30-تەتقىق ماقالىسى
داۋاملىق ھەقىقەت يولىدا مېڭىڭ!
«بالىلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقىنىنى ئاڭلاشتىنمۇ ئارتۇقراق خۇشال بولۇشقا سەۋەبىم يوقتۇر».—3-يۇھاننا 4.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە بىزنى خۇشال قىلالايدۇ؟ (3-يۇھاننا 3، 4)
ئەلچى يۇھاننا ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن ئادەملەرنىڭ يەھۋاغا داۋاملىق ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئۇلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئەلچى يۇھاننا ئۆزىنىڭ بالىلىرى كەبى كۆرگەن قېرىنداشلارنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تەر تۆككەن. بۇنىڭغا ئوخشاش، بالىلىرىمىزنىڭ ياكى بىز ھەقىقەتنى بىلىشىگە ياردەم بەرگەن ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، ھەقىقەتتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، بەك خۇشال بولىمىز.—3-يۇھاننا 3، 4-نى ئوقۇڭ.
2. يۇھاننا يازغان ئۈچ خەتنىڭ مەقسىتى نېمە؟
2 مىلادى 98-يىلى ئەلچى يۇھاننا ئەفەس شەھىرى ياكى يېقىن شۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتا بىر جايدا ياشىغان بولۇشى مۇمكىن. ئېھتىمال، ئۇ پاتموس ئارىلىدىكى سۈرگۈندىن ئازاد بولغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. تەخمىنەن شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئۇنى ئۈچ خەتنى يېزىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ خەتلەرنىڭ مەقسىتى — سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەيساغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش ۋە ھەقىقەتتە داۋاملىق مېڭىشىغا ياردەم بېرىش.
3. قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
3 يۇھاننا ئەڭ ئاخىرقى ھايات قالغان ئەلچى بولۇپ، ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ جامائەتكە قىلىدىغان تەسىرىدىن ئەنسىرىگەن b (1-يۇھاننا 2:18، 19، 26). بۇ ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەر خۇدانى تونۇيمىز، دەپ ئېيتقان. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنمىغان. ھازىر بولسا، خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يۇھاننانىڭ بەرگەن نەسىھەت سۆزلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۈچ سوئالغا جاۋاب تاپايلى: ھەقىقەت يولىدا مېڭىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ يولدا مېڭىشقا نېمە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن؟ بىر-بىرىمىزگە ھەقىقەتتە قېلىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ھەقىقەت يولىدا مېڭىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
4. ھەقىقەت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (1-يۇھاننا 2:3—6 ۋە 2-يۇھاننا 4؛ 6)
4 ھەقىقەت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن بىز خۇدانىڭ سۆزى مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى بىلىشىمىز لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، بىز چوقۇم «ئۇنىڭ [يەھۋانىڭ] ئەمىرلىرىگە داۋاملىق ئەمەل» قىلىشىمىز، يەنى ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك (1-يۇھاننا 2:3—6؛ 2-يۇھاننا 4، 6-نى ئوقۇڭ). ئەيسا مەسىھ، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى قالدۇرغان. شۇڭا، يەھۋاغا بويسۇنۇشنىڭ مۇھىم بىر يولى — ئەيسا مەسىھنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىش.—يۇھاننا 8:29؛ 1-پېتر. 2:21.
