تۈزىتىش — يەھۋا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ئىسپاتى
«يەھۋا كىمنى سۆيسە، شۇنىڭغا تەربىيە بېرىدۇ» (ئىبرانىيلارغا 12:6).
ناخشىلار: 43، 20
1. مۇقەددەس كىتابتا تەربىيە بېرىش قانداق تەسۋىرلەنگەن؟
«تەربىيە» ياكى «ئەدەبلەش» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا، ئوي-خىيالىڭىزغا نېمە كېلىدۇ؟ بەلكىم، دەرھاللا ئەدەبلەپ جازا بېرىشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرەرسىز، لېكىن تەربىيە بېرىش كۆپرەك نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا، تەربىيە سۆزى ئىشلىتگەندە، ئۇ بىلىم، دانالىق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ھاياتلىق دېگەن سۆزلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغانىدى. شۇنداقلا، ئۇنىڭدا نەسىھەتنىڭ ئۆزۈمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 1:2—7؛ 4:11—13). سەۋەبى، خۇدانىڭ نەسىھەت بېرىشى بىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ۋە مەڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئىبرانىيلارغا 12:6). يەھۋا خۇدا بىزگە تەربىيە بېرىش ئۈچۈن بەزىدە ئەدەبلەپ جازالىشى مۇمكىن، بىراق ھېچقاچان ۋەھشىيلىك ياكى زالىملىق بىلەن جازالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە «ئەدەبلەش» سۆزىنىڭ ئاساسىي مەنىسى نەسىھەت بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئاتا-ئانىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىگە بېرىدىغان تەلىم-تەربىيەگە ئوخشايدۇ.
2، 3. تەربىيە بېرىش نېمە ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش ۋە ئەدەبلەپ جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
2 بىر مىسالنى قاراپ چىقايلى. جون ئىسىملىك كىچىك بالا ئۆيدە توپ ئويناۋاتىدۇ. ئاپىسى جونغا نەسىھەت قىلىپ: «بالام، ئۆيدە توپ ئويناشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ! بىر نەرسىلەرنى چېقىپ قويىسەن!»— دەيدۇ.
لېكىن، ئۇ ئاپىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي داۋاملىق ئويناۋەردى. بىر چاغدا توپ لوڭقىغا تەگدى ۋە ئۇ يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى. ئانىسى جونغا تەربىيىلەپ تۈزىتىش ئۈچۈن نېمە قىلدى؟ ئانىسى جونغا تەربىيە بېرىش ئۈچۈن، يەنە ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىغا بويسۇنۇشى ئۆزىگە ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆيدە قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ بولۇشى پايدىلىق ۋە ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىنى خالايدۇ. جوننىڭ بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى ئۈچۈن، ئاپىسى ئۇنى ئەدەبلەپ توپىنى ۋاقتىنچە ئويناشقا بەرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. بۇ جونغا ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلماسلىق، قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىشى مۇمكىن.3 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە بىز خۇدا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى (تىموتىيغا 1-خەت 3:15). ئاتىمىز يەھۋانىڭ نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنمىساق بىزنى ئەدەبلەپ جازالاش ھوقۇقى بار. ئەگەر ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاقىۋېتى يامان بولسا، يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئەدەبلەپ تۈزىتىشى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىققا ياردەم بېرىدۇ (گالاتىلىقلارغا 6:7). خۇدا بىزنى قاتتىق ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئازاپ چېكىشىمىزنى خالىمايدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:6، 7).
