ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئاپىرىدىغان يول
«دېمەك، ئەگەر ئوغۇل سىلەرنى ئازات قىلسا، ھەقىقەتەن ئەركىن بولىسىلەر» (يوھاننا 8:36).
ناخشىلار: 32، 52
1، 2. ئا) ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئادەملەر نېمە قىلماقتا؟ ئە) بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق؟
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن يەرلەردىكى ئادەملەر باراۋەر ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك توغرىسىدا پات-پات سۆزلەيدۇ. بەزى ئادەملەر ئادالەتسىزلىك، كەمسىتىش ۋە نامراتچىلىقتىن ئازات بولۇشنى خالايدۇ. يەنە باشقىلىرى سۆز ئەركىنلىگى، تاللاش ئەركىنلىكى ۋە ئۆزلىرى خالىغاندەك ياشاش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدۇ. ھەر تۈرلۈك جايلاردىكى ئادەملەر ئەركىن بولۇشنى خالايدۇ.
2 ئازاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئادەملەر نامايىشلارغا چىقىپ، ھەتتا ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆز مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ ياق. ئادەتتە مۇنداق ھەرىكەتلەر تېخىمۇ كۆپ قايغۇ ئەكېلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگە ئاپىرىدۇ. بۇ سۇلايمان پادىشانىڭ ۋەز 8:9دىكى سۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ: «ئادەمنىڭ ئادەم ئۈستىگە ھوقۇق تۇتقانلىقى ئۆز-ئۆزىگە زىيان».
3. ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
3 مۇقەددەس كىتابتا ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكى يېزىلغان. شاگىرت ياقۇپ مۇنداق دېگەن: «كىم ئەركىنلىكنىڭ مۇكەممەل قانۇنىغا زېھىن قويۇپ قارىسا ھەم ئۇنىڭدا قالسا،... بەختلىك بولىدۇ» (ياقۇپ 1:25). مۇكەممەل قانۇننى يەھۋا ئورنىتىدۇ ۋە ئۇ ھەقىقىي بەختكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە نېمە كېرەكلىكىنى ھەممىسىدىن ياخشى بىلىدۇ. يەھۋا خۇدا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا ھەقىقىي ئەركىنلىكنى بەردى. شۇنداقلا ئۇلار بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن، كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسە بىلەن تەمىنلىدى.
ئادەملەر ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئىگە بولغان چاغ
4. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ قانداق ئەركىنلىكى بولدى؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
4 بىز يارىتىلىش كىتاۋىنىڭ 1، 2-باپلىرىدىن ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدا قانداق ئەركىنلىك بولغانلىقىنى بىلىمىز. بۈگۈن مۇنداق ئەركىنلىك ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئارمانلا، خالاس. ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىدا ھاجەتلىك نەرسىنىڭ ھەممىسى بولدى، ئۇلار ھېچنېمىدىن قورقمىغان، ھېچقانداق ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىمىغان. ئۇلار تاماق، ئىش، ئاغرىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدە ئەنسىرىمىگەن (يارىتىلىش 1:27—29؛ 2:8، 9، 15). لېكىن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى چەكسىز بولدىمۇ؟ كۆرۈپ چىقايلى.
