27-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ سەۋر-تاقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
«سەۋر-تاقەتلىك بولساڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر».—لۇقا 21:19.
35-ناخشا رەھمەت، خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
بۇ ماقالىدە a
1، 2. يەشايا 65:16، 17-ئايەتتىكى يەھۋانىڭ سۆزلىرى، بىزنى ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىككە قانداق ئىلھاملاندۇرىدۇ؟
2017-يىلى «ھەرگىز ۋاز كەچمەيلى!»، دېگەن ماۋزۇدا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىلىشنىڭ مەزمۇنى قىيىنچىلىقلارغا قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتكەن. تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىز ھازىرغىچە مۇشۇ رەزىل دۇنيادا سەۋر-تاقەت قىلىپ ياشاۋاتىمىز.
2 يېقىندا قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدىڭىز؟ ئائىلە ئەزالىرىڭىز ياكى دوستىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىزمۇ؟ خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولدىڭىزمۇ؟ قېرىلىق تۈپەيلى قىيىنىلىۋاتامسىز؟ تەبىئىي-ئاپەت، زوراۋانلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭىزمۇ؟ بىر ۋابا، يەنى تاجىسىمان ۋىرۇس (19-COVID) تەسىرىگە ئۇچرىدىڭىزمۇ؟ بىز ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ يوق بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، قايتا ئۇلار بولمايدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمىز!—يەشايا 65:16، 17-نى ئوقۇڭ.
3. ھازىر چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈش قىيىنلاشتى. يېقىن كېلەچەكتە تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن (مەتتا 24:21). نېمە ئۈچۈن بىز سەۋر-تاقەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ سەۋەبى، ئەيسا: «سەۋر-تاقەتلىك بولساڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر»،— دېگەن (لۇقا 21:19). ئەگەر باشقىلارنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكى ھەققىدە ئويلانساق، بىزمۇ سەۋر-تاقەتلىك بولۇشنى ئۆگىنەلەيمىز.
4. نېمە ئۈچۈن يەھۋانى سەۋر-تاقەتنىڭ ئەڭ ئېسىل ئۈلگىسى، دەپ ئېيتالايمىز؟
4 سەۋرچانلىقنىڭ ئەڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى كىم قالدۇرغان؟ يەھۋا خۇدا. بۇ جاۋابنى ئاڭلىغاندا، ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ بۇ دۇنيا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، شۇڭا قىيىنچىلىقلارغا تولغان. يەھۋانىڭ بۇ رەزىل دۇنيا تۈزۈلمىسىنى يوق قىلىدىغان كۈچى بار. بىراق، ئاشۇ يوق قىلىدىغان كۈننى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ (رىملىقلار 9:22). خۇدا شۇ بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگىچە، چىداپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر قايسى توققۇز ئىشتا يەھۋانىڭ سەۋرچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋا نېمە ئىشلارغا سەۋر-تاقەت قىلىۋاتىدۇ؟
5. خۇدانىڭ ئىسىمىغا قانداق ھاقارەت قىلىنىپ كەلگەن؟ سىز شۇنى بىلگەندە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولدىڭىز؟
5 ئىسىمىغا ھاقارەت قىلىنغان. يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلىشىنى خالايدۇ (يەشايا 42:8). ئەمما، تەخمىنەن 6000 يىلچە ئۇنىڭ ئىسىمى ھاقارەتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ (زەبۇر 74:10، 18، 23). دەسلەپتە، بۇ ئېرەم بېغىدا باشلانغان. ئىبلىس (مەنىسى «تۆھمەت قىلغۇچى») ياراتقۇچىنى ئەيىبلەپ، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىدىن مەھرۇم قىلدى، دېگەن (يارىت. 3:1—5). شۇنىڭدىن تا ھازىرغىچە، يەھۋا ئىنسانلارنى ھەقىقىي ئېھتىياج بولغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلغان، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاتىسىنىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرۈلگەچ، ئەيسا بىئارام بولۇپ، شاگىرتلىرىغا مۇنداق دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن: «ئاسماندىكى ئاتىمىز، ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن».—مەتتا 6:9.
6. نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېتەرلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويغان؟
6 ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا قارشى چىققان. پەقەت يەھۋانىڭ ئاسمان ۋە يەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بار ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى (ۋەھىي. 4:11). ئەمما، ئىبلىس پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلارنى ئازدۇرۇپ، خۇدانىڭ شۇنداق ھوقۇقى يوق، دەپ ئويلاشقا دەۋەت قىلغان. يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھۆكۈمران ئىكەنلىكى بىر كۈندىلا ئىسپاتلىنىدىغان ئىش ئەمەس. دانا خۇدا، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ياراتقۇچىسىغا بېقىنماي، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كۆرۈشىگە يېتەرلىك ۋاقىت بەرگەن. شۇندا، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزەلەيدۇ (يەرەم. 10:23). خۇدانىڭ سەۋرچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە، شۇ ئەيىبلەش بىرلا قېتىم ۋە مەڭگۈگە ھەل قىلىنىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىلا يەر-يۈزىدە ھەقىقىي تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئاقلايدۇ.
7. كىملەر يەھۋاغا قارشى ئىسىيان كۆتەرگەن؟ ئۇ ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
7 ئۇنىڭ بەزى پەرزەنتلىرى ئىسىيان كۆتەرگەن. ياراتقۇچىمىز پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلارنى مۇكەممەل قىلىپ ياراتقان. بىر ئىسىيانچى پەرىشتە شەيتان (مەنىسى «قارشىلاشقۇچى»)، مۇكەممەل ئىنسان ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى يەھۋاغا قارشى چىقىشقا قايىل قىلغان. باشقا پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئىسيانغا قوشۇلغان (يەھۇدا 6). كېيىنرەك، ھەتتا خۇدا تاللىغان ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن بەزىلەر ئۇنى رەت قىلىپ، يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغان (يەشايا 63:8، 10). يەھۋا ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلغان. بىراق، ئۇ سەۋر قىلغان ۋە بارلىق ئىسيانچىلارنى يوق قىلىدىغان ۋاقىت كەلگىچە سەۋر-تاقەت قىلىدۇ. بىراق، شۇ كۈن كەلگەندە، يەھۋا ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلار شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەمدى بۇ دۇنيانىڭ رەزىللىكىگە سەۋر-تاقەت قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق!
8، 9. يەھۋا ھەققىدە قانداق يالغانلار ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ بىز شۇلارغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك؟
8 شەيتان توختىماي يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ. شەيتان خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى ئايۇپنى ئەيىبلەش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدۇ، دېگەن (ئايۇپ 1:8—11؛ 2:3—5). ئىبلىس بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇ ئەيىبلەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ (ۋەھىي. 12:10). بىز يەھۋانى سۆيگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا سادىق قېلىش ۋە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق، شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. سەۋرچان بولساق، يەھۋا ئايۇپقا ئوخشاش، بىزنىمۇ بەرىكەتلەيدۇ.—ياقۇپ 5:11.
9 شەيتان يالغان دىننىڭ يېتەكچىلىرىنى ئىشلىتىپ، خۇدا شەپقەتسىز ۋە ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە جاۋابكار دەيدۇ. بەزىلەر ھەتتا كىچىك بالىلار ئۆلۈپ كەتكەندە، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىگە ئېھتىياجى چۈشكەچ، ئۇنى ئېلىپ كەتتى دەيدۇ. ئۇ ئۇچىغا چىققان ھۆرمەتسىزلىك ئەمەسمۇ! بىز بىلىمىزكى، يەھۋا ئۇ مېھىر-شەپقەتلىك بىر ئاتا! بىز ئېغىر كېسەل بولغاندا ياكى يېقىن كىشىمىزدىن ئايرىلغاندا، ھەرگىزمۇ خۇدانى ئەيىبلىمەيمىز. ئەكسىچە، بىز خۇدانىڭ كەلگۈسىدە ئاغرىقلارنى ساقايتىپ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز ئاڭلاشنى خالايدىغانلارغا، يەھۋانىڭ قانچىلىك مېھىر-شەپقەتلىك خۇدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېيتىپ بېرەلەيمىز. شۇندا، ياراتقۇچىمىز ئۆزىنى ئەيىبلىگۈچىگە جاۋاب بېرىدۇ.—پەند. نە 27:11.
