42-تەتقىق ماقالىسى
ھەقىقەتنى چىڭ تۇتۇڭلار
«ھەممە نەرسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ياخشىسىغا چىڭ يېپىشىڭلار».—1-سالونىكا. 5:21.
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر قايمۇقۇپ كەتكەن؟
بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنى خرىستىئان دەپ ئاتايدىغان نەچچە ئون مىڭلىغان دىنىي مەزھەپلەر بار. ئۇلار ھەممىسى، بىز خۇدا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىۋاتىمىز دەيدۇ. شۇ سەۋەب، نۇرغۇن ئادەملەر قايمۇقۇپ كەتكەن! ئۇلار، خۇدا ھەممە دىنلارنى قوبۇل قىلامدۇ ياكى پەقەت بىر توغرا دىن بارمۇ؟ دەپ سورىشىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە، بىز ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغانلىقىمىزغا ۋە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلىمىز ئۇنى خۇرسەن قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىزمۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈمىزنى قايىل قىلالايمىزمۇ؟ ھازىر قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرۈپ باقايلى.
2. 1-سالونىكالىقلار 1:5-ئايىتىگە ئاساسلانغاندا، ئەلچى پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن؟
2 ئەلچى پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن (1-سالونىكىلىقلار 1:5-نى ئوقۇڭ). ئۇنىڭ ئىشەنچىسى پەقەت ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئاساسلانمىغان. ئەكسىنچە، پاۋلۇس ئەستايىدىللىق بىلەن خۇدانىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن. ئۇ پۈتكۈل يازمىلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن روھلاندۇرۇلغانلىقىغا ئىشەنگەن (2-تىموت. 3:16). ئۇ نېمىنى ئۆگەنگەن؟ پاۋلۇس ئەيسانىڭ ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىنى رەت قىلغىلى بولمايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپقان. يەھۇدىي دىننىي يېتەكچىلەر بولسا، ئاشۇ دەلىل-ئىسپاتلارغا پەرۋا قىلمىغان. شۇ ساختا دىننىي يېتەكچىلەر ئۆزلىرىنىڭ خۇدا توغرىسىدا ھەقىقەتنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار خۇدا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلغان (تىتۇس 1:16). پاۋلۇس ئۇلارغا ئوخشىمىغان. ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنىڭ قايسى قىسىمىغا ئىشىنىشى ياكى قايسى قىسىمىغا ئىشەنمەسلىكنى قارار قىلمىغان. ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە پۈتۈنلەي ماس ياشاپ، تەلىم بېرىشكە تەييار بولغان.—ئەلچى. 20:27.
3. ھەقىقەتنى تاپقانلىقىمىزغا ئىشەنچ قىلىشىمىز ئۈچۈن بارلىق سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىمىز كېرەكمۇ؟ (« يەھۋانىڭ سان-ساناقسىز ئىشلىرى ۋە ئوي-پىكىرلىرى» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
3 بەزىلەر شۇنداق دەپ قارايدۇكى، ھەقىقىي دىن چوقۇم ھەرقانداق سوئاللارغا، بولۇپمۇ مۇقەددەس كىتابتا جاۋاب بەرمىگەن سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرەلىشى كېرەك. شۇنداق دەپ قاراش ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟ پاۋلۇسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ قېرىنداشلارنى ھەممە نەرسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان، بىراق ئۆزى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان (1-سالونىكا. 5:21). ئۇ، بىلىمىمىز چەكلىك ۋە بىز مېتال ئەينەك ئارقىلىق سۇس كۆرىمىز، دېگەن سۆزلەرنىمۇ يازغان (1-كورىنت. 13:9، 12). دېمەك، پاۋلۇس ھەممىلا نەرسىنى چۈشەنمىگەن، بىزمۇ چۈشەنمەيمىز. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەھۋا توغرۇلۇق ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىپ يېتەلىگەن. ئۇ ئۆزىنى قايىل قىلىدىغان يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارغا ئىگە بولغاچ، ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن.