5. كۆپچىلىك بۇنىڭ بىلەن كېلىشمىسىمۇ، ئادەملەر ئەركىن بولۇشى ئۈچۈن نېمە ھاجەت؟
5 كۆپ ئادەم ئاقىۋېتى توغرىسىدا ئويلىماي، خالىغان نەرسىسىنى قىلىش — بۇ ھەقىقىي ئەركىنلىك دەپ ئويلايدۇ. بىر قامۇستا ئەركىنلىك سۆزى «قارار قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قابىلىيىتى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بىراق، ئۇنىڭدا ھۆكۈمەت ئورناتقان چەكلىمىلەر ئادالەتسىز، ھاجەتسىز ۋە ئاساسسىز بولمىسا، ئادەملەرنىڭ ئەركىن بولىدىغانلىقىمۇ يېزىلغان («The World Book Encyclopedia»). دېمەك، ھەربىر ئادەمنىڭ ئەركىن بولۇشى ئۈچۈن قانداقتۇ بىر چەكلىمىلەر كېرەك. ئۇنداقتا چەكلىمىلەرنىڭ قايسىسى ئادالەتلىك، ھاجەتلىك ۋە ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى قارار قىلىشقا كىمنىڭ ھوقۇقى بار؟
6. ئا) نېمە ئۈچۈن پەقەت يەھۋا چەكسىز ئەركىنلىككە ئىگە؟ ئە) ئادەملەر قانداق ئەركىنلىككە ئىگە ۋە نېمە ئۈچۈن؟
6 پەقەت يەھۋا خۇدا چەكسىز، تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز مۇھىم. سەۋەۋى ئۇ ھەممىسىنى ياراتتى ۋە ئۇ جاھاننىڭ كۈچ قۇدرەتلىك ئېگىسى (تىموتىيغا 1-خەت 1:17؛ ۋەھىي 4:11). داۋۇت پادىشاھ يەھۋانىڭ دەرىجىسىنى بەك چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلىگەن (تارىخنامە 1-يازما 29:11، 12نى ئوقۇڭ). لېكىن يەر بىلەن ئاسماندىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ ئەركىنلىكى چەكلىك. بۇ — نىسبىي ئەركىنلىك. پەقەت يەھۋا خۇدا چەكلىمىلەرنىڭ قايسىسى ئادالەتلىك، ھاجەتلىك ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئىنسانىيەتنى يارىتىشتىن باشلاپ، يەھۋا ئۆز مەۋجۇداتلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن.
7. بىز قىلىدىغان قانداق ئىشلار بىزنى خۇشال قىلىدۇ؟
7 ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ئەركىن بولسىمۇ، ئەركىنلىكى چەكلىك بولغان. بەزى چەكلىمىلەر ئۇلار ئۈچۈن تەبىئىي نەرسە بولغان. مەسىلەن، ياشاش ئۈچۈن ئۇلارغا نەپەسلىنىش، ئوزۇقلىنىش ۋە ئۇخلاش كېرەك ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. ئەمەلىيەتتە، يەھۋا بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا خۇشاللىق بىلەن قانائەت ئەكېلىدىغاندەك ئورۇنلاشتۇرغان (زەبۇر 104:14، 15؛ ۋەز 3:12، 13). ھەممىمىزگە تازا ھاۋا بىلەن نەپەس ئېلىش، ئۆزۈمىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى يېيىش ۋە تۈندە ئۇيقۇمىزنى قاندۇرۇش ياقىدۇ. بۇلارنى قىلغاندا ئۆزۈمىزنى چەكلەنگەندەك ھېس قىلمايمىز. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمۇ شۇنداق ھېس قىلمىغان.
8. خۇدا ئادەم ئاتىغا ۋە ھاۋا ئانىغا قانداق ئېنىق بۇيرۇق بەردى ۋە نېمە ئۈچۈن؟
8 يەھۋا خۇدا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا ئېنىق بۇيرۇق بەردى. خۇدا ئۇلارغا بالىلىق بولۇپ، يەرنى تولدۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشنى تاپشۇرغان (يارىتىلىش 1:28). بۇ بۇيرۇق ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. بۇ ئۇلارغا پۈتۈن يەرنى جەننەتكە، يەنى مۇكەممەل بالىلىرى بىلەن مەڭگۈ ياشالايدىغان جايغا، ئايلاندۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك بەردى. بۇ خۇدانىڭ نىيىتى بولغان (يەشايا 45:18). بۈگۈنكى كۈندە، بىرسى نىكاھ قۇرماسلىققا ياكى بالىلىق بولماسلىققا قارار قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە قارشى يول تۇتقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، كۆپ ئادەملەر قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، توي قىلىشنى ياكى بالىلىق بولۇشنى تاللايدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:36—38). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار بەخت ۋە قانائەتكە ئېرىشىشكە ئىنتىلىدۇ (زەبۇر 127:3). ئەگەر ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا خۇداغا ئىتائەتچان بولغان بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلىسى بىلەن مەڭگۈ ھۇزۇرلىناتتى.
