خۇشاللىق — خۇدادىن كېلىدىغان خىسلەت
ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بەختلىك بولۇشنى خالايدۇ. ئەمما، بىز زامان ئاخىرىنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن» كۈنلىردە ياشاۋاتقاچ، ھەربىرىمىز ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز (تىموتىيغا 2-خەت 3:1). بەزى ئادەملەر ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقتىن، كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ياكى ئىشسىزلىق، قايغۇ-ھەسرەت ۋە باشقا قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى، غەم-ئەندىشىلەر ۋە دەرد-ئەلەملىرى ئۇرۇنغا سوزۇلۇپ خۇشاللىقىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. ھەتتا، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ، خۇشاللىقىدىن مەھرۇم بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بۇنداق ئەھۋالدا بولسىڭىز، قايتىدىن خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ھەقىقىي خۇشاللىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى ئادەملەرنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن خۇشاللىقىنى يۈتتۈرمىگەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئاندىن كېيىن، بىز خۇشاللىقىمىزنى ساقلاپلا قالماي، ئۇنى تېخمۇ ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.
خۇشاللىق دېگەن نېمە؟
كۆڭلى خۇش بولۇش بىلەن خۇشال-خۇراملىق ئارىسىدا پەرق بار. بۇ ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ: مەس ئادەم كۆپ كۈلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ ئەس-ھوشىغا كەلگەندە، كۈلكىسى يوقۇلۇپ كېتىدۇ. سەۋەبى، يەنىلا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشى كېرەك. شۇڭا، ئۇ ئازغىنە ۋاقىتلىق كۆڭۈل خۇشى قىلغىنى، بۇ ھەقىقىي خۇشال-خۇراملىق ئەمەس (پەندى-نەسىھەت 14:13).
خۇشاللىق — قانداقتۇ بىر ياخشى نەرسىگە ئېرىشكەندە ياكى ئۇنى كۈتكەندە پەيدا بولىدىغان قەلبتىكى خىسلەت. ئۇ ۋەزىيىتىمىزنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزۈمىزنى بەختلىك ھېس قىلىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 1:6). ئەمەلىيەتتە بەزى نەرسىلەر كۆڭلۈمىزنى يېرىم قىلىشى مۇمكىن. بىراق، قەلبىمىزدە بىز خۇشاللىقنى ساقلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، ئەلچىلەر ئەيسا ھەققىدە ۋەز قىلغانلىقى ئۈچۈن قامچىلانسىمۇ، ئۇلار «ئەيسانىڭ ئىسمى ئۈچۈن شەرمەندىلىك تارتقىنىغا خۇشال بولغاچ ئۇ يەردىن چىقىپ كەتتى» (ئەلچىلەر 5:41). ئۇلار قامچىلانغانلىقىغا ئەمەس، خۇداغا سادىق بولۇپ قالغانلىقىغا خۇشال بولغان.
خۇشاللىق تۇغما ياكى ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولىدىغان خىسلەت ئەمەس. نېە ئۈچۈن شۇنداق دېيەلەيمىز؟ سەۋەبى، ھەقىقىي خۇشاللىق — مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى ئارىسىدىكى بىرى. خۇدانىڭ روھى بىزگە خۇشاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «يېڭى شەخسكە» ئىگە بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:24؛ گالاتىلىقلارغا 5:22). خۇشاللىق مۇشۇ مېۋىنى يېتلىدۈرۈش ھاياتىمىزدا قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مىساللار
يەھۋا خۇدا، يەردە بىز بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈۋاتقان يامان ئىشلارنىڭ ئەمەس، ياخشى نەرسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىغان. بىراق، ئادەملەر رەزىل ئىشلارنى قىلسىمۇ، ئۇ خۇشاللىقىنى يوقاتمىدى. مۇقەددەس كىتابتا: «قۇدرەت بىلەن خۇشلۇق ئۇنىڭ ماكانىدىدۇر»،— دەپ يېزىلغان (تارىخنامە 1-يازما 16:27). بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يەھۋانىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 27:11).
ۋەزىيەت بىز ئويلىغاندەك بولمىسىمۇ، خۇشاللىقىمىزدىن ئايرىلمىساق، يەھۋانى ئۈلگە قىلىمىز. غەم-تەشۋىشكە بېرىلىشنىڭ ئورنىغا، قولۇمىزدا بار ياخشى نەرسىلەر ھەققىدە ئويلىنايلى ۋە كېلەچەكتە نەقەدەر ياخشى نەرسىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتەيلى * (ئىزاھاتقا قاراڭ).