10. زەبۇر 22:23، 24-ئايەتلەر، يەھۋا توغرىسىدا نېمىنى ئاشكارە قىلىدۇ؟
10 يـەھۋا ئەزىزلىـگەن خىزمەتـچىلەر ئـازاب-ئوقـۇبەت چېكىۋاتىدۇ. يەھـۋا رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا. زىيانكەشلىك، كېسەللىك ياكى نامۇكەممەللىكىمىز تۈپەيلى نالە-پەرياد قىلغانلىرىمىزنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ كۆڭلى ئازابلىنىدۇ (زەبۇر 22:23، 24-نى ئوقۇڭ). يەھۋا چېكىۋاتقان ئازابلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ، ئۇلارنى توختىتىشنى خالايدۇ ۋە كەلگۈسىدە توختىتىدۇ (چىقىش 3:7، 8-نى سېلىشتۇرۇڭ؛ يەشايا 63:9). شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، «ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ، نە پەرياد ۋە ئازاب-ئوقۇبەت باشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئاۋۋالقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى».—ۋەھىي. 21:4.
11. ئۆلۈپ كەتكەن ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى ھەققىدە يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
11 ئۇ يېقىن دوستلىرىدىن ئايرىلغان. يەھۋا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ساداقەتمەن ئەر ۋە ئايال خىزمەتچىلىرىنى كۆرۈشكە بەكمۇ تەشنا (ئايۇپ 14:15). تەسەۋۋۇر قىلىڭ، خۇدا ئۆز دوستى ئىبراھىمنى قانچىلىك سېغىنغاندۇ؟ يۈزمۇ-يۈز پاراڭلاشقان مۇسانىچۇ؟ (ياقۇپ 2:23؛ چىق. 33:11). ياراتقۇچى داۋۇت ۋە باشقا زەبۇر يازغۇچىلىرىنىڭ يېقىملىق مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا قانچىلىك تەشنا بولۇۋاتقاندۇ، ھە! (زەبۇر 104:33) خۇدانىڭ دوستلىرى ھازىر ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق (يەشايا 49:15). ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى ھەققىدىكى ھەر بىر ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئۇنىڭ يادىدا. مۇقەددەس كىتاب: «ئۇ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىكتۇر»،— دەيدۇ (لۇقا 20:38). خۇدا بىر كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ سەمىمىي دۇئالىرىنى قايتا ئاڭلايدۇ ۋە ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر يېقىنىڭىزدىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، مۇشۇ سۆزلەر تەسەللى بېرىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!