4. ئا) يەھۋا قانداق تەلىم بېرىشنى بەرىكەتلەيدۇ؟ ئە) بۇ ماقالىدە بىز نېمە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 بىز بالىغا ياكى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئادەمگە خۇدا سۆزىگە ئاساسلىنىپ مەسلىھەت بەرگەندە، ئۇلارغا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشقا ياردەم بېرىمىز. بىز مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ، تەتقىق قىلغۇچىلارغا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىمىز ۋە ئەيسا «بۇيرىغان بارلىق نەرسىلەرنى» چۈشىنىشكە ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە ياردەملىشىمىز (مەتتا 28:19، 20؛ تىموتىيغا 2-خەت 3:16). يەھۋا ھەم بىزنى بەرىكەتلەپ، مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگۈچىلەرگە قانداق تەلىم بېرىش ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرىشىمىزگە يار-يۆلەك بولىدۇ (تىتقا 2:11—14نى ئوقۇڭ). ھازىر، بۇ ماقالىدە ئۈچ مۇھىم سوئالنى مۇھاكىمە قىلايلى: 1) خۇدانىڭ تەربىيە بېرىشى، ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟ 2) خۇدا ئەدەبلەپ تۈزەتكەن ئادەملەرنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ 3) بىرسىگە نەىسھەت بېرىپ تۈزەتكەندە، يەھۋانى ۋە ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
خۇدا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئەدەبلەپ تۈزىتىدۇ
5. تەربىيە بېرىپ تۈزىتىش قانداق ئۇسۇلدا يەھۋانىڭ بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؟
5 يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىدۇ، تەلىم بېرىدۇ ۋە تەربىيىلەيدۇ. بىزنىڭ ئۆزى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىزنى ۋە مەڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدۇ (يوھاننانىڭ 1-خېتى 4:16). يەھۋا ھەرگىزمۇ بىزنى كەمسىتمەيدۇ ۋە خورلاپ ئۆزۈمىزنى ھېچ نېمىگە ئەرزىمەستەك ھېس قىلدۇرمايدۇ (پەندى-نەسىھەت 12:18). ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزگە ئىززەت-ھۆرمەت بەرگەن، ئۇ ئېسىل پەزىلەتلىرىمىزگە دىققەت قىلىدۇ ۋە تاللاش ئەركىنلىكىمىزنى ھۆرمەتلەيدۇ. يەھۋا سىزنى مۇقەددەس كىتاب، كىتاب-ماتېرىياللار، ئاتا-ئانىڭىز ۋە ئاقساقاللار ئارقىلىق تەربىيە بېرىپ تۈزەتكەندە، بۇنى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارامسىز؟ بىز ئۆزىمىزمۇ سېزىپ سەزمەي روھىي جەھەتتە يولدىن چەتنەپ كېتىۋاتقاندا، ئاقساقاللار بىزگە مۇلايىملىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ (گالاتىلىقلارغا 6:1).
6. ئەدەبلەپ تۈزىتىشنىڭ نەتىجىسىدە ئادەم جامائەتتىكى ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلسىمۇ، بۇ يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؟
6 بەزىدە ئەدەبلەش پەقەت نەسىھەت ياكى مەسلىھەت بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەگەر جامائەتتە بىرى ئېغىر گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇ ئەمدى بەزى ۋەزىپىلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىش شان-شەرىپىدىن ئايرىلىدۇ. ھەتتا، بۇنداق ۋەزىيەتتە ھەم ئەدەبلەپ تۈزىتىش يەھۋانىڭ شۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئېلىپ شان-شەرىپىدىن ئايرىلىش، مەسىلەن ئۇ كىشىنىڭ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىش ۋە دۇئا قىلىشقا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ (زەبۇر 19:7). ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇ قايتىدىن ۋەزىپىلەرنى زېممىسىگە ئېلىشى مۇمكىن. ھەتتا، بىرى جامائەتتىن ھەيدەلگەن بولسىمۇ، بۇ يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. چۈنكى، بۇ ئارقىلىق يەھۋا جامائەتنى يامان تەسىردىن ھىمايە قىلىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 5:6، 7، 11). خۇدانىڭ ئەدەبلەپ تۈزىتىشى ھەرقاچان ئادىل بولغانلىقتىن، بۇ جامائەتتىن چىقىرىلغان ئادەمگە ئۆز گۇناھىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەپ بېرىپ، ئۇنى قىلغانلىرىغا توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن (ئەلچىلەر 3:19).
