31-تەتقىق ماقالىسى
ئۇلى مۇستەھكەم سېلىنغان شەھەرنى كۈتۈۋاتامسىز؟
«ئۇ ئۇلى مۇستەھكەم سېلىنغان، لايىھىلىگۈچىسى ۋە بىنا قىلغۇچىسى خۇدا ئۆزى بولغان شەھەرنى كۈتكەن ئىدى».—ئىبرانىي. 11:10.
136-ناخشا پادىشاھلىق ئورنىتىلدى. ئۇ كەلگەي!
بۇ ماقالىدە a
1. نۇرغۇنلىرى قانداق قۇربانلىقلارنى بەردى ۋە نېمە ئۈچۈن؟
بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان خۇدا خىزمەتچىلىرى قۇربانلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ. كۆپلىگەن قېرىنداشلار ئائىلە قۇرماي ياشاشنى تاللىدى. بەزى ئەر-ئاياللار مۇشۇ كۈنلەردە بالىلىق بولماسلىقنى قارار قىلدى. بەزى ئائىلىلەر بولسا، ئاددىي-ساددا ياشاشقا بەل باغلىدى. مۇنداق مۇھىم بىر قارارلارنىڭ سەۋەبى — ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش. ئۇلار بارىغا شۈكرى قىلىپ، يەھۋانىڭ ئۆزلىرىگە كېرەكلىك ھەممە نەرسىنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ قالامدۇ؟ ياق. بىز ئۇنى نەدىن بىلىمىز؟ ئۆتمۈشتە يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلىگەن. مەسىلەن، يەھۋا ئېتىقادى بارلارنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنى بەرىكەتلىگەن.—رىملىقلار 4:11.
2. (1) ئىبرانىيلار 11:8—10، 16-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم ئۇر شەھىرىنى تاشلاپ كېتىشكە تەييار بولغان؟ (2) بۇ ماقالىدە، بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 ئىبراھىم قولايلىق ئۇر شەھىرىنى تاشلاپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ «ئۇلى مۇستەھكەم سېلىنغان» شەھەرنى كۈتكەن ئىدى (ئىبرانىيلار 11:8—10، 16-نى ئوقۇڭ). بۇ قانداق شەھەر؟ ئىبراھىم پەيغەمبەر بۇ شەھەرنىڭ بىنا قىلىنىشىنى كۈتكەندە، قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ بىز ئىبراھىمدىن ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى ئۈلگە قىلغانلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بۇ ماقالە، بىزنىڭ مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
«ئۇلى مۇستەھكەم سېلىنغان» شەھەر دېگەن نېمە؟
3. ئىبراھىم قايسى شەھەرنى كۈتكەن؟
3 ئىبراھىم كۈتكەن شەھەر — بۇ خۇدا پادىشاھلىقى. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئەيسا مەسىھ ۋە 144000 مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس بۇ شەھەرنى ‹تىرىك خۇدانىڭ شەھىرى، يەنى ئەرشتىكى يېرۇسالىم›،—دەپ ئاتىغان (ئىبرانىي. 12:22؛ ۋەھىي. 5:8—10؛ 14:1). ئەيسا شاگىرتلىرىغا خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاسماندا ئورۇنلانغاندەك، يەردىمۇ ئورۇنلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھلىق كەلسۇن، دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن.—مەتتا 6:10.
4. يارىتىلىش 17:1، 2، 6-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئىبراھىم خۇدا ۋەدە قىلغان پادىشاھلىق ياكى شەھەر توغرۇلۇق نېمىنى بىلگەن؟
4 ئىبراھىم پەيغەمبەر خۇدا پادىشاھلىقى قانداق تەشكىل قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەپسىلاتلارنى بىلگەنمۇ؟ ياق، بىلمىگەن. كۆپ ئەسىرلەر داۋامىدا، بۇ تەپسىلاتلار مۇقەددەس سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى (ئەفەس. 1:8—10؛ كولوسى. 1:26، 27). لېكىن، ئىبراھىم ئۇنىڭ بەزى ئەۋلاتلىرىنىڭ پادىشاھلار بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر ۋەدىنى بەرگەن (يارىتىلىش 17:1، 2، 6-نى ئوقۇڭ). ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئېتىقادى شۇنچىلىك مۇستەھكەم بولغانكى، ھەتتا ئۇ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولىدىغان مەسىھنى كۆرگەندەك بولغان. شۇ سەۋەپتىن، ئەيسا ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلارغا مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتقان: «ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپ، ناھايىتى خۇشال بولغان؛ ئۇ ئۇنى كۆردى ۋە خۇرسەن بولدى» (يۇھاننا 8:56). ئېنىقكى، يەھۋانىڭ قۇللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆز ئەۋلاتلىرىنىڭ بۇ پادىشاھلىقنى تىكلەيدىغانلىقىنى ئىبراھىم بىلگەن ئىدى. ئۇ يەھۋانىڭ شۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۈتۈشنى خالىغان.
