇنيانىڭ مەقسەتلىرىڭلارنى ئۇنتۇلدۇرۇشىغا يول بەرمەيسىلەر. ئەمگىگىڭلار بېھۇدە ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىڭلار كامىل بولسۇن. سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە دائىم قوللاشقا تەييار قېرىنداشلىرىڭلار بار. شۇڭا، «قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇڭلار، ئۇنداق قىلغاندا پلانلىرىڭلار پىشىپ چىقار».