ھەممىسى تەل خۇداغا بىر نەرسە بېرىشىمىز ھاجەتمۇ؟
«ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي خۇدائىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك ئىسمىڭغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىمىز» (تارىخنامە 1-يازما 29:13).
ناخشىلار: 1، 48
1، 2. يەھۋا بىزگە قانداق قىلىپ سېخىيلىق كۆرسىتىدۇ؟
يەھۋا — سېخىي خۇدا. بىزدە بارىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بەرگەن. ئۇ يەردىكى ھەممە تەبئىي بايلىقلارنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇلارنى ھاياتلىقنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ (زەبۇر 104:13—15؛ ھاگاي 2:8). مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن، بەزىدە بۇ بايلىقلاردىن مۆجىزىلىك ئۇسۇلدا پايدىلىنىدىغانلىقى يېزىلغان.
2 مەسىلەن، ئىسرائىل خەلقى 40 يىل جەريانىدا چۆلدە ياشىغاندا، يەھۋا ئۇلارغا ماننا بىلەن سۇنى بەرگەن (چىقىش 16:35). شۇڭا، ئۇلار ھېچنەرسىگە مۇھتاج بولمىغان (نەھەمىيا 9:20، 21). كېيىنىرەك، يەھۋا خۇدا ئېلىشا پەيغەمبەرگە بىر سادىق تۇل ئايالنىڭ ئازغىنە مېيىنى كۆپەيتىشكە ياردەم بەرگەنىدى. خۇدا بەرگەن بۇ سوۋغات تۈپەيلىدىن تۇل ئايال قەرزلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ھەتتا قالغان پۇلغا ئوغۇللىرى بىلەن داۋاملىق كۈن كۆرگەن (پادىشاھلار 2-يازما 4:1—7). ئەيسا بولسا يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن مۆجىزە كۆرسىتىپ، زۆرۈر بولغاندا ئوزۇق-تۈلۈك ھەتتا پۇل بىلەنمۇ تەمىنلىگەن (مەتتا 15:35—38؛ 17:27).
3. بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇلاھىزە قىلىمىز؟
چىقىش 36:3—7؛ پەندى-نەسىھەت 3:9). نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۇنىڭدىن ئالغان قىممەت-باھا نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا بېرىشىمىزنى كۈتىدۇ؟ يەھۋانىڭ قەدىمدە ياشىغان خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئىشىنى ماددىي تەرەپتىن قانداق قوللىغان؟ تەشكىلات بۈگۈنكى كۈندە ئىئانىلەرنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ كېلىڭ، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالايلى.
3 يەھۋا مەۋجۇداتلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن خالىغان نەرسىسىدىن پايدىلىنالايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن قولىدا بارىنى بېرىشكە ئۈندەيدۇ (نېمىشقا بىز يەھۋاغا قولۇمىزدا بارنى بېرىمىز؟
4. ئۇنىڭ ئىشىنى قوللىغاندا، يەھۋاغا نېمىنى كۆرسىتىمىز؟
4 بىز يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇنىڭغا مىننەتدار بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا بېرىمىز. بىز ئۈچۈن قىلغان ھەممە ئىشلىرى ھەققىدە ئويلىغاندا، قەلبىمىز ھاياجاندىن شادلىنىمىز. داۋۇت پادىشاھ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەر كېرەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ مۇنداق ھىسسىياتتا بولغانىدى. داۋۇت قولۇمىزدا بارىنىڭ ھەممىسى يەھۋادىن كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا بېرىدىغان ھەدىيەلىرىمىزنىڭ بارلىقى ھەم ئۇنىڭدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان (تارىخنامە 1-يازما 29:11—14نى ئوقۇڭ).
