قايتا يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى تىكلەڭ
ھەر يىلى قويلار كەبى نۇرغۇن قەدىر-قىممەتلىك قېرىنداشلار مەسىھ جامائىتىگە قايتىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر بىرى قايتىپ كېلىمەن دېگەندە، ئاسماندا قانچىلىك خۇشاللىق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (لۇقا 15:7، 10). شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، ئەگەر سىز جامائەتكە قايتا قوبۇل قىلىنسىڭىز، ئەيسا، پەرىشتىلەر، يەھۋا سىزنىڭ ھەقىقەت يولىغا قايتىپ كەلگىنىڭىزنى كۆرگەندە، ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. بىراق، قايتا يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى تىكلەش جەريانىدا، بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلارنى يېڭىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن؟
نۇرغۇن قېرىنداشلار جامائەتكە قايتا كەلگەندىن كېيىن، سەلبىي ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. بەلكىم، پادىشاھ داۋۇتنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى بىلىسىز. ھەتتا ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرى كۆڭلىنى بىئارام قىلغان (زەبۇر 40:12؛ 65:3). بىرى يەھۋانىڭ ھەقىقەت يولىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇزۇن يىللارغىچە ۋىجدان ئازابى تارتىپ، نومۇس ھېس قىلىشى مۇمكىن. 20 يىلدىن كۆپرەك جامائەتتىن چىقىرىلغان ئىزابېل: a «يەھۋانىڭ مېنى كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىنتايىن قىيىن بولغان»،— دېگەن. ئەگەر شۇنداق ئۈمىدسىزلىك ھېس-تۇيغۇسىدا ياشىسىڭىز، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىز يەنە ئاجىزلىشىپ كېتىپ قالىدۇ (پەند نە. 24:10). شۇنداق بولۇشىغا قەتئىي يول بەرمەڭ.
بەزىلەر قايتا يەھۋا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى تىكلەش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان ئىشلارنى قىلالماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ. جامائەتكە قايتىپ كەلگەن ئانتون: «مەن ئىلگىرى يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولدۇم»،— دېگەن. شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار سەۋەبلىك، بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلالىشىدىن ئىككىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ ئۆيى قاتتىق بوران-چاپقۇندا ئۆرۈلۈپ چۈشتى. قايتا ياساپ چىقىش نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، كىشى ئۈستىگە ئېغىر يۈكنى ئارتىپ
قويغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭدەك، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىز بۇزۇلغان بولسا، قايتا ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق بۇنى يالغۇز قىلالمايسىز.يەھۋا بىزنى چاقىرىپ: «كېلىڭلار، ئارىمىزدىكى دەۋانى ھەل قىلايلى»،— دەيدۇ (يەشايا 1:18). سىز ئاللىقاچان ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز. سىز يەھۋانىڭ قانىتى ئاستىغا قايتىپ كەلدىڭىز. ئۇ سىزنى بىر مىسال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.—پەند نە. 27:11.
يەھۋانىڭ ھەقىقەت يولىغا قايتىش ئارقىلىق، سىز ئاللىقاچان يەھۋاغا يېقىنلاشتىڭىز، ئۇمۇ سىزگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (ياقۇپ 4:8). سىزنىڭ جامائەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ياخشى ئىش. بىراق، باشقىمۇ ئىشلارنى قىلىش زۆرۈر. سىز ئاسماندىكى ئاتىڭىز ۋە دوستىڭىز يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچەيتىشىڭىز كېرەك. بۇنى قانداق قىلالايسىز؟
يېتەلىگىدەك مەقسەتلەرنى قويۇڭ
يېتەلىگىدەك مەقسەتلەرنى قويۇشقا تىرىشىڭ. بەلكىم، يەھۋا ۋە ئۇ ۋەدە قىلغان كەلگۈسى جەننەت ھەققىدە ئالغان بىلىملىرىڭىز ھېلىھەم ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ھازىر سىز داۋاملىق ۋەز قىلىش، جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىش ۋە قېرىنداشلار بىلەن ئارىلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتەك ياخشى ئادەتلەرنى قايتا يېتىلدۈرۈشىڭىز زۆرۈر. ھازىر بىر قانچە مەقسەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.