5. ئىبراھىمنىڭ خۇدا لايىھىلىگەن «شەھەرنى» كۈتۈۋاتقانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
5 خۇدا لايىھىلىگەن «شەھەرنى» كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىبراھىم قانداق كۆرسەتكەن؟ بىرىنچى، ئىبراھىم يەر يۈزىدىكى ھېچبىر پادىشاھلىقنىڭ پۇقراسى بولمىغان. ئۇ كۆچمەن چارۋىچى بولۇپ ياشاپ، ھېچبىر يەردە مۇقىم تۇرۇپ قالمىغان، ھېچقانداق پادىشاھلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمىگەن. ئىككىنچى، ئۇ ئۆز پادىشاھلىقىنى تىكلەشكە تىرىشمىغان. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ خۇداغا ئىتائەتچان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقىتنى كۈتكەن. شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم پەيغەمبەر يەھۋاغا بولغان بەكمۇ كۈچلۈك ئېتىقادىنى كۆرسەتكەن. كېلىڭلار، ئۇ دۇچ كەلگەن بىرنەچچە قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرەيلى.
ئىبراھىم پەيغەمبەر قانداق قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن؟
6. ئۇر قانداق شەھەر بولغان ئىدى؟
6 ئىبراھىم بىخەتەر، قۇلايلىق ۋە گۈللەنگەن باياشات شەھەرنى تاشلاپ كەتكەنىدى. بۇ شەھەرنى ئېگىز سېپىل تاملار ۋە ئۈچ تەرەپتىن چوڭقۇر قانال ئۆستەڭلەر قورشاپ تۇراتتى. شەھەردىكى ئادەملەر يېزىش ۋە ماتېماتىكا جەھەتتىن ماھىر ئۇستىلار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ شەھەر سودا-سېتىق مەركىزى بولۇپ، ئارخېئولوگلار بۇ شەھەردىن نۇرغۇن سودا ھۆججەتلىرىنى تاپقان. يەرلىك ئۆيلەر خىش بىلەن سېلىنغان بولۇپ، قۇم بىلەن سۇۋالغان ۋە ئاقارتىلغان ئىدى. بەزى ئۆيلەرنىڭ 13 ياكى 14 ئېغىز بۆلۈم بىلەن قورشالغان تاش بېسىلغان ھويلىسى بار ئىدى.
7. نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى يەھۋانىڭ ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن؟
7 ئىبراھىم ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى يەھۋانىڭ ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك ئىدى. نېمە ئۈچۈن؟ ئېسىمىزگە ئالايلى، ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئۇر شەھىرىدىكى قولايلىق ۋە بىخەتەر ئۆيىنى تاشلاپ كېتىپ، قاناننىڭ ئوچۇق دالالىرىدا چېدىر تىكىپ ياشايدىغان بولغانىدى. ئەمدى، ئۇلارنى بۇرۇنقىدەك قوغدايدىغان مۇستەھكەم سېپىل تاملار ياكى چوڭقۇر ئۆستەڭلەر بولمىغان. دۈشمەنلەر ئاسانلا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالايتتى.
8. ئىبراھىم قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە بۇ ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
8 ئىبراھىم خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىغان بولسىمۇ، بىر ۋاقىتقا كەلگەندە، ئائىلىسىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. چۈنكى خۇدا ئۇنى ئەۋەتكەن يەردە قاتتىق ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاچارچىلىق شۇنچە ئېغىرلىشىپ كەتكەنكى، ئىبراھىم ئائىلىسى بىلەن مىسىرغا كۆچۈشكە توغرا كەلگەن. بىراق، ئۇ مىسىردا بولغاندا، فىرئەۋن ئۇنىڭ ئايالىنى ئېلىۋالغانىدى. تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ، يەھۋانىڭ قول تىقىپ، فىرئەۋن ئىبراھىمغا ئايالى سارەنى قايتۇرۇپ بەرگىچە، ئىبراھىم قانچىلىك ئەندىشە ئىچىدە قالغاندۇ-ھە!—يارىت. 12:10–19.
9. ئىبراھىمنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا قانداق قىيىنچىلىقلار بولغان؟
9 ئىبراھىمنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى قىيىن بولغان. ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالى بالا يۈزى كۆرەلمىگەن. ئۇلار ئۇن نەچچە يىللاپ ئېغىر ئارچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئاخىرىدا ئۇلار بالا يۈزى كۆرۈش ئۈچۈن، سارە ھەجەرنى ئىبراھىمغا بەرگەن. كېيىن، ھەجەر قوساق كۆتۈرگەندە، سارەنى كۆزگە ئىلماسلىققا باشلىغان. بۇ ئەھۋال كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە، سارە ھەجەرنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان.—يارىت. 16:1—6.
10. قايسى ۋەزىيەتلەر ئىبراھىمنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىسىنى سىنىغان؟
10 ئاخىرى سارە ھامىلدار بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل ئىسھاقنى تۇغۇپ بەرگەن. ئىبراھىم ئىككى ئوغلى، ئىسھاق بىلەن ئىسمائىلنى ياخشى كۆرەتتى. ئەمما، ئىسمائىل ئىسھاقنى بوزەك قىلغاچقا، ئىبراھىم ھەجەرنى ئوغلى ئىسمائىل بىلەن يولغا سېلىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان (يارىت. 21:9—14). كېيىن، يەھۋا ئىبراھىمدىن ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىشنى سورىغان (يارىت. 22:1، 2؛ ئىبرانىي. 11:17—19). بۇ ئىككى ۋەزىيەتتە، ئىبراھىم خۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك ئىدى.
11. نېمە ئۈچۈن ئىبراھىمنىڭ يەھۋانى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشىگە توغرا كەلگەن ئىدى؟
11 مۇشۇ ۋەزىيەتلەردە، ئىبراھىمنىڭ يەھۋانى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىنىشىگە توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئائىلىسى بىلەن ئۇر شەھەردىن چىققاندا، 70تىن ئاشقان (يارىت. 11:31—12:4). ئۇ تەخمىنەن يۈز يىلچە قانان زېمىندا چېدىرلاردا ياشىغان. ئىبراھىم 175 ياشقا كىرگەندە ۋاپات بولغانىدى (يارىت. 25:7). ئەمما، ئىبراھىم خۇدانىڭ بۇ زېمىننى ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىغا بېرىمەن، دېگەن ۋەدىسىنىڭ ئورۇنلىنىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن. «شەھەرنى»، يەنى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ تىكلەنگەنلىكىنى كۆرمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئىبراھىم «ياشىنىپ ھەم ھاياتقا قانائەتلىنىپ»، ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلغان (يارىت. 25:8). ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلار كۆپ بولسىمۇ، كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىپ، يەھۋانى خۇشاللىق بىلەن كۈتكەن. ئۇ قانداقمۇ شۇنچە ئۇزۇن سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەلىگەن؟ سەۋەبى، يەھۋا ئۆزى ياردەم بەرگەن، يەنى ئىبراھىمنى ئۆمۈر بويى قوغداپ، ئۇنىڭغا دوستىدەك مۇئامىلە قىلغان.—يارىت. 15:1؛ يەشايا 41:8؛ ياقۇپ 2:22، 23.
