نۇرۇڭلار چاقناپ، يەھۋانى ئۇلۇغلىسۇن
«سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا چاقنىسۇنكى، ئۇلار… ئاسماندىكى ئاتاڭلارنى ئۇلۇغلىسۇن» —مەتتا 5:16.
ناخشىلار: 143، 9
1. خۇشال بولۇشىمىزغا قانداق ئالاھىدە سەۋەب بار؟
خۇدا خىزمەتچىلىرى ئۆز نۇرىنى چاقنىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاش بىزنى نەقەدەر ھاياجانلاندۇرىدۇ-ھە! ئۆتكەن يىلى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى 10000000دىن كۆپرەك ئادەم بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مىليونلىغان قىزىققۇچىلار مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كېلىپ، يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بەرگەن سوۋغىسى، يەنى تۆلەم قۇربانلىقى ھەققىدە بىلىۋالغان.—1-يۇھاننا 4:9.
2، 3. (1) نېمىلەر بىزنى «دۇنيادا نۇردەك» چاقناشتىن توسۇپ قالالمايدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەرخىل تىللاردا سۆزلەيدۇ. لېكىن، بۇ بىزنى يەھۋانى بىرلىكتە مەدھىيىلەشتىن توسۇپ قويمايدۇ (ۋەھىيلەر 7:9). قايسى تىلدا سۆزلىشىمىزدىن ۋە قەيەردە ياشىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، «دۇنيادا نۇردەك» چاقناپ تۇرالايمىز.—فىلىپىلىكلەر 2:15.
3 ۋەز خىزمىتىمىز، ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى بىرلىكىمىز ۋە ھوشيارلىقىمىزنى ساقلىشىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئۈچ ساھەدە نۇرىمىزنى چاقنىتىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ —مەتتا 5:14—16-نى ئوقۇڭ.
باشقىلارنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ
4، 5. (1) ۋەز قىلىشتىن باشقا، يەنە قانداق ئۇسۇلدا نۇرىمىزنى چاقنىتالايمىز؟ (2) مېھرىبانلىق قانداق ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ؟
4 بىز ۋەز قىلىپ، شاگىرتلارنى تەييارلىغاندا، نۇرىمىز چاقنايدۇ (مەتتا 28:19، 20). «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 1925-يىل، 1-ئىيۇن سانىدىكى (ئىنگل.) «زۇلمەتتىكى پارلاق نۇر»، دېگەن ماقالىدە ئاخىرقى كۈنلەردە نۇرىمىزنىڭ چاقنىشىغا توسالغۇلۇق قىلساق، پەرۋەردىگارغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلىيالمايدىغانلىقىمىز ئېيتىلغان. بۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق يېزىلغان: «نۇرىمىزنى چاقنىتىش ئۈچۈن ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ، خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىشىمىز كېرەك». ۋەز قىلىشتىن باشقا، يۈرۈش-تۇرۇشىمىز بىلەن يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز. بىز ۋەز قىلغاندا، كۆپلىگەن ئادەملەر بىزگە دىققەت قىلىدۇ. ئىللىق چىراي بىلەن سالاملىشىپ كۈلۈمسىرىسەك، ئادەملەرگە بىز ۋە بىز ئىبادەت قىلىدىغان خۇدا ھەققىدە ياخشى گۇۋاھلىق بېرىمىز.
5 ئەيسا شاگىرتلىرىغا: «بىر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، شۇ ئۆيدىكى كىشىلەرگە سالام بېرىڭلار»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 10:12). ئەيسا ۋەز قىلغان رايوندا، ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىش ئادىتى كەڭ تارقالغان ئىدى. ھازىر ئادەملەردە مۇنداق ئۆرپ-ئادەت يوق. ئادەملەر ئىشىكى ئالدىدا ناتونۇش كىشىنى كۆرسە، جىددىيلىشىپ كېتىشى ياكى خاپا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەگەر بىز دوستانە ۋە مېھرىبان مۇئامىلىدە بولساق، ئادەملەر ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىدۇ. سىز ئاممىۋىي ئورۇنلاردا ۋەز قىلغاندا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەرگە كۈلۈمسىرەپ، ئوچۇق چىراي بىلەن سالام قىلسىڭىز، ئۇلار ئەركىن-ئازادە ماتېرىياللىرىمىزنى ئالىدىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ بۇنداق قىلساق، ئادەملەر بىز بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشىدۇ.