5. چىن دىلدىن بېرىش ھەقىقىي ئىبادەتنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى مۇقەددەس كىتاب قانداق كۆرسىتىدۇ؟
5 يەھۋاغا ھەدىيىمىزنى بېرىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — بۇ ئۇنىڭغا قىلغان ئىبادەتنىڭ يەنە بىر قىسىمى. ئەلچى يوھاننا ۋەھىيدە يەھۋانىڭ ئاسماندىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇنداق ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «يەھۋا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، سەن شان-شۆھرەتكە، شان-شەرەپكە ۋە كۈچ-قۇدرەتكە لايىقسەن، چۈنكى سەن بارلىق نەرسىنى ياراتتىڭ ۋە بارلىق نەرسە سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە مەۋجۇت ھەم يارىتىلغاندۇر» (ۋەھىي 4:11). يەھۋا خۇدا شان-شۆھرەتكە ۋە شان-شەرەپكە لايىق بولغانلىقتىن، بىز ئۇنىڭغا قولۇمىزدىكى ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالايمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ يەھۋا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقىگە يىلىدا ئۈچ ھېيتنى تەبرىكلەشكە بۇيرىغان. بۇ ھېيتلاردا ئىبادەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇلار يەھۋاغا قولدا بارىنى بەرگەن. خەلق يەھۋانىڭ ئالدىغا «قۇرۇق قول كەلمەسلىكى» كېرەك ئىدى (تەكرار قانۇن 16:16). بىزنىڭ كۈنىمىزدىمۇ چىن دىلدىن بېرىش — ئىبادىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بۇنىڭ ئارقىلىق بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتى قىلىۋاتقان ئىشنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە قۇللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
6. بېرىشنىڭ ئۆزۈمىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
6 پەقەت ئېلىش ئەمەس، بەلكى سېخىيلىق بىلەن بېرىش ئۆزۈمىز ئۈچۈن پايدىلىق (ئەلچىلەر 20:35نى ئوقۇڭ). ئاتا-ئانىسى قوللاپ بەرگەن ئازغىنا پۇلنى يىغىپ، ئۇلارغا سوۋغات ئالغان بالىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇلار تازىمۇ خۇشال بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! ياكى بولمىسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ياش پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئۆينىڭ چىقىملىرىنى قامداش ياكى ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئازغىنە پۇل بېرىدۇ دەيلى. ئاتا-ئانىسى پۇل بېرىشىنى كۈتمىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى مۇنداق قىلىش ئارقىلىق بالىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەممە ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا قىممەت-باھا نەرسىلىرىمىزنى ئۇنىڭغا بەرگەنلىكىمىز ئۆزۈمىزگە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
يەھۋانىڭ قەدىمدىكى خىزمەتچىلىرى قانداق ئىئانە بەرگەن؟
7، 8. قەدىمدە خۇدانىڭ خەلقى قانداقلارچە ئا) ئالاھىدە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ئە) يەھۋانىڭ ئىشىنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە بېرىشتە ئۈلگە كۆرسەتكەن؟
7 مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، يەھۋانىڭ خەلقى ئۇنىڭ ئىشىنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە بەرگەن. بەزىدە ئۇلار قانداقتۇ بىر ئالاھىدە قۇرۇلۇش ئىشى ئۈچۈن ئىئانە توپلىغان. مەسىلەن، مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللىقلارنى مۇقەددەس چېدىرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەدىيە بېرىشكە دەۋەت قىلغان. كېيىنىرەك، داۋۇت پادىشاھمۇ ئىبادەتخانىنى سالماقچى بولغان چاغدا شۇنداق قىلغان (چىقىش 35:5؛ تارىخنامە 1-يازما 29:5—9). يەھوئاش پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، روھانىيلار ئىبادەتخانىنى تۈزەش ئۈچۈن ئادەملەر بەرگەن پۇلنى ئىشلەتكەن (پادىشاھلار 2-يازما 12:4، 5). بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولسا، يەھۇدىيىدىكى ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئاڭلغانىدى. شۇڭا، ھەربىر ئېتىقادچى شۇ يەردىكى قېرىنداشلارغا قولىدىن كەلگىنىچە ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان (ئەلچىلەر 11:27—30).
8 شۇنداقلا يەھۋانىڭ خەلقى ئۇنىڭ ئىشىدا رەھبەرلىكنى قولىغا ئالىدىغانلارغا ماددىي تەرەپتىن ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنى بويىچە، لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا قەبىلىلەرگە ئوخشاش مىراسلىق قىلىدىغان يېرى بولمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قالغان ئىسرائىللىقلار لاۋىيلارغا ئۆزىدە بارىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى بەرگەنىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار پۈتۈن دىققىتىنى مۇقەددەس چېدىردىكى خىزمەتكە قارىتالىغان (سانلار 18:21). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا بىلەن ئەلچىلىرىگىمۇ كۆپلىگەن مەرد ئاياللار قولىدا بار نەرسىسى بىلەن ياردەم بەرگەن (لۇقا 8:1—3).
