تەربىيەنى قوبۇل قىلىپ، دانا بولۇڭ
«تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن» (پەندى-نەسىھەت 19:20).
ناخشىلار: 34، 6
1. دانالىققا قانداق ئېرىشەلەيمىز ۋە بۇ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
يەھۋا — دانالىقنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇ دانالىقنى ھەممە كىشىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدۇ. ياقۇپ 1:5تە مۇنداق ئېيتىلغان: «ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە مۇھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن». دانالىققا ئېرىشىشنىڭ بىر يولى — خۇدانىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش. بۇ بىزنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدۇ ۋە خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 2:10—12). بۇ ئارقىلىق بىز مەڭگۈلۈك ھاياتنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ساقلاپ ياشايمىز (يەھۇدا 21).
2. نېمىنى چۈشەنسەك، خۇدانىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولىدۇ؟
2 ئەمما، گۇناھقا مايىللىقىمىز، ئالغان تەربىيىمىز ياكى باشقا ئامىللار سەۋەبلىك بەزىدە تۈزىتىش ئۈچۈن بېرىلگەن نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش ياكى ئۇنىڭغا توغرا كۆزقاراشتا بولۇش قىيىن بولىدۇ. لېكىن، بىز خۇدانىڭ تەربىيە بېرىپ تۈزىتىشىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. پەندى-نەسىھەت 3:11، 12دە: «ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بېپەرۋالىق قىلما،... پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىدۇ»،— دەپ يېزىلغان. يەھۋانىڭ بىزگە ئەڭ پايدىلىق ئىشنى پىلان قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل (ئىبرانىيلارغا 12:5—11نى ئوقۇڭ). يەھۋا بىزنى ياخشى بىلگەنلىكتىن، ئۇنىڭ تەربىيىسى ياكى نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىشى ھەردائىم ئورۇنلۇق ۋە مۇۋاپىق يۇسۇندا بېرىلىدۇ. بۇ ماقالىدە نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىشنىڭ تۆت تۈرلۈك يولىنى قاراپ چىقىمىز: 1) ئۆز-ئۆزۈمىزنى ئەيىبلەپ تۈزىتىش، 2) ئاتا-ئانىلارنىڭ نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىشى، 3) جامائەتتە نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىش ۋە 4) گەرچە تەربىيە بېرىپ تۈزۈش ئازغىنە ۋاقىتقا كۆڭۈلنى ئاغرىتسىمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بار.
ئۆز-ئۆزۈمىزنى تىزگىنلەپ تۈزىتىشنى بىلىش دانالىقتۇر
3. بالىلار ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۈزىتىشنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
3 ئۆز-ئۆزۈمىزنى تىزگىنلەپ تۈزىتىش دېگەنلىك، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئوي-پىكىر قىلىش يولىمىزنى ياخشى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىمىزنى تىزگىنلەپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئۆز-ئۆزۈمىزگە تىزگىنلەپ تەربىيىلەش قابىلىيىتى بىلەن تۇغۇلمىدۇق، ئەمما، شۇنداق قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، كىچىك بالا ۋېلىسپىت ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يىقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دادىسى ياكى ئاپىسى ئادەتتە ئۇنى تۇتۇپ ماڭىدۇ. لېكىن، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بالا ۋېلسىپىتتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى ئۈگەنگەندە، ئاتا-ئانىسى ئۇنى قىسقا ۋاقىت قويۇپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانا بالىنىڭ ۋېلىسىپىتنى ئۆزى ھەيدىيەلەيدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزگەندە، ئۇنى پۈتۈنلەي قويۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاتا-ئانا بالىلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن «يەھۋا بۇيرىغاندەك تەربىيىلىگەندە»، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۈزىتىشىگە ۋە دانالىقنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 6:4).
4، 5. ئا) نېمە ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۈزىتىش «يېڭى تەبىئەت»نىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى؟ ئە) خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالساق، نېمە ئۈچۈن روھىي چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك؟
4 ھەقىقەتنى ياشتا ياشىنىپ قالغاندا بىلىپ-تونۇشنى باشلىغان ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. گەرچە ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە ئۆزلىرىنى تىزگىنلەپ تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار روھىي جەھەتتىن تېخى يېتىلگەن ئېتىقادچىلار ئەمەس. لېكىن «يېڭى تەبىئەتكە» يەنى يېڭى ئادەم بولۇش ئۈچۈن مەسىھنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشقاندا، ئۇلار روھىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:23، 24). ئۆز-ئۆزۈمىزنى تىزگىنلەپ تۈزىتىش، بىزگە «رەزىللىكنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ دۇنيا تۈزۈلمىسى ئاستىدا خۇداغا بولغان ساغلام پىكىرلىكنى، ھەققانىيلىقنى ھەم ۋاپادارلىقنى ساقلاپ ياشاشنى ئۆگىنىشكە» ياردەم بېرىدۇ (تىتقا 2:12).