5. بىز نېمىگە كۆز يەتكۈزۈشىمىز كېرەك؟
5 ھەقىقەت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن بىز يەھۋانىڭ دائىم ھەقىقەتنى ئېيتىدىغانلىقى ھەم ئۇ ئۆز سۆزى مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ئەيسانىڭ ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىگە چوقۇم ئىشەنچ قىلىشىمىز زۆرۈر. بۈگۈنكى كۈنلەردە، كۆپلىگەن ئادەملەر ئەيسانىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ تەيىنلەنگەن پادىشاھى بولغىنىغا گۇمان قىلىدۇ. يۇھاننا «نۇرغۇن ئالدامچىلار» يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ھەقىقەتلەرگە ئىشەنچى كۈچلۈك بولمىغان ئادەملەرنى ئازدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (2-يۇھاننا 7—11). يۇھاننا مۇنداق دەپ يازغان: «كىم يالغانچى؟ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى ئەمەسمۇ؟» (1-يۇھاننا 2:22). ئالدىنىپ قالماسلىقىمىزنىڭ بىرلا يولى — خۇدانىڭ سۆزىنى ئۆگىنىشتۇر. بۇنى قىلغاندىلا، يەھۋا بىلەن ئەيسا ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ھەقىقەتكە ئېرىشكەنلىكىمىزگە كۆز يەتكۈزىمىز.—يۇھاننا 17:3.
ھەقىقەت يولىدا مېڭىشىمىزغا نېمە توسالغۇ بولىدۇ؟
6. ياش مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چۈشۈپ قالىدىغان بىر تۇزاق قانداق؟
6 بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنسان پەلسەپەلىرىدىن ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىشى كېرەك (1-يۇھاننا 2:26). بولۇپمۇ، ياش ئېتىقادداشلىرىمىز مۇشۇ تۇزاقتىن پەخەس بولۇشى لازىم. فرانسىيىدە ياشايدىغان 25 ياشلىق ئالېكسىيا c ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپتە ئۆگەنگەن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ باشقا تەلىملىرى مېنى گاڭگىرىتىپ، ھەقىقەتتىن گۇمانلىنىشقا سەۋەب بولدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ تەلىملەر مېنى قىزىقتۇراتتى. ئەمما، مەن مۇئەللىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپلا، يەھۋا خۇداغا سۆزلەش پۇرسىتىنى بەرمىگەنلىكىم ناتوغرا دەپ ئويلىغان ئىدىم». ئالېكسىيا «ھايات قانداق پەيدا بولغان؟ تەدرىجىي تەرەققىيات ياكى يارىتىلىش يولى بىلەنمۇ؟» d ناملىق كىتابنى تەتقىق قىلغان. بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ بىرمۇ گۇمانى قالمىغانىدى. ئالېكسىيا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمگە مۇقەددەس كىتابتا ھەقىقەت بارلىقىنى ئىسپاتلىدىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈش ماڭا خۇشاللىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم».
7. بىز نېمىدىن نېرى بولۇشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
7 ياش ياكى قېرى بولسۇن، ھەممە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىككى يۈزلۈك ھايات كەچۈرۈشتىن نېرى بولۇشى كېرەك. يۇھاننا ئېيتقاندەك، ھەقىقەت يولىدا مېڭىپ، ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس (1-يۇھاننا 1:6). يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشنى خالىساق، ئۇنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى كۆرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ئادەملەر بىزنىڭ يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمىزنى كۆرمىسىمۇ، ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا قىلغانلىرىمىز بەش قولدەك ئاياندۇر.—ئىبرانىي. 4:13.
8. بىز چوقۇم نېمىنى رەت قىلىشىمىز لازىم؟
8 بىز دۇنيانىڭ گۇناھقا نىسبەتەن كۆز قارىشىنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەلچى يۇھاننا مۇنداق دەپ يازغان: «ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە بىزدە ھەقىقەت يوقتۇر» (1-يۇھاننا 1:8). يۇھاننانىڭ كۈنلىرىدىكى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن كىشى قەستەن خۇداغا قارشى گۇناھ يولىدا ماڭسىمۇ، يەنىلا خۇدانىڭ دوستى بولۇپ قالىمەن، دەپ ئېيتقان. بۈگۈنكى كۈندە، دەل شۇنداق كۆز قاراشتا بولغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىمىز. نۇرغۇن ئادەملەر خۇداغا ئىشىنىمىز دەيدۇ، ئەمما يەھۋانىڭ گۇناھقا، بولۇپمۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا بولغان كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئادەملەر خۇدانىڭ كۆزىدە گۇناھ دەپ سانالغان ئىش-ھەرىكەتنى، ئادەملەر بۇ مېنىڭ شەخسىي قارارىم ياكى ھايات تەرزىم دەپ ئويلايدۇ.
