32-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋاغا كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭ!
«كەمتەرلىك بىلەن خۇدايىڭنىڭ يولىدا يۈرۈشنى كۈتىدۇ!»—مىكاھ 6:8.
26-ناخشا خۇدا بىلەن يۈر!
بۇ ماقالىدە a
1. داۋۇت يەھۋانىڭ كەمتەرلىكى توغرۇلۇق نېمە دېگەن؟
بىز يەھۋانى كەمتەر خۇدا دەپ ئېيتالايمىزمۇ؟ ھەئە، ئېيتالايمىز. داۋۇت پادىشاھ مۇنداق دەپ يازغان: «سەن نىجاتلىق قالقىنىڭنى ماڭا بەردىڭ، كەمتەرلىكىڭ بىلەن مېنى ئۇلۇغ قىلدىڭ» (2-سام. 22:36؛ زەبۇر 18:35). داۋۇت بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، بەلكىم ئۇ سامۇئىل پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ كېيىنكى پادىشاھىنى مەسىھ قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ۋاقىتنى ئەسكە ئالغان. داۋۇت ئائىلىدە سەككىز ئوغۇل ئارىسىدا كەنجىسى بولغان. يەھۋا سائۇلنىڭ ئورنىغا، داۋۇتنى پادىشاھ سۈپىتىدە تاللىغاندا كەمتەرلىكىنى كۆرسەتكەن.—1-سام. 16:1، 10—13.
2. بۇ ماقالىدە، نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 داۋۇت جەزمەن يەنە بىر زەبۇر يازغۇچىسىنىڭ يازغان ئوي-پىكىرلىرىنى ماقۇل كۆرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇ [خۇدا] ئېگىلىپ ئاسمان بىلەن يەرگە نەزەر سالار، بىچارىنى توپا-چاڭدىن يۆلەپ تۇرغۇزار. نامراتنى كۈل دۆۋىسىدىن تارتىپ قوپۇرار. . . . ئېسىلزادىلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزار» (زەبۇر 113:6—8). بۇ ماقالىدە، بىرىنچىدىن يەھۋا قانداق ۋەزىيەتلەردە كەمتەرلىك كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. كېيىن، بىز سائۇل پادىشاھ، دانىيال ۋە ئەيسا پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆرسەتكەن كەمتەرلىك ئۈلگىسى ھەققىدە بىلىۋالىمىز.
خۇدانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
3. يەھۋا بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
3 يەھۋا خۇدانىڭ نامۇكەممەل ئادەملەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن، ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئۇ پەقەت ئىبادىتىمىزنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە بىزگە ئۆزىنىڭ دوستىدەك قارايدۇ (زەبۇر 25:14). خۇدانىڭ دوستى بولۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىرىنچى قەدەمنى قىلىپ، گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوغلىنى قۇربانلىققا بەرگەن. ئۇ بىزگە قانچىلىك مېھىر-شەپقەت ۋە ھېسداشلىق كۆرسەتكەن-ھە!
4. يەھۋا بىزگە نېمە بەرگەن ۋە نېمە ئۈچۈن؟
4 يەھۋانىڭ كەمتەرلىك كۆرسىتىش يولىدىن يەنە بىرىنى كۆرەيلى. يەھۋا ياراتقۇچى بىزگە تاللاش ئەركىنلىكىنى بەرمەي يارىتىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق، ئۇ بىزنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ يارىتىپ، بىزگە تاللاش ئەركىنلىكىنى بەرگەن. پەرۋەردىگار كەمتەر ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا چىن يۈرەكتىن خىزمەت قىلىشىنى خالايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنىڭ پايدىسىنى چۈشىنىدۇ (تەكرار. قا 10:12؛ يەشايا 48:17، 18). يەھۋانىڭ كۆرسەتكەن كەمتەرلىكى ئۈچۈن قانچىلىك مىننەتدارمىز-ھە!
