ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
ئەگەر بىر خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ ئاجرىشىشقا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان سەۋەبى بولمىسىمۇ، ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان بولسا، جامائەت ئۇنداق خىزمەتچىنىڭ بۇرۇنقى نىكاھى بىلەن يېڭى نىكاھىغا قانداق كۆزقاراشتا بولىدۇ؟
بۇنداق ۋەزىيەتتە، يەنى شۇ كىشى قايتا توي قىلغاندا، جامائەت ئەمدى ئۇنىڭ ئىلگىرى نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەس، بەلكى يېڭى نىكاھى كۈچكە ئىگە دەپ قارايدۇ. ئەيسا مەسىھ ئاجرىشىش ۋە قايتا تۇرمۇش قۇرۇش ھەققىدە ئېيتقان سۆزلەرگە دىققەت قىلايلى.
مەتتا 19:9-ئايەتتە يېزىلغاندەك، ھەزرىتى ئەيسا ئاجرىشىشنىڭ پەقەت بىرلا سەۋەبى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا سەۋەب بىلەن ئايالىدىن ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ» دېگەن. ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىككى نەرسىنى بىلىۋالىمىز: (1) ئاجرىشىشنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان پەقەت بىرلا سەۋەبى — جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتۇر. (2) ئەگەر ئەرنىڭ ئاجرىشىشقا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان سەۋەبى بولمىسا، ئايالىدىن ئاجرىشىپ، باشقا ئايالغا ئۆيلەنسە، زىنا قىلغان بولىدۇ a.
ئەيسا مەسىھ بىر ئەر جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىپ، ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ باشقا بىرىگە ئۆيلىنىشىگە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ھوقۇقى بار دېمەكچى بولغانمۇ؟ بۇ ۋەزىيەتكە باغلىق. ئەگەر ئۆيلەنگەن ئەر كىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغان بولسا،بىگۇناھ ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش-ئاجراشماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىدۇ. ئايال ئېرىنى كەچۈرمىسە ۋە ئۇنىڭدىن قانۇن بويىچە ئاجرىشىپ كەتسە، ھەر ئىككىلىسىدە قايتا نىكاھلىنىش ھوقۇقى بار.
باشقا تەرەپتىن، ئايال ئۆز نىكاھىنى ساقلاپ قېلىشنى بەك خالىغاچ، ئېرىنى كەچۈرۈشكە تەييارلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. لېكىن، زىنا قىلغان ئەر ئۆز ئايالىنىڭ كەچۈرۈمىنى قوبۇل قىلماي، قانۇنلۇق ئاجرىشىمەن دەپ تەرسالىق قىلىپ تۇرۇۋالسىچۇ؟ ئايالى كەچۈرۈشكە ۋە نىكاھىنى ساقلاپ قېلىشقا تەييار بولغاچ، ئەرنىڭ قايتا تۇرمۇش قۇرۇشقا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان سەۋەبى يوق. بىراق، مۇشۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ يەنىلا باشقىسىغا ئۆيلەنسە، زىنا قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاقساقاللار ئۇنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن سوت كومىتېتىنى قۇرىدۇ.—1-كورىنت. 5:1، 2؛ 6:9، 10.
ئەرنىڭ قايتا ئۆيلىنىشكە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان سەۋەبى بولمىسا، جامائەت ئۇنداق كىشىنىڭ بۇرۇنقى نىكاھى بىلەن يېڭى نىكاھىغا قانداق كۆزقاراشتا بولىدۇ؟ بۇرۇنقى نىكاھى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟ ئايال ئەخلاقسىزلىق قىلغان ئېرىنى كەچۈرۈش ياكى كەچۈرمەسلىكنى قارار چىقىرالامدۇ؟ جامائەت يېڭى نىكاھنى زىنا دەپ قارامدۇ؟
بىز ئىلگىرى شۇنداق چۈشەنگەنكى، بىگۇناھ تەرەپ ھاياتلا بولسا، قايتا توي قىلماي ياشىسا ۋە زىنا قىلمىغان بولسا، جامائەت ۋاپاسىزلىق قىلغان، يەنى زىنا قىلغان تەرەپنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىنى زىنا دەپ قارىغان. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئاجرىشىش ۋە قايتا نىكاھلىنىش ھەققىدە سۆزلىگەندە، بىگۇناھ تەرەپنى تىلغا ئالمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ پەقەت بىر ئەرنىڭ ئاجرىشىشقا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان سەۋەبى بولمىسىمۇ، ئاجرىشىپ، باشقىسى بىلەن توي قىلسا، زىنا قىلغان بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن
ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئاجرىشىش ۋە قايتا نىكاھلىنىش بۇرۇنقى نىكاھىنى كۈچتىن قالدۇرىدۇ.«جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا سەۋەب بىلەن ئايالىدىن ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ».—مەتتا 19:9