12. بىز نېمىنى كۈتۈۋاتىمىز ۋە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
12 ئىبراھىمغا ئوخشاش بىزمۇ «ئۇلى مۇستەھكەم سېلىنغان» شەھەرنى كۈتۈۋاتىمىز. لېكىن، بىز ئۇنىڭ بىنا قىلىنىشىنى كۈتمەيۋاتىمىز. خۇدا پادىشاھلىقى 1914-يىلى تىكلەنگەن ۋە ئاللىقاچان ئۇ ئاسماندا پۈتۈنلەي ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان (ۋەھىي. 12:7—10). ئەمدى بىز خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ يەر يۈزىدە پۈتۈنلەي ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بىز بۇنى كۈتۈۋاتقاندا، ئىبراھىمغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىمىز. بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىبراھىمنى ئۈلگە قىلىۋاتىدۇ. «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدا يېزىلغان تەرجىمىھاللار بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئىبراھىمغا ئوخشاش، نۇرغۇن قېرىنداشلار سەۋر-تاقەت بىلەن ئىشەنچىسىنى كۆرسەتمەكتە. كېلىڭلار، بىز ھازىر بۇ قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ۋە ئۇلاردىن نېمىگە ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئىبراھىمنى ئۈلگە قىلغانلار
13. بۇرادەر بىلنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
13 قۇربانلىق بېرىشكە تەييار بولۇڭ. ئەگەر بىز خۇدانىڭ ‹شەھىرىنى›، يەنى پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، ئىبراھىمغا ئوخشاش بولىمىز. ئۇ يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بېرىشكە تەييار بولغان (مەتتا 6:33؛ ماركۇس 10:28—30). ھازىر بىل ۋولدېن b ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. 1942-يىلى بىل ئۇ ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىناكارلىق كەسپىنى تاماملىغان. ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى بىل ئۈچۈن ياخشى بىر خىزمەتنى تېپىپ قويغان. لېكىن، بىل ئۇنى رەت قىلغان. ئۇ يۇقىرى مائاشلىق ئىشتىن ۋاز كېچىپ، خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. كېيىن، كۆپ ئۆتمەي بىل ئەسكەرلىككە بېرىشقا چاقىرىلغان. گەرچە ئۇ ھۆرمەت بىلەن بۇنى رەت قىلسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا 10000 دوللار جەرىمانە قويغان ۋە ئۇ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 3 يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن ئازاد بولغان. كېيىنرەك. ئۇ گىلىئاد مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتىشقا [مىسسىئونېر] ئافرىقىغا ئەۋەتىلگەن. ئاندىن ئېۋا ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلەنگەن. كېيىن، ئۇلار ئىككىلىسى ئافرىقىدا خىزمەت قىلىپ، كۆپ قۇربانلىقلارنى بەرگەن. ئاخىرىدا، ئۇلار بىلنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قايتىشقا توغرا كەلگەن. بىل ئۆز ھاياتى توغرۇلۇق خۇلاسە قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا مېنى 70 يىلدىن كۆپرەك ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش شان-شەرىپىگە ئىگە قىلغىنى ھەققىدە ئويلىغىنىمدا، كۆزلىرىم ياشقا تولىدۇ. خۇدا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى مېنىڭ كەسپىم قىلغىنى ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارمەن!» سىزمۇ تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى كەسپىڭىز قىلالامسىز؟
14، 15. ئاپوستولىدىس ئەر-ئايالنىڭ ۋەقەسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
14 قىيىنچىلىقلار بولمايدۇ، دەپ ئۈمىد قىلماڭ. ئىبراھىمنىڭ مىسالىدىن شۇنى بىلىمىزكى، خۇداغا ھاياتىنى بېغىشلاپ ئۆمۈر بويى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغانلارمۇ ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىدۇ (ياقۇپ 1:2؛ 1-پېتر. 5:9). بىز بۇنى ئارىستوتېلىس ئاپوستولىدىس ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىدىن كۆرۈمىز c. ئۇ 1946-يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن. ئۇ قىزغىن گۇۋاھچى بولغان. 1952-يىلى ئۆزىگە ئوخشاش مەقسەتلەرنى كۆزلىگەن ئېلېنى ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن توي قىلغان. ئەمما، ئېلېنى مېڭە ئۆسمە كېسىلى بولغان ۋە ئۆسمە كېسىپ ئېلىۋېتىلگەنىدى. لېكىن، ئۇلار توي قىلىپ بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، ئۆسمە قايتىدىن ئۆسكەن. دوختۇرلار قايتا داۋالىغان بولسىمۇ، ئېلېنى يېرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، نورمال سۆزلىشىشى قىيىن بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىگە ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن كەلگەن قارشىلىقلارغا قارىماستىن، قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
15 ئارىستوتېلىس 30 يىلچە ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن. شۇ ۋاقىتلاردا، ئۇ ئاقساقال بولۇپ، چوڭ يىغىلىشنى تەشكىللەش كېڭىشىدە خىزمەت قىلغان ۋە چوڭ يىغىلىش سارايلىرىنىڭ قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن. كېيىن، 1987-يىلى ئايالى ئېلېنى ۋەز قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا ئېغىر تۆمۈر ئىشىك تېگىپ كېتىپ، قاتتىق يارىلانغان. ئاندىن ئۇ 3 يىل ھۇشسىز يېتىپ قالغاندىن كېيىن، ۋاپات بولغان. ئارىستوتېلىس ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن: «شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ھاياتىمدا كۈتۈلمىگەن ۋە تۇيۇقسىز ۋەزىيەتلەر بىلەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە قەيسەرلىك كېرەك ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن، يەھۋا خۇدا ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ماڭا ئىزچىل كېرەكلىك كۈچ ئاتا قىلىپ كەلدى» (زەبۇر 94:18، 19). سىناقلارغا قارىماستىن، قولىدىن كەلگىنىچە ئۆزىگە خىزمەت قىلغانلارنى يەھۋا ياخشى كۆرىدۇ.