9. ياشلار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كۆز قاراشقا قەتئىي ئەمەل قىلىشتىن، قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ؟
9 بولۇپمۇ، ياش ئېتىقادداشلارغا سىنىپداشلىرى ياكى خىزمەتداشلىرى ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا بولغان كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىشقا بېسىم قىلىۋاتىدۇ. ئالېكساندىر شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپتىكى بەزى قىزلار مېنى جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشقا قايىل قىلماقچى بولدى. قىز دوستۇم بولمىغاچقا، ئۇلار: «سىز ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلەشكۈچىمۇ؟»،— دەپ سورىغان». ئەگەر ئوخشاش سىناققا دۇچ كەلسىڭىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كۆز قارىشىڭىزغا قەتئىي ئەمەل قىلغاندا، نام-ئابرويىڭىز، سالامەتلىكىڭىز، روھىي ساغلاملىقىڭىزنى ۋە يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى قوغدىيالايسىز. ھەر قېتىم ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرسىڭىز، بارا-بارا توغرا ھەرىكەت قىلىش ئوڭايراق بولىدۇ. جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا نىسبەتەن بۇرمىلانغان كۆز قاراش شەيتاندىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ. شۇڭا، بۇ دۇنيانىڭ دېگىنىنى رەت قىلىپ، شەيتاننى يېڭەلەيسىز.—1-يۇھاننا 2:14.
10. يەھۋاغا پاك ۋىجدان بىلەن خىزمەت قىلىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (1-يۇھاننا 1:9)
10 بىز خۇدانىڭ نېمىنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز. گۇناھ قىلىشتىن نېرى تۇرۇشىمىز ئۈچۈن بىز بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز. ئەگەر بىز خاتالىق ئۆتكۈزسەك، يەھۋاغا دۇئادا خاتالىقىمىزنى ئىقرار قىلالايمىز (1-يۇھاننا 1:9-نى ئوقۇڭ). ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزسەك، يەھۋا بىزگە غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن تەيىنلىگەن ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىيالايمىز (ياقۇپ 5:14—16). بىراق، بىز بۇرۇنقى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئويلىنىپ غەم-ئەندىشىدە چۈشكۈنلىشىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلماسلىقىمىز كېرەك؟ چۈنكى، بىزنىڭ مېھرىبان ئاتىمىز بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى تۆلەم قۇربانلىقىغا بەرگەن. يەھۋا چىن يۈرەكتىن توۋا قىلغانلارنى كەچۈرىمەن دېسە، ئۇ چوقۇم كەچۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يەھۋا پاك ۋىجدان بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.—1-يۇھاننا 2:1، 2، 12؛ 3:19، 20.
11. ئىمان-ئېتىقادىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان تەلىملەردىن ئەقلىمىزنى قانداق قوغداپ قالالايمىز؟
11 بىز ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەرنىڭ تەلىملىرىنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جامائىتىدىن باشلاپ، شەيتان خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرىكىدە گۇمانلار پەيدا قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئالدامچىلاردىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. نەتىجىدە، بىز ھەقىقەت بىلەن يالغانچىلىق ئارىسىدىكى پەرقنى قانداق ئېنىقلاشنى بىلىشىمىز كېرەك e. بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز توردىن ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ۋە قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، بۇ يالغان تەشۋىقاتنى قىلىۋاتقان شەيتان ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ ۋە ئۇنى رەت قىلىڭ.—1-يۇھاننا 4:1، 6؛ ۋەھىي. 12:9.