ھەقىقىي ئەركىنلىكتىن قانداق ئايرىلىپ قالدۇق؟
9. نېمە ئۈچۈن يارىتىلىش 2:17دىكى بۇيرۇق ئادالەتسىز، ھاجەتسىز ۋە ئاساسسىز بولمىغان؟
9 يەھۋا ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىغا يەنە بۇيرۇق بېرىپ، ئۇلار ئىتائەت قىلمىسا، نېمە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن. ئۇ مۇنداق ئېيتقان: «ئامما ياخشى بىلەن ياماننى تونۇتىدىغان دەرەقتىن يېمە، چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنىلا چوقۇم ئۆلىسەن» (يارىتىلىش 2:17). بۇ بۇيرۇق ئادالەتسىز، ھاجەتسىز ۋە ئاساسسىز بولغانمۇ؟ بۇ ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! ئەمەلىيەتتە، كۆپ دىنشۇناسلار خۇدانىڭ بۇيرۇقى بەك دانا ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان دەپ ھېسابلايدۇ. بىر مۇتەخەسسىسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بۇيرۇق ««پەقەت خۇدانىڭ... ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە پەقەت خۇدانىڭ... ئۇلار ئۈچۈن نېمىنىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى» كۆرسىتىدۇ. «ياخشى» نەرسىلەرنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئادەملەر خۇداغا ئىشىنىپ، بويسۇنۇشى كېرەك. ئەگەر بويسۇنمىسا، نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى... ۋە نېمىنىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلاتتى». ئەمما ئىنسانىيەت بۇ يۈكنى كۆتىرەلمەيدۇ.
10. نېمە ئۈچۈن تاللاش ئەركىنلىكى ھەم نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقى ئوخشاش نەرسە ئەمەس؟
پەقەت يەھۋا خۇدانىڭ نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقى بار
10 بەزىلەر يەھۋا ئادەم ئاتىغا خالىغان نەرسىلەرنى قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمما بۇ ئادەملەر تاللاش ئەركىنلىكىنىڭ نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا خۇداغا بويسۇنۇشنى ياكى بويسۇنماسلىقنى تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغان. لېكىن، پەقەت يەھۋا خۇدانىڭ نېمىنىڭ ياخشى نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقى بار. «ياخشى بىلەن ياماننى تونۇتىدىغان دەرەق» ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا ئۈچۈن بۇنىڭ ئىسپاتى بولغان (يارىتىلىش 2:9). تاللىشىمىزنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بولىدىغانلىقىنى دائىم بىلىۋەرمەيمىز ۋە نەتىجىسى ھەرقاچان ياخشى بولىدۇ دەپمۇ ئېيتالمايمىز. شۇ سەۋەبتىن، ئادەملەر پات-پات ياخشى نىيەت بىلەن قارار قىلسىمۇ، بۇ ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ ھەسرەتكە ئېلىپ كېلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 14:12). راستىنلا، ئادەملەرنىڭ كۈچى چەكلەنگەن. يەھۋا ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىغا بۇ دەرەقنىڭ مېۋىسىنى يېمەڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. بىراق، ئۇلار نېمە قىلىشنى قارار قىلغان؟
11، 12. نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ قارارى پاجىئەگە ئەكەلدى؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
11 مىڭ ئەپسۇسكى، بىرىنچى ئەر-ئايال يەھۋاغا بويسۇنماسلىقنى تاللىدى. ھاۋا ئانا شەيتاننىڭ: «كۆزلىرىڭلار ئېچىلىدۇ ۋە سىلەر ياخشى ۋە ياماننى بىلىدىغان خۇدادەك بولىسىلەر»،— دېگەن ۋەدىسىگە ئىشەندى (يارىتىلىش 3:5). ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ تاللىشى، شەيتان ئېيتقاندەك، ئۇلارغا كۆپرەك ئەركىنلىك ئەكەلدىمۇ؟ ياق، ئەكەلمىدى. ئەكسىچە، ئۇلار يەھۋانىڭ رەھبەرلىكىنى رەت قىلغانلىقى ھەسرەتكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندى (يارىتىلىش 3:16—19). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى يەھۋا نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشقا ئەركىنلىك بەرمىگەن (پەندى-نەسىھەت 20:24؛ يەرەمىيا 10:23نى ئوقۇڭ).
