ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توردا لايىق ئىزدەشكە قانداق كۆزقاراشتا بولۇشى كېرەك؟
يەھۋا توي قىلغان ئىككى كىشىنىڭ خۇشاللىق تېپىپ، مەڭگۈ بىر-بىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى بەك خالايدۇ (مەتتا 19:4—6). توي قىلىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە لايىق كىشىنى قانداق تاپالايسىز؟ ياراتقۇچىمىز يەھۋا بەختلىك ئائىلە قۇرۇشىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئۇ كۆرسەتكەن پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلسىڭىز، ھەقىقىي بەختكە ئېرىشەلەيسىز. ئاشۇ پرىنسىپلاردىن بەزىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
بىرىنچى، قەلب ئۇ ھەممىدىن ھىيلىگەر ۋە ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمايدۇ. شۇڭا، ئۆز-ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىز كېرەك (يەرەم. 17:9). توي قىلىشنى خالىغان ئىككى كىشى كۆرۈشۈپ ئۇچرىشىشقا باشلايدۇ. ئۇلار تېزلىكتە بىر-بىرىگە كۈچلۈك ھېس-تۇيغۇدا باغلىنىدۇ. شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ توغرا قارارى چىقىرىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئادەملەر كۈچلۈك ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئاساسلىنىپ، توي قىلىشنى قارار قىلسا، نەتىجىدە بەلكىم ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىدۇ (پەند. نە 28:26). ئىككى كىشى بىر-بىرىنى ياخشىراق بىلىشتىن بۇرۇن، ئالدىراپ ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ ۋەدە بەرسە، ئۇ ئەخمەقلىق بولىدۇ.
بىر ئايەتتە: «پەم-پاراسەتلىك كىشى خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ئېلىپ قاچار،نادان بولسا ئالدىغا بېرىپ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكەر»،— دەپ يېزىلغان (پەند. نە 22:3). لايىق تونۇشتۇرىدىغان توربەتنى ئىشلىتىش خەتەرلىك. بەك ئەپسۇس، بەزى كىشىلەر توردا تونۇمايدىغان ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇچرىشىشقا باشلاپ، كېيىنچە ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بايقىغان. يەنە ساختىپەز ئادەملەر يالغان سالاھىيەت بىلەن ساددا ئادەملەرنى ئالداپ، پۇللىرىنى ئوغۇرلىۋالىدۇ. بەزىدە يالغانچىلىق قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ تونۇشتۇرىدۇ.
يەنە بىر خەتەرنى كۆرۈپ باقايلى. بەزى لايىق تونۇشتۇرىدىغان تور بەتلىرى كومپيۇتېرلۇق ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەملەر ئۆز-ئارا ماس كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىدۇ. بىراق، شۇنداق ئۇسۇلدا لايىق تونۇشتۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىسپات كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇ مۇھىم ئىشتا ئادەملەر ئىجاد قىلغان كومپيۇتېرلۇق ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئىشىنىش دانالىق بولامدۇ؟ كومپيۇتېرلۇق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قانداقمۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولسۇن.—پەند. نە 1:7؛ 3:5—7.
مۇقەددەس كىتابتا بىر پرىنسىپ بار: «ئەخمەق ئادەم ھەممىلا سۆزگە ئىشىنىپ كېتەر، زېرەك ئادەم ھەر بىر پەند. نە 14:15). بىرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ توي قىلىدىغان لايىقى، دەپ قارار قىلىشتىن ئاۋۋال، شۇ كىشى ھەققىدە ياخشىراق بىلىشىڭىز كېرەك. بىراق، توردا ئۇچرىشىش ئارقىلىق بىر كىشىنى بىلىش ئاسان ئەمەس. سىز ھەتتا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ، توردا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىزمۇ، شۇ كىشىنى ياخشى بىلىمەن دەپ ئېيتالامسىز؟ ئاخىرى مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى تاپتىم دېگەنلەر، يۈزمۇ-يۈز ئۇچراشقاندا بەكمۇ ھەيران قالغان.
