29-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋاغا قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە خىزمەت قىلىپ خۇشاللىق تېپىڭ!
«ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىشىنى كۆزدىن كەچۈرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماي، پەقەت ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنىدۇ».—گالاتىيا. 6:4.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرەيلى
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ؟
يەھۋا تۈرلۈك شەيئىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. بىز بۇنى ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئاجايىپ ياراتمىلىرىدىن ئېنىق كۆرەلەيمىز. ھەر بىرىمىز ئۆزگىچە! ئۇ قەلبىڭىزنى، يەنى ئىچكى دۇنيارىڭىزنى كۆرەلەيدۇ (1-سام. 16:7). يەھۋا كۈچىڭىز، ئاجىزلىقلىرىڭىز ۋە كېلىپ چىقىشىڭىزغا دىققەت قىلىدۇ. ئۇ قولىڭىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشنى سىزدىن تەلەپ قىلمايدۇ. بىز ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزىمىزگە ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولساق، ساغلام ئوي-پىكىردە بولۇپ، ئۆزۈمىز ھەققىدە بەك كۆپ ياكى بەك ئاز ئويلىمايمىز.—رىملىقلار 12:3.
2. نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ياخشى ئىش ئەمەس؟
2 ئەلۋەتتە، بىز ۋەز خىزمەتتە ماھىر، ساداقەتمەن قېرىنداشلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسىگە قاراپ ئۆگىنەلەيمىز (ئىبرانىي. 13:7). بىز ئۇلارنىڭ ۋەز قىلىش ئۇسۇلىدىن ئۆزۈمىزنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرەلەيمىز (فىلىپى. 3:17). بىراق، باشقىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش بىلەن ئۆزىمىزگە باھا بېرىشنىڭ ئارىسىدا پەرق بار. شۇنداق سېلىشتۇرۇش سىزدە ھەسەتخورلۇق، ئۈمىدسىزلىك، ھەتتا ئۆزىڭىزنى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەستەك ھېس-تۇيغۇلارنى پەيدا قىلالايدۇ. ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگەنگەندەك، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىش روھىي ساغلاملىقىمىزغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، يەھۋا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىزگە نەسىھەت قىلغان: «ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىشىنى كۆزدىن كەچۈرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماي، پەقەت ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنىدۇ».—گالاتىيا. 6:4.
3. روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش سىزنى قانداق خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشتۈرەلەيدۇ؟
3 يەھۋا ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىڭىزنى خالايدۇ. سىز چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بولسىڭىز، شۇ مەقسىتىڭىزگە يەتكىنىڭىز ئۈچۈن خۇشال بولالايسىز! سىزنى شۇنداق قىلىشنى قارا قىلىشقا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىز ئۈندىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، روھىي جەھەتتىن قانچىلىك ئۆسۈپ يېتىلگىنىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا بولغان قىزغىنلىقىڭىز ئاشتىمۇ؟ بارغانسېرى چىن قەلبىڭىزدىن دۇئالارنى قىلىۋاتامسىز؟ (زەبۇر 141:2) ۋەز خىزمەتتە بارغانسېرى ماھىر بولۇپ، ۋەز قىلىش قوراللىرىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە ئادەتلەندىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئائىلىڭىز بولسا، ياخشىراق ئەر، ئايال ياكى ئاتا-ئانا بولۇشىڭىزغا، يەھۋا ياردەم بەردىمۇ؟ مۇشۇ تەرەپلەردىن قىلغان بارلىق ئۆزگۈرۈشلەر سىزنى خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشتۈرەلەيدۇ.
4. بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى مۇلاھىزە قىلىمىز؟
4 بىز باشقىلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، خۇشاللىق تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. يەنە ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۆزلىرىنى سېلىشتۇرماسلىقىغا ياردەم بېرەلەيمىز. مۇشۇ ماقالىدە، بىز ئاتا-ئانىلار بالىلارغا، نىكاھتىكى بىر جۈپلەر بىر-بىرىگە، جامائەتتىكى ئاقساقاللار ئېتىقادچىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئاخىرىدا ئۆزۈمىزنىڭ قابىلىيىتى ۋە ۋەزىيىتىگە قاراپ، مەقسەتلەرنى قويۇشقا ياردەم بېرىدىغان بەزى ئايەتلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىمىز.
