34-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ جامائىتىدە ئورنىڭىز بار!
«تەن بىرلا بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرى كۆپتۇر. گەرچە ئەزالار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار بىرلا تەننى تەشكىل قىلىدۇ. مەسىھنىڭ تېنى ھەم شۇنداقتۇر».—1-كورىنت. 12:12.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. بىز قانداق شان-شەرەپكە ئىگە؟
بىز ئۈچۈن يەھۋا خۇدانىڭ جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش نېمە دېگەن چوڭ شان-شەرەپ، ھە! جامائەتتە قېرىنداشلار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا، تىنچلىق ۋە شاد-خۇراملىقتىن ھۇزۇرلىنىمىز. جامائەتتە ھەربىرىمىزگە ئورۇن بار. قانداق؟
2. مۇقەددەس كىتابتىكى ئەلچى پاۋلۇسنىڭ بەزى خەتلىرىدە قانداق مىساللارنى ئىشلەتكەن؟
2 بىز مۇقەددەس كىتابتىكى ئەلچى پاۋلۇس يازغان بەزى خەتلەردىن بۇ ھەققىدە كۆپرەك بىلەلەيمىز. پاۋلۇس ھەر بىر خېتىدە جامائەتنى ئىنسان تېنى بىلەن سېلىشتۇرغان. يەنە ئۇ جامائەتتىكى ھەر بىر ئېتىقادچىنى شۇ تەننىڭ ئەزالىرى بىلەن سېلىشتۇرغان.—رىملىقلار 12:4—8؛ 1-كورىنت. 12:12—27؛ ئەفەس. 4:16.
3. بۇ ماقالىدە، قانداق ئۈچ مۇھىم ساۋاقنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن بىز قانداق ئۈچ مۇھىم ساۋاقنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىرىنچىدىن، ھەربىرىمىز يەھۋا خۇدانىڭ جامائىتىدە ئۆز ئورنىمىز بارلىقىنى بىلىۋالىمىز. ئىككىنچىدىن، جامائەتتە ئۆز ئورنىڭىز تېپىش قىيىن بولسا، نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۈچىنچىدىن، ھەربىرىمىز نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ جامائىتىدە ئۆز رولىمىزنى ئورۇنداش ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن ئالدىراش خىزمەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
يەھۋانىڭ جامائىتىدە ھەركىمنىڭ ئۆز ئورنى بار
4. رىملىقلار 12:4، 5-ئايەتلەر بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟
4 پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن ئۆگەنگەن بىرىنچى ساۋاق — ھەربىرىمىزنىڭ يەھۋانىڭ ئائىلىسىدە مۇھىم ئورنىمىز بار. پاۋلۇس بۇ مىسالنى مۇنداق باشلىغان. «بىر تەننىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى بار ۋە ھەممە ئەزالار ئوخشاش بىر ئىشنى قىلمايدۇ 5 شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە بىز بولساقمۇ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە بىر تەننى تەشكىل قىلدۇق ۋە ھەربىرىمىز ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە مەنسۇپ ئەزالارمىز» (رىملىقلار 12:4، 5). بۇ ئايەتتە، پاۋلۇس نېمە دېمەكچى بولغان؟ ھەربىرىمىزنىڭ جامائەتتىكى رولى ئوخشاش ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ھەممىمىز ئوخشاشلا قەدىر-قىممەتلىك.
5. يەھۋا جامائەتكە قانداق «ھەدىيەلەرنى» بەرگەن؟
5 جامائەتتە ئورنى بار كىشىلەر ھەققىدە ئويلىغاندا، كاللىڭىزغا دەرھاللا يېتەكچىلىك قىلىشنى زىممىسىگە ئالغانلار كېلىدۇ (1-سالونىكا.5:12؛ ئىبرانىي. 13:17). يەھۋا دەرۋەقە مەسىھ ئارقىلىق ئۆز جامائىتىگە «ھەدىيەلەر» سۈپىتىدە ئىنسانلارنى بەرگەن (ئەفەس. 4:8). بۇ ھەدىيەلەر قاتارىغا يېتەكچى كېڭەش ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى، بەيتەل كېڭەش ئەزالىرى، رايونغا مەسئۇل ئاقساقال، مۇقەددەس كىتاب مەكتەپلىرىدە تەلىم بەرگۈچىلەر، جامائەتتىكى ئاقساقاللار ۋە خىزمەت ياردەمچىلىرى كىرىدۇ. بۇ قېرىنداشلار يەھۋانىڭ قىممەت-باھالىق قويلىرىغا غەمخورلۇق قىلىپ، جامائەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ئارقىلىق تەيىنلەنگەن.—1-پېتر. 5:2، 3.