دائىم يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. ئاسماندىكى ئاتىڭىز، سىز داۋاملىق ۋىجدان ئازابى تارتسىڭىز، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىن بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ (رىملىقلار 8:26). بىراق، دۇئا قىلىشنى توختاتماڭ، يەھۋاغا ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنى بەكمۇ خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ (رىملىقلار 12:12). ئاندرېي ئەسلەپ شۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋىجدان ئازابى تارتىپ، نومۇس ھېس قىلغان. بىراق، ھەر قېتىم دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلىپ، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشتىم». ئەگەر قانداق دۇئا قىلىشنى بىلمىسىڭىز، گۇناھىغا توۋا قىلغان پادىشاھ داۋۇت يازغان زەبۇرنىڭ 51 ۋە 65-بابلىرىدىكى سۆزلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ.
داۋاملىق مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىڭ. بۇنداق قىلىش، سىزنى روھىي ئوزۇقلۇققا ئېرىشتۈرۈپ، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى كۈچەيتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 19:7–11). فىلىپ: «دەسلەپتە، مەن روھىي ئىشلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرالمىغاچ، روھىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان ئىدىم. مەن ئوخشاش خاتالىقنى قايتا تەكرارلاشنى خالىمىدىم. شۇڭا، روھىي سالامەتلىكىمنى قوغداش ئۈچۈن، شەخسىي تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدىم»،— دەيدۇ. سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز. ئەگەر شەخسىي تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قايسى ماۋزۇ سىز ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز، روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن دوستىڭىزدىن ياردەم سوراڭ.
جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن قايتىدىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى تىكلەڭ. جامائەتكە قايتىپ كەلگەن بەزىلەر، قېرىنداشلار ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىدۇ،— دەپ ئويلايدۇ. لارىسا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەك نومۇس قىلغان. مەن جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردۈم دەپ ئويلىغان. ئۇزۇن ۋاقىتقىچە شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولدۇم». شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئاقساقاللار ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداشلار سىزنىڭ قايتا يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى تىكلىشىڭىزگە ياردەم بېرىشنى بەك خالايدۇ (« ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ). ئۇلار جامائەتكە قايتىپ كەلگىنىڭىزگە خۇشال بولغان ۋە سىزنىڭمۇ خۇشال بولۇشىڭىزنى خالايدۇ.—پەند نە. 17:17.
سىزنى جامائەتكە نېمە يېقىنلاشتۇرالايدۇ؟ جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن بارلىق ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇلار بىلەن ۋەز خىزمەتكە بىللە چىقىڭ. بۇ سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ فېلىكىس شۇنداق دەيدۇ: «جامائەت مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى كۈتكەنىدى. مەن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۈلگەندەك ھېس قىلدىم. قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ياردەم بەردى، ئۆزۈمنىڭ جامائەتكە قايتا قوبۇل قىلىنغانلىقىمنى، يەھۋانىڭ مېنى كەچۈرگەنلىكىنى ۋە داۋاملىق ئۇنىڭغا خىزمەت قىلالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم» (« سىز نېمە قىلالايسىز؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ).
ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ!
يەھۋا بىلەن قايتا دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى تىكلەۋاتقاندا، شەيتان سىزنى روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قىيىنچىلىقلارنى خۇددى يامغۇرلۇق بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش ياغدۇرۇۋېتىشنى خالايدۇ (لۇقا 4:13). ھازىرنىڭ ئۆزىدە روھىي ئۆي-ماكانىڭىزنى، يەنى يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇقىڭىزنى مۇستەھكەملەشكە تەييار بولۇڭ.
يەھۋا ئۆز قويلىرى ھەققىدە شۇنداق ۋەدە بەرگەن: «يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيمەن، ئېزىقىپ يولدىن چىققانلارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. زەخمىلەنگەننىڭ يارىسىنى تېگىپ قويىمەن. ئاجىزلارنى كۈچلەندۈرىمەن» (ھەزەك. 34:16). يەھۋا نۇرغۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ قايتا ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەرگەن. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىڭىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
a بۇ ماقالىدىكى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.