6. ياشانغان بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ۋەز خىزمەتنى قىزغىنلىق بىلەن قىلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
6 ئەنگلىيىدە ياشايدىغان يېشى چوڭ بىر جۈپ ئەر-ئايال سالامەتلىكى ناچار بولغانلىقتىن، بۇرۇنقىدەك ئۆيمۇ ئۆي ۋەز قىلالمىغان. شۇڭا، ئۇلار ئۆيىگە يېقىن جايدىكى مەكتەپكە بالىلىرىنى ئەكېلىپ-ئەكېتىشكە كېلىدىغان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پايدىلىق مەسلىھەت بېرىدىغان ماتېرىياللارنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە تىزىپ قويغان ئىدى. بەزى ئاتا-ئانىلار ماتېرىياللارنى، يەنى «ياشلارنىڭ سوئاللىرى — ئەمەلىي مەسلىھەتلەر» كىتابىنىڭ 1 ۋە 2-قىسىمىنى ئالغان. ئۇلار بىلەن بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى پات-پات خىزمەتكە چىقاتتى. ئادەملەر بۇ قېرىنداشنىڭ ئوچۇق چىرايىنى ۋە ياشانغان ئەر-ئايالنىڭ باشقىلارغا ھەقىقەتەن ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىغا دىققەت قىلغانىدى. ھەتتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىرى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
7. ئۆز يۇرتىدىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
7 يېقىنقى يىللاردا بەزى ئادەملەر ئۆز يۇرتىدىن قېچىپ، باشقا دۆلەتلەردە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. سىز تۇرۇۋاتقان جايدا مۇساپىرلار بولسا، ئۇلارنىڭ يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ تىلىدا سالاملىشىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئاندىن كېيىن، «JW Language» پروگراممىسىدىن بىرنەچچە جۈملىنى يادلاۋېلىڭ. ئۇلارنى ئۇچراتقاندا سالاملىشىپ، گەپ قىلسىڭىز، ئۇلار توختاپ، سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن. شۇنداق ۋاقىتلاردا jw.org تور بېكىتىدىن ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىكى قىسقا فىلىملەرنى ۋە كىتاب-ژۇرناللارنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ.—تەكرار قانۇن 10:19.
8، 9. (1) «ۋەز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشى بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (2) ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆزى تەييار قىلغان جاۋابىنى چىن يۈرەكتىن ئېيتىپ بېرىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
8 يەھۋا ۋەز خىزمىتىمىزدە بىز مۇھتاج بولىدىغان، يەنى خىزمىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ھەممە نەرسىنى بېرىدۇ. مەسىلەن، بىز «ۋەز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشىدا ئالغان بىلىم، ئادەملەرنى قايتا يوقلاپ بارغاندا ياكى ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بەرگەندە، ئۆزىمىزنى ئەركىن تۇتۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
9 بىرىنچى قېتىم ئىبادەت يىغىلىشىمىزغا كەلگەن ئادەملەرگە بالىلىرىمىزنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا، سىز بالىڭىزغا جاۋابنى ئۆز سۆزىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېيتىپ بېرىشنى ئۆگىتىڭ. بەزى ئادەملەر بالىلارنىڭ چىن يۈرەكتىن ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئۆز ئېتىقادى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگىنىنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتنى تاپقانلىقىنى چۈشەنگەن.—1-كورىنتلىقلار 14:25.
بىرلىككە ھەسسىڭىزنى قوشۇڭ
10. ئائىلىۋى ئىبادەت ئائىلىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
10 ئائىلىمىزنى ئىناق-ئىتتىپاقلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا ئۆگىتىشكە تىرىشساق، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز. مەسىلەن، ئاتا-ئانا بولسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىز بىلەن ئائىلىۋى ئىبادەتنىڭ ھەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ. كۆپ ئائىلىلەر JW ئىنتېرنېت-تېلېۋىزىيىسىنى كۆرۈپ، كېيىن بىلگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. كىچىك بالىلار بىلەن ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشتە زۆرۈر بولىدىغان تەلىم-تەربىيىنىڭ پەرقى بارلىقىنى يادىڭىزدا ساقلاڭ. ئائىلىۋى ئىبادەتتە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى سېلىڭ.—زەبۇر 148:12، 13.
