ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
«مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى» پەقەت گالاتىيالىقلار 5:22، 23-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان پەزىلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟
بۇ ئايەتتە توققۇز پەزىلەت تىلغا ئېلىنغان: «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى: سۆيگۈ، خۇشاللىق، تىنچلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىمان، مۇلايىملىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش». خۇدانىڭ روھى پەقەت مۇشۇ توققۇز پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك.
بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ ئەلچى پاۋلۇس مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى مۇنداق يازغان: «گۇناھكار تەننىڭ ئىشلىرى ئاشكارىدۇر، ئۇلار: جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، بۇتپەرەسلىك، جىنكەشلىك، ئۆچ-ئاداۋەت ساقلاش، ئۇرۇشـقاقلىق، قـىزغانچـۇقلۇق، غـەزەپلىنىـش، تـالاش-تارتىـش، بۆلگۈنـچىلىك، مەزھـەپچىلىك، ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەتلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار» (گالاتىيا. 5:19—21). قىزىقارلىق يېرى شۇكى، پاۋلۇس سۆزىنى «شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار» دەپ ئاياقلاشتۇرغان. دېمەك، «گۇناھكار تەننىڭ ئىشلىرى» قاتارىغا، كولوسىلىقلار 3:5-ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان باشقا ئىشلارمۇ كىرىدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس توققۇز پەزىلەتنى ئاتاپ ئۆتكەندىن كېيىن، 23-ئايەتتە مۇنداق دېگەن: «بۇنداق ئىشلارغا قارشى ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر». شۇڭا، پاۋلۇس مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىز يېتىلدۈرەلەيدىغان ھەممە ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئاتاپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنمىغان.
ئەلچى پاۋلۇس تىموتىينى ئالتە پەزىلەتكە، يەنى «ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىمان، سۆيگۈ، سەۋر-تاقەت، مۇلايىملىقنى» قوغلىشىشقا دەۋەت قىلغان (1-تىموت. 6:11). بۇلاردىن پەقەت ئۈچى ئىمان، سۆيگۈ، مۇلايىملىق «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى»گە كىرىدۇ. ئەمما، تىموتىي يەنە ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك ۋە سەۋر-تاقەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى.—كولوسىلىقلار 3:12؛ 2-پېترۇس 1:5—7-نى سېلىشتۇرۇڭ.
شۇڭا، گالاتىيالىقلار 5:22، 23-ئايەتلەردە يېتىلدۈرۈشكە بولىدىغان ھەممە ئېسىل پەزىلەتلەر يېزىلمىغان. خۇدا روھى بىزگە «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى»، يەنى توققۇز پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. بىراق، روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇش ئۈچۈن، يەنە كۆپ پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە «ھەققانىيلىققا ۋە ساداقەتكە ئۇيغۇن، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق يارىتىلغان يېڭى شەخسنى» كىيىش زۆرۈر.—ئەفەس. 4:24.