5 شۇنداق، بىز ھەممىمىز گۇناھكار (ۋەز 7:20). شۇنداق ئىكەن، ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزسەك، بۇ ئۆز-ئۆزۈمىزنى تىزگىنلەشتە مەغلۇپ بولغانلىقىمىز ياكى ئۆز-ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەپ تۈزىتەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. پەندى-نەسىھەت 24:16دە: «ھەققانىي يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشەر، بىراق ئاخىرى يەنە ئورنىدىن تۇرار»،— دەپ يېزىلغان. بىزگە ئورنۇمىزدىن تۇرۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ غەيرىتى ياكى ئىردىمىز ئەمەس، خۇدانىڭ روھى (فىلىپپىلىقلارغا 4:13نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پەزىلەت ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۈزىتىشكە بەك ئوخشايدۇ.
6. خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىپ شاد-خۇراملىق ۋە مەمنۇنلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
6 دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۆز-ئۆزۈمىزنى تىزگىنلەپ تۈزىتىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بەلكىم، سىز كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ئۇزۇن يىل بۇرۇن توختاتقاچ، ھازىر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ياكى تەتقىق قىلىشنى قىيىن كۆرسىڭىزچۇ؟ ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز يەھۋانىڭ ياردەم بېرىشىگە يول بەرسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە بولغان تەشنالىقىڭىزنى كۈچەيتىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:2). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا ۋاقىتنى چىقىرىش ئۈچۈن، يەھۋادىن ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەرتىپكە سېلىشنى سوراڭ. سىز دەسلەپتە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىرنەچچە مىنۇت سەرپ قىلىشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئاستا-ئاستا بۇ ئاسانراق ۋە قىزىقارلىق بولىدۇ. تىنچ بىر جايدا ئولتۇرۇپ، يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش سىزنى شاد-خۇراملىق ۋە مەمنۇنلۇققا ئېرىشتۈرىدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 4:15).
7. ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۈزىتىش يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن پىلان قىلغان مەقسەتلىرىمىزگە يېتىشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۈزىتىش يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن پىلان قىلغان مەقسەتلىرىمىزگە يېتىشكە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، بىر بۇرادەر قىزغىنلىقنى يوقاتقانلىقىنى چۈشەنگەندە، پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى پىلان قىلغانىدى. ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۈزىتىش ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ ژۇرناللىرىمىزدىكى پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ھەققىدە ماقالىلەرنى ئوقۇپ، بۇ توغرىسىدا دۇئا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن. يەنە، پۇرسەت بولغاندا ياردەمچى پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، ئۆزى پىلانلىغان مەقسەتكە يېتىشتىن ۋاز كەچمىگەن. كېيىن، بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇ پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان.
بالىلارنى يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماس نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىڭ
8—10. ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىنى يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى قىلىپ تەربىيىلەشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
8 ئاتا-ئانىغا: «بالىلىرىڭلارنى... يەھۋا بۇيرىغاندەك تەربىيىلەڭلار ھەم نەسىھەت بېرىڭلار»،— دېگەن بۇيرۇق بېرىلگەن (ئەفەسلىكلەرگە 6:4). ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە بۇ بۇيرۇقنى ئورۇنداش بەك قىيىن (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—5). بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا، خۇدا ئاتا قىلغان ۋىجدان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى تەربىيلىنىپ چىقىشى كېرەك (رىملىقلارغا 2:14، 15). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىدىغان بىر ئالىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، «تەربىيىلەش» ياكى «تۈزىتىش»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى «بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى» بىلەن باغلىنىشى بولغان.
9 ئاتا-ئانا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن نەسىھەت بېرىپ بالىنى تۈزەتكەندە، بالا ئۆزىنى بېخەتەر ھېس قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئادەم ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئېتىقادچى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن، يەھۋانىڭ دانالىقىغا تايىنىشى ناھايىتى مۇھىم. ياشايدىغان رايون، مەدەنىيەت پەرقى ۋە دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، بالا تەربىيىلەش ھەققىدە ھەر تۈرلۈك ئوي-پىكىرلەر ۋە ئۇسۇللار پەيدا بولىدۇ. لېكىن، خۇدادىن ئەيمىنىدىغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيىلەشنى بىلىدۇ ۋە ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ياكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىغا تايانمايدۇ.