5. يەھۋا بىزگە كەمتەر بولۇشنى قانداق ئۆگىتىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
5 يەھۋا بىزگە قىلغان مۇئامىلىسى ئارقىلىق، بىزنى كەمتەرلىككە ئۆگىتىدۇ. يەھۋا ئاتىمىز كائىناتتىكى ئەڭ دانا شەخس. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار. مەسىلەن، ئۇ ئۆز ئوغلىغا ئالەمنى يارىتىشتا ياردەم بېرىشكە رۇخسەت بەرگەن (پەند. نە 8:27—30؛ كولوسى. 1:15، 16). گەرچە يەھۋا ھەممىگە قادىر خۇدا بولسىمۇ، ئۇ باشقىلار بىلەن بەزى ھوقۇقىنى ئورتاقلىشىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئەيسانى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇنداقلا، ئۇ 144000 ئادەملەرگە ئەيسا بىلەن بىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇق بېرىدۇ (لۇقا 12:32). ئەلۋەتتە، يەھۋا ئۇ ئەيسانى پادىشاھ ۋە باش روھانىي بولۇشقا تەييارلىغان (ئىبرانىي. 5:8، 9). ئۇ يەنە ئەيسا بىلەن بىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارنىمۇ ۋەزىپىلىرىنى قانداق ئورۇنلاشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. ئەمما، خۇدا ئۇلارنىڭ ئورۇندىغان ۋەزىپىلىرىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك تەپسىلاتلىرىغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇ ئۆز ئىرادىسىنى ئۇلارنىڭ ئورۇنلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.—ۋەھىي. 5:10.
6، 7. ئائىلە باشلىقلىرى، ئاقساقاللار ۋە ئاتا-ئانىلار يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟
6 بىزنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىز ھېچكىمنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئەمەس. شۇڭا، ئەگەر ئۇ ئۆز ھوقۇقىنى ئورتاقلاشسا، بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك، ئەمەسمۇ! مەسىلەن، سىزنى ئائىلە بېشى ياكى جامائەتتە ئاقساقال دەيلى. يەھۋا خۇدانى ئۈلگە قىلىڭ. ۋەزىپىلەرنى باشقىلارغا تاپشۇرغاندا، ئۇلار بۇ ۋەزىپىلەرنى قانداق ئورۇندىغانلىقىغا ئارىلاشماڭ. يەھۋانى ئۈلگە قىلغاندا، پەقەت ۋەزىپىلەر ئورۇندىلىپ قالماي، باشقىلارمۇ قانداق قىلىشنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىسىز (يەشايا 41:10). ھوقۇقى بارلار يەھۋادىن يەنە قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟
7 يەھۋا ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى روھىي ئوغۇللىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قىزىقىدۇ (1-پادىشاھ. 22:19—22). ئاتا-ئانىلار سىلەر يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىلەر؟ قولايلىق بولسا، بالىلىرىڭىزغا قانداقتۇ بىر تاپشۇرۇق بەرگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن بۇ تاپشۇرۇقنى قانداق قىلسا ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى سوراپ كۆرۈڭ. ئاندىن ئۇلار قانداق دېگەن بولسا، ئۆزلىرى بۇ تاپشۇرۇقنى شۇنداق قىلىپ كۆرسۇن.
8. يەھۋا ئىبراھىم بىلەن سارەگە سەۋرچانلىق بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلغان؟
8 يەھۋانىڭ كەمتەرلىكىنى يەنە ئۇنىڭ سەۋرچانلىقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ قارارىغا خىزمەتچىلىرى ھۆرمەت بىلەن سوئال قويسا، ئۇ سەۋرچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋانىڭ سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلىشىنى ئىبراھىم توغرا قارار ئەمەس دەپ ئېيتقاندا، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىغان (يارىت. 18:22—33). يەھۋانىڭ سارەگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك. سارە قېرىغاندا ھامىلدار بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۈلگەندە، يەھۋا خاپا بولمىغان (يارىت. 18:10—14). ئەكسىنچە، ئۇ سارەگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان.