ئەگەر ئەر ئۆز ئايالىدىن ئاجرىشىپ، باشقا ئايال بىلەن نىكاھ قۇرغان بولسا، بىگۇناھ تەرەپ ئۇنى كەچۈرۈش-كەچۈرمەسلىكنى ياكى ئۆز نىكاھىنى ساقلاشنى ئەمدى قارار قىلالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ شۇنداق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولمايدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، جامائەتنىڭ يېڭى نىكاھقا بولغان كۆزقارىشى بىگۇناھ تەرەپنىڭ ئۆلۈشى، قايتا تۇرمۇش قۇرۇشى ياكى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىغا باغلىق بولمايدۇ b.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مىسالدا، ئەر زىنا قىلغاچ، نەتىجىدە ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەن. بىراق، ئەر زىنا قىلماي تۇرۇپ، ئايالىدىن ئاجرىشىپ، كېيىن باشقىسىغا ئۆيلەنگەن بولسىچۇ؟ ياكى بولمىسا، ئەر ئاجرىشىشنىڭ ئالدىدا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىغان بولسا، بىراق ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن زىنا قىلغان بولسا، ئايالىنىڭ ئۇنى كەچۈرۈشكە تەييار بولغانلىقىغا قارىماي، باشقا ئايالغا ئۆيلەنسىچۇ؟ بۇ مىساللارنىڭ ھەممىسى ئاجرىشىش ۋە قايتا نىكاھ قۇرۇش زىنا دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق قىلمىش بۇرۇنقى نىكاھنى كۈچىدىن قالدۇرىدۇ. سەۋەبى، قۇرۇلغان يېڭى نىكاھ قانۇن بويىچە كۈچكە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. «كۈزىتىش مۇنارى»، 1979-يىل، 15-نويابىر سانى، 32-بەتتە (ئىنگلىزچە) مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەمدى ئەر يېڭى نىكاھتا باغلاندى. شۇڭا، ئۇ بۇ نىكاھىنى بۇزۇپ، بۇرۇنقى ئايالى بىلەن ئىلگىرىكى مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ، يەنى قايتا نىكاھىغا ئالالمايدۇ. ئاجرىشىش، زىنا قىلىش ۋە قايتا تۇرمۇش قۇرۇش بۇرۇنقى نىكاھنى كۈچىدىن قالدۇرىدۇ».
بۇ يېڭى چۈشەنچىمىز، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ۋە زىنا قىلىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىگە بولغان كۆزقارىشىمىزنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەرنىڭ ئاجرىشىشقا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان سەۋەبى بولمىغان ئەھۋالدا، ئايالىدىن ئاجرىشىپ، باشقا بىر ئايالغا ئۆيلەنسە، ئۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئاقساقاللارنىڭ سوت كومىتېتى كۆرۈپ چىقىدۇ. (ئەگەر ئۇنىڭ يېڭى ئايالىمۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولسا، ئۇمۇ زىنا قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ، قىلمىشىنى سوت كومىتېتى كۆرۈپ چىقىدۇ). گەرچە يېڭى نىكاھ زىناخورلۇق قىلغانلىق دەپ قارالمىسىمۇ، ئاشۇ ئەرنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك پەيدا بولغان باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقى يوقالغىچە ياكى ئۇ ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكىچە، ئۇ نۇرغۇن يىل جامائەتتىكى شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا لايىق كەلمەيدۇ. ئاقساقاللار ئۇنىڭغا شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇشتىن ئاۋۋال، بۇرۇنقى ئايالىنىڭ (ئۇ ئايالىغا خىيانەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن) ۋە بالىلىرىنىڭ (ئۇ سەبىي بالىلىرىنى تاشلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن) ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئويلىنىپ كۆرىدۇ.— مالاك. 2:14–16.
مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغان ئاجرىشىش ۋە قايتا نىكاھلىنىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دانالىق بىلەن ياراتقۇچى يەھۋانىڭ نىكاھ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە بولغان كۆزقارىشىنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ.—ۋەز 5:4، 5؛ ئىبرانىي. 13:4.
a بۇ مەسىلىنى ئاسانراق چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە زىنا قىلغان ئەر، بېگۇناھ تەرەپنى ئايال دەپ پەرەز قىلايلى. بىراق، ماركۇس 10:11، 12-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، ئەيسا مەسىھ ھەم ئەرلەر، ھەم ئاياللار ئۈچۈن ئاگاھ-نەسىھەت بەرگەن.
b بۇ يېڭى چۈشەنچە. ئىلگىرى بىز بىگۇناھ تەرەپ ئۆلۈپ كەتمىگەن، قايتا توي قىلمىغان ياكى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىغان بولسا، جامائەت ۋاپاسىزلىق قىلغان كىشىنىڭ يېڭىدىن نىكاھلىنىشىنى زىناخورلۇق بولىدۇ دەپ قاراپ كەلگەنىدى.