12 مەسىلەن، ئۇچقۇچىنى ئالايلى. مەقسەت قىلغان يېرىگە ئامان-ئېسەن يېتىش ئۈچۈن ئۇ بەلگۈلەنگەن يۆنىلىش بىلەن ماڭىدۇ. شۇنداقلا ئايروپلاندىكى يول باشلاش قوراللىرىنى پايدىلىنىدۇ ۋە ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش سۇپىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆرسەتمىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. ئەگەر ئۇچقۇچى كۆرسەتمىلەرگە سەل قاراپ، ئۆزى خالىغان يەرگە ئۇچسا، بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەگە ئەكېلىشى مۇمكىن. ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا شۇنداق ئۇچقۇچىغا ئوخشاش، ئۆزلىرى خالىغاندەك ھەرىكەت قىلغان. ئۇلار خۇدانىڭ رەھبەرلىگىنى رەت قىلغان. نەتىجىسىدە، ئۇلار ھەسرەت چەكتى. ئۇلارنىڭ قارارى ئۆزلىرىنىمۇ، ئەۋلاتلىرىنىمۇ گۇناھ بىلەن ئۆلۈمگە ئەكەلدى (رىملىقلارغا 5:12). ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا نېمىنىڭ يامان ۋە نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى قارار قىلماقچى بولۇپ، كۆپرەك ئەركىنلىككە ئېرىشمىدى. ئەكسىچە، يەھۋا بەرگەن ھەقىقىي ئەركىنلىكتىن ئايرىلىپ قالدى.
ھەقىقىي ئەركىنلىككە قانداق ئېرىشەلەيمىز؟
13، 14. ھەقىقىي ئەركىنلىككە قانداق ئېرىشەلەيمىز؟
13 بەزى ئادەملەر چەكسىز ئەركىنلىككە ئىگە بولساق، ئاجايىپ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ ئەركىنلىكنىڭ ياخشى تەرەپلىرى كۆپ، لېكىن ھېچقانداق چەكلىمىلەر بولمىسا، دۇنيا بىلەن نېمە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ژۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان قامۇسقا ماس، ھەرقانداق جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە بەلگىلەنگەن قانۇنلار بەك مۇرەككەپ، چۈنكى قانۇنلار بىر تەرەپتىن ئادەملەرنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدىشى، باشقا تەرەپتىن چەكلەپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەردائىم ئاسان ئەمەس. شۇ سەۋەبتىنمۇ، قانۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى قوللىنىشقا تىرىشىدىغان قانۇنشۇناسلار ۋە سوتچىلارنىڭ سانى بەكمۇ كۆپ.
