28-تەتقىق ماقالىسى
ھەقىقەت يولىنى تاپقىنىڭىزغا كۆز يەتكۈزۈڭ!
«ئۆگەنگەن ۋە قايىل بولۇپ ئىشەنگەن تەلىملەرنى داۋاملىق چىڭ تۇت».—2-تىموت. 3:14.
34-ناخشا ئىسىمىمىزغا ماس ياشايلى
بۇ ماقالىدە a
1. «ھەقىقەت» سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
بەلكىم، «سىز ھەقىقەتنى قانداق بىلدىڭىز؟ ھەقىقەتنى كىچىكىڭىزدىن بىلەمسىز؟ ھەقىقەتنى بىلگىنىڭىزگە قانچە ۋاقىت بولدى؟»— دېگەندەك سوئاللارنى، باشقىلار سىزدىن سورىغان ياكى سىز باشقىلاردىن سورىغانسىز. بۇ يەردىكى «ھەقىقەت» سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئادەتتە، «ھەقىقەت» دېگەن سۆزنى قانداق تەلىملەرگە ئىشىنىش، خۇداغا قانداق ئىبادەت قىلىش ۋە ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىمىزغا قارىتا ئىشلىتىمىز. ھەقىقەتتە بولغانلار مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلىملىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىكى پرىنسىپلارغا ماس ھايات كەچۈرىدۇ. نەتىجىدە، شۇنداق ئادەملەر ساختا دىنىي تەلىملەردىن ئازاد بولىدۇ ھەم نامۇكەممەل بولسىمۇ، بەختلىك ھايات كەچۈرىدۇ.—يۇھاننا 8:32.
2. يۇھاننا 13:34، 35-ئايەتلەرگە ئاساسەن، دەسلەپتە بىر كىشىنى ھەقىقەتكە نېمە جەلپ قىلىشى مۇمكىن؟
2 دەسلەپتە سىزنى ھەقىقەتكە نېمە جەلپ قىلغان؟ بەلكىم، بۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ياخشى يۈرۈش-تۇرۇشى (1-پېتر. 2:12). ئېھتىمال، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى. بىرىنچى قېتىم جامائەت يىغىلىشىغا كەلگەندە، كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە سەھنىدە ئېيتىلغان سۆزلەر ئەمەس، ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن مېھىر-مۇھەببەت قالىدۇ. بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى ئەيسا ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق تونۇلىدۇ (يۇھاننا 13:34، 35-نى ئوقۇڭ). ئەمما، مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەك.
3. ئېتىقادىمىز پەقەت خۇدا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكىلا ئاساسلانسا، نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
3 ئىمان-ئېتىقادىمىز پەقەت خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا سۆيگۈ-مۇھەببەتكىلا ئاساسلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ ئېتىقادداشلارنىڭ بىرى، ھەتتا ئاقساقال ياكى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولسۇن، ئېغىر گۇناھ قىلىپ ياكى سىزنى رەنجىتىپ قويدى دەيلى. ياكى بولمىسا، ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن كىشى سىلەردە ھەقىقەت يوق، دەپ كۆڭلىڭىزگە گۇمان سالىدۇ. شۇنداق ۋەزىيەتتە پۇتلىشىپ، يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى توختىتامسىز؟ بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسە چىقارساق بولىدۇ: ئەگەر ئېتىقادىمىز خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە ئەمەس، پەقەت ئادەملەرنىڭ ئىشلىرىغا ئاساسلانسا، ئىشەنچىمىز ئاجىز بولىدۇ. ئۆينى يۇمشاق ماتېرىياللار بىلەن سالمىغاندەك، ئىشەنچىمىزنى ھېس-تۇيغۇلارغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ئەمەس، قاتتىق ماتېرىياللار كەبى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تىكلەپ تۇرغۇزىمىز. مۇقەددەس كىتابنىڭ يەھۋا خۇدا ھەققىدە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا ئۆزىڭىز كۆز يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك.—رىملىقلار 12:2.