ئاتا-ئانىلار ۋە ئەر-ئاياللار قىلالايدىغان ئىشلار
5. ئەفەسلىكلەر 6:4-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئاتا-ئانىلار نېمە قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؟
5 ئاتا-ئانا بىر بالىسىنى باشقا بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ياكى ئۇنى قولىدىن كەلمىگەن ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلاشتىن پەخەس بولۇشى كېرەك. تولىمۇ تەلەپچان بولۇش بالىلارنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ (ئەفەسلىكلەر 6:4-نى ئوقۇڭ). قېرىندىشىمىز ساچىكو b شۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇم مېنىڭدىن باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن ياخشىراق بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۆيدە ئاپام ياخشى ئوقۇش ئارقىلىق مۇئەللىمگە ۋە گۇۋاھچى ئەمەس دادامغا گۇۋاھلىق بېرىشىمنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئاپام مېنىڭدىن ئىمتىھانلاردا يۈز نومۇر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. گەرچە مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە شۇنچە يىللار بولسىمۇ، بەزىدە مەن قولۇمدىن كېلىشىچە ئەڭ ياخشى قىلساممۇ، يەھۋانى خۇشال قىلالمىدىم، دەپ ھېس قىلىمەن».
6. زەبۇر 131:1، 2-ئايەتلەردىن، ئاتا-ئانىلار نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
6 زەبۇر 131:1، 2-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ. داۋۇت كۈچۈم يەتمەيدىغان غايەت زور ئىشلارغا ئارىلاشمىدىم، يەنى قىلمىدىم دېگەن. ئۇ كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇپ، ئۆز كۆڭلىنى خاتىرجەم ساقلىغان. داۋۇتنىڭ شۇ سۆزلىرىدىن ئاتا-ئانىلار نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ ئۇلار كەمتەر بولۇش ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزىگە ۋە بالىسىغا ھەددىدىن زىيادە تەلەپچان بولماسلىقى كېرەك. پەرزەنتىنىڭ ئۆزىگە لايىق مەقسەتلەرنى قويۇشىغا ياردەم بەرگەندە، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق ياكى كەمچىلىك تەرىپىنى نەزەردە تۇتسا، بالىنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. قېرىندىشىمىز مارىنا مۇنداق دەيدۇ: «ئاپام ھەرگىزمۇ مېنى بىر قورساق ئۈچ قېرىندىشىم بىلەن ياكى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرمايتتى. ئۇ ماڭا ھەر بىر كىشىنىڭ ئوخشىمايدىغان قابىلىيەتلىرى بارلىقىنى ۋە يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىمىزنى ئۆگەتكەن. شۇ سەۋەب، مەن كەمدىن-كەم ئۆزۈمنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرىمەن. ئاپامغا بەك مىننەتدارمەن».
7، 8. بىر ئەر ئۆز ئايالىغا قانداق ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتەلەيدۇ؟
7 خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولغان ئەر ئۆز ئايالىنى ئىززەتـلىشى كېـرەك (1-پـېتر. 3:7). ئىززەتلـەش باشقىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەر ئۆز ئايالىنى قەدىرلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئايالى بېرەلىگەندىن ئارتۇق نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆز ئايالىنى باشقا ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ. ئەگەر ئۇ سېلىشتۇرسا، ئايالى قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ قېرىندىشىمىز روزانىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس يولدىشى ھەردائىم ئۇنى باشقا ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغان. ھەمراھىنىڭ قوپال سۆزلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن ۋە ئۆزىنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدىغاندەك ھېس قىلدۇرغان. ئۇ: «مەن يەھۋانىڭ مېنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ھەردائىم ئۆز-ئۆزۈمگە ئەسكەرتىشىم كېرەك ئىدى»،— دېگەن. خۇدا خىزمەتچىسى بولسا ئۆز ئايالىنى ئىززەتلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ شۇنداق قىلىشنىڭ ئۆز ئايالى ۋە خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ c.