يارىتىلىش 12:10—20؛ 14:8—16؛ 16:4، 5؛ 20:1—18؛ 21:8، 9). قانداقلارچە؟ ئۇ مەسىھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېڭى دۇنيادا ياشاش ئۈمىدى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلغان (يارىتىلىش 22:15—18؛ ئىبرانىيلارغا 11:10). ئەيسا: «ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپ، ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدى»،— دەپ ئېيتقان (يوھاننا 8:56). بىزمۇ كېلەچەكتە ئېرىشىدىغان خۇشاللىق ھەققىدە دائىم ئويلىنىدىغان بولساق، ئىبراھىمدىن ئۈلگە ئالىمىز (رىملىقلارغا 8:21).
مۇقەددەس كىتابتا قىيىنچىلىقلىرى كۆپ بولۇشىغا قارىماستىن، خۇشاللىقىنى ساقلاپ قالغان ئادەملەرنىڭ مىساللىرى كۆپ. ئىبراھىم پەيغەمبەر ھاياتى خەۋپ-خەتەر ئاستىدا بولسىمۇ ۋە باشقىلار سەۋەبلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، خۇشاللىقىنى يوقاتمىغانىدى (پاۋلۇس بىلەن سىلاسمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە قارىماستىن، ئېتىقادىنى مەھكەم ساقلىغان ۋە خۇشاللىقىنى ساقلاپ قالغانىدى. مەسىلەن، ئىككىسىنى قاتتىق قامچىلاپ زىندانغا تاشلىغاندا، ئۇلار «دۇئا قىلىپ، خۇدانى مەدھىيىلىدى» (ئەلچىلەر 16:23—25). خۇدانىڭ كېلەچەك ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرى ھەققىدە دائىم ئويلانغانلىقتىن، ئۇلار قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرالىغانىدى. شۇنداقلا، مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلغان. بىز خۇداغا سادىق خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ياخشى مېۋىلەرنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئويلانساق، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى ئۈلگە قىلىمىز (فىلىپپىلىقلارغا 1:12—14).
بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىگە قارىماستىن، خۇشاللىقىنى ساقلاپ قالغان قېرىنداشلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن، فىلىپپىندا 2013-يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا يۈز بەرگەن خاييان ناملىق شىددەتلىك بوران-چاپقۇندا 1000دىن كۆپرەك گۇۋاھچىلار ئائىلىسى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. تاكلوبان شەھىرىدە ياشايدىغان جورجنىڭ ئۆيى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۇچ كەلگەن بۇ بالايىئاپەتكە قارىماستىن، قېرىنداشلار بەك خۇشال-خۇرام. بۇ ھېس-تۇيغۇمىزنى سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈش قىيىن». يەھۋانىڭ بىزگە قىلغان ھەممە ياخشىلىقىنى يادىمىزدا تۇتۇپ، مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرسەك، ۋەزىيىتىمىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇشاللىقىمىزنى ساقلالايمىز. يەھۋا خۇشال-خۇرام بولۇشىمىزغا سەۋەب بولىدىغان يەنە قانداق سوۋغاتلارنى بېرىدۇ؟
خۇشال-خۇرام بولىشىمىزنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ
شاد-خۇرام بولۇشىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسىي سەۋەبى — يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز. بىز پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئېگىسىنى تونۇيمىز. ئۇ — بىزنىڭ ئاتىمىز، خۇدايىمىز ۋە دوستىمىز! (زەبۇر 71:17، 18).
بىز يەنە يەھۋانىڭ بىزگە ھايات بەرگەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىپ ياراتقانلىقىغا چەكسىز مىننەتدارمىز (ۋەز 3:12، 13). ئۇ بىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنى تونۇپ يېتىپ، قانداق ھايات كەچۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنىمۇ بىلىمىز (كولوسىلىقلارغا 1:9، 10). ئەمما، ئادەملەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. بۇ پەرقكە دىققەت قىلغان ئەلچى پاۋلۇس: ««خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە تەييارلاپ قويغىنىنى كۆزمۇ كۆرمىگەن، قۇلاقمۇ ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ يۈرىكىدە ئۇ نەرسىلەر تۇغۇلمىغان». بىزگە بولسا خۇدا بۇنى ئۆز روھى ئارقىلىق ئېچىپ بەردى»، دېگەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 2:9، 10). يەھۋانىڭ ئىرادىسى بىلەن نىيىتىنى چۈشەنگەنلىكىمىز بىزگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلىدۇ.
يەھۋا بىزگە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلدى. ئۇ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشىگە يول ئاچتى (يوھاننانىڭ 1-خېتى 2:12). پات-ئارىدا كېلىدىغان يېڭى دۇنيادا ياشاش ئۈمىدىنى بەردى (رىملىقلارغا 12:12). ھەتتا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇ بىزگە بىللە ئىبادەت قىلىدىغان دوستلارنى سوۋغات قىلدى (زەبۇر 133:1). شۇنداقلا ئۇ بىزنى شەيتان بىلەن ئۇنىڭ جىنلىرىدىن قوغدايدۇ (زەبۇر 91:11). ئەگەر بىز يەھۋانىڭ بۇ ئاجايىپ بەرىكەتلىرى ھەققىدە دائىم ئويلانساق، خۇشاللىقىمىز ئاشىدۇ (فىلىپپىلىقلارغا 4:4).