يەھۋانىڭ تۈزىتىشى بىزگە پايدا ئەكېلىدۇ
7. شەبنا دېگەن كىم ۋە ئۇ قانداق يامان ئىللەتنى يېتىلدۈرگەن؟
7 ئەدەبلەپ تۈزىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، يەھۋا تۈزەتكەن ئىككى ئادەمنىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى. بىرىنچىسى — ھەزەقىيا پادىشاھنىڭ زامانىدا ياشىغان شەبنا ئىسىملىك ئىسرائىللىق كىشى. ئىككىنچىسى — بىزنىڭ كۈنىمىزدە ياشاۋاتقان گراھام بۇرادىرىمىز. شەبنا ھەزەقىيا پادىشاھنىڭ سارىيىدا «ئوردىنى باشقۇرغان» ۋە يەشايا 22:15). ئەمما، ئۇ مەغرۇرلىنىپ، ئۆزىگە شان-شۆھرەت ئىزدەشكە باشلىغان. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ھەشەمەتلىك قەبرە ياسىتىپ، «ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋۇلىرىدا» يۈرگەن (يەشايا 22:16—18).
چوڭ ئابرويغا ئىگە بولغان (8. يەھۋا خۇدا شەبنانى قانداق ئەدەبلەپ تۈزەتكەنىدى ۋە نەتجىدە نېمە بولدى؟
8 شەبنا داڭلىق ئادەم بولۇشقا ئىنتىلگەنلىكتىن، خۇدا ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىپ، ئېلىئاكىم دېگەن كىشىگە بەرگەن (يەشايا 22:19—21). بۇ ۋەقە ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب يېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا يۈز بەرگەن. كېيىنرەك، سانخېرىب ھەيۋە قىلىپ يەھۇدىيلارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈش ۋە ھەزەقىيا پادىشاھنى باش ئېگىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن قوشۇنلىرىنى ئەۋەتكەنىدى (پادىشاھلار 2-يازما 18:17—25). شۇ چاغدا، ھەزەقىيا ئۇلار بىلەن سۆھپەتلىشىشكە ئېلىئاكىم بىلەن يەنە ئىككى ئادەمنى ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ بىرى شەبنا بولغان. ئەمدى ئۇ كاتىپ بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەبنا شۇ ئۆزى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدە بولغان ئۆزگىش ئۈچۈن خاپا بولمىغان ياكى نارازىلىق بىلدۈرمىگەن. بىراق، ئۇ كەمتەرلىكنى ئۆگىنىپ، دەرىجىسى تۆۋەنرەك خىزمەتنى قىلىشقا تەييار بولغان. شەبنانىڭ ئۈلگىسىدىن بىز ئۈچ نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز.
9—11. ئا) شەبنانىڭ ۋەقەسىدىن قانداق مۇھىم نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئە) يەھۋانىڭ شەبناغا قىلغان مۇئامىسلىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
9 بىرىنچىدىن، شەبنانىڭ ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى «مەغرۇرلۇق ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال كېلىدىغانلىقىنى» كۆرسىتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 16:18). جامائەتتە ئالاھىدە ۋەزىپىلىرىمىز بولسا، باشقىلار بىزنى ھۆرمەتلەپ مۇھىم دەپ قارىسا، بىز كەمتەرلىكنى ساقلايمىزمۇ؟ بىزدە بولغان ھەر تۈرلۈك قابىلىيەتلەر ۋە ياخشى نەرسىلەرنىڭ يەھۋا خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 4:7). ئەلچى پاۋلۇس: «ھەربىرىڭلارغا ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلىماڭلار، بەلكى... ساغلام پىكىرلىكنى ساقلاشنى ئويلاڭلار»،— دەپ ئاگاھلاندۇرغان (رىملىقلارغا 12:3).