14 ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي ئەركىنلىككە قانداق ئېرىشىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئەگەر مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلساڭلار، شۇندا ھەقىقەتەن مېنىڭ شاگىرتلىرىم بولىسىلەر. سىلەر ھەقىقەتنى تونۇپ-بىلىسىلەر، ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازاتلىققا چىقىرىدۇ»،— دىدى (يوھاننا 8:31، 32). دېمەك، ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ئىككى نەرسىنى قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، ئەيسا ئۆگەتكەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىمىز زۆرۈر. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇشىمىز لازىم. بۇ ئىشلارنى قىلىش — ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان يول. بىز نېمىدىن ئەركىن بولىمىز؟ ئەيسا: «گۇناھ قىلغان ھەربىر كىشى — گۇنانىڭ قۇلىدۇر... ئەگەر ئوغۇل سىلەرنى ئازات قىلسا، ھەقىقەتەن ئەركىن بولىسىلەر»،— دەپ ئېيتقان (يوھاننا 8:34، 36).
15. نېمە ئۈچۈن ئەيسا ۋەدە قىلغان ئەركىنلىك بىزنى ھەقىقەتەن ئازات قىلالايدۇ؟
15 ئەيسا شاگىرتلىرىغا ۋەدە قىلغان ئەركىنلىك بۈگۈن ئادەملەر خالايدىغان ئەركىنلىكتىن نەقەدەر ياخشى. «ئەگەر ئوغۇل سىلەرنى ئازات قىلسا، ھەقىقەتەن ئەركىن بولىسىلەر» دېگەندە، ئەيسا گۇنانىڭ قۇللۇقىدىن، يەنى ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئەڭ ئېغىر قۇللۇقتىن، ئازات بولۇش ھەققىدە ئېيتقان. بىز قايسى مەنىدە گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا؟ گۇناھ بىزنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئىشتىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىزگە توغرا دەپ بىلىدىغان نەرسىلەرنى ۋە قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا توسالغۇ قىلىدۇ. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىمىز چۈشىدۇ، قايغۇرىمىز، ئازاپ چېكىمىز ۋە ئاخىرى ئۆلۈمىز (رىملىقلارغا 6:23). ئەلچى پاۋلۇس بۇنى باشتىن كەچۈرۈپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا بولۇش قانچىلىك كۆپ ئازاپ ئەكېلىدىغانلىقىنى سەزگەن (رىملىقلارغا 7:21—25نى ئوقۇڭ). گۇناھ پۈتۈنلەي يوق بولغاندىن كېيىنلا بىز ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدا بولغان ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيمىز.
16. بىز قانداقلارچە ھەقىقەتەن ئەركىن بولالايمىز؟
16 «ئەگەر مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلساڭلار» دېگەن سۆزلىرىدىن كۆرۈنگەندەك، ئەيسانىڭ بىزنى ئازات قىلىشىنى خالىساق، ئۆز تەرىپىمىزدىن كۈچ چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا نېمە كىرىدۇ؟ بېغىشلانغان مەسىھىيلەر سۈپىتىدە بىز ئۆزۈمىزدىن ۋاز كېچىپ، ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا قويغان چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇشقا قارار قىلدۇق (مەتتا 16:24). ئەيسا ۋەدە قىلغاندەك، كەلگۈسىدە بىز تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ تولۇق پايدىسىنى كۆرۈپ، ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشىمىز.
17. ئا) قانداق قىلىپ بىز ھەقىقەتەن بەختلىك بولالايمىز؟ ئە) كېلەركى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
17 ھەقىقەتەن بەخت-سائادەتلىك بولۇش ئۈچۈن، بىز ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى سۈپىتىدە ئۇنىڭ تەلىملىرىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق، نەتىجىسىدە گۇناھ بىلەن ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن پۈتۈنلەي ئازات بولالايمىز (رىملىقلارغا 8:1، 2، 20، 21نى ئوقۇڭ). كېلەركى ماقالىدە بىز قولىمىزدا بار ئەركىنلىكنى دانالىق بىلەن قوللىنىشنى ئۆگىنىمىز. شۇ چاغدا ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ خۇداسى بولغان يەھۋانى مەڭگۈ مەدھىيىلەلەيمىز.