8 ئۆز ئايالىغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن ئەر ئۇنى ماختايدۇ ھەمدە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (پەند. نە 31:28). ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئالغان كاترىنانىڭ يولدىشى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ھېس قىلىشتىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. بالىلىق چېغىدا، ئاپىسى ئۇنى كەمسىتكەن ۋە دائىم دوستلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان. شۇڭا، كاترىنا ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا باشلىغان. ھەتتا يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغان. بىراق، ئېتىقادچى يولدىشى ئۇنىڭ ئاشۇ مايىللىق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا ھەمدە ئۆزى ھەققىدە توغرا كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن. كاترىنا: «ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، قىلغان ياخشى ئىشلىرىم ئۈچۈن ماختايدۇ ۋە مېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. ئۇ يەنە يەھۋانىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى ئېسىمگە سېلىپ، سەلبىي ئوي-پىكىرىمنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىدۇ».
كۆيۈمچان ئاقساقاللار ۋە باشقىلار قىلالايدىغان ئىشلار
9، 10. ئاقساقاللار قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرىدىغان مايىللىقىنى يېڭىشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
9 ئاقساقاللار ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا مايىل بولغانلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ قېرىندىشىمىز خانۇنىنى بالىلىق چېغىدا باشقىلار كەمدىن-كەم ماختىغان. ئۇ: «مەن خىجىلچان ئىدىم ۋە باشقا بالىلارنى ئۆزۈمدىن ياخشىراق دەپ ھېس قىلاتتىم. ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپلا، ئۆزۈمنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا باشلىغان»،— دەيدۇ. ئۇ ھەقىقەتنى تونۇغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغان. نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتى يوقتەك ھېس قىلغان. ئەمما، ئۇ ھازىر خۇشال بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى. ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
10 كۆيۈمچان ئاقساقاللار خانۇنىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىك ئۈلگىسىنى ماختاپ ياردەم بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىرقانچە قېتىم ئاقساقاللار مېنىڭدىن ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىشنى سورىغان. شۇ ۋەزىپىلەر ئۆزۈمنىڭ قەدىر-قىممىتىمنى ھېس قىلىشقا ياردەم بەردى. مەن بەزى ياش قېرىنداشلارغا ئىلھام بەرگىنىم ئۈچۈن، شۇ كۆيۈمچان ئاقساقاللار رەھمەت ئېيتىپ، 1-سالونىكالىقلار 1:2، 3-ئايەتلەرنى ئوقۇپ بەرگىنى ھازىرمۇ يادىمدا. شۇ چاغدا قەلبىم بەك سۆيۈنگەن ئىدى. ئاشۇ كۆيۈمچان پادىچىلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ئۆز ئورنۇمنى قەدىرلەيمەن».
11. يەشايا 57:15-ئايەتتە تەسۋىرلەنگەندەك، ئېزىلگەن ۋە ئاجىزلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
11 يەشايا 57:15-نى ئوقۇڭ. يەھۋا روھى سۇنۇق، ئاجىزلارغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. پەقەت ئاقساقاللار ئەمەس، ھەممىمىز قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرەلەيمىز. ئۇلارغا ئىلھام بېرىشنىڭ بىر ئۇسۇلى — چىن قەلبىمىزدىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش. يەھۋا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك قويلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بىز ئارقىلىق ئۇلارغا كۆرسىتىشنى خالايدۇ (پەند. نە 19:17). بىزمۇ كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق بىلەن ئېتىقادداشلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز. باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزۈمىزگە قارىتىشنى خالىمايمىز، سەۋەبى باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، ئۆز قابىلىيەتلىرىمىز ۋە بىلىملىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە ئىلھام بېرىشكە ئىشلىتىمىز.—1-پېتر. 4:10، 11.
12. نېمە ئۈچۈن ئاددىي ئادەملەر ئەيسا بىلەن بولۇشنى خالىغان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
12 ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلانساق، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۇ يەر يۈزىدە ياشىغاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان بولسىمۇ، ئەمما مۇلايىم ۋە كەمتەر ئىدى (مەتتا 11:28—30). ئەيسا ئۆز ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىمى بىلەن ماختانمىغان. ئۇ ئاددىي سۆز-ئىبارە ۋە تەمسىللەر بىلەن ئېزىلگەنلەرنىڭ قەلبىگە تەسەللى بەرگەن (لۇقا 10:21). ئۇ تەكەببۇر دىنىي يېتەكچىلەرگە ئوخشىمىغان ۋە ئادەملەرگە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرغان.—يۇھاننا 6:37.
13. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسىدە، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتى قانداق ئەكس ئەتكەن؟
13 ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسىدە، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئەكس ئەتكەن. ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ قابىلىيىتى ۋە ۋەزىيىتى پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمايتتى. ئۇلار ۋەز خىزمەتكە ئوخشاش ۋاقىت سەرپ قىلالمايتتى ھەمدە ئوخشاش نەتىجە يارىتالمايتتى. ئەمما، ئۇ ھەر بىرىنىڭ چىن قەلبىدىن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا مىننەتدار بولغان. بۇنى ئەيسانىڭ بىر تەمسىلىدىن كۆرەلەيمىز. ئاشۇ تەمسىلدە خوجايىن ھەر بىر قۇلىغا قابىلىيىتىگە قاراپ ئىش تاپشۇرغان. ئىككى ئەقىللىق قۇلنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۆپرەك پۇل تاپقان. ئەمما، خوجايىن ھەر ئىككىلىسىنى ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ماختىغان: «ئاپىرىن، ئەي ياخشى ۋە ئىشەنچىلىك قۇل!»—مەتتا 25:14—23.
14. باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
14 ئەيسا بىزگە مېھرىبانلىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ قابىلىيەتلىرى ۋە ۋەزىيەتلىرى ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە قىلغىنىمىزدىن خۇرسەن بولىدۇ. بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى قەدىرسىز ھېس قىلىشىنى ۋە باشقىلاردەك كۆپ قىلالمىدىم دەپ خىجىل بولۇشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز. ئەكسىچە، ئۇلار قولىدىن كېلىشىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ماختاشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ئىزدەيمىز.
ئۆزىڭىز يېتەلىگىدەك مەقسەتلەرنى قويۇڭ
15، 16. بىر قېرىنداشنىڭ قويغان مەقسەتلىرى ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
15 روھىي مەقسەتلەرنى قويساق، ھاياتىمىزنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. بىراق، ئەڭ مۇھىمى باشقىلارنىڭ ئەمەس، ئۆزۈمىزنىڭ قابىلىيىتى ۋە ۋەزىيىتىگە يارىشا مەقسەتلەرنى قويۇشىمىز كېرەك. بىز ئۆز-ئۆزۈمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، روھىمىزنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايمىز (لۇقا 14:28). مىدورى ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنىڭ مىسالىنى كۆرەيلى.
16 مىدورىنىڭ دادىسى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس ئىدى. ئۇ مىدورىنى ئۆزىنىڭ بىر قورساق قېرىنداشلىرى ياكى سىنىپداشلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان. «مەن ئۆزۈمنى كېرەكسىزدەك ھېس قىلاتتىم»،— دەيدۇ، مىدورى. بىراق چوڭ بولغاندا، ئۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزغان. ئۇ: «مەن ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشتىم ۋە يەھۋانىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم»،— دەيدۇ. يەنە ئۇ ئۆزىگە يېتەلىگىدەك مەقسەتلەرنى قويۇپ، ئۇلارغا يېتىش ئۈچۈن ياردەم سوراپ، ئېنىق دۇئا قىلغان. نەتىجىدە، مىدورى قولىدىن كېلىشىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغان.