10 نۇھنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى. يەھۋا ئۇنىڭغا كېمە ياساشنى بۇيرىغاندا، نۇھ ئۇنى قانداق ياساشنى بىلمىگەنىدى. نۇھ يەھۋاغا تايىنىپ، ئۇ كۆرسەتكەن كۆرسەتمە بويىچە، «نەق شۇنداق قىلدى» (يارىتىلىش 6:22). نەتىجىدە نېمە بولغان؟ كېمە كۆرسەتمە بويىچە پۈتۈپ، نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئامان قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، نۇھ خۇدانىڭ دانالىقىغا تايانغانلىقتىن، ياخشى ئاتا بولغانىدى. توپان سۈيىنىڭ ئالدىدىكى رەزىللىكە تولغان زاماندا بالا تەربىيىلەش قىيىن بولسىمۇ، نۇھ بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئۇلارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكەن (يارىتىلىش 6:5).
11. نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىنى تەربىيىلىگەندە بارچە كۈچىنى چىقىرىشى كېرەك؟
11 سىز ئاتا-ئانا بولسىڭىز، «نەق شۇنداق» قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ يەھۋاغا قۇلاق سېلىڭ. بالىلىرىڭىزنى تەربىيىلەشتە خۇدانىڭ ياردىمىگە تايىنىڭ. خۇدا سۆزىدىن ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىدىن كېلىدىغان مەسلىھەتلەردىن پايدىلىنىپ بالىلىرىڭىزنى تەربىيىلەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بالىلىرىڭىز چوڭ بولغاندا، قىلغانلىرىڭىزغا مىننەتدار بولىدۇ. بىر بۇرادەر: «ئاتا-ئانام مېنى ھەقىقەتتە چوڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارمەن. ئۇلار قەلبىمگە تەسىر قىلىش ئۈچۈن، قولىدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلغان»،— دەپ ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا ئاتا-ئانىسى ياردەم بەرگەن. ھەتتا، ئاتا-ئانىلار تىرىشىپ بالىلىرىنى تەربىيىلىسىمۇ، بەزى بالىلار يەنىلا يەھۋانىڭ يولىدا مېڭىشنى تاشلاپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق، ئاتا-ئانا بالىنى ھەقىقەت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن بارچە كۈچىنى چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلا بولسا، ئۆزلىرىنى ئەيىبلىمەسلىكى كېرەك. ئۇلار يەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىسى يەھۋانىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزمىسە بولىدۇ.
12، 13. ئا) بالىسى جامائەتتىن ھەيدەلگەن بولسا، ئاتا-ئانا خۇداغا بويسۇنغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ ئە) ئاتا-ئانا خۇداغا بويسۇنغاندا، پۈتكۈل ئائىلە قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئىگە بولالايدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
12 بالىسى جامائەتتىن ھەيدەلگەن بەزى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن يەھۋاغا بويسۇنۇش بەك ئېغىر سىناق بولىدۇ. جامائەتتىن ھەيدەلگەن، ئۆيدىن كېتىپ قالغان بىر قىزنىڭ ئانىسى: «قىزىم ۋە نەۋرەم بىلەن ئالاقە قىلىشقا بىر ئامال-چارىلەر تېپلىپ قالارمىكىن، دەپ كىتاب-ماتېرىياللىرىمىزدىن بىر يوچۇقلارنى ئىزدەپ خېلى تەتقىق قىلدىم»،— دەپ ئېيتقان. لېكىن، ئۇنىڭ يولدىشى قىزى يەھۋانىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى مېھرىبانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، يەھۋانىڭ قىزىغا تەنبىھ بېرىپ تۈزىتىشىگە ئارىلاشماي، ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ قېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.
13 كېيىنرەك، ئۇلارنىڭ قىزى جامائەتكە قايتىپ كەلگەن. ئانىسى مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر قىزىم ھەر كۈنى ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ياكى تېلېفون قىلىپ خەۋەرلىشىپ تۇرىدۇ! بىز يەھۋاغا بويسۇنغانلىقتىن، ئۇ بىزنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدۇ. مۇناسىۋىتىمىز بولسا بەك يېقىن». ئەگەر ئوغلۇڭىز ياكى قىزىڭىز جامائەتتىن ھەيدەلگەن بولسا، «پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭىز» دىن تايىنىپ، «ئۆز ئەقلىڭىزگە» تايانمايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتەمسىز؟ (پەندى-نەسىھەت 3:5، 6) يەھۋانىڭ تەربىيىسى ئۇنىڭ چەكسىز دانالىقىنى ھەم بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇڭ. ئۇ ئۆز ئوغلىنى ھەممە ئىنسانىيەت ئۈچۈن، سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچۈن ھەم قۇربان قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ! خۇدا ھەممە ئادەمنىڭ مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈشىنى خالايدۇ (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:9نى ئوقۇڭ). شۇڭا، ئاتا-ئانىلار، يەھۋانىڭ تەربىيە بېرىپ تۈزىتىشى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىشەنچ قىلىڭلار، ھەتتا كۆڭلۈڭلار ئاغرىغان ھالەتتە ھەم ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېىڭلار. يەھۋانىڭ تەنبىھ بېرىپ تۈزىتىشىگە قارشى ھەرىكەت قىلماي، ئەكسىچە ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار.