12. بۇ رەزىل ئاخىرقى كۈنلەردە يەھۋانىڭ كۆڭلىنى نېمە ئازابلايدۇ؟
12 رەزىل ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنى ئېزىشى. ئېرەم بېغىدا ئىسىيان باشلانغاندا، يەھۋا ۋەزىيەتنىڭ بارا-بارا يامانلىشىدىغانلىقىنى بىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ياراتقۇچى بۇ دۇنيادا بولۇۋاتقان رەزىللىك، ئادالەتسىزلىك ۋە زوراۋانلىقلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۇ ھەرقاچان باققۇچىسى يوق يېتىم-يېسىر ۋە تۇل قالغانلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ (زەكەرىيا 7:9، 10). خۇدا ئۆزىنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرگەندە، كۆڭلى بەكمۇ ئازابلىنىدۇ. ياراتقۇچى بىلەن بىرلىكتە سەۋر-تاقەت قىلىپ كېلىۋاتقان ھەممىمىزنى، ئۇنىڭ بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
13. خۇدانىڭ نەزەرىدە ئىنسانلار قانداق ئەخلاقسىزلىققا پېتىپ قالغان؟ ئۇ كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
13 ئىنسانلار بارغانسېرى ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈۋاتىدۇ. خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈشىنى، شەيتان بەكمۇ خالايدۇ. خۇدا نۇھنىڭ زامانىدا ئىنسانلارنىڭ رەزىللىشىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، يەر يۈزىدە ئىنساننى ياراتقانلىقىغا ئەپسۇسلاندى (يارىت. 6:5، 6، 11). شۇ زاماندىن بېرى، بۇ دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلاندىمۇ؟ ياق، ئۆزگەرگىنى يوق! بۈگۈنكى كۈندە، ئەر-ئاياللار ۋە ئوخشاش جىنىستىكى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئەخلاقسىز ئىش-ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ كەتتى. ئىبلىس بۇنى كۆرۈپ چوقۇم ئىنتايىن خۇشال بولغاندۇ-ھە! (ئەفەس. 4:18، 19) بولۇپمۇ، يەھۋاغا پاك ئىبادەت قىلغۇچىلار شۇنداق ئېغىر گۇناھ قىلسا، شەيتان بەك خۇشال بولىدۇ. يەھۋانىڭ سەۋر-تاقىتى چېكىگە يەتكەندە، ئۇ ئەخلاقسىزلىقنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
14. ئىنسانلار يەھۋا يەر يۈزىدە ياراتقان مەۋجۇداتلارغا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
14 ئىنسانلار مەۋجۇداتلارنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئىنسان ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قالماي، يەھۋا ئۇلارغا خەۋەر ئېلىشقا تاپشۇرغان يەر يۈزىدىكى جانلىقلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ (ۋەز 8:9؛ يارىت. 1:28). بەزى مۇتەخەسسىسلەر، كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، ئىنسانلار ھايۋاناتلارنىڭ بىر مىليوندىن كۆپرەك تۈرىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدە غەم-تەشۋىشكە چۈشۈشى ھەيران قالارلىق ئەمەس! يەھۋاغا مىڭ شۈكرى، ئۇ يەرنى گۇمران قىلغۇچىلارنى گۇمران قىلىدۇ ۋە پۈتكۈل يەر يۈزىنى جەننەت ماكانغا ئايلاندۇرىدۇ.—ۋەھىي. 11:18؛ يەشايا 35:1.
يەھۋانىڭ سەۋر-تاقىتىدىن نېمە ئۆگىنەلەيمىز؟
15، 16. نېمە بىزنى يەھۋا بىلەن بىرلىكتە سەۋر-تاقەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
15 نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ (« يەھۋا سەۋر-تاقەت قىلىۋاتقان ئىشلار»، ناملىق رامكىغا قاراڭ). يەھۋامۇ بۇ رەزىل دۇنيانى خالىغان ۋاقتىدا يوق قىلىشقا قادىر! ئۇنىڭ سەۋرچانلىقى بىز ئۈچۈن چوڭ بەرىكەت. مۇنداق پەرەز قىلايلى: بىر جۈپ ئەر-ئايال بالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ تۇغۇلىدىغانلىقى، ھايات كەچۈرۈشى ئاسان بولمايدىغانلىقى، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدى. ھەتتا شۇ بالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئاتا-ئانا بالىلىق بولىدىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ. ئۇلار ئۆز پەرزەنتىنى سۆيگەچ، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىش ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار.
