ئادەملەر ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرۈڭ
«سىلەر... ھەققانىيلار بىلەن رەزىللەرنى... پەرق ئېتەلەيسىلەر» (مالاكى 3:18).
ناخشىلار: 29، 53
1، 2. بۈگۈنكى كۈندە خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ھاياتىنى نېمە قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
كۆپلىگەن تىببىي خىزمەتچىلەر يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئىشلەيدۇ. بېمارلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. لېكىن، ئاغرىقنى داۋالايمەن دەپ يۈرۈپ، ئۆزلىرىگە يۇقتۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك. يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى سۈپىتىدە بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەتتە. كۆپىنچىمىز يەھۋانىڭ خىسلەتلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مىجەز-خۇلۇقنى ئادەت قىلغان ئادەملەر ئارىسىدا ياشايمىز ياكى ئىشلەيمىز. بۇ بىز ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن.
2 مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە، خۇدانى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەر ئۇنىڭ ياخشى بىلەن يامان ھەققىدىكى ئۆلچەملىرىنى رەت قىلىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس تىموتىيغا يازغان خېتىدە، ئۇلارنىڭ سەلبىي خىسلەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. پاۋلۇس بۇ دۇنيا تۈزۈملىرى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانسېرى، بۇ خىسلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—5، 13نى ئوقۇڭ). مۇشۇنداق يامان قىلىقلارنى ئاڭلىغاندا، چېچىمىز تىك تۇرسىمۇ، ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرى، سۆزلىرى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى بىزگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن (پەندى-نەسىھەت 13:20). مۇشۇ ماقالىدە بۇ يامان خىسلەتلەر بىلەن خۇدا خەلقىدە بولىدىغان خىسلەتلەرنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بارلىقىنى كۆرۈمىز. شۇنداقلا ئادەملەرگە يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشقا ياردەم بېرىپ، يامان خىسلەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆزۈمىزنى قانداق ھىمايە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈمىز.
3. تىموتىيغا 2-خەت 3:2—5تە قانداق ئادەملەر ھەققىدە ئېيتىلغان؟
3 پاۋلۇس ئاخىرقى كۈنلەردە ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىتلار بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا ئومۇملىشىدىغان 19 سەلبىي خىسلەتنى تىزىملاپ كۆرسەتكەن. بۇ خىسلەتلەر پاۋلۇس رىملىقلارغا 1:29—31 ئاتاپ ئۆتكەن خىسلەتلەرگە ئوخشايدۇ. بىراق، تىموتىيغا يازغان خېتىدىكى تىزىمدا قوللانغان سۆزلەر گرېك تىلىدىكى يازمىلارنىڭ باشقا ھېچ يېرىدە تىلغا ئېلىنمىغان. پاۋلۇس بۇ تىزىمنى «ئىنسانلار» دېگەن سۆز بىلەن باشلاپ، ئۇلارنىڭ يامان خىسلەتلىرىنى ئاتاپ ئۆتكەن. لېكىن، پاۋلۇس يازغان سەلبىي خىسلەتلەرنى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كۆرسەتمەيدۇ. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى پۈتۈنلەي باشقىچە خىسلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ (مالاكى 3:18نى ئوقۇڭ).
ئۆزۈمىزگە بولغان كۆزقارىشىمىز
4. سىز مەغرۇر ئادەمنى قانداق تەسۋىرلەيسىز؟
4 پاۋلۇس ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان ۋە پۇلخۇمار ئىنسانلار ھەققىدە ئېيتقاندىن كېيىن، ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، تەكەببۇر ۋە مەغرۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مۇشۇ خىسلەتلىرى بار ئادەملەر سىرتقى كۆرۈنۈشى، قابىلىيىتى، دۇنيا-مۈلكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى بىلەن ماختىنىپ، ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن يۇقىرى سانايدۇ. مۇنداق ئادەملەر ھەممىدىن بۇرۇن باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىشنى خالايدۇ. بىر تەتقىق قىلغۇچى مەغرۇر ئادەم يۈرىكىدە خۇداغا ئەمەس، ئۆزىگە سەجدە قىلىدىغانلىقىنى يازغان. بەزىبىر ئادەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، تەكەببۇر ئادەم شۇنچلىك يىرگىنىچلىككى، ھەتتا تەكەببۇر ئادەم مۇشۇ خىسلەتنى باشقىلاردا كۆرگەندە، ئۇنى ياقتۇرمايدۇ.
5. يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىمۇ قانداق تەكەببۇر بولۇپ كېتىشى مۇمكىن؟
5 يەھۋا خۇدا مۇقەددەس كىتابتا «تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز»، دەپ تەسۋىرلىگەن مەغرۇرلۇقنى ئۆچ كۆرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 6:16، 17). ھەقىقەتەن، تەكەببۇرلۇق ئادەمنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرىدۇ (زەبۇر 10:4). ئۇ — ئىبلىسقا خاس ئىللەت (تىموتىيغا 1-خەت 3:6). ئەپسۇسكى، يەھۋانىڭ بەزىبىر سادىق خىزمەتچىلىرى تەكەببۇرلىقنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. مەسىلەن، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئۇززىيانى ئالساق، ئۇ نۇرغۇن يىللار سادىقلىقنى ساقلاپ كەلگەن. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا «ئۇ قۇۋۋەتلەنگەندە ئۆزى خاراب بولغىدەك كۆڭلىمۇ تەكەببۇر بولۇپ قالدى. ئۆز تەڭرىسى خۇداۋەندىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى» يېزىلغان. ئۇززىيا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، خۇشپۇراق ئىسرىقنى ياندۇرۇپ، ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدە بولمىغان ئىشنى قىلغان. كېيىنرەك سادىق پادىشاھ ھەزەكىيانىڭمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن ۋاقتى بولغان (تارىخنامە 2-يازما 26:16؛ 32:25، 26).
6. داۋۇت نېمە سەۋەبتىن مەغرۇرلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى؟ لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇ كەمتەر بولۇپ قالغان؟
6 بەزىبىر ئادەملەر كېلىشكەن، نامى چىققان، مۇزىكا قابىلىيىتى بار، كۈچلۈك ياكى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغانلىقتىن، تەكەببۇر بولۇپ كەتكەن. داۋۇتتا مۇشۇنىڭ ھەممىسى بولغان، لېكىن ئۇ ئۆمۈرۋايەت كەمتەر بولۇپ قالغان. مەسىلەن، غولياتنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، سائۇل پادىشاھ ئۇنىڭغا قىزىنى خوتۇنلۇققا بەرمەكچى بولىدۇ. لېكىن، داۋۇت بۇنىڭغا: «مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئارىسىدا نېمە ئىدى، مەن قانداقمۇ پادىشاھلنىڭ كۈيئوغلى بولاي؟»،— دەپ جاۋاب بەرگەن (سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 18:18). داۋۇتقا كەمتەر بولۇشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ ئۆزىنىڭ خىسلەتلىرى، قابىلىيەتلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ ھەممىسى خۇدادىن كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەن (زەبۇر 113:5—8). داۋۇت ھەممە ياخشىلىق يەھۋادىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 4:7نى سېلىشتۇرۇڭ).
ئادەملەر خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتنى تونۇيدۇ
7. كەمتەر بولۇشقا بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
7 داۋۇتقا ئوخشاش بۈگۈنمۇ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى كەمتەر بولۇشقا تىرىشماقتا. بارچە كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان يەھۋانىڭ ئۆزى كەمتەر ئىكەنلىكىنى بىلىش قەلب تارىمىزنى تەۋرىتىدۇ (زەبۇر 18:35). بىز مۇشۇ سۆزلەرنى ھاياتتا قوللىنىشنى خالايمىز: «ھەمدەرتلىك، مېھرىبانلىق، ئەقىل مۆمۈنلىكىنىڭ، مۇلايىملىق ھەم ئۇزاق سەۋىرچانلىقنىڭ نازۇك سېزىملىرىغا پۈركۈنەيلى» (كولوسىلىقلارغا 3:12). مېھىر-مۇھەببەت ماختانمايدۇ ۋە تەكەببۇرلىق قىلمايدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4). باشقىلار كەمتەر ئىكەنلىكىمىزنى كۆرگەندە، ئۇلارمۇ يەھۋانى بىلىشنى خالايدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس يولدىشى ئايالىنىڭ ياخشى يۈرۈش-تۇرۇشىنى كۆرۈپ، يەھۋاغا يېقىنلىشىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ، ئادەملەر خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتنى تونۇيدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:1).