10 ئىككىنچىدىن، يەھۋا شەبنانى قاتتىق تەنقىت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ شەبنانىڭ ئۆزگۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 3:11، 12). بۈگۈنكى كۈندە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلار بۇنىڭدىن ياخشى ساۋاق ئالالايدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا بولغانلار ئاچچىقلىنىپ، رەنجىپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا، يەھۋاغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەدەبلەپ تۈزىتىشنى يەھۋانىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ بىزنى تاشلىمايدىغانلىقى، بولۇپمۇ كەمتەر بولساق، مەڭگۈ بەرىكەتلەيدىغانلىقىنى ئەستە تۇتايلى (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:6، 7نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ قولىدا يۇمشاق سېغىز لايدەك بولساق، ئۇ بىزنى تەربىيىلەپ تۈزىتىپ، چىرايلىق شەكىلگە كەلتۈرىدۇ.
11 ئۈچىنچىدىن، يەھۋانىڭ شەبناغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئەدەبلەپ تۈزىتىش ھوقۇقى بولغانلار ھەم ئۈلگە ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئېتىقادچى ئاتا-ئانىلار ۋە جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى مۇھىم نەرسىنى ئۆگىنەلەيدۇ. يەھۋانىڭ تەربىيە بېرىپ تۈزىتىشى ئۇنىڭ يامانلىقنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقى، ئەمما يامانلىق قىلغان گۇناھكارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرستىپ بېرىدۇ. يەھۋا ئادەملەرنىك ياخشى پەزىلەتلىرىگە دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانا ياكى ئاقساقال بولسىڭىز، يەھۋانىڭ تەربىيە بېرىپ تۈزىتىش ئۇسۇلىنى چوقۇم ئۈلگە قىلامسىز؟ (يەھۇدا 22، 23).
12—14. ئا) بەزىلەر يەھۋانىڭ تەربىيە بېرىپ تۈزىتىشىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ ئە) خۇدا سۆزى بىر بۇرادەرنىڭ كۆزقارىشىنى تۈزىتىشىگە قانداق ياردەم بەرگەنىدى ۋە نەتىجىدە نېمە بولدى؟
12 بەك ئەپسۇسكى، بەزى ئادەملەر تەربىيە بېرىپ تۈزەتكەندە خاپا بولۇپ ۋە خۇدادىن يىراقلىشىپ، ھەتتا جامائەتتىن كېتىدۇ (ئىبرانىيلارغا 3:12، 13). بۇ ئەمدى ئۇلارغا ھېچكىم ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! مەسىلەن، گراھام بۇرادەرنى ئالايلى. ئۇ جامائەتتىن ھەيدىلىپ، كېيىن قايتىدىن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولىدۇ. ئەمما، ئۇ كېيىن ۋەز خىزمىتىگە ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغىمۇ قاتناشماي يۈرىدۇ. بىر ئاقساقال ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئاخىرىدا، گراھام ئۆزى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى سورىغانىدى.
13 شۇ ئاقساقال مۇنداق دېدى: «گراھام تەكەببۇر بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ جامائەتتىن ھەيدەلىشى ئۈچۈن قارار چىقىرىشقا قاتناشقان ئاقساقاللارنى تەنقىت قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇڭا، بىز بىرنەچچە قېتىم تەتقىق ئېلىپ بارغاندا تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئايەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق. گراھام خۇدا سۆزىدىن ئىبارەت بۇ ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ قىياپىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئۆزۈنى ياقتۇرمىدى! بۇ ئاجايىپ نەتىجە ئېلىپ كەلدى! ئۇ تەكەببۇرلۇق دېگەن «لىمنىڭ» كۆزىنى يېپىۋالغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ياخشى تەرەپكە تېزراق ئۆزگىرىشكە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ يىغىلىشلارغا مۇنتىزىم قاتنىشىپ، خۇدا سۆزىنى پۇختا تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، ھەر كۈنى دۇئا قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن، گراھام ئائىلە بېشى سۈپىتىدە روھىي ئىشلارنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ، ئايالى بىلەن بالىلىرىغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلدى» (لۇقا 6:41، 42؛ ياقۇپ 1:23—25).