جامائەتتە نەسىھەت ۋە ياردەمنى قوبۇل قىلىش
14. يەھۋا «سادىق چاكار» ئارقىلىق بېرىۋاتقان يېتەكچىلىك بىزنى قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ؟
14 يەھۋا ئېتىقادچىلار جامائىتىگە غەمخورلۇق قىلىشنى، قوغداشنى ۋە تەلىم بېرىشنى ۋەدە قىلغان. ئۇ بۇنى ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن قىلىدۇ. مەسىلەن، يەھۋا ئۆز ئوغلىغا جامائەتكە غەمخورلۇق قىلىشنى تاپشۇرغان. ئەيسا بولسا، بىزگە ساداقەتمەنلىكنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان روھىي تاماقنى تەمىنلەش ئۈچۈن «سادىق چاكار»نى تەيىنلىگەن (لۇقا 12:42). بۇ «سادىق چاكار» بىزگە قىممەت-باھا مەسلىھەت ۋە تەنبىھ-نەسىھەتنى بېرىدۇ. بەلكىم، قانداقتۇ بىر نۇتۇق ياكى ژۇرناللىرىمىزدىكى بىر ماقالە، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئوي-پىكرىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەرگەنلىكى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟! ئەگەر بار بولسا، بۇنىڭدىن خۇشال-خۇرام بولسىڭىز بولىدۇ، سەۋەبى سىز يەھۋانىڭ ئۆزىڭىزنى شەكىلگە كەلتۈرۈشىگە ۋە تەربىيىلەپ تۈزىتىشىگە يول قويۇۋاتىسىز (پەندى-نەسىھەت 2:1—5).
15، 16. ئا) جامائەتتە ئاقساقاللارنىڭ خىزمىتىدىن پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ ئە) ئاقساقاللار ئۆز خىزمىتىدىن خۇرسەن بولۇشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟
15 ئەيسا جامائەتكە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللارنى بەرگەن. مۇقەددەس كىتابتا ئۇلار «ھەدىيەلەر سۈپىتىدە» بېرىلگەن ئىنسانلار دەپ ئاتالغان (ئەفەسلىكلەرگە 4:8، 11—13). بۇ ھەدىيەلەر يەنى ئاقساقاللارنىڭ خىزمىتىدىن قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيمىز؟ بىز ئۇلارنىڭ ئىشەنچى ۋە كۆرسەتكەن ئۈلگىسىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلىپ، مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا بەرگەن نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (ئىبرانىيلارغا 13:7، 17نى ئوقۇڭ). ئاقساقاللار بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزنىڭ روھىي جەھەتتە ئۆسۈپ، خۇداغا يېقىنلىشىشىمىزنى خالايدۇ. ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىغا كەلمەيۋاتقان ياكى قىزغىنلىقنى يوقاتقانلارنى ئارىمىزدا بايقىسا، بىزگە دەرھال ياردەم بېرىشكە تەييار. ئاقساقاللار بىزنى دىققەت بىلەن تىڭشايدۇ، كېيىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇقەددەس كىتابتىن دانا نەسىھەت بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ياردىمىنى يەھۋانىڭ سىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارامسىز؟
16 ئاقساقاللارنىڭ بىزگە نەسىھەت بېرىشى ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇماڭ. ئېغىر گۇناھىنى يوشۇرماقچى بولغان داۋۇت پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىش كېرەك بولغاندا، ناتان پەيغەمبەر ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟ (سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسى 12:1—14). 12 ئەلچلەرنىڭ بىرى بولغان پېترۇس يەھۇدىي ئېتىقادچىلارنى يات خەلقلەردىن بولغان ئېتىقادچىلاردىن ئۈستۈن كۆرگىنى ئۈچۈن پاۋلۇسنىڭ پېتروسقا نەسىھ بېرىشى ئاسان بولغانمۇ؟ شۇنداق قىلىش ئۈچۈن پاۋلۇسغا جەسۇرلۇق كېرەك بولغانىدى (گالاتىلىقلارغا 2:11—14). ئۇنداقتا، ئاقساقاللارنىڭ سىزگە نەسىھەت بېرىىشى ئاسانراق بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ كەمتەر، مىننەتدار ۋە تىڭشاشقا تەييار بولۇڭ. ئۇلارنىڭ ياردىمىنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى، دەپ ھېسابلاڭ. شۇ چاغدا، سىزمۇ پايدىسىنى كۆرىسىز، ئاقساقاللارمۇ ئۆز خىزمىتىنى خۇرسەنلىك بىلەن قىلىدۇ.