9. ئاتا-ئانىلار ۋە ئاقساقاللار سىلەر يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟
9 ئاتا-ئانىلار ۋە ئاقساقاللار سىلەر يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىلەر؟ بالىڭىز ياكى جامائەتتىكى بىرسى سىزنىڭ قارارىڭىز توغرا ئەمەس دېسە، سىز نېمە قىلاتتىڭىز؟ ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى توغرا ئەمەس، دەپ دەرھال سۆزىنى بۆلۈۋېتەمسىز؟ ياكى بولمىسا، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىشكە تىرىشامسىز؟ ھوقۇقى بارلار يەھۋانى ئۈلگە قىلسا، ئائىلىلەر ۋە جامائەتلەر بۇنىڭ زور پايدىسىنى كۆرىدۇ. مۇشۇ كەمگىچە، بىز يەھۋانىڭ ئۈلگىسىدىن كەمتەرلىك ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇلاھىزە قىلدۇق. ئەمدى بىز خۇدانىڭ سۆزىدە كەلتۈرۈلگەن مىساللاردىن كەمتەرلىك توغرىسىدا نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
باشقىلارنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10. يەھۋا بىزنى ئۆگىتىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مىساللىرىنى قانداق قوللىنىدۇ؟
10 يەھۋا ئۇلۇغ ئۇستاز سۈپىتىدە، بىزنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆز سۆزىدە مىساللارنى كەلتۈرگەن (يەشايا 30:20، 21). بىز مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللار ھەققىدە ئويلىساق، خۇدانىڭ پەزىلەتلىرىنى، شۇ جۈملىدىن كەمتەرلىكنى كۆرسەتكەن ئادەملەر ھەققىدە بىلەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز شۇنداق پەزىلەتلىرىنى كۆرسەتمىگەن كىشىلەرگە نېمە بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.—زەبۇر 37:37؛ 1-كورىنت. 10:11.
11. سائۇلنىڭ يامان ئۈلگىسىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
11 پادىشاھ سائۇلغا نېمە بولغانلىقىنى ئويلاپ كۆرەيلى. دەسلەپتە ئۇ ئاددىي-ساددا، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، ھەتتا كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشتىن ئىككىلىنىپ قالغان كەمتەر يىگىت ئىدى (1-سام. 9:21؛ 10:20—22). ئۇ پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي، ھاكاۋۇر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقى يوق ئىشلارغا قول سالغان. بىر قېتىم ئۇ سامۇئىل پەيغەمبەرنى كۈتكەن چاغدا، سەۋر-تاقەتسىزلىك قىلغان. خەلققە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەمتەرلىك بىلەن يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىدە قۇربانلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئۇ ئۆزى باش بولۇپ قۇربانلىقنى سۇنغان. نەتىجىدە، ئۇ خۇدانىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئاخىرىدا پادىشاھلىقتىن ئايرىلغان (1-سام. 13:8—14). ئەگەر بىز بۇ ئاگاھلاندۇرۇش مىسالىدىن ساۋاق ئالساق ۋە ھوقۇقىمىز يوق ئىشلارغا قول تىقماي، دانا ئادەم بولىمىز.
12. دانىيال پەيغەمبەر قانداق قىلىپ كەمتەرلىكنى كۆرسەتكەن؟
12 سائۇل يامان ئۈلگە قالدۇرغان. ھازىر بولسا، دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ياخشى ئۈلگىسىنى قاراپ باقايلى. دانىيال ئۆمۈر بويى خۇدانىڭ كەمتەر خىزمەتچىسى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭ يول-يورۇقىنى ئىزدىگەن. مەسىلەن، يەھۋا دانىيال پەيغەمبەر ئارقىلىق نېبۇقادنىسارنىڭ چۈشىنى ئۆرۈپ بەرگەن. بىراق، دانىيال بۇ چۈشنى مەن ئۆرۈيەلەيمەن، دەپ مەيدىسىگە ئۇرمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ ھەممە شان-شەرەپنى يەھۋا خۇداغا بەرگەن (دانىيال 2:26—28). بىز ئۈچۈن قانداق ساۋاق؟ ئەگەر قېرىنداشلار ئېيتقان نۇتۇقلىرىڭىزنى ياقتۇرسا ھەم ۋەز خىزمەتتە تەجرىبىلىك بولسىڭىز، ھەممە شان-شەرەپنى خۇداغا كەلتۈرۈشنى ئۇنتۇماڭ. بىز يەھۋانىڭ ياردىمىسىز، بۇنىڭ ھەممىسى قولىمىزدىن كەلمەيدىغانلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك (فىلىپى. 4:13). ئەگەر شۇنداق قىلساق، ئەيسانىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلغان بولىمىز. ئۇنداقتا قانداق ئۆرنەك قىلىمىز؟
13. بىز يۇھاننا 5:19، 30-ئايەتلەردىكى، ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن كەمتەرلىك ھەققىدە قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
13 گەرچە ئەيسا خۇدانىڭ مۇكەممەل ئوغلى بولسىمۇ، ئۇ خۇداغا تايانغان (يۇھاننا 5:19، 30-نى ئوقۇڭ). ئۇ ھېچقاچان ئاسماندىكى ئاتىسى يەھۋانىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىشقا ئىنتىلمىگەن. فىلىپىلىكلەر 2:6-ئايەتتە، ئەيسا ياراتقۇچى خۇداغا تەڭ بولۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ئاتىسىغا بويسۇنىدىغان ئوغۇل سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ چەكلىمىسىنى چۈشەنگەن ۋە ئاتىسىنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىگەن.