14 بۇ ئاقساقال يەنە مۇنداق دېدى: «بىر كۈنى گراھامنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى قەلبىمگە بەك تەسىر قىلدى. «ھەقىقەتنى بىلگىنىمگە كۆپ يىل بولدى، ھەتتا پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپمۇ خىزمەت قىلدىم. بىراق، پەقەت ھازىر يەھۋانى ياخشى كۆرىمەن، دەپ ھەقىقىي ئېيتالايمەن»،— دېدى ئۇ». بىراز ۋاقىتتىن كېيىن، گراھام جامائەتتە مىكروفوننى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى قىلىشقا تەيىنلەندى. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئاقساقال شۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقەدىن شۇنى چۈشەندىمكى، ئادەم خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا، تەنبىھ ۋە تۈزىتىشنى قوبۇل قىلسا، مول بەرىكەتكە ئېرىشىدۇ!»
باشقىلارنى تۈزەتكەندە يەھۋا ۋە ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىڭ
15. نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىش ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
15 ياخشى مۇئەللىم بولۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇشىمىز كېرەك (تىموتىيغا 1-خەت 4:15، 16). شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا سىزنى باشقىلارغا نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىش ئۈچۈن ئىشلەتسە، سىز كەمتەر بولۇپ، ھاياتىڭىزدا يەھۋانىڭ رەھبەرلىكىگە تايىنىشىڭىز مۇھىم. كەمتەر ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرگەندە، باشقىلارنىڭ سىزنى ھۆرمەتلەپ، نەسىھەتلىرىڭىزگە قۇلاق سېلىشى ئاسانراق بولىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنەلەيمىز.
16. ئۈنۈملۈك تەربىيە بېرىپ تۈزىتىش ۋە تەلىم بېرىش ھەققىدە ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
16 ئەيسا ھەردائىم، ھەتتا بەك قىيىن چاغلاردا ھەم ئاتىسىغا بويسۇنغانىدى (مەتتا 26:39). ئۇ ئادەملەرگە ئۆز تەلىملىرى بىلەن دانالىقى يەھۋادىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان (يوھاننا 5:19، 30). كەمتەر ۋە ئىتائەتچان بولۇش ئەيساغا باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئۇستاز بولۇشقا ياردەم بەرگەن. بۇ پەزىلەتلىرى سەمىمىي ئادەملەرنى جەلىپ قىلغان (لۇقا 4:22نى ئوقۇڭ). ئەيسانىڭ مۇلايىم سۆزلىرى چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن، ئاجىز ئادەملەرگە تەسەللىي بەرگەن (مەتتا 12:20). ئۇنىڭ ئەلچىلىرى بىر-بىرى بىلەن كىم ئۇلۇغراق، دەپ سۆز تالاشقاندا، ئەيسا سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشى ئاسانغا چۈشمىگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارغا مۇلايىملىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تەربىيە بېرىپ تۈزەتكەن (ماركۇس 9:33—37؛ لۇقا 22:24—27).
17. جامائەتكە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللارغا قانداق پەزىلەتلەر كېرەك؟
17 ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىپ نەسىھەت بېرىپ تۈزەتكەندە، ھەرقاچان مەسىھنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ رەھبەرلىكىگە پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:2—4). ئاقساقاللار خۇدا بىلەن مەسىھكە خۇشاللىق بىلەن ئىتائەت قىلسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ۋە ئۇلار غەمخورلۇق قىلىدىغانلارغىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ (يەشايا 32:1، 2، 17، 18).
