ئاتا-ئانىلار، بالاڭلارغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار بولۇشقا ياردەم بېرىۋاتامسىلەر؟
«ئەمدى نېمىشقا ئالدىرىمايسەن؟ تۇر،... چۆمدۈرۈلۈپ گۇنالىرىڭنى يۇي» (ئەلچىلەر 22:16).
ناخشىلار: 7، 11
1. بالىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال، ئېتىقادچى ئاتا-ئانىلار نېمىگە كۆز يەتكۈزۈشنى خالايدۇ؟
«ئاتا-ئانامغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالايدىغانلىقىمنى نەچچە ئايدىن بېرى ئېيتىپ يۈردۇم. ئۇلار مېنىڭ بىلەن بۇ ھەققىدە پات-پات سۆزلىشەتتى. چۈنكى، بۇنىڭ قانچىلىك مۇھىم قارار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنلىكىمنى جەزملەشتۈرۈشنى خالىغانىدى. شۇنداق قىلىپ، 1934-يىل 31-دېكابىر كۈنى مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەمنى باستىم». بلوسسوم براندت قېرىندىشىمىز چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنى قارار قىلغىنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى شۇنداق تەسۋىرلىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا توغرا قارارلارنى قىلىشقا ياردەم بەرگۈسى كېلىدۇ. ئەگەر بالا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى سەۋەبسىز كەينىگە سۈرسە، بۇ ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن (ياقۇپ 4:17). بالىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال، زېرەك ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىدۇ.
2. ئا) بەزى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار نېمىنى بايقىغان؟ ئە) بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 بەزى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار 20 ياش ئەتراپىدىكى
ياشلارنىڭ ھەقىقەتنى كىچىكىدىن بىلسىمۇ، تېخى چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەنلىكىنى بايقىغان. ئادەتتە ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارىدۇ، ۋەز قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ ھېسابلايدۇ. لېكىن، قانداقتۇ بىر سەۋەب تۈپەيلى ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەن. بەزى چاغلاردا بۇنىڭغا ئاتا-ئانىسى سەۋەب بولغان. ئۇلار بالىسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تېخى تەييار ئەمەس دەپ ئويلايدۇ. بۇ ماقالىدە بىز ئاتا-ئانىغا بالىسىنى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان تۆت نوقتىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.بالام تېخى كىچىكمۇ؟
3. بلوسسومنىڭ ئاتا-ئانىسى نېمە ھەققىدە ئەنسىرىگەن؟
3 بىرىنچى ئابزاستا تىلغا ئېلىنغان بلوسسومنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىمىز چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە قانچىلىك جىددىي قارار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېخى كىچىك دەپ ئەنسىرىگەن. ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاشقا تەييار بولغانلىقىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟
4. مەتتا 28:19، 20دىكى ئەيسانىڭ تەلىمى ئاتا-ئانىلارغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
4 مەتتا 28:19، 20نى ئوقۇڭ. مۇقەددەس كىتابتا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئېنىق نەچچە ياشتا ئۆتۈش كېرەكلىكى يېزىلمىغان. لېكىن، ئاتا-ئانىلار شاگىرت يېتىشتۈرۈشنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ياخشى ئويلىنىشى كېرەك. مەتتا 28:19دىكى شاگىرت يېتىشتۈرۈش دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا بىرسىگە شاگىرت بولۇشقا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە تەلىم بېرىشنى بىلدۈرىدۇ. شاگىرت — ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ھەم ئەيساغا بويسۇنۇشنى خالايدىغان ئادەم. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا-ئانا بالىلىرىغا تۇغۇلغاندىن باشلاپ تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىشىغا ھەم ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بوۋاقلار چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە تەييار بولالمايدۇ. ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيدۇ ۋە ياخشى كۆرەلەيدۇ.
5، 6. ئا) مۇقەددەس كىتابتا تىموتىي ھەققىدە يېزىلغان سۆزلەردىن ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى توغرىسىدا قانداق خۇلاسە قىلالايمىز؟ ئە) ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5 تىموتىي ياش چېغىدىن باشلاپ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغان شاگىرت. ئەلچى پاۋلۇس تىموتىينىڭ خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەتنى «بوۋاق چېغىدىن» ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. تىموتىينىڭ دادىسى يەھۋاغا ئىشەنمىگەن. لېكىن، ئانىسى ۋە مومىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ خۇدا سۆزىنى ياخشى كۆرگەن. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئېتىقادى بەك كۈچلۈك بولغانىدى (تىموتىيغا 2-خەت 1:5؛ 3:14، 15). تىموتىي تەخمىنەن 20 ياشلاردا، جامائەتتە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن، ھەتتا ئۇنىڭغا ئالاھىدە ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان (ئەلچىلەر 16:1—3).
