24-تەتقىق ماقالىسى
شەيتاننىڭ تۇزاقلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالايسىز!
«ئىبلىسنىڭ تۇزۇقىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ».—2-تىموت. 2:26.
52-ناخشا قەلبىڭنى چىڭ قوغدا!
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن شەيتاننى بىر ئوۋچىغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ؟
ئوۋچىنىڭ پەقەت بىرلا مەقسىتى بار. ئۇ ئولجىسىنى تۇتىدۇ ياكى ئۆلتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۈرلۈك تۇزاق ياكى قاپقانلاردىن پايدىلىنىدۇ. ھەتتا، بۇ ھەققىدە ئايۇپقا تەسەللى بەرگىلى كەلگەن ساختا دوستلىرى تىلغا ئالغان (ئايۇپ 18:8—10). ئوۋچى جانىۋارنى ئالداپ، ئۆز قىلتىقىغا قانداق دەسسىتىدۇ؟ ئۇ شۇ جانىۋارنى كۈزىتىپ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ نەگە بارىدۇ؟ نېمىگە قىزىقىدۇ؟ نېمە بىلەن ئۇنى تۇتۇش ئاسان بولىدۇ؟ شەيتان دەل شۇنداق ئوۋچى ئوخشاش. ئۇ بىزنى كۈزىتىپ تەتقىق قىلىدۇ. نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىمىزنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن، بىزنى ئويلىمىغان يەردىن ئۆز قاپقىنىغا دەسسىشىمىزنى ئۈمىد قىلغاچ، بىزگە بىر تۇزاق قۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، مۇقەددەس كىتاب ئەگەر شەيتان بىزنى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىدۇ ۋە ئاشۇ تۇزاقلاردىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئۆگىتىدۇ.
2. شەيتاننىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تۇزاقلىرىدىن ئىككىسى قايسى؟
2 شەيتاننىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تۇزاقلىرى تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈك b. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، شەيتان ئاشۇ تۇزاقلارنى قوللىنىپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇ خۇددى بىر قۇش تۇتقۇچىغا ئوخشاش، ئۆزى كۆزلىگەن ئوۋنى تورغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ (زەبۇر 91:3). بىراق، بىز شەيتاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز كېرەك، سەۋەبى يەھۋا ئاللىقاچان شەيتاننىڭ ئىشلىتىدىغان ھىيلە-مىكىرلىرىنى بىزگە ئاشكارە قىلغان.—2-كورىنت. 2:11.
3. يەھۋا نېمە ئۈچۈن تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ مىساللىرىنى مۇقەددەس كىتابقا يازدۇرغان؟
3 يەھۋا بىزنى ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىش ئارقىلىق تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈكتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەتتا بەزى يەھۋاغا ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلغانلارمۇ شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈمىز. بۇ تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈكتىن قۇتۇلۇشىمىزغا ئىمكان يوق، دېگەننى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. يەھۋا بىز ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە ئاشۇ مىساللارنى مۇقەددەس كىتابقا يازدۇرغان (1-كورىنت. 10:11). خۇدا شۇنى بىلىدۇكى، شۇ مىساللاردىن ساۋاق ئالساق، شەيتاننىڭ تۇزاقلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز ياكى يىراق تۇرالايمىز.
تەكەببۇرلۇق تۇزىقى
4. ئەگەر بىز تەكەببۇر بولۇپ كەتسەك، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
4 شەيتان بىزنىڭ تەكەببۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈشىمىزنى خالايدۇ. ئۇ شۇنى بىلىدۇكى، بىزدە تەكەببۇرلۇق كۈچىيىپ كەتسە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالىمىز (پەند. نە 16:18). شۇڭا، ئەلچى پاۋلۇس بىر كىشى تەكەببۇرلىشىپ، ئىبلىسقا چىقىرىلغان ھۆكۈمگە ئۇچرايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان (1-تىموت. 3:6، 7). بىز ھەقىقەتنى يېڭىدىن تونۇيلى ياكى ئۇزۇن يىللار يەھۋاغا خىزمەت قىلغان بولايلى، ھەربىرىمىز تەكەببۇرلىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن.