11—13. جامائەتنىڭ بىرلىكىگە قانداق ھەسسە قوشالايمىز؟
11 ھەتتا، ياشلارمۇ ھەممە قېرىنداشلارنىڭ جامائەتتە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنى بارلىقىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى — يېشى چوڭ قېرىنداشلار بىلەن دوست بولۇش. ئۇلاردىن شۇنچە ئۇزۇن يىل يەھۋاغا داۋاملىق سادىق خىزمەت قىلىشقا نېمە ياردەم بەرگەنلىكىنى سوراپ كۆرۈڭ. ئۇلار بىزگە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئۆگىتىدۇ. چوڭلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇش ھەم بىزگە، ھەم ئۇلارغا ئىلھام بېرىدۇ! مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولايلى، ئىبادەت ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنى قۇچاق يېيىپ قارشى ئالالايمىز. سىز كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىپ، ئۇلارغا ئورۇن تېپىشقا ياردەم بەرسىڭىز ۋە ئۇلارنى باشقىلار بىلەن تونۇشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىڭ.
12 ئەگەر ۋەز خىزمەت يىغىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئالسىڭىز، ياشانغان قېرىنداشلارنىڭ ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىپ، نۇرىنى چاقنىتىشىغا ياردەم بېرەلەيسىز. ئۇلارنىڭ ۋەز خىزمەت قولايلىق رايوننى ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىڭ. ئۇلارنى ياشلار بىلەن خىزمەتكە ئەۋەتىڭ. ياشانغان ياكى سالامەتلىكى ناچار قېرىنداشلار بۇرۇنقىدەك كۆپ ۋەز قىلالمىغاچقا كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ غېمىنى يەپ، ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز، بۇ ئۇلارغا ئىلھام بولىدۇ. مەيلى ئۇلار نەچچە ياشتا بولسۇن ياكى ھەقىقەتنى تونۇغىنىغا قانچە ئۇزۇن بولسۇن، سىزنىڭ مېھرىبانلىقىڭىز ئۇلارنى ۋەز خىزمەتنى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىشى مۇمكىن.—لاۋىيلار 19:32.
13 ئىسرائىللىقلار جەم بولۇپ، بىرلىكتە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتىن خۇشاللىق تاپقان. زەبۇر يازغۇچىسى: «نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر ياخشى، قېرىنداشلار ئۆتسە ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاق!»— دەپ ئېيتقان (زەبۇر 133:1، 2-نى ئوقۇڭ) ئۇ بۇ ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرنى مەسىھ قىلش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماي بىلەن سېلىشتۇرغان. بۇ ماي تېرىنى راھەتلەندۈرىدىغان خۇش پۇراقلىق ماي ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئوچۇق چىراي ۋە مېھرىبان بولۇش ئارقىلىق قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇرالايمىز. شۇندىلا، بىز جامائەتنىڭ بىرلىكىگە ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن يېقىنراق تونۇشۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلالامسىز؟ —2-كورىنتلىقلار 6:11—13.
14. مەيلى قەيەردە ياشىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، نۇرىڭىزنى قانداق چاقنىتالايسىز؟
14 قەيەردە ياشىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، نۇرىمىزنى چاقنىتالايمىز. قوشنىلىرىڭىز مېھرىبانلىقىڭىزنى كۆرگەندە، يەھۋا ھەققىدە كۆپرەك بىلىشنى خالىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «قوشنىلىرىم مەن توغرۇلۇق نېمە ئويلايدۇ؟ ھويلا-ئاراملىرىم پاكىز ھەم رەتلىك، مەھەللىنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرەمدۇ؟ قوشنىلىرىمغا ياردەم بېرىمەنمۇ؟» باشقا قېرىنداشلاردىن، ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە ياخشى ئۈلگىلىرى ئۇرۇق-تۇققان، قولۇم-قوشنا، خىزمەتداشلىرى ياكى ساۋاقداشلىرىغا قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى سوراپ كۆرۈڭ.—ئەفەسلىكلەر 5:9.
ھوشيار بولۇڭ
15. نېمە ئۈچۈن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك؟
15 نۇرىمىزنى داۋاملىق چاقنىتىشنى خالىساق، قايسى زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئەيسا شاگىرتلىرىغا بىرنەچچە قېتىم: «ھوشيار تۇرۇڭلار»،— دېگەن (مەتتا 24:42؛ 25:13؛ 26:41). ئەگەر «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» پات-ئارىدا كەلمەيدۇ دەپ ئويلىساق، ئادەملەرگە يەھۋا ھەققىدە تەلىم بېرىشنىڭ پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز (مەتتا 24:21). ھەتتا، نۇرىمىز چاقناشنىڭ ئورنىغا، بارا-بارا ئاجىزلىشىپ، ئۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن.