9. ئۆتمۈشتە خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى قانداق ئۇسۇللاردا ئىئانە قىلغان؟
9 بۇ ئىئانىلەر ھەرخىل ئۇسۇل بىلەن قىلىنغان. ئىسرائىللىقلار مۇقەددەس چېدىرنىڭ قۇرۇلۇشىغا مىسىردىن ئېلىپ چىققان قىممەت-باھا بۇيۇملارنى بەرگەن (چىقىش 3:21، 22؛ 35:22—24). بىرىنچى ئەسىردىكى بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولسا، ئۆز مال-مۈلكىنى، يەنى ئېتىزلىرىنى ياكى ئۆيلىرىنى سېتىپ، ساتقان پۇلنى ئەلچىلەرگە بەرگەن. ئەلچىلەر بۇ پۇلنى مۇھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى (ئەلچىلەر 4:34، 35). باشقىلىرى خۇدانىڭ ئىشىنى قوللاشقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇش ئۈچۈن بىراز پۇل يىغىپ قويغانىدى (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 16:2). شۇنداق قىلىپ، بەك بايلارمۇ، بەك نامرات بولغانلارمۇ، ھەركىم قولىدا بارىنى بېرەلىگەن (لۇقا 21:1—4).
بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئىئانە قىلىمىز؟
10، 11. ئا) قەدىمدە ياشىغان يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ ئە) پادىشاھلىق ئىشىنى قوللاش مۇمكىنچىلىكىگە قانداق قارايسىز؟
10 بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ قانداقتۇ بىر ئالاھىدە ئىشلار ياكى مەخسەتلەر ئۈچۈن ئىئانە قىلىشىمىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، جامائىتىڭىز ئىبادەت ئۆيىنى رېمۇنت قىلىش ياكى يېڭىسىنى قۇرۇشنى پىلان قىلغاندۇ ياكى بولمىسا، يەرلىك ئىش بېجىرىش ئورنىنى رېمۇنت قىلىش كېرەك بولغاندۇ. چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشكە كەتكەن خىراجەتنى كۆتىرىشكە ياردەم كېرەك بولار ياكى باشقا يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز تەبئىي ئاپەتكە كەلگەلىكتىن ياردەمگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئىئانىلىرىمىز چەت ئەلدە خىزمەت قىلغۇچىلار، مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار، رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار ۋە دۇنياۋى باش ئىدارىدىكى ۋە ھەر جايلاردىكى
تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىدۇ. جامائىتىڭىز دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى چوڭ يىغىلىش سارايلىرى بىلەن ئىبادەت ئۆيلىرى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا دائىم ئىئانە بېرىپ تۇرۇشىمۇ مۇمكىن.11 يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئاخىرقى كۈنلەردە قىلىۋاتقان ئىشنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە ھەرقايسىمىز ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. كۆپلىگەن ئىئانىلەر نامسىز تەقدىم قىلىنىدۇ. بىز ئىبادەت ئۆيىدىكى ئىئانە ساندۇقىغا پۇل سالغاندا ياكى org.jw تور بېكىتى ئارقىلىق ئىئانە بەرگەندە، قانچە پۇل بەرگەنلىكىمىزنى باشقىلارغا ئېيتمايمىز. ئەمما، بەرگەن ئىئانىمىز ئۆزۈمىزگە بەك ئاز ياكى ئەرزىمەس بولۇپ كۆرۈنسىچۇ؟ ئەمەلىيەتتە، تەشكىلاتقا بېرىلىدىغان ئىئانىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىرنەچچە كىشىنىڭ نۇرغۇن پۇلىدىن ئەمەس، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئاز-ئازدىن بەرگەن ئىئانىلىرىدىن ئىبارەت. ھەتتا تۇرمۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس قېرىنداشلىرىمىز بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان ماكېدونىيىدىكى ئېتىقادچىلارنى ئۈلگە قىلىدۇ. ئۇلار «نامرات» بولۇشىغا قارىماستىن، ئۇلار ئىئانىلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۆتۈنگەن ۋە كېيىن مەرتلىك بىلەن ھەدىيە قىلغان (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 8:1—4).
12. تەشكىلاتىمىز ئىئانىلەرنى قانداقلارچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ؟
12 رەھبەرلىك كېڭەش ئىئانىلەرنى سادىقلىق ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىشلىتىدۇ (مەتتا 24:45). ئۇنىڭ ئەزالىرى توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، پۇلنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە ياخشى ئويلىنىدۇ (لۇقا 14:28). قەدىمدە مەسئۇلىيەتلىك ئەر كىشىلەر ئىئانىلەرنىڭ پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىلىشىگە مەسئۇل بولغان. مەسىلەن، ئەزرا يېرۇسالىمغا پارس پادىشاھى بەرگەن قىممەت-باھا سوۋغاتلار، جۈملىدىن ئالتۇن، كۈمۈچ ۋە باشقا غەزىنىلەر بىلەن قايتقان. بۇ ھەدىيەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بۈگۈنكى كۈندە 100 مىلىيوندىن كۆپرەك ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ. ئەزرا بۇ ئىئانىلەرنى يەھۋاغا تەۋە ھەدىيە دەپ قارىغاچ، شۇڭا ئۇ ئۇلارنى خەتەرلىك رايونلاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن (ئەزرا 8:24—34). كۆپلىگەن يىللاردىن كېيىن ئەلچى پاۋلۇس يەھۇدىيەدىكى مۇھتاجلىقتا بولغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۇل يىغقان. ئۇ مۇشۇ ئىئانىنى ئېلىپ بارىدىغانلارغا ھەممىسىنى «پەقەت يەھۋانىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدىمۇ... ھالال پايدىلىنىشنى» ئېيتقان (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 8:18—21نى ئوقۇڭ). بۈگۈنكى كۈندە تەشكىلاتىمىز ئەزرا بىلەن پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىپ، ئىئانىلەرنى دانالىق بىلەن ئىشلىتىدۇ.
13. تەشكىلاتنىڭ يېقىندا قىلغان ئۆزگۈرۈشلىرىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
13 بىر ئائىلە، ئائىلىدە چىقىم كىرىمىدىن كۆپ بولماسلىقى ئۈچۈن پۇل ئىشلىتىشتە بەزى تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تۇرمۇشىنى ئاددىيلاشتۇرۇش يولىنى ئىزدىشى مۇمكىن. يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ھەم شۇنداق قىلىدۇ. يېقىندا كۆپلىگەن يېڭى قۇرۇلۇش ئىشلىرى قىلىندى. نەتىجىدە، شۇ مەزگىلدە كىرىمگە قارىغاندا چىقىم كۆپرەك بولدى. شۇ سەۋەبتىن تەشكىلات، ئائىلىگە ئوخشاش، مەبلەغنى تېجەش ۋە ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئىزدىمەكتە. بۇ ئارقىلىق تەشكىلات سىزنىڭ سېخىيلىق بىلەن بەرگەن ئىئانىلىرىڭىزنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيدۇ.
ئىئانىلىرىڭىز قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟
14—16. ئا) ئىئانىلىرىمىز نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟ ئە) سىز بۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردىڭىز؟
14 يەھۋاغا كۆپ يىللار خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىر ئۇلار تەشكىلاتتىن شۇنچىلىك كۆپ سوۋغاتلارنى ئالغان. ھازىر بىزدە org.jw تور بېكىتى ۋە JW Broadcasting تېلېۋىزىيىسى بار. كۆپلىگەن تىللاردا «مۇقەددەس يازمىلار. يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» بار. 2014، 2015-يىللار ئارىلىقىدا «خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويايلى!» دەپ ئاتالغان ئۈچ كۈنلۈك خەلقئارا چوڭ يىغىلىش دۇنيا جاي-جايلىرىدىكى 14 شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇشۇ چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقانلار چەكسىز شاد-خورامللىققا چۆمدى.