قەدىمىنى ئويلىنىپ باسار» (زەبۇر يازغۇچىسى مۇنداق دېگەن: «يالغانچىلار بىلەن ئارىلاشمايمەن، ئىككى يۈزلۈكلەردىن يىراق تۇرىمەن» (زەبۇر 26:4). توردا ئۇچرىشىدىغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يالغان ئۇچۇرلارنى بېرىشنى ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ قارايدۇ. ئۇلار توردا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مىجەز-خۇلقىنى يوشۇرىدۇ. بەزىلەر ئۆزىنى يەھۋا گۇۋاھچىسى دەپ كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇلار ھەقىقەتەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن گۇۋاھچىلارمۇ؟ ئۇلار روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئېتىقادچىلارمۇ؟ ئۇلار يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ جامائەتتىكى نام-ئابرويى قانداق؟ ئۇلار يامان ئۈلگە ياكى يامانلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغۇچىلارمۇ؟ (1-كورىنت. 15:33؛ 2-تىموت. 2:20، 21). ئۇلار مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى بويىچە قايتا توي قىلىشقا لايىقمۇ؟ سىز بۇلارنى ئېنىق بىلىشىڭىز زۆرۈر. بىراق، شۇ كىشىنى تونۇيدىغان باشقا گۇۋاھچىلار بىلەن پاراڭلاشماي، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قىيىن (پەند. نە 15:22). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىسى ئوخشاش ئېتىقادتا بولغان كىشى بىلەن بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىغا كىرىشنى خىيالمۇ قىلمايدۇ.—2-كورىنت. 6:14؛ 1-كورىنت. 7:39.
توردا ئۇچرىشىش خەتەرلىك. ئەمما، بىرسى بىلەن تونۇشۇپ، توي قىلىدىغان لايىقنى تېپىشنىڭ باشقىمۇ ياخشى يوللىرى بار. توي قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە لايىق كېلىدىغان كىشىنى قەيەردە ئۇچرىتالايسىز؟ ئاممىۋىي يىغىلىشلار تېخى چەكلەنمىگەندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرى، چوڭ يىغىلىشلار ۋە باشقا يىغىلىپ جەم بولۇشلاردا ئۆز-ئارا كۆرۈشۈپ، بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بار ئىدى.
تاجىسىمان ۋابا كېسىلى مەزگىلىدە، ئاممىۋىي يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمىغاندا، بىز تور ۋاسىتىلىرى بىلەن جامائەت يىغىلىشلىرىمىزنى ئۆتكۈزدۇق. شۇ يىغىلىشلاردا تېخى توي قىلمىغان گۇۋاھچىلار بىلەن تونۇشۇشنىڭ پۇرسەتلىرى بار. بۇ يىغىلىشلاردا سىز ئۇلارنىڭ ئېيتقان نۇتۇقلىرى ياكى بەرگەن جاۋابلىرىدىن ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز (1-تىموت. 6:11، 12). يىغىلىشتىن كېيىن، سىز ئايرىم بۆلۈملەردە ئۆز ئارا پاراڭلىشالايسىز. شۇنداق توپ-توپ گۇۋاھچىلارنىڭ سۆھبەت يىغىلىشلىرى ئارقىلىق، ئۆزىڭىز قىزىققان ئادەمنىڭ باشقىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي مىجەز-خۇلقىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز (1-پېتر. 3:4). ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سىلەرنىڭ ئوخشاش مەقسەت ۋە كۆزقارىشىڭلار بارمۇ؟ بىر-بىرىڭلارغا لايىق كېلەمسىلەر؟ شۇنى ياخشىراق بىلەلەيسىز.
بويتاق كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىنى قوللىنىپ، ئۆزىگە لايىق كىشىنى ئىزدىگەندە، ئۇلار پەندى-نەسىھەتتىكى سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىدۇ: «ياخشى خوتۇن ئالغان [ياخشى ئەرگە تەگكەن] كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار، ئۇ يەھۋانىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار».—پەند. نە 18:22.