14. بىرلىرى ئەيسادىن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى يوق نەرسىنى سورىغاندا، ئۇ قانداق جاۋاب بەرگەن؟
14 ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ئاپىسى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھوقۇقى يوق نەرسىنى سورىغاندا، ئەيسانىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەيسا ئىككىلەنمەي دەرھال جاۋاب بېرىپ، پادىشاھلىقتا ئۇنىڭ ئوڭ ياكى سول قول تەرىپىدە كىم ئولتۇرىدىغانلىقىنى پەقەت ئاسماندىكى ئاتىسىلا قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 20:20—23). ئەيسا ئۆزىنىڭ چەكلىمىسى بار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ شۇنداق قىلىپ، كەمتەرلىكىنى كۆرسەتكەن. يەھۋا ھوقۇق بەرمىگەن ئىشنى ئەيسا ھېچقاچان قىلمىغانىدى (يۇھاننا 12:49). ئەيسانىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى ئۆزىمىزگە قانداق ئۆرنەك قىلالايمىز؟
15، 16. 1-كورىنتلىقلار 4:6-ئايەتتىكى نەسىھەتنى قانداق قوللانساق بولىدۇ؟
15 1-كورىنتلىقلار 4:6-ئايەتتىكى نەسىھەتنى ھاياتىمىزدا قوللىنىپ، بىز ئەيسانىڭ كەمتەرلىكىنى ئۈلگە قىلىمىز. بۇ ئايەتتە: «يېزىلغانلارنىڭ سىرتىغا چىقماڭلار»،— دېيىلگەن. شۇڭا بىرسى بىزدىن مەسلىھەت سورىغاندا، ھېچقاچان ئۆزۈمىزنىڭ ئۆي-پىكرىمىزنى ياكى ئويلانمايلا ئېغىزىمىزغا كەلگەننى ئېيتىشنى خالىمايمىز. بىز مۇقەددەس كىتابتىن ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللىرىمىزدىن مەسلىھەتلەرنى ئىزدىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىپ، قابىلىتىمىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بىز كەمتەرلىك بىلەن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مەسلىھىتىنىڭ ھەرقاچان بىزنىڭكىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، شان-شەرەپنى ئۇنىڭغا بېرىمىز.—ۋەھىي. 15:3، 4.
16 يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، كەمتەر بولۇشنىڭ يەنە باشقىمۇ ياخشى سەۋەبلىرى بار. ھازىر كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىل بولۇشنىڭ بىزگە قانداق خۇشاللىق ئەكېلىدىغانلىقىنى ۋە باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشكە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرەيلى.
نېمە ئۈچۈن كەمتەر بولۇش پايدىلىق؟
17. نېمە ئۈچۈن كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل ئادەملەر خۇشال؟
17 بىز كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل بولغاندا، بەكرەك خۇشال-خۇرام بولىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ ئۆزۈمىزنىڭ چەكلىمىسىنى بىلگەندە، باشقىلارنىڭ قىلغان ھەرقانداق ياردىمى ئۈچۈن مىننەتدار بولىمىز. مەسىلەن، ئەيسا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەمنى ساقايتقان ۋەقەنى ئېسىمىزگە ئالايلى. پەقەت ئون كىشىدىن بىرىلا ئەيساغا رەھمىتىنى ئېيتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن. ئۇ كىشى ھەرگىزمۇ ئۆز-ئۆزىنى بۇ يىرگىنىچلىك كېسىلىدىن ساقايتالمايتتى. بۇ كەمتەر ئادەم ئېرىشكەن ياردىمى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خۇدانى مەدھىيىلىگەن.—لۇقا 17:11—19.
