ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
قەدىمدە ئىسرائىلدا ئەر كىشىنىڭ مەسىھنىڭ ئەجدادى بولۇش ئۈچۈن تۇنجى ئوغۇل بولۇشى شەرت بولغانمۇ؟
بۇرۇن بىز ئىبرانىيلارغا 12:16غا ئاساسلىنىپ، مۇنداق كۆزقاراشتا بولدۇق. بۇ ئايەتتە ئەساۋنىڭ «مۇقەددەس نەرسىنى قەدىرلىمىگەنلىكى» ۋە ياقۇپقا «بىر ۋاخ تاماق ئۈچۈن ئۆز تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بېرىۋەتكەنلىگى» يېزىلغان. شۇڭا، ياقۇپ ئەساۋنىڭ «تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى» ئالغاندا، بۇنىڭغا مەسىھنىڭ ئەجدادى بولۇش ئىمتىيازىمۇ كىرگەن دەپ ئويلىدۇق (مەتتا 1:2، 16؛ لۇقا 3:23، 34).
ئەمما مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا ۋەقەلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندا، ئەر كىشىنىڭ مەسىھنىڭ ئەجدادى بولۇش ئۈچۈن تۇنجى ئوغۇل بولۇشى شەرت بولمىغانلىقىنى كۆردۇق. كېلىڭ، بۇ ھەقتە بەزى دەلىل-ئىسپاتلارنى قاراپ چىقايلى.
ياقۇپنىڭ لىياھدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى روبېن بولدى. راھىلەدىن تۇغۇلغان بىرىنچى ئوغلى بولسا يۈسۈپ ئىدى. روبېن ئەخلاقسىزلىق قىلغاندا، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ، بۇ ھوقۇق يۈسۈپكە بېرىلدى (يارىتىلىش 29:31—35؛ 30:22—25؛ 35:22—26؛ 49:22—26؛ تارىخنامە 1-يازما 5:1، 2). لېكىن، مەسىھ روبېننىڭمۇ، يۈسۈپنىڭمۇ ئەۋلادى بولمىغان. ئۇ ياقۇپ بىلەن لىياھنىڭ تۆرتىنچى ئوغلى يەھۇدانىڭ قەبىلىسىدىن چىققان (يارىتىلىش 49:10).
لۇقا 3:32دە مەسىھنىڭ باشقا بەش ئەجدادى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ ھەربىرى تۇنجى ئوغۇل بولغان ئوخشايدۇ. مەسىلەن، بوئاز ئوبىدنىڭ، ئوبىد بولسا يىشاينىڭ ئاتىسى بولغان (رۇت 4:17، 20—22؛ تارىخنامە 1-يازما 2:10—12).
يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت بولسا، تۇنجىسى بولمىغانىدى. ئەكسىنچە، ئۇ سەككىز ئوغۇلنىڭ كەنجىسى بولغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ مەسىھنىڭ ئەجدادى بولغانىدى (سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 16:10، 11؛ 17:12؛ مەتتا 1:5، 6). داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمانمۇ تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، مەسىھنىڭ ئەجدادى بولغان (سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسى 3:2—5).
بۇ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى مۇھىم ئەمەس دەپ قارالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. تۇنجى ئوغۇل باشقا قېرىنداشلىرىدا بولمىغان ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن. ئاتىسىدىن كېيىن تۇتجى ئوغۇل ئائىلىنىڭ باشچىسى بولۇپ، ھەممە مىراسنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئۇنىڭغا بېرىلەتتى (يارىتىلىش 43:33؛ تەكرار قانۇن 21:17؛ يەشۇئا 17:1).
بىراق تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى بىر ئوغۇلدىن يەنە بىر ئوغۇلغا ئۆتۈشى مۇمكىن ئىدى. ئىبراھىم ئوغلى ئىسمائىلنى ئائىلىسىدىن يىراق يەرگە ئەۋەتكەندە، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئىسھاققا ئۆتكەن (يارىتىلىش 21:14—21؛ 22:2). يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، روبېننىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى يۈسۈپكە ئۆتتى.
ئۇنداقتا ئىبرانىيلارغا 12:16دە پاۋلۇس نېمە دېمەكچى بولغان؟ بۇ ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «ھەم ئاراڭلاردا ھېچبىرى زىناخور، ئەساۋدەك بىر ۋاخ تاماق ئۈچۈن ئۆز تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بېرىۋەتكەن، ھەم مۇقەددەس نەرسىنى قەدىرلىمەيدىغان بولمىسۇن».
بۇ يەردە پاۋلۇس مەسىھنىڭ ئەجداتلىرى ھەققىدە ئېيتمىغان. ئەكسىچە، ئۇ مەسىھىيلەرنى ئاگاھلاندۇرغان. پاۋلۇس ئۇلارغا «ئاياقلىرىڭلارغا تۈز يوللارنى ياساڭلار»، شۇ چاغدا «ھېچكىم خۇدانىڭ ئىنايىتىدىن مەھرۇم قالمايدۇ» دېگەن. ئېچىنارلىقى شۇكى، ئەگەر ئۇلار جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلسا، خۇدانىڭ ئىنايىتىدىن ئايرىلاتتى (ئىبرانىيلارغا 12:12—16). شۇ چاغدا ئۇلار «مۇقەددەس نەرسىنى قەدىرلىمەي»، ئۆز ھەۋەسلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشنى خالىغان ئەساۋغا ئوخشىغان بولاتتى.
شۇ زاماندىكى ئۆرپ-ئادەت بويىچە، تۇنجى ئوغۇل سۈپىتىدە ئەساۋنىڭ يەھۋاغا بەزىدە قۇربانلىقنى ئېلىپ كېلىش ئىمتىيازى بولغان (يارىتىلىش 8:20، 21؛ 12:7، 8؛ ئايۇپ 1:4، 5). لېكىن، ئەساۋ ھەۋەسلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاچا تاماق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن ئايرىلغانىدى. بەلكىم، ئۇ يەھۋا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ھەققىدە بېشارەت قىلىنغان ئازاپتىن قېچىشنى خالىغان (يارىتىلىش 15:13). شۇنداقلا ئۇ يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدىغان ئىككى ئايالنى ئالغاندا، ئاتا-ئانىسىنى قايغۇغا سېلىپ، مۇقەددەس نەرسىلەرنى قەدىرلىمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى (يارىتىلىش 26:34، 35). ئۇ ھەقىقىي خۇداغا ئىبادەت قىلغان ئايالغا ئۆيلەنگەن ياقۇپتىن قانچىلىك پەرقلەنگەن! (يارىتىلىش 28:6، 7؛ 29:10—12، 18).
مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەقەلەردىن ئەيسانىڭ ئەجداتلىرى توغرىسىدا نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇنجى ئوغۇل بولغان بولسا، باشقىلىرى ئۇنداق بولمىغانىدى. يەھۇدىيلار بۇنى چۈشەنگەن ھەم ئېتىراپ قىلغان. بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ چۈنكى، ئۇلار مەسىھنىڭ يىشاينىڭ كەنجى ئوغلى داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىغا ئىشەنگەن (مەتتا 22:42).