16. نور بۇرادەر ئۆز ئايالىغا قانداق ياخشى نەسىھەت بەرگەن؟
16 كېلەچەككە كۆز تىكىڭ. ئىبراھىم كۆزنى كېلەچەكتىكى مۇكاپاتقا تىككەن. بۇ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشكە ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، ئودرىي خايد قېرىندىشىمىزنىڭ بىرىنچى يولدىشى ناتان نور راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ئىككىنچى يولدىشى بولسا، ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. بۇ سىناقلارغا قارىماستىن، ئۇ ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاپ قالغان d. بىرىنچى يولدىشى نور ئۆلۈمىدىن بىرنەچچە ھەپتە ئاۋۋال ئودرىيغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم بىر نەرسىنى ئېيتقان. نېيتان ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۆلۈم بىلەن ھەممە نېمە پۈتمەيدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ئۈمىدىمىز بار. كېلەچەكتە ھېچقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكمەيمىز». يەنە ئۇ مېنى ئۈندەپ: «ئالدىڭىزدا كۈتۈپ تۇرغان بەرىكەتلەرگە كۆز تىكىڭ . . . ھەردائىم ئالدىراش بولۇپ، ھاياتىڭىزنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن بېغىشلاڭ. بۇ سىزنىڭ خۇشاللىق تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ،— دېگەن»،— دەيدۇ، ئودرىي. باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن بەند بولۇڭ ۋە «ئۈمىدىڭلار بولغىنى ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار»،— دېگەن مەسلىھەت ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.—رىملىقلار 12:12.
17. (1) كېلەچەككە كۆز تىكىش ئۈچۈن قانداق مۇھىم سەۋەبلەر بار؟ (2) مىكاھ 7:7-ئايەتتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىش كېلەچەكتىكى بەرىكەتلەردىن ھۇزۇر ئېلىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
17 كېلەچەككە كۆز تىكىش ئۈچۈن، بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ سەۋەبلەر بار. دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى بىزنىڭ ئاخىر زاماننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. يېقىندا «ئۇلى مۇستەھكەم سېلىنغان» شەھەر، يەنى خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. بىزدە كۆپ بەرىكەتلەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: تىرىلگەن يېقىنلىرىمىز بىلەن جەم بولۇپ خۇشال بولىمىز. شۇ ۋاقتىدا، يەھۋا خۇدا ئىبراھىمنى ئىشەنچىسى ۋە سەۋر-تاقىتى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ. شۇنداقلا خۇدا ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى يەردىكى جەننەتتە تىرىلدۈرىدۇ. سىز ئۇلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، شۇ يەردە بولامسىز؟ ئەگەر سىز خۇددى ئىبراھىم كەبى خۇدا پادىشاھلىقى ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بېرىشكە تەييار بولسىڭىز، قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ئىشەنچىڭىزنى ساقلىسىڭىز ۋە خۇدانى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتسىڭىز، جەننەتتە بولالايسىز.—مىكاھ 7:7-نى ئوقۇڭ.
28-ناخشا يېڭى ناخشا
a خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ ئورۇنلىنىشىنى كۈتكەندە، بەزى ۋاقىتلاردا سەۋر-تاقەت ۋە ئىشەنچىمىز سىنىلىشى مۇمكىن. ئىبراھىم پەيغەمبەر خۇدا ۋەدىسىنىڭ ئورۇنلىنىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكەن. بىز ئۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ بۈگۈنكى خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
b بىل ۋولدېننىڭ تەرجىمىھالى، «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 2013-يىل، 1-دېكابىر سانى، 8—10-بەتلەردىن تاپالايسىز.
c ئارىستوتېلىس ئاپوستولىدىسنىڭ تەرجىمىھالى، «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 2002-يىل، 1-فېۋرال سانى، 24—28-بەتلەردىن تاپالايسىز.
d ئودرىي خايدنىڭ تەرجىمىھالى، «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 2004-يىل، 1-ئىيۇل سانى، 23—29-بەتلەردىن تاپالايسىز.
e سۈرەتتە: ياشانغان ئەر-ئايال قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار كېلەچەكتىكى يەھۋانىڭ ۋەدىلىرى ھەققىدە ئويلاپ، ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.