خۇشاللىقىمىزغا خۇشاللىق قوشۇشنىڭ يوللىرى
خۇشال بولۇۋاتقان مەسىھىي تېخىمۇ خۇشال بولالامدۇ؟ ئەيسا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭدا بولغان خۇشاللىقنى پۈتۈنلەي سېزىشىڭلار ئۈچۈن، بۇنى سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن» (يوھاننا 15:11). دېمەك، بىز ھەرقاچان خۇشاللىقىمىزنى ئاشۇرالايمىز. خۇشاللىقنى ئوت ياكى گۈلخان بىلەن سېلىشتۇرساق بولىدۇ. ئەگەر ئوتنىڭ يالقۇنلاپ، كۈچلۈكرەك كۆيۈشىنى خالىساق، ئۇنىڭغا كۆپرەك ئوتۇن سېلىشىمىز كېرەك. شاد-خۇرام بولۇشىمىزغا مۇقەددەس روھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇمايلى. شۇڭا، خۇشاللىقىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇئادا يەھۋادىن مۇقەددەس روھ سوراشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ھەمدە مۇقەددەس روھنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا يېزىلغان خۇدا سۆزىدىن ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك (زەبۇر 1:1، 2؛ لۇقا 11:13).
تېخىمۇ خۇشال بولۇشنىڭ يەنە بىر يولى — يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلار بىلەن بەنت بولۇش (زەبۇر 35:27؛ 112:1). نېمە ئۈچۈن؟ مۇقەددەس كىتابتا ئىنسانىيەتنىڭ قانداق مەقسەت بىلەن يارىتىلغانلىقى مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: «خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ ھەممە مەجبۇرىيىتىدۇر» (ۋەز 12:13). بىز خۇدانىڭ نىيىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن يارىتىلغان. شۇڭا، يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان بولساق، ھاياتىمىزدىن ھەقىقەتەن بەھرىلىنىمىز * (ئىزاھاتقا قاراڭ).
خۇشاللىقنىڭ پايدىسى
خۇشاللىقىمىز ئاشقانسىرى، بىز بۇنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، داۋاملىق خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلغاندا، يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىمىز (تەكرار قانۇن 16:15؛ سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:16—18). شۇنداقلا بىز ھەقىقىي خۇشاللىققا ئىگە بولغانلىقتىن، مال-مۈلۈك يىغىش ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە دەپ ھېسابلىمايمىز. ئەكسىچە، خۇدا پادىشاھلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قۇربانلىق بېرىشكە تىرىشىمىز (مەتتا 13:44). يەھۋاغا كۆپرەك بېرىشنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى كۆرگەندە، قىن-قىنىمىزغا پاتماي، ئۆز-ئۆزۈمىزدىن مەمنۇن بولۇپ، باشقىلارنىمۇ خۇرسەن قىلىمىز (ئەلچىلەر 20:35؛ فىلىپپىلىقلارغا 1:3—5).
بۇنىڭدىن باشقا، خۇشاللىقىمىز ئاشقانسىرى، سالامەتلىكىمىز ياخشىراق بولىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا: «شاتلىق كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر»،— دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 17:22). قوشما شتاتلاردىكى نېبراسكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىش قىلغان تەتقىقاتچى مۇقەددەس كىتابقا ماس كېلىدىغان سۆزلەرنى ئېيتقانىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىر ھاياتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى بەختلىك ۋە قانائەتچان ھېس قىلسىڭىز، كېلەچەكتە سالامەتلىكىڭىز تېخىمۇ ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن».
خۇلاسە چىقارساق، ئالاھىدە قىيىن ۋاقىتلاردا ياشىساقمۇ، ھەقىقىي خۇشاللىققا ئىگە بولالايمىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە خۇدا سۆزىدىن ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق مۇقەددەس روھقا ئېرىشىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەھۋانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئېتىقادنى ئۈلگە قىلىشىمىز ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدا بىز: «ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىپ، ئۇنىڭغا تايىنىدۇ»،— دېگەن ھەقىقەت سۆزىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايمىز (زەبۇر 64:10).
^ 10-ئابزاس «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ كېيىنكىسىدە سەۋرچانلىق ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىمىز.
^ 20-ئابزاس كۆپرەك خۇرسەنلىككە ئېرىشىشنىڭ يەنە قانداق ئۇسۇللىرى بار ئىكەنلىكىنى « خۇشاللىقنى ئاشۇرۇشنىڭ قوشۇمچە ئۇسۇللىرى» ناملىق رامكىدىن بىلەلەيسىز.