16 خۇددى شۇنىڭدەك، ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرى بۇ دۇنياغا نامۇكەممەل تۇغۇلدى. بىراق، يەھۋا ئۇلارنى سۆيىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىدۇ (1-يۇھاننا 4:19). يۇقىرىدىكى مىسالىدىكى ئاتا-ئانىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، يەھۋا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يوق قىلالايدۇ. ئۆزى ياراتقان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يوق قىلىدىغان ۋاقىت-سائەتنى ئاللىقاچان بەلگۈلەپ قويغان (مەتتا 24:36). ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزنى ئاشۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگىچە، سەۋر-تاقەت قىلىشقا دەۋەت قىلمامدۇ؟
17. ئىبرانىيلار 12:2، 3-ئايەتلەردىكى ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەر، نېمە ئۈچۈن بىزنى داۋاملىق سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ؟
17 يەھۋا سەۋرچانلىقنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى. ئەيسا مەسىھمۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ سەۋرچانلىقىنى ئۈلگە قىلغان. ئۇ ئىنسان سۈپىتىدە، بىز ئۈچۈن مەسخىرىگە ئۇچراپ، ئازابلىق قىيناشلارغا بەرداشلىق بەرگەن (ئىبرانىيلار 12:2، 3-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ سەۋرچانلىق ئۈلگىسى، شەك-شۈبھىسىزكى ئەيساغا بەرداشلىق بېرىشكە كۈچ بەرگەن. ئۇ بىزگىمۇ كۈچ بېرەلەيدۇ.
18. 2-پېترۇس 3:9-ئايەت، يەھۋانىڭ سەۋرچانلىقى نېمىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
18 2-پېترۇس 3:9-نى ئوقۇڭ. خۇدا بۇ رەزىل دۇنيانى قاچان يوق قىلىشنى ياخشى بىلىدۇ. يەھۋا سەۋرچان بولغاچ، نۇرغۇن ئىنسانلار ئۇنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى ۋە ھازىر مىليونلىغان ئادەملەر بىرلىكتە جەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللار سەۋرچانلىق كۆرسەتكىنىگە بەك مىننەتدار! سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇپ، ياراتقۇچىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىپ، ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا بېغىشلاش ئىمكانىيىتى بولدى. ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەن مىليونلىغان ئىنسانلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە، يەھۋانىڭ سەۋرچان بولۇشنى تاللىغانلىقىنىڭ قانچىلىك توغرا قارار ئىكەنلىكى ئېنىق بولىدۇ.
19. بىز چوقۇم نېمە قىلىشقا قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك ۋە قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشىمىز؟
19 يەھۋا خۇشاللىق بىلەن سەۋر-تاقەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شەيتاننىڭ كۆڭۈل ئاغرىقى ۋە ئازابلارنى پەيدا قىلغىنىغا قارىماي، يەھۋا شاد-خۇراملىقنى ساقلاپ قالغان (1-تىموت. 1:11). يەھۋا بىز چېكىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغ قىلغانغا قەدەر، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكسەك، شاد-خۇراملىقنى ساقلىيالايمىز. ئاسماندىكى ئاتىمىزمۇ سەۋرچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىزمۇ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشكە قەتئىي بەل باغلايلى! شۇندىلا، مۇنۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز: «سىناقلارنى سەۋر-تاقەت بىلەن باشتىن ئۆتكۈزگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك، چۈنكى ئۇ يەھۋانىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھاياتلىق تاجىغا ئېرىشىدۇ».—ياقۇپ 1:12.
55-ناخشا سادىقلار كۆرەر مەڭگۈ ھاياتلىقنى
a ھەممىمىزنىڭ مۇنداق ياكى ئۇنداق قىيىنچىلىقلىرى بار. ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالمايمىز، پەقەتلا سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئەمما، يالغۇز بىزلا ئەمەس، يەھۋامۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سەۋر-تاقەت كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھازىر شۇلاردىن توققۇزىنى كۆپ چىقىمىز. يەھۋانىڭ سەۋر-تاقىتى نېمىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى ۋە ئۇنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز، دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.