6. 1-سالونىكالىقلار 2:6—8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مۇقەددەس روھ بىلەن تەيىنلەنگەن قېرىنداشلار نېمە قىلىش ئۈچۈن بار كۈچنى سالىدۇ؟
6 قېرىنداشلار ھەرتۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مۇقەددەس روھ بىلەن تەيىنلىنىدۇ. خۇددى تەننىڭ ھەرتۈرلۈك ئەزالىرى، يەنى پۇتلار ۋە قوللار بىر پۈتۈن تەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغانغا ئوخشاش ئاشۇ تەيىنلەنگەن قېرىنداشلار پۈتكۈل جامائەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن تەر تۆكمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن باشقىلاردىن شان-شەرەپ كۈتمەيدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بار كۈچىنى سالىدۇ (1-سالونىكالىقلار 2:6—8-نى ئوقۇڭ). بىز ئاشۇ جان كۆيدۈرەر روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن بۇرادەر ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارمىز.
7. كۆپلىگەن تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ؟
7 جامائەتتە بەزىلەر ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر]، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە تەيىنلىنىشى مۇمكىن. ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا قېرىنداشلار ۋەز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تەييارلاش ئۈچۈن پۈتۈن ۋاقتىنى بېغىشلىغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۆپلىگەن ئادەملەرگە ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. گەرچە تولۇق ۋاقىتلىق ۋەز قىلىدىغانلارنىڭ پۇلى كۆپ بولمىسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنى بەرىكەتلەرگە تولغان ھايات بىلەن مۇكاپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ (ماركۇس 10:29، 30). بىز ئاشۇ قەدىرلىك قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ جامائەتنىڭ ئەزالىرى بولغانلىقىغا بەكمۇ مىننەتدارمىز!
8. نېمە ئۈچۈن ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۋا ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىك؟
8 پەقەت تەيىنلەنگەن بۇرادەرلەر ۋە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭلا جامائەتتە ئورنى بارمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ھەر بىر ۋەز ئېيتقۇچى خۇدا ۋە جامائەت ئۈچۈن بەك مۇھىم (رىملىقلار 10:15؛ 1-كورىنت. 3:6—9). ئەمەلىيەتتە جامائەتنىڭ بىر مۇھىم مەقسىتى — ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنى تەييارلاش (مەتتا 28:19، 20؛ 1-تىموت. 2:4). ۋەز قىلغانلارنىڭ ھەممىسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنلەر ياكى ئۆتمىگەنلەر بولسۇن، شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم، دەپ ھېسابلايدۇ.—مەتتا 24:14.
9. نېمە ئۈچۈن بىز جامائەتتىكى ئايال كىشىلەرنى قەدىرلەيمىز؟
9 يەھۋا جامائىتىدىكى ئايال كىشىلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن. ئۇ ئۆزىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارنى، ئانىلارنى، تۇل ئاياللارنى ۋە تۇرمۇشقا چىقمىغان قىزلارنى قەدىرلەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا، خۇدانى خۇرسەن قىلغان نۇرغۇن ئاياللارنىڭ مىساللىرى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار دانالىقى، ئىشەنچىسى، قىزغىنلىقى، باتۇرلۇقى، مەرتلىكى ۋە ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ماختاشقا ئېرىشكەن (لۇقا 8:2، 3؛ ئەلچى. 16:14، 15؛ رىملىقلار 16:3، 6؛ فىلىپى. 4:3؛ ئىبرانىي. 11:11، 31، 35). بىزنىڭ جامائىتىمىزدە ئەنە شۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىرى بار قېرىنداشلار ئۈچۈن يەھۋاغا بەك مىننەتدارمىز!
10. نېمە ئۈچۈن ياشانغانلار بىز ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىك؟
10 جامائەتتە ياشانغانلارنىڭ بولۇشى ھەم بىز ئۈچۈن چوڭ بەرىكەت. بەزى جامائەتلەردە، يەھۋا خۇداغا ئۆمۈر بويى ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ياشانغانلار بار. بەزى ياشانغانلار ھەقىقەتنى يېقىندا تونۇغان. كۆپۈنچە ياشانغانلار قېرىلىقتا بولىدىغان تۈرلۈك ئاغرىق-سىلاقلار بىلەن كۈرەش قىلىشى مۇمكىن. بۇ قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن، ئۇلار جامائەتتە ۋە ۋەز خىزمەتتە بۇرۇنقىدەك كۆپرەك ئىشلارنى قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇلار ۋەز خىزمەتتە ۋە باشقىلارغا ئىلھام ۋە تەلىم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىچە بار كۈچىنى چىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ جامائەت ئۈچۈن پايدىسى زور! ئۇلار يەھۋا ئۈچۈن ۋە بىز ئۈچۈنمۇ ھەقىقەتەن قەدىر-قىممەتلىك.—پەند. نە 16:31.