12. نېمە ئۈچۈن بىز ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك؟
12 شەيتاننىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئەيساغا ۋە خۇدانىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئەيسانى قانداق قوللىنىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. يەنە خۇدا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز يوليورۇقىنى بېرىدىغان بىرلا قانالغا، يەنى تەشكىلاتىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك (مەتتا 24:45—47). بىز ئىشەنچىمىزنى خۇدانىڭ سۆزىنى دائىم ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەيمىز. شۇنداق قىلىپ، ئىشەنچىمىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ئوخشاش بولىدۇ. پاۋلۇس كولوسىلىقلار جامائىتىگە خەت يازغاندا شۇنى ئېيتماقچى بولغان. ئۇ: «ھەزرىتىمىز ئەيسا مەسىھنى قوبۇل قىلغان ئىكەنسىلەر، داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈڭلار، . . . ئۇنىڭدا يىلتىز تارتىڭلار ۋە ئۆزلىرىڭلارنى بىنا قىلىڭلار، ئىشەنچىڭلارنى مۇستەھكەملەڭلار»،— دەپ يازغان (كولوسى. 2:6، 7). شەيتان ۋە ئۇنىڭ تەسىر ئاستىدا بولغانلار ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىگەن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.—2-يۇھاننا 8، 9.
13. بىز نېمىنى كۈتۈشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
13 دۇنيا بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك (1-يۇھاننا 3:13). يۇھاننا بىزگە، «پۈتكۈل دۇنيا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا» بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىدۇ (1-يۇھاننا 5:19). مۇشۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسېرى، شەيتان تېخىمۇ غەزەپلىنىۋاتىدۇ (ۋەھىي. 12:12). شەيتان كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا ئازدۇرۇش ياكى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەرنىڭ يالغانچىلىقلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ قالماي، بىۋاستە ئوچۇق رەھىمسىز ھۇجۇملارنى قىلىدۇ. شەيتان ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچكە، بىزگە ھۇجۇم قىلىپ ۋەز ئىشىنى توختىتىشقا ۋە ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بىرنەچچە دۆلەتلەردە بەزى پائالىيەتلىرىمىز چەكلەنگەنلىكى ياكى پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنغانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، شۇ دۆلەتتىكى قېرىنداشلار سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا، يەھۋا خۇدانىڭ خەلقىگە شەيتان قانداق يامانلىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.
باشقىلارنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىغا ياردەم بېرىڭ
14. قايسى بىر ئۇسۇل ئارقىلىق قېرىنداشلارنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيمىز؟
14 قېرىنداشلارنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھېسداشلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم (1-يۇھاننا 3:10، 11، 16—18). بىر-بىرىمىزنى پەقەت ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا ياخشى كېتىۋاتقاندىلا ئەمەس، قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندىمۇ، ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك. مەسىلەن، يېقىنىدىن ئايرىلىپ، تەسەللىگە ۋە ئەمەلىي ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقان بىرسىنى بىلەمسىز؟ بەلكىم، ئېتىقادداشلارنىڭ تەبىئىي ئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئىبادەت زاللىرىنىڭ ياكى ئۆز ئۆيىنى قايتا ياساشقا مۇھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ بىز قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھېسداشلىقىمىزنى پەقەت سۆزلىرىمىز بىلەنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەنمۇ كۆرسىتىمىز.