باشقىلارغا بولغان مۇئامىلە
8. ئا) بۈگۈن بەزى ئادەملەر بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان ئىتائىتسىزلىكىگە قانداق قارايدۇ؟ ئە) مۇقەددەس كىتابتا بالىلارغا نېمە قىلىش كېرەكلىكى ئېيتىلغان؟
8 پاۋلۇس ئاخىرقى كۈنلەردە ئادەملەر بىر-بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنىدى. ئۇ بالىلار ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى يازغان. بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن كىتابلار، كىنولار ۋە پروگراممىلار مۇنداق قىلىقنىڭ ھېچ يامىنى يوق ئادەتتىكى نەرسىدەك كۆرسىتىدۇ. دەرھەقىقەت، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان ئائىلىنىڭ بىرلىگىنى بۇزىدۇ. ئادەملەر بۇ ھەقىقەتنى بۇرۇندىنلا بىلگەن. مەسىلەن، قەدىمقى گرېتسىيەدە ئاتا-ئانىسىغا قول كۆتەرگەن كىشى پۇقرالىق ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلاتتى. رىم قانۇنى بويىچە، ئاتىسىغا قول كۆتەرگەن بالا قاتىلدەك جازالىناتتى. ئىبرانىي يازمىلاردىمۇ، گرېك يازمىلاردىمۇ بالىلارغا ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش بۇيرۇلغان (چىقىش 20:12؛ ئەفەسلىكلەرگە 6:1—3).
9. بالىلارغا ئاتا-ئانىسىغا قۇلاق سېلىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
9 ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان بالىلارغا ئىتائەت قىلىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ھەممە ياخشىلىقى ھەققىدە ئويلانسا، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقى ئېشىپ، قۇلاق سېلىشنى خالايدۇ. شۇنداقلا ياشلار شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى: ھەممىمىزنىڭ ئاتىمىز بولغان خۇدا ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قۇلاق سېلىشىنى كۈتىدۇ. ئۇلار ئاتا-ئانىسى ھەققىدە ياخشى گەپ قىلسا، دوستلىرىنىمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىسى «مېھىر-مۇھەببەت» بەرمىسە، بالىلارغا چىن دىلدىن ئىتائەت قىلىش بەكلا قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا-ئانىسى بالىلىرىغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە، بالىلىرى قىيىن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ
سۆزىگە قۇلاق سېلىشقا تىرىشىدۇ. ئاستىن ئىسىملىك بىر ياش قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەن كۆپىنچە ۋاقىتتا خاتا ئىش قىلغۇم كەلگەندە، ئاتا-ئانام دانا يول-يورۇق كۆرسىتىپ، قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرەتتى ۋە دائىم سۆزلىشىشكە تەييار بولاتتى. بۇ بويسۇنۇشۇمغا ياردەم بېرەتتى. ئۇلار ماڭا غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى خاپا قىلىشنى خالىمايتىم».10، 11. ئا) قانداق يامان خىسلەتلەر ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئە) ھەقىقىي ئېتىقادچىلار ئادەملەرنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ؟
10 پاۋلۇس يەنە ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان خىسلەتلەرنى ئاتاپ ئۆتكەن. ئۇ ئىنسانلارنىڭ «ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان» لىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مىننەتدارسىزلىق ھەققىدە ئېيتقانىدى. بۇنداق تەرتىپ بويىچە تىلغا ئېلىش مەنتىقىگە ئۇيغۇن، چۈنكى مىننەتدارلىقنى كۆرسەتمەيدىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرىنى قەدىرلىمەيدۇ. پاۋلۇس ئىنسانلارنىڭ ۋاپاسىز بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان. ئۇلار جاھىل، يەنى باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى خالىمايدۇ. ئادەملەر كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدىغان ۋە ساتقۇن بولۇپ، باشقا ئادەملەرگە، ھەتتا خۇداغا تىل تەككۈزۈپ، ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئېيتىدىغان بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار تۆھمەتخور بولۇپ، باشقىلارنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرۈدىغان يالغان-ياۋداق گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ).