4. مەتتا 13:3—6، 20، 21-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بەزىلەر ئېتىقادى سىنالغاندا نېمە قىلىدۇ؟
4 ئەيسا مەسىھ بەزىلەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلسىمۇ، سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئېتىقادى ۋەيران بولىدىغانلىقى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 13:3—6، 20، 21-نى ئوقۇڭ). بەلكىم، ئۇلار ئەيساغا ئەگىشىپ يۈرسە، قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن (مەتتا 16:24). ئېھتىمال، ئۇلار مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، ھېچقاچان قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماي، بەختلىك ھايات كەچۈرىدۇ دەپ ئويلىغان. بىراق، مۇشۇ رەزىل دۇنيا قىيىنچىلىقلارغا تولغان. ۋەزىيەتلەر ئۆزگەرگەندە، بىز خۇشاللىقنى ۋاقىتلىق يوقىتىشىمىز مۇمكىن.—زەبۇر 6:6؛ ۋەز 9:11.
5. كۆپلىگەن قېرىنداشلار ھەقىقەتنى تاپقىنىغا كۆز يەتكۈزگەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
5 كۆپلىگەن قېرىنداشلار ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا كۆز يەتكۈزگەن. قانداقلارچە؟ ھەتتا بىرسى ئۇلارنى رەنجىتىپ قويسا ياكى باشقىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى يامان بولسىمۇ، ئۇلار ئېتىقادتا چىڭ تۇرىدۇ (زەبۇر 119:165). ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر قېتىم قىيىنچىلىق چۈشكەندە، ئېتىقادى ئاجىزلاشماي، ئەكسىچە كۈچلۈكرەك بولىدۇ (ياقۇپ 1:2—4). بۇنداق مۇستەھكەم ئېتىقادنى قانداق يېتىلدۈرەلەيسىز؟
خۇدانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇپ يېتىڭ
6. دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى نېمىگە ئاساسلانغان؟
6 دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى يازمىلاردىن ئۆگەنگەن بىلىملەرگە ۋە ئەيسانىڭ تەلىملىرى، يەنى «خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى»گە ئاساسلانغان (گالاتىيا. 2:5). بۇ ھەقىقەت بولسا، بىز خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە ئىشىنىدىغان ھەممە تەلىملەر، شۇ جۈملىدىن ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ۋە ئۇنىڭ تىرىلىشى ھەققىدىكى تەلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس بۇ تەلىملەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ «يازمىلاردىن دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، چوقۇم مەسىھنىڭ ئازاب چېكىشى، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى» چۈشەندۈرگەن (ئەلچى. 17:2، 3). دەسلەپكى مەسىھىيلەر شۇ تەلىملەرگە ئىشەنگەن ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس روھقا تايانغان. ئۇلار بۇ تەلىملەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانغانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەتقىق قىلغان (ئەلچى. 17:11، 12؛ ئىبرانىي. 5:14). ئۇلار ئىشەنچىنى پەقەت ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئاساسلىنىپ يېتىلدۈرمىگەن ۋە ئېتىقادداشلار بىلەن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈنلا خۇداغا خىزمەت قىلمىغان. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئىشەنچى خۇدا توغرۇلۇق توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان.—كولوسى. 1:9، 10.
7. مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
7 مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەر ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ (زەبۇر 119:160). مەسىلەن، ئېتىقادداشلارنىڭ بىرى كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتسا ياكى ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويسا، ياكى بولمىسا بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر چۈشسە، بۇ ھەقىقەتلەر ھېچ ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا، بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلىملىرىنى ياخشى بىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. بوران-چاپقۇندا لەڭگەر كېمىنى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرغاندەك، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرگە ئاساسلانغان مەھكەم ئىشەنچىمىز بىزگە سىناقلاردا چىڭ تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ھەقىقەتنى تاپقانلىقىڭىزغا ۋە ئىشەنچىڭىزنىڭ مۇستەھكەملىكىگە قانداق جەزم قىلالايسىز؟
ھەقىقەتكە ئىشەنگىنىڭىزگە قانداق كۆز يەتكۈزەلەيسىز؟
8. 2-تىموتىي 3:14، 15-ئايەتلەردىن كۆرگىنىمىزدەك، تىموتىي ھەقىقەت يولىنى تاپقىنىغا قانداق كۆز يەتكۈزگەن؟
8 تىموتىي ھەقىقەت يولىنى تاپقىنىغا ئىشەنگەن. ئۇ بۇنىڭغا قانداق كۆز يەتكۈزگەن؟ (2-تىموتىي 3:14، 15-نى ئوقۇڭ). تىموتىي «مۇقەددەس يازمىلاردىكى» ھەقىقەتلەر توغرۇلۇق بىرىنچى قېتىم ئاپىسى ۋە مومىسىدىن ئاڭلىغان. لېكىن، ئۇ ئۆزىمۇ شۇ يازمىلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر. نەتىجىدە، ئۇ يازمىلاردىن ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزگەن. كېيىنرەك تىموتىي، ئاپىسى ۋە مومىسى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تەلىملىرىنى ئۆگەنگەن. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ تىموتىيغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئېتىقادداشلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى خالىغانلىقى سۆزسىز (فىلىپى. 2:19، 20). ئەمما، ئۇنىڭ ئېتىقادى ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئەمەس، ئۇنى يەھۋاغا يېقىنلاشتۇرغان مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرگە ئاساسلانغانىدى. سىزمۇ خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىپ، يەھۋا توغرۇلۇق ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە دەلىل-ئىسپات تېپىشىڭىز كېرەك.
9. قايسى ئۈچ ھەقىقەتكە كۆز يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك؟
9 ئالدى بىلەن كەم دېگەندە مۇنۇ ئۈچ ئاساسىي ھەقىقەتنى ئۆزىڭىزگە ئىسپاتلاپ، ئۇلارغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. بىرىنچىسى، يەھۋا ھەممە نەرسىنى بەرپا قىلغان ياراتقۇچى خۇدا ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈڭ (چىق. 3:14، 15؛ ئىبرانىي. 3:4؛ ۋەھىي. 4:11). ئىككىنچىسى، مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدا ئىنسانلارغا بەرگەن خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنى تېپىپ ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىڭ (2-تىموت. 3:16، 17). ئۈچىنچىسى، يەھۋا ئۇنىڭغا مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر توپىنى تەشكىللىگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشىڭىز كېرەك (يەشايا 43:10—12؛ يۇھاننا 14:6؛ ئەلچى. 15:14). بۇ ئۈچ ھەقىقەتكە كۆز يەتكۈزۈش ئەلۋەتتە مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق ھەممىنى بىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ مەقسىتىڭىز — ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ، ھەقىقەتتە يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىڭىزغا كۆز يەتكۈزۈش.—رىملىقلار 12:1.
باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار بولۇڭ
10. ھەقىقەتنى بىلىشتىن باشقا يەنە نېمە قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟
10 خۇدا، مۇقەددەس كىتاب ۋە خۇدانىڭ خەلقى توغرۇلۇق ئۈچ ئاساسىي ھەقىقەتكە كۆز يەتكۈزگەندە، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئىسپاتلاپ بېرىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە بىز تىڭشاشقا تەييار ئادەملەرگە ئۆزۈمىز ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆگىتىش ۋەزىپىمىز بار b (1-تىموت. 4:16). باشقىلارغا مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشقاندا، ئۆزىمىزنىڭمۇ ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىمىز.
11. باشقىلارغا ھەقىقەتنى ئۆگەتكەندە، پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
11 ئەلچى پاۋلۇس باشقىلارغا تەلىم بەرگەندە، «مۇسا تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى» كۆرسەتكەن (ئەلچى. 28:23). بىز باشقىلارغا ھەقىقەتنى ئۆگەتكەندە، پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ ئادەمگە مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىملەرنى ئېيتىپ بېرىشلا يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئوقۇغۇچىغا يازمىلارنى پۇختا تەتقىق قىلىپ، ئۆگەنگەنلىرى ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلىنىپ تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچى بىزنى ھۆرمەت قىلغىنى ئۈچۈن ئەمەس، كۆيۈمچان خۇدايىمىز توغرۇلۇق ئۆگەنگەنلىرىنىڭ راستلىقىغا كۆز يەتكۈزگەچ، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى مۇھىم.
