ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
ئەيسا قاچان باش روھانىي بولغان؟ يېڭى ئەھدىنىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن قاچان ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟
ئەيسا مىلادى 29-يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئۇ باش روھانىي بولغان. بۇنىڭغا قانداق ئىسپاتلار بار؟ ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆزىنى تەغدىم قىلغان. ئۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن (گالاتىيا. 1:4؛ ئىبرانىي. 10:5—10). خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قۇربانگاھ بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەيسا ئۆز جېنىنى بەرگەندە، ئۇ خۇددى سىمۋوللۇق قۇربانگاھتا قۇربانلىق قىلغاندەك بولدى. بۇ سىمۋوللۇق قۇربانگاھ ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىدىن تارتىپ مەۋجۇت بولغان. يەھۋا خۇدا قەدىمقى ئىسرائىللار ئۈچۈن پاك ئىبادەتنى ئورۇنلاشتۇرغاندەك، بىرىنچى ئەسىردىمۇ تۆلەم قۇربانلىققا ئاساسلانغان روھىي پاك ئىبادەتنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنداقلا قۇربانگاھ قەدىمدە ئىبادەتخانىدا مۇھىم ئورۇن ئالغاندەك، يەھۋانىڭ ئىرادىسىمۇ ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانىدا مۇھىم ئورۇن ئالىدۇ.—مەتتا 3:16، 17؛ ئىبرانىي. 5:4—6.
ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانا پەيدا بولغاچقا، باش روھانىيمۇ كېرەك ئىدى. شۇڭا، خۇدانىڭ «مۇقەددەس روھى ھەم قۇدرىتى» بىلەن ئەيسا باش روھانىي سۈپىتىدە مەسىھ قىلىنغان (ئەلچى. 10:37، 38؛ ماركۇس 1:9—11). ئەيسا ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىدىن ئىلگىرى، باش روھانىي بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىگە قانداق ئىشەنچ قىلالايمىز؟ بۇ سوئالغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بولغان باش روھانىيلارنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
مۇسا قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە، پەقەت باش روھانىيلار ئىبادەت چېدىرىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرەلىگەن. ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاي پەردە ئارقىلىق بۆلۈنگەن. باش روھانىي شۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا پەقەت گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈش كۈنى پەردىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتەلەيتتى (ئىبرانىي. 9:1—3، 6، 7). ھارۇن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باش دىنىي خىزمەتچىلەر ئەڭ مۇقەددەس جايغا، يەنى پەردىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال، ئۇلار باش روھانىي سۈپىتىدە تەيىنلىنىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا ئەرشتىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا پەردىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال، ئۇ روھىي ئىبادەتخانىدا باش روھانىي سۈپىتىدە ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىنلا، ئۇ ئاسماندىكى ھاياتىغا «پەردە، يەنى ئۆز تېنى» ئارقىلىق ئۆتتى (ئىبرانىي. 10:20). شۇ سەۋەبتىن، ئەلچى پاۋلۇس ئەيسانى «باش روھانىي» سۈپىتىدە كەلگەنلىكىنى ۋە «ئاسماننىڭ ئۆزىگە» كىرگەنلىكىنى ئېيتقان.—ئىبرانىي. 9:11، 24.
يېڭى ئەھدىنىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن قاچان ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى ئارىسىدا ھېچ بىر پەرق يوق. بۇنى بىز نەدىن بىلىمىز؟ چۈنكى يېڭى ئەھدە ياكى كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇش ياكى بېكىتىلىشى ئۈچۈن ئۈچ شەرت قىلىنىشى كېرەك ئىدى. (1) ئەيسا يەھۋا خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىشى كېرەك ئىدى، (2) ئەيسا قۇربانلىقىنىڭ ھەققىنى يەھۋا خۇداغا سۇنۇشى كېرەك ئىدى ۋە (3) يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ تۆلىگەن قۇربانلىق ھەققىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى.
ئەيسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، يەھۋا خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋە قۇربانلىقىنىڭ ھەققىنى سۇنۇپ، بىرىنچى ئىككى قەدەمنى قىلغان. لېكىن، يېڭى ئەھدە تۈزۈلىشى ھەم كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۈچىنچى قەدەم قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
مۇقەددەس كىتابتا، مەسىھنىڭ قۇربانلىقىنى يەھۋا خۇدا قاچان قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىق يېزىلمىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن يېڭى ئەھدىنىڭ قاچان تۈزۈلگەنلىكى ۋە كۈچكە ئىگە قىلىغانلىقىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بىلمەيمىز. لېكىن، بىز ئەيسانىڭ ئەللىكىنچى كۈن، يەنى ھوسۇل يىغىش بايرىمىدىن ئون كۈن ئاۋۋال ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىمىز (ئەلچى. 1:3). شۇ كۈنلەرنىڭ ئارىلىقىدا قانداقتۇ بىر پەيتتە، ئەيسانىڭ قۇربانلىقىنىڭ ھەققىنى يەھۋا قوبۇل قىلغان (ئىبرانىي. 9:12). بۇ مۇھىم ۋەقە ئەللىكىنچى كۈن، يەنى ھوسۇل يىغىش بايرىمىدا ئېنىق ئىسپاتلانغان (ئەلچى. 2:1—4، 32، 33). شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، يېڭى ئەھدە تۈزۈلگەن ۋە كۈچكە ئىگە قىلىنىشقا باشلىغان.
خۇلاسە قىلغاندا، ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ ھەققىنى يەھۋا خۇدا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يېڭى ئەھدە تۈزۈلگەن ۋە كۈچكە ئىگە قىلىنغان ھەمدە باش روھانىي ئەيسا مەسىھ شۇندىن ئېتىبارەن بۇ ئەھدىنىڭ ۋاستىچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشنى باشلىغان.—ئىبرانىي. 7:25؛ 8:1_3، 6؛ 9:13_15.