ماس ھەرىكەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلچى پېترۇس مۇنداق يازغان: «سىلەرگە ئىشىنىپ تاپشۇرۇلغان خۇدانىڭ پادىسىنى مەجبۇرىي تۈردە ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن، ھارام يول بىلەن پايدا كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە، ئىخلاس بىلەن بېقىڭلار. رەببىمىزنىڭ ئامانىتى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماستىن، پادىغا ئۈلگە كۆرسىتىڭلار» (18. ئا) يەھۋا ئاتا-ئانىلاردىن نېمىنى كۈتمەكتە؟ ئە) يەھۋا ئاتا-ئانىلارغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
18 ئائىلىدە تەربىيە بېرىپ تۈزىتىش ۋە تەلىم بېرىشتە ئوخشاش پرىنسىپنى تەدبىقلاشقا بولىدۇ. يەھۋا خۇدا ئائىلە باشلىرىغا: «بالىلىرىڭلارنى تېرىكتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇلارنى يەھۋا بۇيرىغاندەك تەربىيىلەڭلار ھەم نەسىھەت بېرىڭلار»،— دېگەن (ئەفەسلىكلەرگە 6:4). تەربىيىلەش بىلەن تۈزىتىش قانچىلىك مۇھىم؟ پەندى-نەسىھەت 19:18دە مۇنداق يېزىلغان: «ئۈمىدۋار بولۇپ پەرزەنتىڭنى جازالاپ، تەربىيە بېرىپ تۇرغىن، لېكىن ئۇنى ئۆلگىچە خار بولسۇن، دېگۈچى بولما». يەھۋا ئاتا-ئانىلارغا بالىغا تەربىيە بېرىپ تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى بەرگەن. ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىمىسا، خۇدانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ! (سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 3:12—14). لېكىن، ئاتا-ئانىلار دۇئا قىلىپ ياردەم سورىغاندا ۋە مۇقەددەس كىتاب بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكلىشىگە تايانغاندا، يەھۋا ئۇلارغا كېرەكلىك دانالىق ۋە كۈچ بېرىدۇ (ياقۇپ 1:5نى ئوقۇڭ).
تىنچلىقتا مەڭگۈ ياشاشنى ئۆگىنىش
19، 20. ئا) خۇدانىڭ تەنبىھ-تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ تۈزەتسەك، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟ ئە) كېيىنكى ماقالىدە نېمە ھەققىدە كۆرۈپ چىقىمىز؟
19 ئۆزۈمىز خۇدانىڭ تەربىيە بېرىپ تۈزىتىشىنى قوبۇل قىلساق ۋە باشقىلارنى تۈزەتكەندە يەھۋا ۋە ئەيسانى ئۈلگە قىلساق مول بەرىكەتلەشلەرگە ئېرىشىمىز! ئائىلىمىز بىلەن جامائىتىمىزدە تىنچ-خاتىرجەملىك ھۆكۈم سۈرىدۇ. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ سۆيۈلىدىغانلىقى، قەدىرلىنىدىغانلىقى ۋە بېخەتەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ — كەلگۈسىدە بولىدىغان تىنچ-ئامانلىق ۋە شاد-خوراملىق تولىدىغان ھاياتنىڭ پەقەت كىچىكىنە كارتىنىسى (زەبۇر 72:7). يەھۋانىڭ تەلىم-تەربىيىسى، بىزنى ئەرشىتىكى ئاتىنىڭ غەمخورلۇقى ئاسىتىدا، ئىناق-ئىتىپاق ۋە تىنچ-خاتىرجەم بىر ئائىلە بولۇپ مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈشكە ئۆگىتىۋاتىدۇ (يەشايا 11:9نى ئوقۇڭ). ئەگەر خۇدانىڭ تەنبىھ-تەربىيەسىگە توغرا كۆزقاراشتا بولساق، نەسىھەت قىلىپ تۈزەتكەندە ئاسانراق قوبۇل قىلىمىز. بۇ — يەھۋانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى!
20 كېيىنكى ماقالىدە، بىز ئائىلىدىكى ۋە جامائەتتىكى نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىش ھەققىدە كۆپرەك ئۆگىنىمىز. بىز ئۆزۈمىزنى قانداق تۈزىتەلەيمىز. تەبىھ قوبۇل قىلىپ تۈزۈشتىنمۇ ئېغىر كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتتىن قانداق ساقلىنالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە كۆرۈپ چىقىمىز.