ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
«كۈزىتىش مۇنارى» 2020-يىل، ئىيۇن سانىدىكى «ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن» ناملىق ماقالە يەھۋانىڭ ئىسىمى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى توغرۇلۇق چۈشەنچىمىزنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؟
بۇ ماقالىدە، بارلىق ئىنسانلار ۋە پەرىشتىلەر ئۈچۈن پەقەت بىرلا چوڭ مەسىلە بارلىقىنى، يەنى يەھۋانىڭ ئىسىمى مۇقەددەس بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. بۇ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى مەسىلىسى، يەنى يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاش-ساقلىماسلىقىمۇ ئۇشبۇ تالاش-تارتىشنىڭ بىر قىسىمى.
يەھۋانىڭ ئىسىمى ۋە بۇ ئىسىمنىڭ مۇقەددەس بولۇشى ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە. نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ھازىر ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە ئۈچ سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
بىرىنچىدىن، شەيتان ئېرەم بېغىدا يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ھاقارەتلىگەن ۋە ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە داغ تەككۈزگەن. شەيتاننىڭ ھاۋا-ئانىدىن ھىيلىگەرلىك بىلەن سورىغان سوئالى يەھۋانىڭ ئۆز قول ئاستىدىكىلەرگە ئورۇنسىز تەلەپ قويىدىغان، رەھىم-شەپقەتسىز خۇدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، شەيتان بىۋاستە يەھۋانىڭ سۆزىگە زىت سۆزنى قىلىپ، ئەمەلىيەتتە خۇدانى بىر يالغانچى دېگەن. ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلغان. ئۇ «تۆھمەت قىلغۇچى» دېگەن مەنىدىكى «ئىبلىس»قا ئايلانغان (يۇھاننا 8:44). ھاۋا-ئانا شەيتاننىڭ يالغانچىلىقىغا ئىشەنگەچ، خۇداغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا بويسۇنۇشنى خالىمىغان (يارىت. 3:1–6). شەيتان تا بۈگۈنگە قەدەر، خۇدانىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلىپ، يەھۋا ھەققىدە يالغان-ياۋىداقلارنى تارقىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ يالغانچىلىقلارغا ئىشەنگەنلەر يەھۋاغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا، يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسىمىغا قارشى قىلىنغان تۆھمەت خۇدا خەلقى ئۈچۈن چىداپ بولغۇسىز ئادالەتسىزلىك. بۇ دەل دۇنيادىكى بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە رەزىللىكنىڭ تۈپ يىلتىزىدۇر.
ئىككىنچىدىن، بارچە مەۋجۇداتلارغا ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى ئاقلاپ، ئۇنى بارچە تۆھمەتلەردىن پاك قىلىشنى قەتئىي قارار قىلغان. بۇ ياراتقۇچى يەھۋا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ ئىسىمىمنى جەزمەن مۇقەددەس قىلىمەن» (ھەزەك. 36:23). ئەيسا مەسىھ «ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن» دەپ دۇئا قىلغاندا، يەھۋانىڭ بارلىق ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن (مەتتا 6:9). مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاشنىڭ مۇھىملىقى قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ بىرقانچە مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى: «يەھۋاغا ئۆز ئىسىمىغا لايىق شان-شەرەپنى بېرىڭلار» (1-تارىخ. 16:29؛ زەبۇر 96:8). «ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىسىمى ئۈچۈن نەغمە-ناۋا قىلىڭلار. ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلاڭلار» (زەبۇر 66:2). «ئەبەدغىچە ئىسىمىڭنى ئۇلۇغلايمەن» (زەبۇر 86:12). بىر قېتىم يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانىدا، ئەيسا مەسىھ: «ئاتا، ئىسىمىڭنى ئۇلۇغلىغىن»،— دېگەندە، يەھۋا ئۆزى ئاسماندىن مۇنداق سۆزلەرنى ئېيتقان: «ئۇنى ئۇلۇغلىدىم ۋە يەنە ئۇلۇغلايمەن».—يۇھاننا 12:28. a
ئۈچىنچىدىن، يەھۋانىڭ ئىرادىسى ھەردائىم ئۇنىڭ ئىسىمى ياكى نام-ئابرويى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئويلاپ بېقىڭ: مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىنكى ئاخىرقى سىناقتىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟ شۇ چاغدا، بارچە پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار يەھۋانىڭ ئىسىمى ھەققىدە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئاۋۋال، ئىنسانلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن ئىبارەت
بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىككى تالاش-تارتىشقا قاراپ باقايلى. شۇ چاغدا، ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالغان ئىنسانلار يەنە قايتا ساداقەتمەنلىك سىنىقىغا دۇچ كېلەمدۇ؟ ياق. چۈنكى، بۇ ئىنسانلار مۇكەممەل ۋە تولۇق سىنالغان. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. يەھۋانىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش يەنە پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلامدۇ؟ ياق. چۈنكى، ھەقىقەت ئاللىقاچان يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈگە ئىسپاتلانغان بولىدۇ. ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ ئىسىمىچۇ؟شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ ئىسىمى ھەممە تۆھمەتتىن پاكلىنىپ، پۈتۈنلەي مۇقەددەس قىلىنىدۇ. ئەمما، مەيلى ئاسماندا ياكى يەر يۈزىدە بولسۇن، بارلىق سادىق خىزمەتكارلار ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئىسىمى داۋاملىق ئەڭ مۇھىم بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋانىڭ بىز ئۈچۈن قىلىدىغان ياخشىلىقلىرى ھېچقاچان تۈگىمەيدۇ، مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ: ۋاقتى كەلگەندە، ئەيسا مەسىھ پۈتۈن ھۆكۈمرانلىقنى يەھۋانىڭ قولىغا قايتۇرۇپ تاپشۇرىدۇ ۋە خۇدا «ھەممە نەرسىنىڭ بىردىن-بىر ئىگىسى بولىدۇ» (1-كورىنت. 15:28). شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانىيەت «خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ شان-شەرەپلىك ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ» (رىملىقلار 8:21). ئارقىدىن، خۇدايىمىز ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە پەرزەنتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ بىر ئائىلە قىلىشتەك ئەسلى ئىرادىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.—ئەفەس. 1:10.
مۇشۇ بارلىق ئىشلاردىن كېيىن، يەھۋانىڭ ئاسماندىكى ۋە يەر يۈزىدىكى ئائىلىسى قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ داۋاملىق يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسىمىغا شان-شەرەپ، مەدھىيە ئوقۇش ئارزۇ-ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. «يەھۋا خۇدا مەدھىيىلەنسۇن. ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىسىمىغا ئەبەدىل-ئەبەد ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن»،— دەپ يازغان داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇنىڭ ئىسىمىنى مەڭگۈ مەدھىيىلەيمىز (زەبۇر 72:18، 19). ئەبەدىل-ئەبەد، يەھۋانى مەدھىيلەش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلىرىمىز بولىدۇ.
يەھۋانىڭ ئىسىمى ئۇ توغرىسىدىكى بارچە نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەھۋا دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغاندا، ئاساسلىقى ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەققىدە ئويلايمىز (1-يۇھاننا 4:8). شۇنى ھەردائىم ئەستىن چىقارمايمىزكى: يەھۋا بىزنى سۆيگەچ، بىزنى ياراتقان؛ بىزنى سۆيگەچ، بىز ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقىنى بەرگەن؛ بىزنى سۆيگەچ، ئەڭ ئادىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىك ئۇسۇلدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ. بىز يەھۋانىڭ ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن بىزگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىمىز. نەتىجىدە، مەڭگۈ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا داۋاملىق يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىسىمىنى مەدھىيىلەپ ناخشىلارنى ئېيتىمىز.—زەبۇر 73:28.
a مۇقەددەس كىتابتا يەنە يەھۋانىڭ «ئۆز ئىسىمى ئۈچۈن» ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، ئۇ ئۆز خەلقىنى يېتەكلەيدۇ، ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە ھاياتىنى ئامان-ئېسەن ساقلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ يەھۋا دېگەن ئۇلۇغ ئىسىمى ئۈچۈن قىلىدۇ.—زەبۇر 23:3؛ 31:3؛ 79:9؛ 106:8؛ 143:11.