5. ۋەز 7:16، 20-ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، بىر كىشى تەكەببۇرلۇقنى قانداق كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
5 تەكەببۇرلۇق شەخسىيەتچىلىكنىڭ بىر شەكلى. بولۇپمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، شەيتان دىققىتىمىزنى يەھۋاغا ئەمەس، ئۆزۈمىزگە قارىتىپ، بىزنى شەخسىيەتچى بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرى سىز خاتا ئەيىبلىگەنمۇ ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئوچرىغانمۇ؟ شەيتان سىزنىڭ خۇدانى ۋە قېرىنداشلىرىڭىزنى ئەيىبلىگىنىڭىزنى كۆرۈشنى بەكمۇ خالايدۇ. ئىبلىس يەنە قىيىنچىلىقلاردا، سىزنىڭ يەھۋا بەرگەن كۆرسەتمىلەرگە تايانماي، ئۆزىڭىزگە تايىنىشىڭىزنى خالايدۇ.—ۋەز 7:16، 20-نى ئوقۇڭ.
6. بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
6 باشقىلارنىڭ نامۇكەممەللىكىدىن زېرىككەن بىر قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئۆزىگە: «ئەمدى مەن بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايمەن»،— دېگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنى يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلغان ۋە قېرىنداشلىرىنى كەچۈرۈلمىگەن. شۇڭا، ئۇ يولدىشىغا: «بىز باشقا جامائەتكە كېتەيلى»،— دېگەن. كېيىن، ئۇ 2016-يىلى مارت ئېيىدىكى «JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىنى» كۆرگەن. شۇ پروگراممىدا باشقىلارنىڭ نامۇكەممەللىكىگە قانداق كۆزقاراشتا بولۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەر بېرىلگەن. ئۇ: «مەن جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆز خاتالىقلىرىمنى كەمتەرلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. بۇ پروگرامما دىققىتىمنى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا قارىتىشىمغا ياردەم بەردى»،— دەيدۇ. نېمە دېمەكچى بولغاننى چۈشەندىڭىزمۇ؟ سىناققا دۇچ كەلگەندە، دىققىتىڭىزنى يەھۋاغا قارىتىڭ. ئۇنىڭدىن دۇئادا، باشقىلارغا ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇشقا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنۈڭ. ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرسىمۇ، ئۇلارنى كەچۈرۈشكە تەييار. ئۇ سىزنىڭ شۇنداق قىلىشىڭىزنى خالايدۇ.—1-يۇھاننا 4:20.
7. پادىشاھ ئۇززىياغا نېمە ئىش بولغان؟
7 تەكەببۇرلۇق يەھۇدا پادىشاھى ئۇززىيانى نەسىھەتنى رەت قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇززىيا نۇرغۇن جەڭلەردە غەلبە قازانغان، كۆپلىگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلغان ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى كېڭەيتكەن. خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلغان (2-تارىخ. 26:3—7، 10). مۇقەددەس كىتاب شۇنداق دەيدۇ: «لېكىن، ئۇ كۈچەيگەندىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىش ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى». يەھۋا پەقەت روھانىيلارغا ئىبادەتخانىدا ئىسرىقلارنى تەغدىم قىلىشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇززىيا ئىسرىق تەغدىم قىلىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان. يەھۋا ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمىغاچ، ئۇنى ماخاۋ كېسىلى بىلەن جازالىغان. ئۇززىيا ئۆلگىچە ماخاۋ كېسىلى بىلەن ياشىغان.—2-تارىخ. 26:16—21.
8. 1-كورىنتلىقلار 4:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىز تەكەببۇرلۇقتىن ئۆزۈمىزنى قانداق نېرى تۇتالايمىز؟
8 بىزمۇ پادىشاھ ئۇززىياغا ئوخشاش تەكەببۇرلىشىپ، گۇناھقا قول ئۇرۇشىمىز مۇمكىنمۇ؟ جوسى ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرەيلى. ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر سودىگەر بولغان ۋە جامائەتتە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئاقساقال ئىدى. ئۇ چوڭ يىغىلىشلاردا نۇتۇقلارنى ئېيتقان. رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار ئۇنىڭدىن مەسلىھەتلەرنى سورىغان. ئۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتى ۋە تەجرىبىلىرىگە ئىشىنىپ كەتكەچ، مەن يەھۋاغا تايانمىغان. مەن ئۆزۈمنى كۈچلۈك دەپ ئويلىغاچ، يەھۋانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىمىغان»،— دېگەن. جوسى ئېغىر بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن. بىرقانچە يىل ئىلگىرى، ئۇ قايتا جامائەتكە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «يەھۋا ماڭا بىرنەرسىنى ئۆگەتتى. ئەڭ مۇھىمى نام-ئاتاق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى قىلىش ئىكەن». شۇنى ئەستىن چىقارمايلى، بىزدىكى ھەرقانداق تالانت، جامائەتتە ئېرىشكەن ئىمتىيازلار يەھۋادىن كېلىدۇ (1-كورىنتلىقلار 4:6، 7-نى ئوقۇڭ). ئەگەر بىز تەكەببۇر بولساق، يەھۋا بىزنى ئىشلەتمەيدۇ.
