بۈگۈنكى كۈندە كاناي ئاۋازىغا دىققەت قىلايلى!
ھەممىمىز يەھۋا خۇدانىڭ مۇشۇ «ئاخىرقى كۈنلەردە»، ئۆز خەلقىگە روھىي جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىپ يېتەكلەۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز (2-تىموت. 3:1). لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرىمىز يەھۋاغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز چۆل-باياۋاندا بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش. ئۇلار كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ھەرىكەت قىلىشى لازىم ئىدى.
يەھۋا مۇساغا «جامائەتنى يىغىش» ۋە «قارارگاھلارنى كۆچۈرۈش» ئۈچۈن ئىككى كۆمۈش كاناي ياساشقا بۇيرىغان (سانلار 10:2). خەلققە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن روھانىيلار كانايلارنى ھەرخىل ئۇسۇلدا چېلىشى كېرەك ئىدى (سانلار 10:3—8). بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ خەلقى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردا كۆرسەتمىلەرنى ئالىدۇ. بۇ ماقالىدە، بىز بۇنىڭ ئۈچ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە ئۇلارنى قەدىمكى ئىسرائىلدىكى كاناينىڭ ئاۋازى بىلەن سېلىشتۇرىمىز. بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ خەلقى چوڭ يىغىلىشلارغا چاقىرىلىدۇ، تەيىنلەنگەن مەسئۇلىيەتلىك ئاقساقاللار تەلىم ئالىدۇ ۋە ھەممە جامائەتكە بېرىلىدىغان كۆرسەتمىلەر يېڭىلىنىپ ياكى ئۆزگەرتىلىپ تۇرىدۇ.
چوڭ يىغىلىشلارغا چاقىرىش
خۇدا «پۈتۈن جامائەت»نى ئىبادەت چېدىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئىشىك ئالدىدىغا يىغماقچى بولغاندا، روھانىيلار ھەر ئىككىلا كاناينى چالغان (سانلار 10:3). مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئۆپ-چۆرىسىدە تۆتكە بۆلۈنۈپ جايلاشقان ھەممە قەبىلە چېلىنغان كاناي ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىغان. مۇقەددەس چېدىرغا يېقىن جايلاشقانلار ئىبادەت چېدىرىغا بىر مىنۇتتا يېتىپ كەلسە، يىراقراق جايلاشقانلار بىراز ۋاقىت كېيىن، ئارتۇقراق كۈچ سەرپ قىلىپ كەلگەنىدى. خەلق يىراق ياكى يېقىن تۇرسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، بېرىلگەن كۆرسەتمىلەرنى ئاڭلىشىنى خالىغان.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىز ئىبادەت چېدىرنىڭ ئالدىدا يىغىلمىساقمۇ، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە يىغىلىشلاردا جەم بولۇپ تۇرۇشقا چاقىرىلىمىز. مۇشۇنداق يىغىلىشلارغا بىز مۇھىم مەلۇماتلارنى ۋە يېتەكچىلىكنى ئالىدىغان رايونلۇق چوڭ يىغىلىشلار بىلەن باشقا ئالاھىدە يىغىلىشلار كىرىدۇ. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ياشايدىغان خۇدانىڭ خەلقى ئوخشاش تەلىملەرنى ئالىدۇ. شۇڭا، بۇ يىغىلىشلارغا كېلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلار شاد-خۇرام خەلقنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يېقىن يەردىن كەلگەن بولسا، باشقىلىرى يىراقتىن كېلىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىغىلىش چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.
ئۇنداقتا، ھېچقانداق چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشالمايدىغان يىراقتىكى كىچىك توپلار بۇ يىغىلىشلاردىن پايدا ئالالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، زامانىۋىي تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن، ھەتتا يىراقتا ياشايدىغان ئېتىقادداشلار شۇنداق يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ،
ئۆزىنى شۇ چوڭ يىغىلىشتا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. مەسىلەن، باش باشقارمىنىڭ ۋەكىلى كەلگەندە، بېنىن دۆلىتىدىكى بەيتەل سەھرايى كەبىر چۆلىدىكى كانچىلىق شەھىرى ئارلىتقا (نىگېرىيە) فىلىم ئۇلىنىشىنى تارقاتقان. ئۇنى كۆرۈشكە قېرىنداشلار ۋە قىزىققۇچىلار بولۇپ 21 ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇلار يىراقتا بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى 44131 قېرىنداشنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلغان. بىر بۇرادەر مۇنداق دەپ يازغان: «پروگراممىنى بىزگە ئۇلاپ تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆرسەتكىنىڭلار ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن كۆپ رەھمەت! سىلەرنىڭ بىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارغا تېخىمۇ كۆزۈمىز يەتتى».تەيىنلەنگەن ئاقساقاللارنى چاقىرىش
ئىسرائىلدىكى روھانىيلار كاناينىڭ بىرىنى چالغاندا، يىغىلىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا پەقەت «يولباشچىلار، ئىسرائىللارنىڭ مىڭباشلىرى يىغىلسۇن»، دەپ كۆرسىتىلگەن (سانلار 10:4). ئۇلار شۇ يەردە مۇسادىن كۆرسەتمىلەرنى ئالاتتى. بۇ ئۇلارغا ئۆز قەبىلىلىرى ئىچىدە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشقا ياردەم بېرەتتى. سىز ئاشۇ مىڭباشلىرى ئارىسىدىكى بىرى بولغىنىڭىزدا، شۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلاتتىڭىزمۇ؟
بۈگۈنكى كۈندىمۇ جامائەتتە ئاقساقاللار «ھۆكۈمرانلار» ئەمەس. ئۇلار خۇدانىڭ پادىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ (1-پېتر. 5:1—3). بىراق، ئۇلار پادىنى بېقىش ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار قوشۇمچە تەلىم ئېلىشقا، مەسىلەن، پادىشاھلىق ۋەز خىزمەت مەكتىپىدە ئوقۇشقا دائىم تەييار. بۇ مەكتەپلەردە، ئاقساقاللار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جامائەتنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. نەتىجىدە، ئاقساقاللار ۋە جامائەتىكىلەرنىڭ ھەممىسى روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يەھۋا بىلەن تېخىمۇ يېقىنراق بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنداق مەكتەپلەرگە قاتناشمىغان بولسىڭىزمۇ، شۇ يەردىن ئوقۇپ كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ئالغان تەلىملىرىنىڭ پادىسىنى كۆرۈۋاتىسىز.