17. ئاقساقاللار بىر قېرىندىشىمىزغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
17 بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتمۈشتە بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك، ئۇنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرۈشى قىيىن بولغان ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ ھېس-تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلىىشى بەكمۇ قىيىن بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. ئۇلار مېنى ئەيىبلىمىدى ياكى تەنقىت قىلمىدى، ئەكسىچە،
ماڭا ئىلھام بېرىپ، ئىشەنچىمنى مۇستەھكەملىدى. ئاقساقاللارنىڭ ئىشلىرى قانچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ھەربىر يىغىلىشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرسى كېلىپ، ئەھۋالىمنى سوراپ تۇردى. ئۆتمۈشتە بولغان ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىدىن ئۆزۈمنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مۇناسىپ ئەمەستەك سەزدىم. ئەمما، يەھۋا ئاقساقاللار ۋە جامائەت ئارقىلىق مېنى ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىگە قايتا-قايتا ئىشەندۈردى. مەن يەھۋادىن ھەرگىز ئايرىلماسلىق ئۈچۈن دۇئادا يالۋۇرىمەن».تۈزىتىشتىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش
18، 19. تۈزىتىشتىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان قانداق ئىش بار؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
18 تەبىھ بېرىپ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلىش ئېغىر كېلىشى مۇمكىن، لېكىن خۇدانىڭ تۈزىتىشىنى رەت قىلىشنىڭ ئاقىۋېتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ (ئىبرانىيلارغا 12:11). بىز قابىل ۋە زەدەكىيا پادىشاھنىڭ ۋەقەلىرىدىن ساۋاق ئالالايمىز. خۇدا قابىلنىڭ ئىنىسىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنى: «نېمىشقا سەن ئاچچىقلىنىسەن ھەم نېمىشقا چىرايىڭ بۇزۇلدى؟ ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭ، ياقتۇرماي قالىمەنمۇ؟ ئەگەر ياخشىلىق قىلمىساڭ، گۇناھ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرىدۇ ۋە ئۇ ساڭا ئىگە بولماقچى، لېكىن سەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟»— دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى (يارىتىلىش 4:6، 7). قابىل يەھۋانىڭ تۈزىتىشىنى رەت قىلىپ، قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن. ئاقىۋەتتى بولسا، بىر ئۆمۈر ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىغان (يارىتىلىش 4:11، 12). خۇدانىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىغان بولسا، قابىل شۇنداق ئاقىۋەتكە قالمايتتى.
19 زەدەكىيا كۈچسىز ۋە رەزىل پادىشاھ بولغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا يېرۇسالىمنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار ئىدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا رەزىل ئىش-ھەرىكەتلەردىن قول ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتكەنىدى. ئەمما، ئۇ يەھۋادىن كەلگەن نەسىھەتنى يەنى تۈزىتىشنى قوبۇل قىلماي، نەتىجىدە زەدەكىيا پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان (يەرەمىيا 52:8—11). يەھۋا بىزنىڭ بىكاردىن-بىكار ئازاپ چېكىشىمىزنى خالىمايدۇ! (يەشايا 48:17، 18نى ئوقۇڭ).
20. خۇدانىڭ بەرگەن نەسىھىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىلەن ئۇنى رەت قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
20 بۈگۈنكى كۈندە بۇ رەزىل دۇنيادا كۆپ ئادەم خۇدانىڭ نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىشىنى زاڭلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا بېپەرۋالىق قىلىدۇ. لېكىن، پات-ئارىدا خۇدانىڭ نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىشىنى رەت قىلغانلار ھەممىسى پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە دۇچا بولىدۇ (پەندى-نەسىھەت 1:24—31). شۇڭا، تەنبىھ-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، دانا بولايلى. پەندى-نەسىھەت 4:13تە يېزىلغاندەك، «تەربىيىنى چىڭ تۇتۇپ، قولىمىزدىن كەتكۈزمەيلى، ئۇنى ئۇبدان ئامانەت قىلايلى، چۈنكى ئۇ — بىزنىڭ ھاياتىمىزدۇر!»