ئاچكۆزلۈك تۇزىقى
9. ئاچكۆزلۈك شەيتان ۋە ھاۋا-ئانىنى نېمە قىلىشقا ھەرىكەت قىلدۇرغان؟
9 ئاچكۆزلۈك ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، شەيتان ئىبلىس دەرھاللا ئېسىمىزگە كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى يەھۋانىڭ بىر پەرىشتىسى سۈپىتىدە، نۇرغۇن ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان. بىراق، ئۇ تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىنى خالىغاچ، پەقەت يەھۋاغىلا مەنسۇپ ئىبادەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇ بىزنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشىمىزنى خالايدۇ. شۇڭا، بىزنى بارىغا قانائەت قىلماي، كۆپرەك نەرسىگە ئېرىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ ھاۋا-ئانىغا سۆز قىلغاندا، تۇنجى قېتىم شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنغان. خۇدا ھاۋا-ئانىغا ۋە ئۇنىڭ ئېرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، باغدىكى بىر دەرەختىن باشقا، بارلىق دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىدىن تويغىچە يېيىشنى رۇخسەت قىلغان (يارىت. 2:16). شۇنداقتىمۇ، شەيتان ھاۋا-ئانىنى ئازدۇرۇپ، ئۇنى مەنئىي قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشىم كېرەك، دېگەن ئويغا كەلتۈرگەن. ھاۋا ئۆزىدە بارىغا قانائەت قىلماي، تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى خالىغان. كېيىن، ئۇ گۇناھ قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن.—يارىت. 3:6، 19.
10. ئاچكۆزلۈك داۋۇت پادىشاھقا قانداق تۇزاق بولغان؟
10 ئاچكۆزلۈك سەۋەبلىك، داۋۇت يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مال-دۇنيا، نام-ئاتاق ۋە دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن ئېرىشتۈرگەن غەلبىلىرىنى ئۇنتۇغان. ئۇ يەھۋانىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز سوۋغاتلىرىغا ئېرىشكەچ، ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى (زەبۇر 40:5). ئەمما، ۋاقىت ئۆتۈپ، داۋۇت يەھۋانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ، بارىغا قانائەت قىلماي، كۆپرەك نەرسىگە ئېرىشىشنى خالىغان. گەرچە داۋۇتنىڭ بىرقانچە ئايالى بولسىمۇ، ئۇ قەلبىدە باشقا بىرىنىڭ ئايالىغا ئېرىشىش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويغان. ئۇ ئايالنىڭ ئىسىمى باتشەبا ۋە يولدىشى ئۇرىيا ئىدى. داۋۇت شەخسىيەتچىلىك قىلىپ، شۇ ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە ئۇ ئايال ھامىلدار بولۇپ قالغان. زىناخورلۇق گۇناھى ئازدەك، داۋۇت ئۇرىيانى ئۆلتۈرۈشنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغان (2-سام. 11:2—15). شۇ ۋاقىتتا، داۋۇت يەھۋانى كۆرمەيدۇ، دەپ ئويلىغانمۇ؟ ئۇ يەھۋاغا شۇنچە ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئاچكۆز بولۇپ كەتكەچ، ئاخىرىدا كۆپلىگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان. خۇشاللىنارلىقى، داۋۇت توۋا قىلىپ، قايتا يەھۋانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەلىگىنىگە قانچىلىك مىننەتدار بولغان-ھە!—2-سام. 12:7—13.
11. ئەفەسلىكلەر 5:3، 4-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئاچكۆزلۈك بىلەن كۈرەش قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11 داۋۇتنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ ئەگەر يەھۋا بەرگەن بارلىق نەرسىلەر ئۈچۈن مىننەتدار بولساق، بىز ئاچكۆزلۈككە قارشى تۇرالايمىز (ئەفەسلىكلەر 5:3، 4-نى ئوقۇڭ). چوقۇم ئۆزۈمىزدە بارىغا قانائەت قىلىشىمىز كېرەك. بىز بىر كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن نەرسىلەردىن بىرى ھەققىدە ئويلاپ، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىمىز. ئەگەر بىر كىشى ھەر كۈنى شۇنداق قىلسا، بىر ھەپتە ئۆتكەندە، ئۇ يەتتە نەرسە ھەققىدە دۇئا قىلغان بولىدۇ (1-سالونىكا. 5:18). سىزمۇ شۇنداق قىلامسىز؟ ئەگەر يەھۋانىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسىڭىز، مىننەتدار بولىسىز. ھەمدە مىننەتدار بولسىڭىز، قانائەتچان بولالايسىز. قانائەتچان بولغىنىڭىزدا، ئاچكۆزلۈك تۇزۇقىدىن يىراق تۇرالايسىز.