يېڭىلىنىپ ياكى ئۆزگەرتىلىپ تۇرۇلۇشى
ئىسرائىللار ئارىسىدىكى روھانىيلار بەزىدە كاناينى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ چالايتتى. بۇ پۈتكۈل قارارگاھنىڭ كۆچۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرەتتى (سانلار 10:5، 6). قارارگاھنىڭ كۆچۈشى بەكمۇ ھەيران قالارلىق تەشكىللەنگەن، لېكىن بۇ ھەربىر ئادەمنىڭ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟
بەلكىم، بەزىلەر كاناي پات-پات ياكى تۇيۇقسىز چېلىنىدۇ، دەپ ئويلىغان. «بەزىدە بۇلۇت پەقەت كەچتىن ئەتىسىگىچە تۇراتتى». بەزى ۋاقىتتا «ئىككى كۈن ياكى بىر ئاي، ياكى نەچچە كۈن» تۇراتتى (سانلار 9:21، 22). شۇ چاغدا قارارگاھ قانچە قېتىم كۆچكەن؟ سانلار 33-بابتا ئىسرائىللار 40قا يېقىن جايغا قارارگاھىنى تىكەنلىكى توغرۇلۇق ئېيتىلغان.
بەزى ۋاقىتلاردا ئىسرائىللار سايە چۈشكەن يەرگە جايلىشاتتى. بەزىلەر ئۈچۈن «بىپايان ۋە دەھشەتلىك چۆلدە»، بۇنداق يەر قولايلىق بولغان (تەكرار. قا 1:19). شۇڭا، بىرلىرى شۇنداق ئويلىغان: «مۇشۇ ياخشى يەردىن كۆچسەك، قانداقتۇ بىر خەتەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن».
قارارگاھ كۆچۈش باشلىغاندا، بەزى قەبىلىلەر ئۆز نۆۋىتى كەلگىچە سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشى كېرەك ئىدى. كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىسىمۇ، ھەممىسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىرلىكتە ماڭالمايتتى. كاناينىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك چىققان ئاۋازى شەرق تەرەپكە جايلاشقان ھەممە قەبىلىلەر، ئۇنىڭ ئىچىدە يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن قەبىلىرى كۆچۈپ مېڭىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن (سانلار 2:3—7؛ 10:5، 6). ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، روھانىيلار كاناينى يەنە ئىككىنچى قېتىم چېلىپ، جەنۇبتىكى ئۈچ قەبىلىنىڭ مېڭىشىنى كۆرسەتكەن. روھانىيلار ھەممە قارارگاھ كۆچۈپ كەتمىگىچە شۇ كاناينى چېلىپ تۇراتتى.
بەلكىم، سىزگە تەشكىلاتتا قانداقتۇ بىر ئۆزگۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلىش قىيىن بولغاندۇ. بەلكىم، سىز ئۆزگۈرۈشلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلايدىغانسىز. ياكى بولمىسا، قانداقتۇ بىر نەرسىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى خالىمايدىغانسىز. قانداقلا سەۋەب بولمىسۇن، سىزگە سەۋرچانلىق كۆرسىتىش قىيىن بولۇپ، كۆنۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. بۇنىڭغا قارىماستىن، مۇشۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بار ۋە يەھۋا خۇدا بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىغا كۆز يەتكۈزەلەيمىز.
مۇسانىڭ زامانىدا، يەھۋا مىليونلىغان ئەر ۋە ئاياللارنى ھەم بالىلارنى چۆلدىن ئېلىپ چىققان. ئۇنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆرسەتمىلىرى ئۇلارنىڭ ئامان قېلىشىغا ياردەم بەرگەن. بۈگۈن بىز يەھۋا خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامان قالىمىز. شۇڭا، بىز سادىق ئىسرائىللارغا ئوخشاش قولىمىزدىن كەلگىنىچە، ئىتائەتچان بولۇشنى خالايمىز.