قولىڭىزدىن كېلىشىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
17. بىز داۋاملىق ئوي-پىكىرىمىزنى قانداق يېڭىلىيالايمىز ۋە نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
17 سەلبىي ھېس-تۇيغۇلار ۋە ئوي-پىكىرلەر بىر كېچىدە يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ياراتقۇچىمىز بىزنى ئوي-پىكىرىمىزنى داۋاملىق يېڭىلاشقا دەۋەت قىلىدۇ (ئەفەس. 4:23، 24). شۇنداق قىلىش ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز، خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئۇ ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىشىمىز كېرەك. داۋاملىق شۇنداق قىلىڭ ۋە يەھۋادىن كۈچ سوراڭ. مۇقەددەس روھ ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش خاھىشىڭىزنى يېڭىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يەنە يەھۋا قەلبىڭىزدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەسەتخورلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق روھىنى تونۇپ يېتىش ۋە ئۇلارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
18. 2-تارىخنامە 6:29، 30-ئايەتلەردىن، بىز قانداق تەسەللى تاپالايمىز؟
18 2-تارىخنامە 6:29، 30-نى ئوقۇڭ. يەھۋا ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى بىلىدۇ. ئۇ بۇ دۇنيانىڭ روھىغا ۋە ئۆزۈمىزنىڭ نامۇكەممەللىكىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ بىلىدۇ. بىزنىڭ شۇنداق سەلبىي تەسىرلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەندە، يەھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
19. يەھۋا بىزگە بولغان ھېس-تۇيغۇسىنى قانداق مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەن؟
19 ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسىنى ئىشلىتىپ، يەھۋا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەندۈرگەن (يەشايا 49:15). رېيچېل ئىسىملىك بىر ئانىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق يازغان: «قىزىم ستېفانى ئاي كۈنى توشماي تۇرۇپ تۇغۇلۇپ قالغان. تۇنجى قېتىم ئۇنى كۆرگەندە، ئۇ كىچىك ۋە ئاجىز ئىدى. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنى ساقلايدىغان ساندۇقتا بولغاندا، دوختۇرلار ھەر كۈنى ئۇنى قولۇمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت بەرگەن. ئاشۇ ئىللىق دەقىقىلەر ئانا-بالىلىق رىشتىمىزنىڭ باغلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ ھازىر 6 ياشتا، ئۇنىڭ تېنى باشقا بالىلاردىن كىچىكرەك. ئەمما، مەن ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ياشاش ئۈچۈن كۆپ قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈرەش قىلدى ۋە زور خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى». بىز يەھۋاغا چىن قەلبىمىزدىن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋا بىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۇنى بىلىش بىزنى شاد-خۇراملىققا چۆمدۈرىدۇ!
20. يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغان ئىكەنسىز، خۇرسەن بولۇشىڭىزغا قانداق سەۋەب بار؟
20 سىز يەھۋانىڭ بىر خىزمەتچىسى بولغاچ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆزگىچە ۋە قەدىرلىك بىر ئەزاسى. يەھۋانىڭ سىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى، سىز باشقىلاردىن ياخشىراق بولغىنىڭىز ئۈچۈن ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزنى كۈزىتىپ، كەمتەر ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ ئۆزگۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرگەن (زەبۇر 25:9). سىز قولىڭىزدىن كەلگىنىچە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسىڭىز، ئۇنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن. سەۋرچانلىق ۋە ساداقەتمەنلىكىڭىز پاك ۋە چىن قەلبكە ئىگە بولغىنىڭىزنى كۆرسىتىدۇ (لۇقا 8:15). شۇڭا، داۋاملىق يەھۋاغا قولىڭىزدىن كەلگەن ئەڭ ياخشىسىنى بېرىڭ، شۇندىلا ئۆز ئىشىڭىزغا قاراپ خۇرسەن بولۇشىڭىزغا سەۋەبىڭىز بولىدۇ.
23-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ كۈچىمىز
a يەھۋا بىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ. ئەمما، بەزىلىرىمىز شۇنداق قىلىشقا مايىل بولغاچ، ئۆزۈمىزگە سەلبىي باھا بېرىشىمىز مۇمكىن. ھازىر باشقىلار بىلەن ئۆزۈمىزنى سېلىشتۇرۇشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. يەنە ئائىلە ۋە جامائەت ئەزالىرىغا ئۆزىگە يەھۋاغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c گەرچە بۇ ئوي-پىكىرلەر ئەرلەرگە قارىتىلغان بولسىمۇ، ئاياللارغىمۇ قارىتىلغان نۇرغۇن قائىدە-پرىنسىپلار بار.
d سۈرەتلەردە: ئائىلىۋى ئىبادەتتە بالىلىرىنىڭ نۇھنىڭ كېمىسىنى ياساش ئۈچۈن كۈچ چىقارغىنىغا، ئاتا-ئانىلار خۇشال بولغىنىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
e سۈرەتلەردە: كىچىك بالىسى بار يالغۇز ئانا پىلان تۈزۈۋاتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا ۋاقىت چىقىرالايدۇ. ئۇ شۇنداق پىلان قىلغىنى ئۈچۈن بەك خۇشال.