16، 17. ھوشيار بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
16 دۇنـيانىـڭ ۋەزىـيىتـى بـارغـانسېـرى ناچارلىشىۋاتقاچقا، تېخىمۇ ھوشيار تۇرىشىمىز لازىم. بىراق، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى دەل يەھۋا بەلگىلىگەن ۋاقىت-سائەتتە كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز (مەتتا 24:42—44). شۇ ۋاقىت كەلگۈچە، بىز سەۋرچانلىق بىلەن ھەممە ئوي-پىكرىمىزنى كېلەچەككە قارىتىشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇڭ ۋە يەھۋاغا داۋاملىق دۇئا قىلىڭ (1-پېترۇس 4:7). يەھۋاغا ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلاردىن ئۈلگە ئېلىڭ. ئۇلارنىڭ ھاياتتا باشتىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە ئوقۇپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، «يەتمىش يىل بىر يەھۇدىينىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇپ يۈرۈۋاتىمەن» ناملىق تەرجىمىھالنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ («كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل)، 2012-يىل، 15-ئاپرېل، 18—21-بەتلەر).
17 يەھۋاغا قىزغىن خىزمەت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇڭ. باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭ ۋە قېرىنداشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ. شۇ چاغدا، خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشىسىز ۋە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىمايسىز (ئەفەسلىكلەر 5:16). ئۆتكەن يۈز يىلدا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك ئالدىراش بولۇۋاتىمىز. يەھۋانىڭ خىزمىتىنى شۇنچىلىك كەڭ دائىرىدە قىلىۋاتىمىزكى، نۇرىمىز بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە چاقنىماقتا!
18، 19. ئاقساقاللار يەھۋاغا قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
18 گەرچە كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزسەكمۇ، يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىمىزغا پۇرسەت بېرىۋاتىدۇ. بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاقساقاللارنى بەرگەن (ئەفەسلىكلەر 4:8، 11، 12-نى ئوقۇڭ). شۇڭا، ئاقساقاللار سىزنى يوقلاپ كەلگەندە، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ دانالىقىنى ئۆگىنىپ، مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىڭ.
19 مەسىلەن، ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال نىكاھىدا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە ئۇلار ئىككى ئاقساقالدىن ياردەم سورىغان. ئايالىنىڭ دېيىشىچە، ئېرى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا يېتەكچىلىكنى ئۆز قولىغا ئالمىغان. ئەر قېرىنداش بولسا، تەلىم بېرىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، ئائىلىۋى ئىبادەتنى ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئاقساقاللار بۇ ئەر-ئايالغا ئەيسانىڭ ئۈلگىسى ھەققىدە ئويلىنىشنى ئېيتقان. ئۇلار ئەر قېرىنداشنى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئۈندىگەن. ئايال قېرىنداشنى ئېرىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئاقساقاللار يەنە ئۇلارغا ئىككى بالىسى بىلەن ئائىلىۋى ئىبادەتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ياخشى مەسلىھەتلەر بەرگەن (ئەفەسلىكلەر 5:21—29). ئەر ياخشى ئائىلە بېشى بولۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. ئاقساقاللار ئۇنى بەل قويۇۋەتمەي، يەھۋانىڭ روھىغا تايىنىشقا دەۋەت قىلغان. ئاقساقاللارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مېھرىبانلىقى بۇ ئائىلىگە بەك كۆپ ياردەم بەرگەنىدى.
20. نۇرىمىزنى چاقناتساق، بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
20 «يەھۋادىن قورققان، ئۇنىڭ يولىدا يۈرگەن كىشى بەختلىكتۇر» (زەبۇر 128:1). نۇرىڭىزنى چاقناتسىڭىز، شاد-خۇراملىققا چۆمىسىز. شۇڭا، خۇدا ھەققىدە باشقىلارغا تەلىم بېرىڭ، جامائىتىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىغا ھەسسە قوشۇڭ ۋە ھوشيار تۇرۇڭ. شۇ چاغدا، باشقىلار ياخشى ئۈلگىڭىزنى كۆرۈپ، ئاتىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.—مەتتا 5:16.