15 نۇرغۇن قېرىنداشلار يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بېرىۋاتقان سوۋغاتلار ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى. مەسىلەن، ئاسىيادا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئەر-ئايال مۇنداق يازغان: «بىز كىچىك شەھەردە خىزمەت قىلغانلىقتىن، بەزىدە ئۆزۈمىزنى يالغۇز ھېس قىلىپ، يەھۋانىڭ ئىشى قانچىلىك كەڭ دائىرىلىك ئېلىپ بېرىلۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. لېكىن JW Broadcasting تېلېۋىزىيىسىدىكى تۈرلۈك پروگراممىلارنى كۆرگەندە، دۇنيا يۈزلۈك ئېتىقادچى قېرىنداشلار چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىمىز ئېسىمىزگە كېلىدۇ. يەرلىك ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزمۇ بەك خۇشال بولۇپ، ھەر ئاي چىقىدىغان پروگراممىلارنى كۆرگەندە، ئۆزىنى رەھبەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزالىرىغا يېقىن ھېس قىلىدۇ. ھازىر ئۇلار خۇدا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ پەخىرلىنىدۇ».
16 بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا جاي-جايلىرىدا تەخمىنەن 2500 ئىبادەت ئۆيلىرىنى ياساش ياكى رېمونت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھوندۇراستىكى بىر جامائەتنىڭ ئەزالىرى ئۆز ئىبادەت ئۆيىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان. ئۇلار مۇنداق دەپ يازغانىدى: «يەھۋانىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىمىز ۋە خەلقئارا قېرىنداشلىقنىڭ بولغانلىقىدىن قەلبىمىز خۇشاللىققا تولىدۇ!»
مۇقەددەس كىتاب بىلەن باشقا ماتېرىياللارنى ئانا تىلىدا ئوقۇغاندا، تەبئىي ئاپەتتىن كېيىن قېرىنداشلاردىن ياردەم ئالغاندا ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ۋەز ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەندە، كۆپ قېرىنداشلارمۇ ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.17. يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
17 يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس كۆپ ئادەم ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قانداقلارچە پەقەت ئىختىيارىي ئىئانىلەر ئارقىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بىر چوڭ شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى باسمىخانىلىرىمىزنىڭ بىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەت پىدائىي خىزمەتچىلەرنىڭ كۈچى ۋە ئىختىيارىي ئىئانىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، پۇل يىغىش تەشكىللەنمەي قىلىنغانلىقىغا ھەيران بولۇپ، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەت بولسا دەل شۇنداق! چۈنكى بارلىق ئىش پەقەت يەھۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ (ئايۇپ 42:2).
يەھۋاغا بەرگەندە ئېرىشىدىغان بەرىكەتلىرىمىز
18. ئا) پادىشاھلىقنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن قولۇمىزدا بارىنى بەرگەندە، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟ ئە) بالىلىرىمىزنى ۋە ھەقىقەتنى يېڭىدىن تونۇغانلارنى بۇنىڭغا قانداق ئۆگىتەلەيمىز؟
18 يەھۋا بىزگە پادىشاھلىق ئىشىنى قوللاش ئىمتىيازىنى ۋە مۇمكىنچىلىكىنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىشىنى قوللىساق، ئۈستىمىزگە مول بەرىكەت تۆكىدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىدۇ (مالاكى 3:10). يەھۋا مەرتلىك بىلەن بېرىشىمىز ئۆزۈمىزگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 11:24، 25نى ئوقۇڭ). شۇنداقلا بەرگەندە بەختلىك بولىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىدۇ، چۈنكى «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بەختلىكىرەك» (ئەلچىلەر 20:35). بالىلىرىمىز ۋە ھەقىقەتنى يېڭىدىن تونۇغانلارغا پادىشاھلىق ئىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق، ئۇلارمۇ مول بەرىكەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ھەم سۆزۈمىز، ھەم ئىشىمىز بىلەن كۆرسىتەلەيمىز.
19. بۇ ماقالە سىزنى نېمىگە دەۋەت قىلدى؟
19 بىزدە بار ھەممە نەرسە يەھۋادىن كەلگەن. قولۇمىزدا بارىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (تارىخنامە 1-يازما 29:17). ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقاندا، ئىسرائىللىقلار «كۆڭۈل خۇشى بىلەن بېرىلگەن ھەدىيەلەر ئۈچۈن خۇشال بولدى، چۈنكى ئۇلار كەڭرى كۆڭۈل بىلەن خۇداۋەندىگە بەرگەن ئىدى» (تارىخنامە 1-يازما 29:9). ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ بىزگە بەرگەن نەرسىلىرىنى ئۇنىڭغا بېرىش ئارقىلىق داۋاملىق خۇشاللىق بىلەن قانائەتكە ئېرىشەيلى.