11 يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى مۇشۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىدىن پەرقلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان. ئەيسا ئېيتىپ كەتكەندەك، تەۋراتتا باشقىلارنى سۆي دېگەن قانۇنغا قارىغاندا خۇدانى سۆي دېگەن قانۇن بەكراق مۇھىم (مەتتا 22:38، 39). شۇنىڭدەك، ئەيسا ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا مېھىر-مۇھەببەت كۆرستىپ تونۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يوھاننا 13:34، 35نى ئوقۇڭ). ھەقىقىي ئېتىقادچىلار ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ (مەتتا 5:43، 44).
12. ئەيسا باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسەتكەن؟
12 ئەيسا ئىنسانلارنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى. ئۇ بىر شەھەردىن باشقا شەھەرگە مېڭىپ، ئادەملەرگە خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەرنى ئېيتقان. كورلارنى، توكۇرلارنى، ماخوۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن پاڭلارنى ساقايتقان ۋە ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگەنىدى (لۇقا 7:22). ئۇنى ئۆچ كۆرگەن ئادەملەر كۆپ بولسىمۇ، ئۇ ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلغان. ئەيسا مەسىھ ئاتىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى مۇكەممەل ھالدا ئۈلگە قىلغان. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ.
13. باشقىلارغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئۇلارنى يەھۋانى تونۇشقا قانداق دەۋەت قىلىشى مۇمكىن؟
13 ئادەملەر بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۆرگەندە، ئەرشتىكى ئاتىمىز ھەققىدە بىلگۈسى كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تايلاندتا ياشايدىغان بىر ئەر كىشى رايونلۇق چوڭ يىغىلىشقا بارغاندا، قېرىنداشلارنىڭ ئۆز-ئارا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرۈپ، بەكمۇ ھەيران قالغان. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن مۇقەددەس كىتابنى
ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم تەتقىق قىلىشنى سورىغان. ئاندىن ئۇ ھەممە قولۇم-قېرىنداشلىرىغا ۋەز قىلغان. ئالتە ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا، بۇ كىشى ئىبادەت ئۆيىدە دەسلەپكى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش تاپشۇرۇقى بىلەن چىققان. بىزچۇ باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىۋاتىمىزمۇ؟ تۆۋەندىكى سوئاللار ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى: «ئائىلەمدە، جامائەتتە ۋە خىزمەتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىنتىلىمەنمۇ؟ باشقىلارغا يەھۋا خۇدادەك قاراشقا تىرىشىمەنمۇ؟»بۆرىلەر ۋە قوزىلار
14، 15. كۆپ ئادەملەردە قانداق ناچار ئىللەتلەر بار؟ بەزى ئادەملەر ئۆزلىرىنى قانداق ئۆزگەرتكەن؟
14 ئاخىرقى كۈنلەردە ئادەملەرنىڭ باشقىمۇ يامان مىجەز-خۇلۇقلىرىنى بايقايمىز. بىز بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، نۇرغۇن ئادەملەر ياخشىلىققا ئۆچ بولىدۇ. ئۇلار ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرۈپ، ھەتتا ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. مۇنداق ئىنسانلار ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشى. بەزىبىرلىرى مەنمەنچى. ئۇلار ئىش قىلغاندا قوپال بولۇپ، باشقىلارغا زىيان ئېتىپ قالارمۇ، دېگەنلەرنى ئويلىمايدۇ.
15 ئىلگىرى ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلغان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن. بۇ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر مۇقەددەس كىتابتا بېشارەت قىلىنغان (يەشايا 11:6، 7نى ئوقۇڭ). يازمىلاردا بۆرە ۋە يولۋاس دېگەندەك ياۋايى ھايۋانلار، قوزا ۋە موزايدەك ئۆي ھايۋانلىرى بىلەن ئىناق ياشايدىغانلىقى ئېيتىلغان. نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق بولىدۇ؟ بېشارەتتە يەنە: «پۈتۈن يەر-يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ»،— دەپ ئېيتىلغان (يەشايا 11:9). ھايۋانلار يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئالالمايدىغانلىقتىن، بۇ بېشارەتتىكى سۆزلەر سىمۋۇلۇق مەنىدە ئادەملەر ئۆزگىرىشلەرنى قىلغاندا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
16. قانداق قىلىپ مۇقەددەس كىتاب ئادەمنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدۇ؟
16 قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ۋاقتىدا ۋەھشى بۆرىدەك رەھىمسىز بولغان. بىراق ھازىر ئۇلار يوۋاش. بەزى كىشلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى org.jw تور بېكىتىدىكى «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» ناملىق سەھىپىدىن ئوقۇيالايسىز. يەھۋانى تونۇپ-بىلگەن ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغانلار خۇداغا ۋاپادار كۆرۈنىدىغان، ئەمما ۋاپادارلىقنىڭ كۈچىنى رەت قىلىدىغانلارغا ئوخشىمايدۇ. مۇنداق ئادەملەر خۇداغا خىزمەت قىلىمىز، دەپ ئېيتىدۇ. ئەمما ئىشلىرى بىلەن كۆرسەتمەيدۇ. خۇدا خەلقىدە ئىلگىرى رەھىمسىز بولغانلار «خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھەقىقىي ھەققانىيلىقتا ھەم سادىقلىقتا يارىتىلغان يېڭى شەخسكە ئۆزگەردى» (ئەفەسلىكلەرگە 4:23، 24). ئادەملەر خۇدا ھەققىدە بىلگەندە، ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى چۈشىنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى، كۆزقارىشىنى ۋە مىجەز-خۇلقىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى قىلىش ئاسان ئەمەس، لېكىن خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئۇنى خۇشال قىلىشنى خالىغانلارغا ياردەم بېرىدۇ.
«شۇنداقلاردىن يىراق تۇر»
17. يامان ئىللەتلىرى بار ئادەملەردىن قانداق يىراق بۇرالايمىز؟
17 خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئېنىق كۆرۈنىدۇ. خۇداغا خىزمەت قىلمايدىغانلارنىڭ يامان ئىللەتلىرى بىزگە تەسىر قىلماسلىقى ئۈچۈن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. تىموتىيغا 2-خەت 3:2—5تە تىلغا ئېلىنغان ئادەملەردىن «يىراق تۇر» دېگەن مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىشمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، يامان ئىللەتلىرى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىن بىراقلا يىراق بولالمايمىز. ئۇلار بىلەن ئىشلەشكە، ئوقۇشقا ياكى ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق، بىز ئۇلارغا ئوخشاش ئويلاپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلمايمىز. بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ۋە يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ، يەھۋا خۇدا بىلەن دوستلىقىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز.
18. بىزنىڭ سۆزۈمىز بىلەن ئىشىمىز باشقىلارغا يەھۋانى تونۇپ-بىلىشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
18 بىز باشقىلارغا يەھۋانى تونۇپ-بىلىشكە ياردەم بېرىشنى خالايمىز. گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ئىزدەپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ۋە مۇۋاپىق سۆزلەرنى قىلىشقا يەھۋادىن ياردەم سورايمىز. باشقىلاردىن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى يوشۇرمايمىز. شۇڭا، ئۈلگىلىك يۈرۈش-تۇرۇشىمىز ئۆزۈمىزگە ئەمەس، خۇداغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. يەھۋا «بىزنى رەزىللىكنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ دۇنيا تۈزۈمى ئاستىدا خۇداغا بولغان ساغلام ئوي-پىكىرنى، ھەققانىيلىقنى ھەم ۋاپادارلىقنى ساقلاپ ياشاشنى ئۆگەتمەكتە» (تىتقا 2:11—14). يەھۋانى ئۈلگە قىلساق ۋە ئۇنىڭغا لايىق ھەرىكەت قىلساق، بۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن ئۆچۈپ قالمايدۇ. بەزىلەر ھەتتا: «بىز سەن بىلەن بارايلى، چۈنكى بىز خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر دەپ ئاڭلىدۇق»،— دەپ ئېيتىشى مۇمكىن (زەكەرىيا 8:23).
^ 10-ئابزاس گرېك تىلىدىن «تۆھمەت قىلغۇچى» ياكى «ئەيىبلىگۈچى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «دىئابولوس» سۆزى شەيتاننىڭ نام-ئۇنۋانى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ — «ئىبلىس»، يەنى خۇداغا تۆھمەت قىلغۇچى.