11، 12. جامائىتىڭىزدىكى ياشلار سىزگە قانداق ئىلھام بەرگەن؟
11 ئەمدى بىز ياشلىرىمىز توغرۇلۇق ئويلايلى. ئۇلار شەيتان ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ رەزىل پەلسەپەلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتقاچقا، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ (1-يۇھاننا 5:19). ياشلىرىمىز يىغىلىشتا جاۋاب بەرگەندە، ۋەز ئېيتىشقا چىققاندا ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى قوغدىغاندا، بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ، ئىلھام ئالىمىز! ياشلار، سىلەرنىڭمۇ يەھۋانىڭ جامائىتىدە مۇھىم ئورنۇڭلار بار!—زەبۇر 8:2.
12 ئەمما، بەزى قېرىنداشلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ جامائەتتە مۇھىم ئورنى بارلىقىغا ئىشىنىش قىيىن. جامائەتتە ھەربىرىمىزنىڭ شەخسەن بىر كىشىلىك ئورنى بار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ بۇنى ھازىر كۆرۈپ باقايلى.
جامائەتتە ئۆز ئورنىڭىزنى كۆرۈڭ
13، 14. نېمە ئۈچۈن بەزى قېرىنداشلار ئۆزىنى جامائەتتە مۇھىم ئەمەستەك ھېس قىلىشى مۇمكىن؟
13 ئەمدى پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن بىز ئۆگىنەلەيدىغان ئىككىنچى ساۋاقنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا دىققىتىنى ئاغدۇرغان. كۆپلىگەن قېرىنداشلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ جامائەتتە مۇھىم ئورنى بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش قىيىن. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق يازغان: «ئەگەر پۇت: «مەن قول بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن»، دېسە، بۇ ئۇنىڭ تەننىڭ بىر قىسىمى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر قۇلاق: «مەن كۆز بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن»، دېسە، بۇ ئۇنىڭ تەننىڭ بىر قىسىمى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ» (1-كورىنت. 12:15، 16). پاۋلۇس بىزنى نېمىگە ئۆگەتمەكچى؟
14 ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا باشلىسىڭىز، جامائەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ھېچ بىر پايدىسى يوقتەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. جامائەتتە ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە يارىشا قابىلىيەتلىرى بار. مەسىلەن، بەزىلەر ياخشى تەلىم بەرگۈچىلەر، باشقىلىرى ياخشى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، يەنە بىرلىرى تەجرىبىلىك پادىچىلار بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، سىز مەندە ئۇلارغا ئوخشاش قابىلىيەت يوق، دەپ ئويلايدىغانسىز. بۇ سىزنىڭ كىچىك پېئىل ۋە كەمتەر ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ (فىلىپى. 2:3). بىراق، ئېھتىياتچان بولۇڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى دائىم قابىلىيەتلىك قېرىنداشلار بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ كېتىدۇ. ھەتتا پاۋلۇس ئېيتقاندەك جامائەتتە ئۆزىڭىزنى كېرەكسىزدەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق ھېس-تۇيغۇلارنى يېڭىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
15. 1-كورىنتلىقلار 12:4—11-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىز ھەرخىل ھەدىيەلەر ھەققىدە نېمە بىلىشىمىز كېرەك؟
15 بىرىنچى ئەسىردە بولغان ۋەزىيەتنى مۇلاھىزە قىلايلى. يەھۋا بەزى ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئاجايىپ ھەدىيەلەرنى بەرگەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ ھەدىيەلەرگە ئىگە بولمىغان (1-كورىنتلىقلار 12:4—11-نى ئوقۇڭ). خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە ھەرخىل ھەدىيەلەر ۋە قابىلىيەتلەرنى بەرسىمۇ، لېكىن ھەر بىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسىنى قەدىرلىگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئاجايىپ ھەدىيەلەرنى ئالمايمىز. بىراق، بۇ ئايەتلەردىكى پرىنسىپ ھازىرمۇ بىز ئۈچۈن پايدىلىق. بەلكىم، ھەممىمىز ئوخشاش قابىلىيەتلەرگە ئىگە ئەمەس، شۇنداقتىمۇ يەھۋا ھەربىرىمىزنى قەدىرلەيدۇ.
16. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ قانداق مەسلىھىتىنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلىشىمىز كېرەك؟
16 ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىڭ. «ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆزدىن كەچۈرسۇن، شۇ چاغدا ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماي، پەقەت ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنىدۇ».—گالاتىيا. 6:4.
17. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالساق، قانداق پايدىسىنى كۆرەلەيمىز؟
17 ئەگەر بىز ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالساق ۋە ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى تەكشۈرسەك، بىزدە باشقىلاردا يوق ئالاھىدە ھەدىيەلەر ۋە قابىلىيەتلەر بارلىقىنى بايقاشقا باشلايمىز. مەسىلەن، ئاقساقال سەھنىدە نۇتۇق ئېيتىشقا ماھىر بولمىسىمۇ، لېكىن شاگىرت تەييارلاش ئىشىدا ئۇستا بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئۇ باشقا ئاقساقاللارغا قارىغاندا، ئۇنچىلىك ياخشى ئۇيۇشتۇرغۇچى بولمىسىمۇ، بىراق قېرىنداشلار كېلىپ ئۇنىڭدىن ئەركىن-ئازادە مەسلىھەت سورىيالايدىغان كۆيۈمچان پادىچىدەك تونۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئۇنى ھەممىسى مېھماندوست، دەپ تونۇيدۇ (ئىبرانىي. 13:2، 16). ئەگەر بىز ئۆزۈمىزنىڭ كۈچى، ھەدىيەلىرى ۋە قابىلىيەتلىرىنى ئېنىق كۆرسەك، شۇندىلا جامائەتكە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇلايدىغانلىقىمىزدىن خۇشال بولۇشقا سەۋەبىمىز بولىدۇ. بىزنىڭكىدىن پەرقلىق قابىلىيەتلىرى بار قېرىنداشلارغا ھەسەتخورلۇق قىلمايمىز.
18. قابىلىيەتلىرىمىزنى قانداق ئاشۇرالايمىز؟
18 جامائەتتىكى ئورنىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقايسىمىز خىزمەتنىڭ سۈپىتىنى ۋە قابىلىيەتلىرىمىزنى ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىشىمىز كېرەك. يەھۋا بۇ جەھەتتىن بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق ئاجايىپ تەربىيىلەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھەپتە ئارلىقىدىكى يىغىلىشلاردا ۋەز خىزمەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتمىلەرنى ئالىمىز. جامائەتتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا ئىشلىتىۋاتامسىز؟
19. پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرى مەكتىپىدە ئوقۇش ئۈچۈن قويغان مەقسەتلىرىڭىزگە قانداق يېتەلەيسىز؟
19 يەنە بىر تەلىم بېرىش پروگراممىسى بۇ پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرى ئۈچۈن مەكتەپ. بۇ مەكتەپتە 23 دىن 65 ياشقىچە بولغان تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار ئوقۇيالايدۇ. بەلكىم، سىز مەن ھەرگىزمۇ بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا بارالمايمەن، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، بۇ مەكتەپكە نېمە ئۈچۈن بارالمايدىغانلىقىڭىز توغرۇلۇق سەۋەبلەر ئۈستىدە ئەمەس، نېمە ئۈچۈن بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلىنىڭ. ئاندىن كېيىن، مەكتەپكە بېرىشقا لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلارنى تىزىملاپ ئېنىق پىلان تۈزۈڭ. يەھۋانىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن نەرسە، رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن.