12، 13. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەقىقەتتە چىن تۇرۇشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 ئاتا-ئانا بولسىڭىز، بالىلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتتە تۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىڭىز شەك-شۈبھىسىزدۇر. بالىلىرىمنىڭ جامائەتتە ياخشى دوستلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى مەھكەم بولىدۇ، دەپ ئويلايدىغانسىز. بىراق، بالىلىرىڭىزغا ھەقىقەتتە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى دوستلاردىن كۆپرەك نەرسە كېرەك. ئۇلار خۇدا بىلەن شەخسىي مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇشى ۋە مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشى لازىم.
13 بالىلارغا خۇدا توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشتە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار ئۆگەنگەنلىرى ئۈستىدىن چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى لازىم. شۇ چاغدا، ئۇلار بالىلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتەلەيدۇ. ئۇلار باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتكەندەك، بالىلىرىغىمۇ تەتقىق قىلىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىتىشى لازىم. شۇنداق قىلسا، ئۇلار بالىلىرىنىڭ يەھۋا خۇداغا ۋە بىزنى روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل»غا مىننەتدار بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ (مەتتا 24:45—47). ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارغا پەقەت مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي تەلىملەرنى ئۆگىتىپلا قويماي، ئۇلارغا يېشىغا ۋە قابىلىيىتىگە مۇۋاپىق خۇدانىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ ئۆگىتىپ، مەھكەم ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىڭلار.—1-كورىنت. 2:10.
پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى تەتقىق قىلىڭ
14. مۇقەددەس كىتابتىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك؟ (« بۇ بېشارەتلەرنى چۈشەندۈرەلەمسىز؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
14 پەيغەمبەرلىك سۆزلەر يەھۋا خۇداغا مۇستەھكەم ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. سىزنىڭ ئېتىقادىڭىزنى مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى بېشارەتلەر مۇستەھكەملىگەن؟ بەلكىم، ئاخىر زامان ھەققىدىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەر دەيدىغانسىز (2-تىموت. 3:1—5؛ مەتتا 24:3، 7). لېكىن، ئىشەنچىڭىزنى يەنە قايسى ئەمەلگە ئاشقان بېشارەتلەر مۇستەھكەملىيەلەيدۇ؟ مەسىلەن، دانىيال 2-باب ياكى 11-بابتىكى بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقى ياكى ھازىر قانداق ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەلەمسىز c؟ ئىشەنچىڭىز مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان بولسا، ئۇنى ھېچنەرسە تەۋرىتەلمەيدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا قاتتىق زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن گېرمانىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. گەرچە ئۇلار ئاخىر زامانغا مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەرنى تولۇق چۈشەنمىسىمۇ، خۇدانىڭ سۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى مۇستەھكەم ئىدى.