6 بەش قول بىرى-بىرىدىن پەرق قىلغاندەك، بالىلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى روھىي جەھەتتە ئوخشاش يېتىلمەيدۇ. بەزى بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ، دانا قارارلارنى چىقىرىدۇ ۋە ياش چېغىدا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنى خالايدۇ. يەنە بەزىلىرىگە بولسا، كۆپرەك ۋاقىت كېرەك. دانا ئاتا-ئانا بالىلارغا بېسىم قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار ھەربىر بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ماس روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. بالىلار پەندى-نەسىھەت 27:11دىكى (ئوقۇڭ) سۆزلەرنى قوللانغاندا، ئاتا-ئانىسى خۇشال بولىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بالىلىرىنىڭ شاگىرت بولۇشقا ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. ئاتا-ئانا بۇنى ئەستە تۇتۇپ، ئۆزىدىن: «بالامنىڭ خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلىشى ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن يېتەرلىك بىلىمى بارمۇ؟—دەپ سورىشى كېرەك.
بالامنىڭ يېتەرلىك بىلىمى بارمۇ؟
7. بىرسى ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال، مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەربىر تەلىماتىنى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە بىلىشى شەرتمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
7 ئاتا-ئانا بالىلىرىنى ئۆگەتكەندە، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ياخشى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇ بىلىم بالىلارنى خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا دەۋەت قىلىدۇ. لېكىن، بالىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىشىدىن ئاۋۋال، مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەربىر تەلىماتىنى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە بىلىشى شەرت ئەمەس. مەسىھنىڭ ھەربىر شاگىرتى چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ بىلىم ئېلىشنى توختاتماسلىقى كېرەك (كولوسىلىقلارغا 1:9، 10نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، بىر ئادەم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن قانچىلىك بىلىم ئېلىشى كېرەك؟
8، 9. فىلىپىدىكى تۈرمە باشلىقى قانداق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بۇ ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
8 بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان بىر ئائىلىنىڭ ۋەقەسى بۈگۈنكى ئائىلىلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ (ئەلچىلەر 16:25—33). مىلادى 50-يىلى ئەلچى پاۋلۇس ئىككىنچى قېتىم ۋەز قىلىش سەپىرى بىلەن فىلىپى شەھىرىگە كەلگەن. شۇ يەردە بولغاندا، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى يالغان ئەيىبلەپ، تۇتۇۋېلىپ تۈرمىگە تاشلىغانىدى. شۇ كېچىسى يەر قاتتىق تەۋرەپ، تۈرمىنىڭ بارلىق ئىشىكلىرى ئېچىلىپ كەتتى. تۈرمە باشلىقى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغانىدى. ئەمما، پاۋلۇس ئۇنى توختاتقان. كېيىن، پاۋلۇس بىلەن سىلاس تۈرمە باشلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەيسا توغرىسىدا ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن. ئۇلار ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، ئۇلار دەرھال چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنىدى. بۇ ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9 تۈرمە باشلىقى بەلكىم ئىلگىرى رىم ئەسكىرى بولغان. شۇڭا، ئۇ خۇدا سۆزىنى چۈشەنمىگەن. ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشى ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى بىلىشى، يەھۋا خىزمەتچىلىرىدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى ۋە ئەيسانىڭ تەلىملىرىگە بويسۇنۇشقا تەييار بولۇشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئالغان بىلىمى ئۇنى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە دەۋەت قىلغان. ئەلۋەتتە، ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بىلىم ئېلىشى لازىم ئىدى. ئەگەر بالىڭىز يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى خالىغانلىقتىن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى خالىسا، نېمە قىلالايسىز؟ بالىڭىز ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك دەپ قارار قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلار بالىڭىزنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار ياكى تەييار ئەمەس ئىكەنلىكىنى قارار قىلالايدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ). چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئوخشاش، بالىڭىزمۇ يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەتتا مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ (رىملىقلارغا 11:33، 34).
بالام ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىلىم قانداق؟
10، 11. ئا) بەزى ئاتا-ئانىلار قانداق كۆزقاراشتا؟ ئە) بالا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھىمايە نېمە؟
10 بەزى ئاتا-ئانا بالىسى ئالىي بىلىم ئېلىپ، مۇقىم بىر ئىشقا كىرىۋالغاندىن ۋەز 12:1نى ئوقۇڭ).
كېيىن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتسە ياخشى دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانا ياخشى نىيەت بىلەن شۇنداق ئوي-خىيالدا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۇلار ئۆزىدىن: «بۇ ئارقىلىق بالا ھەقىقىي مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشەلەمدۇ؟ بۇنداق ئوي-پىكىر مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆزقاراشلىرىغا ماس كېلەمدۇ؟ يەھۋا خۇدا ئۆمرىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ؟»— دەپ سورىشى لازىم (11 بۇ دۇنيا ۋە بۇ دۇنياغا تەئەللۇق بارلىق نەرسىلەر يەھۋانىڭ كۆز-قاراشلىرى ۋە ئىرادىسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇش مۇھىم (ياقۇپ 4:7، 8؛ يوھاننانىڭ 1-خېتى 2:15—17؛ 5:19). بالا يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغاندىلا، شەيتان ۋە بۇ رەزىل دۇنياغا قارشى تۇرۇپ، خاتا كۆزقاراشلاردىن ئۆزىنى ھىمايە قىلالايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا ئالىي بىلىم ئېلىشنى ۋە يۇقىرى مائاشلىق ئىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويسا، بالىلىرى بۇ دۇنيادىكى نەرسىلەر يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن مۇھىمراق دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك. مۇۋەپپەقيەت ھەققىدە بۇ دۇنيا بالىلارغا ئۆز كۆزقارىشىنى سىڭدۈرۈشىنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغان مېھرىبان ئاتا-ئانىلار راستىنلا خالامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، يەھۋانى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە مۇۋەپپەقيەت ئېرىشىشىمىزنىڭ بىردىن-بىر يولى (زەبۇر 1:2، 3نى ئوقۇڭ).
بالام گۇناھ قىلىپ قويسىچۇ؟
12. نېمە ئۈچۈن بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتمەي تۇرۇشىنى توغرا دەپ ئويلايدۇ؟
12 بىر ئانا قىزىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىنى خالىمىغانلىقىنىڭ سەۋبىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ: «بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى جامائەتتىن ھەيدىلىش چارىسى ئىدى»،— دەپ ئېتىراپ قىلدى. بۇ قېرىنداشقا ئوخشاش، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ياشلىق قىلىپ ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمەي تورسا ياخشىراق، دەپ قارايدۇ (يارىتىلىش 8:21؛ پەندى-نەسىھەت 22:15). ئۇلار بالام چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىسە، جامائەتتىن چىقىرىلمايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. نېمە ئۈچۈن مۇنداق كۆزقاراشتا بولۇش خاتا؟ (ياقۇپ 1:22).
13. بىرسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ۋاقتىنچە ئۆتمىسە، ئۇنىڭ يەھۋانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىقى يوق بولامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
ياقۇپ 4:17نى ئوقۇڭ). دانا ئاتا-ئانا بالىسىنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىنرەك ئۆتۈشكە دەۋەت قىلمايدۇ. ئۇلار بالىسىغا كىچىكىدىن تارتىپ، يەھۋانىڭ نەزىرىدە توغرا دەپ سانالغان ئىشلارنى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ناتوغرا دەپ سانالغان ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىتىدۇ (لۇقا 6:40). بالىڭىزنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئۇنى ئېغىر گۇناھ قىلىشتىن ساقلايدۇ. چۈنكى، ئۇ يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا بولغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ (يەشايا 35:8).