قابىلىيەتلىرىڭىزنى جامائەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىڭ
20. رىملىقلار 12:6—8-ئايەتلەردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
20 پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن ئۆگىنەلەيدىغان ئۈچىنچى ساۋاق رىملىقلار 12:6—8-ئايىتىدە (ئوقۇڭ) ئايەتلەردە يېزىلغان. بۇ ئايەتلەردە، جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەرخىل ھەدىيەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن. لېكىن، ئۇ بىزگە ئىگە بولغان ھەرقانداق ھەدىيەلەرنى جامائەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
21، 22. روبېرت ياكى فېلىسنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟
21 روبېرت ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ چەتئەلدە بىراز ۋاقىت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىدىكى بەيتەلگە تەيىنلەنگەن. گەرچە بۇرادەرلەر ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدە، ئۇ ھېچبىر ئىشنى خاتا قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قىيىن بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆز ۋەزىپەمنى توغرا ئورۇندىيالمىدىم دەپ، سەلبىي ھېس-تۇيغۇدا بولۇپ، بىرنەچچە ئايغىچە كۆڭلۈم يېرىم يۈردۈم. بەيتەلدىكى خىزمەتنى توختىتىشنى خالىغان ۋاقىتلىرىم بولغانىدى». ئۇ قايتىدىن خۇشال بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ بىر ئاقساقال ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەن: يەھۋا ئىلگىرى تاپشۇرغان خىزمەتلەر ئارقىلىق بىزنى تەربىيىلىگەن. شۇڭا، ھازىرقى تاپشۇرۇلغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاش ئۈچۈن بىز ئۆز ھەسسىمىزنى تېخىمۇ كۆپرەك قوشالايمىز. روبېرت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى خىزمىتىگە ئەمەس، ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلىۋاتقان خىزمىتىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن.
22 فېلىس ئېپىسكوپو ئىسىملىك بۇرادەر ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. 1956-يىلى ئۇ ئايالى بىلەن بىرگە گىلىئاد مەكتىپىنى تاماملاپ، بولىۋىيىدە رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1964-يىل، ئۇلار بالىلىق بولۇپ قالغان. فېلىس مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىمىز شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتتىن ئايرىلىش قىيىن بولدى. مەن ئۈمىدسىزلىككە تولۇپ، بىر يىل ۋاقتىمنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتتىم. لېكىن، يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن مەن كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن دىققىتىمنى ئاتا-ئانا بولۇش يېڭى ۋەزىپىسىگە ئاغدۇردۇم». سىز روبېرت ياكى فېلىسقا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولدىڭىزمۇ؟ بۇرۇن قىلغان خىزمىتىڭىزنى ھازىر قىلالمايۋاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ يۈرۈۋاتامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، يەھۋاغا ۋە قېرىنداشلىرىڭىزغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن دەل ھازىر نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز، خۇشالراق بولىسىز. ھەدىيەلىرىڭىز ۋە قابىلىيەتلىرىڭىزنى ھەردائىم باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتسىڭىز، جامائەتنى مۇستەھكەملەپ، خۇشال-خۇراملىق تاپالايسىز.
23. بىز نېمە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرەك ۋە كېلەركى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
23 ھەربىرىمىز يەھۋانىڭ ئالدىدا قىممەت-باھالىق. ئۇ بىزنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسى بولۇشىمىزنى خالايدۇ. ئەگەر بىز ۋاقىت چىقىرىپ قېرىنداشلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلانساق ۋە قولىمىزدىن كەلگىنىچە ھەرىكەت قىلساق، بىزدە جامائەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئورنى يوقتەك ھېس-تۇيغۇ پەيدا بولمايدۇ. سىزنىڭ جامائەتتىكىلەرگە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز. كېلەركى ماقالىدە، بۇ مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
16-ناخشا قېچىپ بار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا!
a ھەرقايسىمىز يەھۋا ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىشنى خالايمىز. لېكىن، بىز بەزىدە «مېنىڭ بىر پايدام بارمۇ؟» دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ماقالىدىن، جامائەتتە ھەربىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۈرەتتە: بۇ ئۈچ سۈرەتتە جامائەت يىغىلىشتىن ئىلگىرى، يىغىلىش ۋاقتىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەتلەر كۆرسىتىلگەن. 1-سۈرەت. ئاقساقال يىغىلىشقا كەلگەن كىشىنى ئىللىق قارشى ئېلىۋاتىدۇ. ياش بۇرادەر ئاۋاز كۈچەيتىش قۇرۇلمىلىرىنى ئورنىتىۋاتىدۇ. بىر قېرىندىشىمىز ياشانغان قېرىندىشىمىز بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ. 2-سۈرەت. «كۈزىتىش مۇنارى» ماقالىسى تەتقىق قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ياش ۋە ياشانغان قېرىنداش جاۋاب بېرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. 3-سۈرەت. بىر ئەر-ئايال ئىبادەت زالىنى تازىلاۋاتىدۇ. ئاپىسى قىزىنىڭ ئىئانە ساندۇقىغا پۇل سېلىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ياش بۇرادەر ماتېرىياللارنى رەتلەۋاتىدۇ. بۇرادەر ياشانغان قېرىنداشقا ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىۋاتىدۇ.