ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلالايتتى
بىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىپ، بەرىكىتىگە ئېرىشىشنى خالايمىز. بىراق ئۇنىڭ كۆڭلىنى قانداق خۇرسەن قىلالايمىز؟ قەدىمدە بەزى كىشىلەر ئېغىر گۇناھ قىلغان بولسىمۇ، قايتىدىن خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالىغان. يەنە بەزىلىرى ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە بولسىمۇ، كېيىنچە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. شۇڭا، بىزدە «يەھۋا ھەربىرىمىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟» دېگەن سوئال پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، كېلىڭلار، يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولغان رېھوبوئامنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.
يامان باشلىنىش
رېھوبوئامنىڭ ئاتىسى سۇلايمان ئىسرائىلدا 40 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى (1-پادىشاھلار 11:42). سۇلايمان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، رېھوبوئام پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن يېرۇسالىمدىن شەكەمگە سەپەر قىلغان (2-تارىخنامە 10:1). ئۇ ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن قورققانمۇ؟ سۇلايمان ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، رېھوبوئامنىڭ دانالىقىنى سىنايدىغان قىيىن بىر مەسىلە پەيدا بولغان.
ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىنى ئېزىلگەندەك ھېس قىلغاچقا، رېھوبوئامغا ۋەكىللەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق ئۆتۈندى: «ئاتىلىرى بىزگە قىيىن ئىش بىلەن سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى يېنىكرەك قىلسىلا، بىز سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز».—2-تارىخنامە 10:3، 4.
رېھوبوئامنىڭ مۇھىم بىر قارار چىقىرىشى كېرەك بولغان. ئەگەر خەلقنىڭ ئۆتۈنۈشى بويىچە قىلسا، ئۆزى، ئائىلىسى ۋە قول ئاستىدىكى كىشىلەر بۇرۇنقىدەك ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلمەيتتى. ئەمما، ئۇ خەلق سورىغاندەك قىلمىسا، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى ئىسىيان كۆتۈرۈشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنداقتا، رېھوبوئام قانداق قىلغان؟ ئۇ ئاۋۋال ئاتىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بولغان ئاقساقاللاردىن ئەقىل سورىغان. ئۇلار خەلق ئۆتۈنگەندەك قىلىشنى ئېيتقان. لېكىن، رېھوبوئام كېيىن ئۆزىنىڭ تەڭداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خەلققە قاتتىق قول بولۇشنى قارار قىلىپ، خەلققە شۇنداق دېگەن: «ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، ئەمدى مەن سىلەرنى تىكەنلىك قامچا بىلەن ساۋايمەن».—2-تارىخنامە 10:6—14.
بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بۈگۈنكى كۈندە، ئارىمىزدا يەھۋاغا ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ياشتا چوڭ قېرىنداشلار كۆپ. ئۇلار بىزگە دانا قارارلار چىقىرىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالايلى! —ئايۇپ 12:12.
ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى
رېھوبوئام كېيىنچە ئۆز قوشۇنلىرىنى يىغىپ، ئۆزىگە قارشى چىققان قەبىلىلەر بىلەن جەڭ قىلماقچى بولغانىدى. بىراق، يەھۋا خۇدا ئۆز پەيغەمبىرى شەمايا ئارقىلىق مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا 1-پادىشاھلار 12:21—24 a.—ئىزاھاتقا قاراڭ.
چىقماسلىقىڭلار كېرەك. ھەممىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە قايتىپ كېتىڭلار، چۈنكى بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە مەن يول قويدۇم».—رېھوبوئامنىڭ يەھۋاغا بويسۇنۇشى ئاسانغا چۈشكەنمۇ؟ ئۇ تىكەنلىك قامچا بىلەن ساۋايمەن دېگەن ئىدى، ئەمدى توپىلاڭنى كۆتەرگەن ئادەملەرگە قارشى ھېچقانداق چارە قوللانمىسا، خەلق يېڭى پادىشاھ ھەققىدە نېمە ئويلايدۇ؟ (2-تارىخنامە 13:7-نى سېلىشتۇرۇڭ) رېھوبوئام خەلقنىڭ نېمە دەپ ئويلىشىغا پىسەنت قىلماي، ئەسكەرلىرى بىلەن بىرگە «يەھۋانىڭ سۆزىگە بويسۇنۇپ، يەھۋانىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى».
بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ باشقىلار بىزنى زاڭلىق قىلسىمۇ، ھەردائىم يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش دانالىقتۇر. ئەگەر ئىتائەتچان بولساق، خۇدا ھەردائىم بىزنى مول بەرىكەتلەيدۇ.—تەكرار قانۇن 28:2.
رېھوبوئام خۇداغا بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن بەرىكەتكە ئېرىشكەنمۇ؟ ئۇ يەھۇدا بىلەن بىنيامىن قەبىلىلىرىگە داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە شۇ رايوندا يېڭى شەھەرلەرنى قۇرۇشنى قارار قىلغان. يەنە ئۇ بەزى شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىگەنىدى (2-تارىخنامە 11:5—12). ئەڭ مۇھىمى، رېھوبوئام بىر مەزگىل يەھۋانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنغان. ئون قەبىلە پادىشاھلىقىدا خەلق بۇتلارغا چوقۇنغاچقا، كۆپ ئادەملەر پادىشاھ رېھوبوئامنى ۋە ھەق ئىبادەتنى قوللاش ئۈچۈن يېرۇسالىمغا كەلگەن (2-تارىخنامە 11:16، 17). رېھوبوئام يەھۋاغا بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەنگەنىدى.
رېھوبوئامنىڭ گۇناھى ۋە توۋا قىلىشى
پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن، رېھوبوئام غەلىتە بىر ئىشنى قىلغان. ئۇ يەھۋانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنماي، يالغان ئىلاھلارغا سەجدە قىلىشنى باشلىغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇنىڭ ئاممونلۇق ئاپىسى ئۇنىڭغا يامان تەسىر قىلغانمۇ؟ (1-پادىشاھلار 14:21) بىز بۇنى ئېنىق بىلمەيمىز. ئەمما، خەلق ئۇنىڭ يامان يولىغا ئەگەشكەن. شۇڭلاشقا، يەھۋا خۇدا مىسىر پادىشاھى شىشاقنىڭ يەھۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىشىغا يول قويغان. رېھوبوئامنىڭ بۇ شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىگىنى بىكار بولغان.—1-پادىشاھلار 14:22—24؛ 2-تارىخنامە 12:1—4.
شىشاق قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلگەندە، ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن. شۇ چاغدا، شەمايا پەيغەمبەر رېھوبوئامغا ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن: «سىلەر مېنى تاشىغاچقا، مەن ھەم سىلەرنى تاشلاپ، شىشاقنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم». رېھوبوئام بۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلغانمۇ؟ ھەئە، قوبۇل قىلغان! مۇقەددەس كىتابتا: «ئىسرائىلنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە پادىشاھ ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ ئالدىدا تۆۋەن تۇتۇپ: ‹يەھۋا ئادالەتلىكتۇر›، — دەپ خاتىرىلەنگەن». شۇڭا، يەھۋا رېھوبوئامنى قۇتقۇزغان ۋە يېرۇسالىم ۋەيران قىلىنمىغان.—2-تارىخنامە 12:5—7، 12.
شۇنىڭدىن كېيىن، رېھوبوئام يەھۇدا پادىشاھلىقىدا داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ ئوغۇللىرىغا كۆپ سوۋغاتلارنى بەرگەن. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن پادىشاھ بولىدىغان ئوغلى ئابىياغا قېرىنداشلىرى قارشى ئىسىيان كۆتەرمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن (2-تارىخنامە 11:21—23). شۇنداق قىلىش ئارقىلىق رېھوبوئام ياش ۋاقتىغا قارىغاندا، دانا ھەرىكەت قىلغان.
رېھوبوئام ياخشى بولغانمۇ ياكى يامانمۇ؟
رېھوبوئام بەزى ياخشى ئىشلارنى قىلسىمۇ، مۇقەددەس كىتابتا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ھەققىدە: «رېھوبوئام … يامان ئىشلارنى قىلاتتى»،— دەپ ئېيتىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ «چىن قەلبىدىن يەھۋانى ئىزدەشكە ئىنتىلمىگەچ»، شۇنداق ئىشلارنى قىلغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلمىغان.—2-تارىخنامە 12:14.
بىز رېھوبوئامدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ بەزىدە، ئۇ يەھۋاغا بويسۇنغان. يەھۋانىڭ خەلقى ئۈچۈن بەزى ياخشى ئىشلارنى قىلغان. ئەمما، ئۇ يەھۋا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولمىغاچقا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشنىمۇ خالىمىغان. شۇڭا، رېھوبوئام توغرا ئىش قىلىشنى توختىتىپ، يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىغانىدى. بەلكىم، سىز: «يەھۋانىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلغانلىق سەۋەبىدىن، رېھوبوئام ئۆز خاتالىقلىرىغا چىن كۆڭلىدىن توۋا قىلىپ، خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشنى خالىغانمۇ؟ ياكى بولمىسا باشقىلار نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى سەۋەبىدىن شۇنداق قىلغانمۇ؟»— دەپ سورايدىغانسىز (2-تارىخنامە 11:3، 4؛ 12:6). كېيىن، ئۇ يەنە يامان ئىشلارنى قىلغان. ئۇ بوۋىسى داۋۇتقا تامامەن ئوخشىمايدىغان يولنى تۇتقان! داۋۇتنىڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى راست. لېكىن، ئۇ ئېغىر گۇناھىغا سەمىمىي توۋا قىلغان. داۋۇت ئۆمۈر بويى يەھۋا ۋە ھەقىقىي ئىبادەتنى ياخشى كۆرگەن.—1-پادىشاھلار 14:8؛ زەبۇر 51:1، 17؛ 63:1.
مۇقەددەس كىتابتىكى بۇ مىسالدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئادەملەرنىڭ ئۆز ئۆيىدىكىلەرنىڭ موھتاجلىقىنى قامدىغانلىقىنى ۋە
باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغانلىقىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بىراق، يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز چىن كۆڭلىمىزدىن يەھۋانى ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك. ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ئوتۇن سېلىپ تۇرۇشىمىز زۆرۈر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز يالقۇنلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن، خۇدا سۆزىنى دائىم ئوقۇپ، شۇ ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز ۋە ھەرقاچان دۇئا قىلىشىمىز لازىم (زەبۇر 1:2؛ رىملىقلار 12:12). شۇ چاغدا، سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز بىزنى ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، چىن كۆڭلىمىزدىن توۋا قىلىپ، يەھۋادىن كەچۈرۈم سوراشقا ئىنتىلىمىز. شۇندىلا، بىز رېھوبوئامغا ئوخشىماي، ساداقەتمەنلىك بىلەن ھەق ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەلەيمىز.—يەھۇدا 20، 21.
a سۇلايمان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىمىغاچ، خۇدا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئىككىگە بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.—1-پادىشاھلار 11:31.