18. كەمتەرلىك باشقىلار بىلەن تىل تېپىشىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (رىملىقلار 12:10)
18 ئادەتتە كەمتەر ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدۇ. كەمتەر ئادەمنىڭ دوستلىرى نۇرغۇن. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئاجايىپ پەزىلەتلىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. باشقىلار ئۆز ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، كەمتەر كىشى خۇشال بولىدۇ ۋە دەرھال ئۇلارنى ماختايدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.—رىملىقلار 12:10-نى ئوقۇڭ.
19. نېمە ئۈچۈن تەكەببۇرلۇقتىن يىراق بولۇش كېرەك؟ بۇنىڭ قانداق سەۋەبلىرى بار؟
19 ئەكسىنچە، تەكەببۇر ئادەملەرگە باشقىلارنى ماختاش قىيىن كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىلا ماختاشقا سازاۋەر دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا مايىل ھەم باشقىلاردىن ياخشىراق بولۇشقا تىرىشىدۇ. باشقىلارنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارغا ھوقۇق بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىر نەرسىنى توغرا قىلىشنى خالىساڭ، ئۆزۈڭ قىل!» چۈنكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە باشقىلار ئۇنى توغرا قىلالمايدۇ. ئادەتتە ھاكاۋۇر ئادەم باشقىلاردىن ئۆزىنى مۇھىمراق كۆرسىتىشنى خالايدۇ، باشقىلار بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق قىلسا، كۆرەلمەسلىك قىلىدۇ (گالاتىيا. 5:26). بۇنداق ئادەملەرنىڭ يېقىن دوستلىرى بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئۆز قەلبىمىزدە شۇنداق تەكەببۇرلۇقنى بايقىساق، بۇ يامان ئىللەتنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتماسلىقى ئۈچۈن، يەھۋاغا سەمىمىي دۇئا قىلىپ، ئوي-پىكىرىمىزنى يېڭىلىشى ئۈچۈن يالۋۇرۇپ ياردەم سورىشىمىز كېرەك.—رىملىقلار 12:2.
20. نېمە ئۈچۈن كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل بولۇشىمىز كېرەك؟
20 بىز يەھۋانىڭ ئۈلگىسى ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدار! ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلغىنىدىن كۆرەلەيمىز. بىز يەھۋانى ئۈلگە قىلىشنى خالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتىكى يەھۋاغا كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلغانلارنىڭ مىساللىرىدىن ئۆزىمىزگە ئۈلگە ئېلىشنى خالايمىز. بىز يەھۋانى ھەردائىم ئۇلۇغلايمىز. ئۇ ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپكە لايىق (ۋەھىي. 4:11). شۇ چاغدا، كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلەن بىرگە يۈرەلەيمىز.
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
a كەمتەر ئادەم باشقىلارغا كۆيۈمچان ۋە مېھرىبان بولىدۇ. يەھۋانى ھەقىقەتەن كەمتەر خۇدا دەپ ئېيتالايمىز. بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ كەمتەرلىگىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە بىز سائۇل پادىشاھ، دانىيال ۋە ئەيسا پەيغەمبەرلەرنىڭ كەمتەرلىگىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى ھەم ئۆگىنىمىز.
b سۈرەتتە: ئاقساقال ۋاقتىنى چىقىرىپ، ياش بۇرادەرگە جامائەتنىڭ تېررىتورىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. كېيىن ئاقساقال ياش بۇرادەرنىڭ ھەربىر ئىشىنى تەكشۈرمەي، ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ئۆزى قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك بېرىۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: قېرىنداش ئاقساقالدىن چېركاۋدا بولىدىغان تويغا بېرىش-بارماسلىق ھەققىدە مەسلىھەت سوراۋاتىدۇ. ئاقساقال ئۇنىڭغا ئۆز ئوي-پىكرىنى ئېيتماي، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.