12. ئاچكۆزلۈك سەۋەبلىك ئىشقارىيوت يەھۇدا نېمە ئىش قىلغان؟
12 ئاچكۆزلۈك ئىشقارىيوت يەھۇدانى خائىن بىر كىشىگە ئايلاندۇرغان. ئەمما، دەسلەپتە ئۇ ئۇنداق يامان ئادەم بولمىغان (لۇقا 6:13، 16). ئەيسا ئۇنى بىر ئەلچى سۈپىتىدە تاللىغان. يەھۇدا قارىماققا قابىلىيەتلىك، ئىشەنچىلىك بولغاچقا، پۇلنى ساقلاشقا تەيىنلەنگەن. ئەيسا ۋە ئەلچىلەر ۋەز خىزمىتىدە بولغاندا، ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن شۇ پۇلنى ئىشلەتكەن. ئاشۇ پۇللار خۇددى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا بولۇۋاتقان ئىش-پائالىيەتلەر ئۈچۈن قىلىنغان ئىئانىلەرگە ئوخشاش بولغان. كېيىنرەك، يەھۇدا ئەيسانىڭ قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئوغۇرلۇق قىلىشقا باشلىغانىدى (ماركۇس 7:22، 23؛ لۇقا 11:39؛ 12:15). يەھۇدا ئاشۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغان.
13. يەھۇدانىڭ ئاچكۆزلۈكى قاچان ئاشكارە بولغان؟
13 ئەيسا ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن بىر ۋەقەدە يەھۇدانىڭ ئاچكۆزلۈكى ئاشكارە بولغان. ئەيسا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ھەدىسى مارتا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلى بولغان سىموننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان. تاماق ئۈستىدە مەريەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانىڭ بېشىغا قىممەتباھا ئەتىرنى قۇيغان. يەھۇدا ۋە باشقا شاگىرتلار بۇنىڭدىن نارازى بولغان. باشقا شاگىرتلار بەلكىم پۇللارنى ۋەز خىزمەتتە ئىشلەتسەك ياخشىراق بولىدۇ، دەپ ئويلىغان. ئەمما، يەھۇدانىڭ نىيىتى باشقىچە ئىدى. ئۇ ئوغرى بولغاچ، ھەمياندىن پۇل ئوغرىلاشنى خالىغان ئىدى. كېيىن، يەھۇدا ئاچكۆزلۈك تۈپەيلى ئەيسانى بىر قۇلنىڭ باھاسىغا سېتىۋەتكەن.—يۇھاننا 12:2—6؛ مەتتا 26:6—16؛ لۇقا 22:3—6.
14. بىر ئەر-ئايال، لۇقا 16:13-ئايەتتىكى ساۋاقنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدا قانداق قوللانغان؟
14 ئەيسا: «ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللىرى بولالمايسىلەر»،— دەپ ئۆز شاگىرتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان (لۇقا 16:13-نى ئوقۇڭ). بۇ سۆزلەر تېخىغىچە ئۆزگەرمىدى. ئەيسانىڭ مۇشۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغان رومىنىيىدىكى بىر جۈپنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلار بەكرەك تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە ۋاقىتلىق ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلار: «بىزنىڭ بانكىغا تۆلەيدىغان كۆپ قەرزىمىز بار ئىدى. شۇڭا، دەسلەپتە بۇ خىزمەتنى يەھۋادىن كەلگەن بىر بەرىكەت، دەپ ئويلىدۇق»،— دېگەن. بىراق، بىر تۇزاق بار ئىدى. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەتتى. ئۇلار «كۈزىتىش مۇنارى» 2008-يىل، 15-ئاۋغۇست سانىدىكى «پۈتۈن قەلب بىلەن ساداقەتمەنلىكنى ساقلاڭ»، دېگەن ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قارارىنى چىقارغان. ئۇلار: «بىز پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتكە بارساق، خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويغان بولىدىكەنمىز. خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزەلىدۇق»،— دەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار شۇ پۇرسەتنى رەت قىلغان. نەتىجىدە، بۇرادەر ئۆز دۆلىتىدە خىزمەت تاپقان. ئۇنىڭ ئايالى شۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا ھەرقاچان ياردەم قولىنى سۇنىدۇ». ئۇلار پۇلنى ئەمەس، يەھۋانى ئۆزىنىڭ خوجايىنى بولۇشقا تاللىغىنىدىن بەكمۇ خۇشال.