13 ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا تەييار بولماي تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ. ئەمما، بالا چۆمۈلدۈرۈلمىسە، يەھۋانىڭ ئالدىدا جاۋابقا تارتىلمايدۇ، دەپ ئويلاش ناتوغرا. بالا يەھۋانىڭ ياخشى بىلەن يامانغا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن باشلاپ، خۇدانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىقى بولىدۇ (باشقىلارمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ
14. ئاقساقاللار ئاتا-ئانىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 ئاقساقاللار روھىي مەقسەتلەر ھەققىدە ئىجابىي گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ. 70 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىق تۈردە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ قېرىنداش راسسېل بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئەسلىدى. شۇ چاغدا ئۇ پەقەت ئالتە ياشتا بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مېنىڭ بىلەن روھىي مەقسەتلىرىم توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن 15 مىنۇت ۋاقتىنى چىقارغان». راستىنلا، ئىجابىي ۋە تەسەللىي بېرىدىغان سۆزلەر ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن (پەندى-نەسىھەت 25:11). شۇنداقلا ئاقساقاللار، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلىرىنى بىرگە يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان جايلارنى تازلاپ ئاسراش دېگەندەك ھەرخىل ئىشلارغا تەكلىپ قىلسا ھەمدە بالىلارغا يېشىغا ۋە قابىلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاپشۇرسانى قىلسا بولىدۇ.
15. جامائەتتىكى باشقا قېرىنداشلار ياشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 جامائەتتىكى باشقا قېرىنداشلار ياشلارغا، زەبۇر 35:18).
بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئۆسۈش ئەھۋالىغا قانداق كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ؟ مەسىلەن، ياشلارنىڭ شەخسىي تەتقىق قىلىش ئەھۋالى كۆزۈتۈڭ. ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىدا جاۋاب بەردىمۇ؟ ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى يىغىلىشلاردا تاپشۇرۇقنى ئوروندىدىمۇ؟ مەكتەپتە باشقىلارغا گۇۋاھلىق بەردىمۇ؟ ياكى بولمىسا، يامانلىق قىلىشقا ئازدۇرۇلغاندا، توغرا ھەرىكەت قىلدىمۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسا، ئۇلارنى سەمىمىي ماختاشقا ئالدىراڭ! يىغىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ياشلار بىلەن سۆزلىشىشكە ۋاقىت چىقىرىڭ. شۇ چاغدا بالىلار ئۆزلىرىنىڭ «زور جامائەتنىڭ» بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ (بالىڭىزغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار بولۇشقا ياردەملىشىڭ
16، 17. ئا) چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنىڭ شۇ كىشىنىڭ كەلگۈسى بىلەن قانداق مۇناسۋىتى بار؟ ئە) مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئاتا-ئانا قانداق خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
16 بالىغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىش — ئاتا-ئانىغا بېرىلگەن زور شان-شەرەپ (زەبۇر 127:3؛ ئەفەسلىكلەرگە 6:4). ئىسرائىل خەلقىدە بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپلا يەھۋاغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقى ھېسابلانغانىدى. لېكىن، بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ يەھۋانى ۋە ھەقىقەتنى ياخشى كۆرگىنى بالىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئاتا-ئانا بالىسى تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئۇنى شاگىرت قىلىپ يېتىشتۈرۈش، يەنى خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشنى پىلانلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن مۇھىم ئىش بارمۇ؟! ئادەم خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈپ، يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلسا، بۈيۈك بالايىئاپەت پەيتىدە ئامان قالالايدۇ (مەتتا 24:13).
17 بلوسسوم براندت قېرىنداش چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تەييار بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشنى خالىغانىدى. ئۇلار قىزىنىڭ تەييار بولغانلقىغا ئىشەنچ قىلغاندا ئۇنىڭ قارارىنى قوللىغان. بلوسسوم قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى دادام ھەممىمىزنى جەم قىلدى، بىز يەھۋا خۇداغا تىزلىنىپ دۇئا قىلدۇق. دادام كىچىك قىزىنىڭ ئۆز ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلغىنىغا ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى». 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بلوسسوم قېرىنداش: «مەن بۇ كەچنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن!»— دېدى. ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلار يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن خىزمەتچلەر بولغاندا، سىلەرنىڭمۇ خۇشاللىق ۋە قانائەتكە ئېرىشىشىڭلارنى تىلەيمىز!
^ 9-ئابزاس ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن بۇ پايدىلىق مەلۇماتلارنى مۇھاكىمە قىلسا بولىدۇ: «ياشلارنىڭ سوئاللىرى. ئەمەلىي مەسلىھەتلەر» (باشقا تىللاردا)، 2-توم، 304—310 بەتلەر؛ «ۋەز خىزمىتىمىز» (باشقا تىللاردا)، 2011-يىل، ئاپرېل، 2-بەت، «ۋەز ئېتقۇچىلارنىڭ سوئاللىرى».