15. 1-يۇھاننا 4:7، 8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
15 بىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىپ، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىمىز (1-يۇھاننا 4:7، 8-نى ئوقۇڭ). مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم بىر ئۇسۇلى — بىر-بىرىمىزنى كەچۈرۈش. مەسىلەن، بىرسى بىزنى رەنجىتىپ، كېيىن كەچۈرۈم سورىدى، دەيلى. بىز ئۇنى كەچۈرۈپ، خاتالىقىنى ئۇنتۇپ قالساق، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز (كولوسى. 3:13). ئالدو ئىسىملىك بۇرادەر ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتقان بىر بۇرادەرنىڭ ئۆزى كېلىپ چىققان ئىرق ھەققىدە يامان گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆڭلى يېرىم بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ بۇرادەر توغرۇلۇق يامان نەرسىلەرنى ئويلىماسلىق ئۈچۈن پات-پات يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلاتتىم». ئالدو يەنە بىر ئىشنى قىلغان. ئۇ ئاشۇ بۇرادەرنى ۋەز خىزمەتكە چاقىرغان ۋە ئۇلار ۋەز خىزمەتتە بولغاندا، ئالدو بۇ بۇرادەرنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا قانچىلىك ئېغىر كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ: «بۇرادەر ئۇنىڭ سۆزلىرى ماڭا قانچىلىك ئېغىر كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، كەچۈرۈم سورىدى. مەن ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۇ قانچىلىك ئەپسۇسلانغانلىقىنى چۈشەندىم. شۇنىڭدىن كېيىن، بىز قايتا ياخشى دوست بولۇپ كەتتۇق».
16، 17. بىز نېمىگە قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
16 ئەلچى يۇھاننا ئېتىقادداشلارغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشىنى خالىغان. ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقى ئۈچ خېتىدە بەرگەن نەسىھىتىدىن ئېنىق كۆرىنىدۇ. كۆيۈمچان ئەلچى يۇھانناغا ئوخشاش ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مەسىھ ئەيسا بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىش كىشىگە قانچىلىك چوڭ تەسەللى-ھە!—1-يۇھاننا 2:27.
17 بىز كۆرۈپ چىققان نەسىھەتنى قوبۇل قىلايلى. ھاياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە يەھۋا خۇداغا بويسۇنۇپ، داۋاملىق ھەقىقەت يولىدا مېڭىشقا بەل باغلايلى. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاڭ. ئەيساغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىڭ. ئىنسان پەلسەپەلىرىنى ۋە ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەرنىڭ ساختا تەلىملىرىنى رەت قىلىڭ. ئىككى يۈزلۈك ھايات كەچۈرۈش ۋە گۇناھقا قىلىشقا ئۈندەيدىغانلارنىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرۇڭ. يەھۋانىڭ يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈڭ. بىزنى رەنجىتكەن قېرىنداشلارنى كەچۈرۈپ، مۇھتاجلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىغا ياردەم بېرەيلى. شۇنداق قىلغاندىلا، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىماستىن، ھەقىقەت يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلايلى
a بىز يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسى شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، ھەقىقەت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن دائىم بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك. بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشاۋاتقان مەسىھىيلەرگىمۇ ھەقىقەت يولىدا مېڭىش قىيىن بولغان. ئۇلارغا ۋە بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەھۋا ئەلچى يۇھاننانى ئۈچ خەتنى يېزىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ خەتلەردە، بىزگە ھەقىقەت يولىدا مېڭىشقا نېمە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن نېرى بولۇشقا نېمە ياردەم بېرىدىغانلىقى يېزىلغان.
b « يۇھاننانىڭ خەتلىرى قانداق شارائىتتا يېزىلغان» رامكىغا قاراڭ.
c بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
d «ھايات — قانداق پەيدا بولغان؟ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانمۇ ياكى يارىتىلغانمۇ؟» كىتابى باشقا تىللاردا نەشىر قىلىنغان.
e «كۈزىتىش مۇنارى» 2018-يىل، ئاۋغۇست سانى، «سىزدە ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىسپاتلار بارمۇ؟» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
g سۈرەتتە: مەكتەپتە ياش قېرىنداش ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنى نورمالدەك كۆرسىتىۋاتقان نەرسىلەرنى دائىم كۆرۈۋاتىدۇ ۋە ئاڭلاۋاتىدۇ (بەزى بىر مەدەنىيەتلەردە ھەسەن-ھۈسەننىڭ رەڭلىرى ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنى تەسۋىرلەيدۇ). كېيىن، ئۇ يەھۋا توغرا دەپ ھېسابلايدىغان نەرسىلەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا توغرا قارار قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.