15—17. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ناتسىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنى قانداق مۇستەھكەملىگەن؟
15 ناتسىست گېرمانىيىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز دەھشەتلىك جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەن. گېتلىر ۋە ئېس ئېسچىلارنىڭ باشلىقى گېنرىخ گېملىر يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ئۆچ كۆرگەن. بىر قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە، لاگېرلارنىڭ بىرىدىكى بىر توپ ئايال قېرىنداشلارغا گېملىر مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ يەھۋا خۇدايىڭلار ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن، يەردە بولسا، بىز ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز! كىم قالىدىغانلىقىنى كۆرەيلى، سىلەرمۇ ياكى بىزمۇ!» يەھۋانىڭ خەلقىنىڭ سادىق بولۇپ قېلىشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟
16 مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى خۇدا پادىشاھلىقى 1914-يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇلار شىددەتلىك قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە ھەيران قالمىغان. لېكىن، ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھېچ ئىنسانىي ھۆكۈمرانلىق توسالغۇلۇق قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. پاك ئىبادەتنى يوق قىلىش ياكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن كۈچلۈكرەك بىر ھۆكۈمەتنى ئورنىتىش گېتلىرنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيتتى. قېرىنداشلىرىمىز گېتلىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى چوقۇم ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
17 ئۇزۇن ئۆتمەي، ناتسىست ھۆكۈمىتى ۋەيران بولۇپ، «يەردە بىز ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز»، دەپ مەيدىسىگە ئۇرغان گېنرىخ گېملىر جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن قېچىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ چاغدا، قېرىنداشلار ئىشەنچىسىنىڭ بىكار بولمىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزگەن. قېچىۋاتقاندا، ئۇ ليۇبكې ئىسىملىك بۇرادەرنى ئۇچراتقان. گېملىر ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۇنىڭدىن: «ھەي، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى، ئەمدى نېمە بولىدۇ؟»،— دەپ سورىغان. ليۇبكې بۇرادەر جاۋابەن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ناتسىست ھۆكۈمىتى غۇلاپ، خۇدا ئۆز خەلقىنى ئازاد قىلىدىغانلىقىغا ھېچقاچان گۇمان قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. بۇرۇن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرۇلۇق ئىنتايىن كۆپ يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلغان گېملىر ئەمدى نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان. كۆپ ئۆتمەي، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ مۇقەددەس كىتابنى، شۇ جۈملىدىن پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى تەتقىق قىلىش خۇداغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ۋە سىناق ۋاقتىدا چىڭ تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.—2-پېتر. 1:19—21.
18. پاۋلۇس تىلغا ئالغان توغرا بىلىم ھەم تولۇق چۈشەنچىگە نېمە ئۈچۈن ئىگە بولۇشىمىز كېرەك؟ (يۇھاننا 6:67، 68)
18 ھەربىرىمىز خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا توغرا بىلىم ھەم تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىمىز لازىم (فىلىپى. 1:9). ئۇنداق قىلمىساق، بىزگە ھىيلىگەر ئادەملەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەرنىڭ «ھەر خىل تەلىملىرىنىڭ شامىلى» تەسىر قىلىشى مۇمكىن (ئەفەس. 4:14). بىرىنچى ئەسىردە نۇرغۇن شاگىرتلار ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىشنى توختاتقاندا، ئەلچى پېترۇس ئەيسانىڭ ‹مەڭگۈلۈك ھايات سۆزلىرىگە› ئىگە بولغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 6:67، 68-نى ئوقۇڭ). شۇ چاغدا، پېترۇس بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممە تەپسىلاتلىرىنى چۈشەنمىسىمۇ، مەسىھ توغرۇلۇق ھەقىقەتكە كۆز يەتكۈزگەچكە، سادىق بولۇپ قالغان. سىزمۇ مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزەلەيسىز. شۇنداق قىلسىڭىز، مەيلى قانداق سىناققا دۇچ كەلمەڭ، ئېتىقادىڭىز مۇستەھكەم بولۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.—2-يۇھاننا 1، 2.
10-ناخشا «مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
a بۇ ماقالە مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەقىقەتكە بولغان ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
b باشقىلار بىلەن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرى توغرۇلۇق سۆزلىشىش ئۈچۈن 2010—2015-يىللىرىغىچە نەشىر قىلىنغان «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) ژۇرناللىرىدىكى، «ئەيسا مەسىھ خۇدامۇ؟»، «خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى قاچان باشلىغان؟» ۋە «خۇدا ئادەملەرنى دوزاختا قىينامدۇ؟» دېگەندەك ماقالىلەردىن پايدىلىنالايسىز.
c بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» 2012-يىل، 15-ئىيۇن (باشقا تىل) ۋە 2020-يىل، ماي سانلىرىغا قاراڭ.