شەيتاننىڭ تۇزاقلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ
15. شەيتاننىڭ تۇزاقلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالىشىمىزغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنەلەيمىز؟
15 ئۆزۈمىزنىڭ تەكەببۇر ياكى ئاچكۆز بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى بايقىساقچۇ؟ ئۆزۈمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز! پاۋلۇس شەيتاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلار ئۇنىڭ تۇزىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ، دەپ ئېيتقان (2-تىموت. 2:26). ئاخىرىدا، داۋۇت ناتاننىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا ياخشىلىغان. ھەرگىز ئۇنتۇمايلىكى، يەھۋا شەيتاندىن كۈچلۈكرەك. شۇڭا، يەھۋانىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلساق، شەيتاننىڭ قۇرغان ھەرقانداق تۇزاقلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز.
16. شەيتاننىڭ تۇزاقلىرىدىن يىراق تۇرۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
16 ئەلۋەتتە، شەيتاننىڭ تۇزاقلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز، ئەمما ئەڭ ياخشىسى ئۇ قۇرغان تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈك توزىقىغا يېقىن يولىمايلى . بۇنى پەقەت خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن قىلالايمىز. «مېنىڭ ئىمانىم كۈچلۈك، ھەرگىزمۇ تەكەببۇر ياكى ئاچكۆز بولۇپ قالمايمەن»،— دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ھەتتا، يەھۋاغا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغانلارمۇ تەكەببۇر ياكى ئاچكۆز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئوي-پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە شۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ تەسىر قىلىشقا باشلىغان-باشلىمىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلىشىڭىز ئۈچۈن، ھەر كۈنى يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىڭ. (زەبۇر 139:23، 24). ھەرگىزمۇ تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈكنى ئۆزىڭىزگە يوقتۇرۇۋالماڭ.
17. پات-ئارىدا دۈشمىنىمىز ئىبلىسقا نېمە بولىدۇ؟
17 نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، شەيتان ئوۋچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق، پات-ئارىدا ئۇ ئۆزى كىشەنلىنىپ، ئاخىرىدا ۋەيران قىلىنىدۇ (ۋەھىي. 20:1—3، 10). بىز شۇ كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ، شەيتاننىڭ تۇزاقلىرىدىن ھوشيار تۇرايلى. تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ سىزنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىڭ. شەيتانغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي بولۇڭ، شۇندىلا ئۇ سىزدىن قاچىدۇ.—ياقۇپ 4:7.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
a شەيتان ماھىر بىر ئوۋچىغا ئوخشاش. مەيلى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت يەھۋاغا خىزمەت قىلغان بولۇشىمىزغا قارىماي، ئۇ ئۆزى قۇرغان قىلتاققا بىزنى دەسسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ھازىر شەيتاننىڭ تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈكنى قوللىنىپ، بىزنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ۋەيران قىلىشقا قانداق ئۇرۇنىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز. بىز يەنە تەكەببۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈك تۇزىقىغا چۈشكەن بەزىلەرنىڭ مىسالىنى ۋە شۇنداق تۇزاقلاردىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: بۇ ماقالىدىكى تەكەببۇرلۇق سۆزى ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشىراق، دەپ ھېس قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. ئاچكۆزلۈك سۆزى كۆپرەك پۇل، ھوقۇق، جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلارنى ھەددىدىن زىيادە ئارزۇ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
c سۈرەتلەردە: بىر بۇرادەر تەكەببۇرلۇق بىلەن دانا كۆرسەتمىنى رەت قىلىۋاتىدۇ. بىر قېرىندىشىمىز شۇنچە كۆپ نەرسىلىرى بولسىمۇ، يەنە كۆپرەك نەرسىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ.
d سۈرەتلەردە: خۇدانىڭ بىر روھىي ئوغلى ۋە پادىشاھ ئۇززىيا تەكەببۇرلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھاۋا-ئانىنىڭ مەنئىي قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشى، داۋۇتنىڭ باتشەبا بىلەن زىنا ئۆتكۈزۈشى ۋە يەھۇدانىڭ پۇللارنى ئوغۇرلىشىنىڭ ئارقىسىغا ئاچكۆزلۈك يۇشۇرۇنغان.