4. ئۆزۈمىزنىڭ ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز ۋە ھەقىقىي ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 ئۆزۈمىزنىڭ ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ بىر يولى — ئەيسانىڭ قالدۇرغان توغرا ئىبادەت قىلىش ئۈلگىسى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى سېلىشتۇرۇش. بۇ ماقالىدە، بىز ھەقىقىي ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى (1) بۇتپەرەسلىكنى رەت قىلىدىغانلىقى، (2) يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، (3) ھەقىقەتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە (4) بىر-بىرىگە ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
بۇتپەرەسلىكنى رەت قىلىمىز
5. ئەيسا قانداق ئىبادەت قىلغان؟ ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز ۋە ئۇنىڭ ئۆگەتكەنلىرىنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنالايمىز؟
5 ئەيسا ئاسماندا ۋە يەردە بولغاندا، پۈتۈن قەلبى بىلەن يەھۋانى سۆيگەچكە، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغان (لۇقا 4:8). ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن. مەيلى ئەيسا ياكى ئۇنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بۇتلارنى ئىشلەتمىگەن. خۇدا روھتۇر. شۇڭا، ھېچكىم ئۇنى تەسۋىرلەيدىغان نەرسىنى ياسىيالمايدۇ (يەشايا ). ئۇنداقتا، ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ سۈرەتلىرىنى ياساپ، ئۇلارغا دۇئا قىلىشقا بولامدۇ؟ خۇدا چۈشەرگەن ئون پەرماننىڭ ئىككىنچىسىدە شۇنداق دېيىلگەن ئىدى: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا ئاسماندا، تۆۋەندە يەردە ۋە يەر ئاستىدىكى ياكى سۇدىكى ھېچقانداق بىر نەرسىنىڭ شەكلىدە ئويما بۇت ياكى سۈرەتلەرنى ياسىما. ئۇلارنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلما» ( 46:5چىق. 20:4، 5). خۇدانى خۇرسەن قىلىشنى خالايدىغانلار مۇشۇ سۆزلەردىن چوقۇم بۇتپەرەسلىكتىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
6. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئىبادەت قىلىدۇ؟
6 تارىخشۇناسلار ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى ھايات ۋاقتىدا، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ پەقەت بىرلا خۇداغا ئىبادەت قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. بىر كىتابتا، ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرى ئىبادەتتە بۇتلارنى ئىشلىتىشنى ئۆچ كۆرگەن،— دەپ يېزىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قالدۇرغان ئۈلگىگە ئەگىشىدۇ. بىز ئەۋلىيا-ئەنبىيالار ياكى پەرىشتىلەرنىڭ شەكلىدە ياسالغان بۇتلارغا دۇئا قىلمايمىز، ھەتتا ئەيساغىمۇ دۇئا قىلمايمىز. دۆلەت بايراقلىرىغىمۇ چوقۇنمايمىز. مەيلى باشقىلار بىزنى نېمە قىلىشقا قىستىسا-قىستىسۇن، ئەيسانىڭ: «خۇدايىڭ يەھۋاغا سەجدە قىلغىن ۋە پەقەت ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن!»،— دېگەن سۆزلىرىگە قەتئىي بويسۇنىمىز.—مەتتا 4:10.
7. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قايسى جەھەتلەردە باشقا دىندىكىلەردىن پەرقلىنىدۇ ؟
7 بۈگۈنكى كۈندە، ئادەملەر چېركاۋلاردىكى روھانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. كىشىلەر ئۇلارغا شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇكى، ھەتتا ئۇلارغا چوقۇنۇشقا ھەم تەييار. ئۇلار چېركاۋلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىئانىلەرنى بېرىشىدۇ. بەزىلەر ھەتتا شۇ دىنىي ئۇستازلارنىڭ ئېيتقان ھەر بىر سۆزگە ئىشىنىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى كۆرگەندە، خۇددى مەسىھ ئەيسانى كۆرگەندەك خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ. بىراق، يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىنسانلارغا چوقۇنمايدۇ. گەرچە بىز يېتەكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلىسەكمۇ، ئەمما ئەيسانىڭ: «ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا قېرىنداش»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئېنىق بىلىمىز (مەتتا 23:8—10). مەيلى دىنىي ئۇستازلار ياكى سىياسىي ھۆكۈمرانلار بولسۇن، بىز ئۇلارغا چوقۇنمايمىز. ئۇلارنىڭ دىنىي ياكى سىياسىي مەقسەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەيمىز. ئەكسىنچە، بىز بىتەرەپلىكنى ساقلايمىز ۋە بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس. بىز مۇشۇ جەھەتلەردە، ئۆزلىرىنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان نۇرغۇن دىنىي مەزھەپتىكىلەردىن پەرقلىنىمىز.—يۇھاننا 18:36.
بىز يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمەتلەيمىز
8. خۇدانىڭ ئۆز ئىسىمىنى ئۇلۇغلاشنى ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ شۇ ئىسىمنى بىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
8 بىر قېتىم ئەيسا مەسىھ: «ئاتا ئىسىمىڭنى ئۇلۇغلىغىن»،— دەپ دۇئا قىلغان. يەھۋا شۇ دۇئاغا ئاسماندىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆز ئىسىمىنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يۇھاننا 12:28). ئەيسا ۋەز خىزمىتىدە ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى دائىم ئۇلۇغلىغانىدى (يۇھاننا 17:26). دېمەك، ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلىتىشتىن ۋە شۇ ئىسىمنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشتىن پەخىرلىنىدۇ. شۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ!
9. بىرىنچى ئەسىردىكى ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
9 بىرىنچى ئەسىردە، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇدا ئۆز ئىسىمى بىلەن ئاتىلىدىغان خەلقنى يىغىش ئۈچۈن باشقا خەلقلەرگە دىققەت ئاغدۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن (ئەلچى. 15:14). بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن پەخىرلەنگەنىدى. ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى ۋە شاگىرتلىرى ۋەز خىزمەتتە ۋە مۇقەددەس يازمىلارنى يازغاندا، خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىنسانلارغا خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلدۈرىدىغان بىردىن-بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن.—ئەلچى. 2:14، 21.
10. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدانىڭ خاس ئىسىمىنى ئۇلۇغلاۋاتقان بىردىن-بىر خەلق ئىكەنلىكىنىڭ قانداق ئىسپاتلىرى بار؟
10 يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ خاس ئىسىمىنى ئۇلۇغلاۋاتقان بىردىن-بىر خەلق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى بار. نۇرغۇن دىنىي ئۇستازلار ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خۇدانىڭ خاس ئىسىمىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەممە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇقەددەس كىتابنىڭ تەرجىمىلىرىدىن شۇ ئىسىمنى چىقىرىپ تاشلىغان ۋە بەزى ۋەزىيەتلەردە ئۆز چىركاۋلىرىدا بۇ ئىسىمنى قوللىنىشنى چەكلىگەن b. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بىز خۇدانىڭ خاس ئىسىمىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق باشقا دىنلارغا قارىغاندا كۆپ تىرىشىۋاتىمىز. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن نامىمىزغا ماس ياشاش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتىمىز (يەشايا 43:10—12). بىز باشقا مۇقەددەس كىتاب تەرجىمانلىرى چىقىرىپ تاشلىغان خۇدانىڭ يەھۋا دېگەن ئىسىمىنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنى نەشىردىن چىقىرىپ، 240 مىليون پارچىدىن كۆپرەك تارقاتتۇق. يەنە بىز خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلىتىپ، مىڭدىن ئارتۇق تىللاردا مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانغان نەشىر ماتېرىياللىرىمىزنى نەشىردىن چىقىرىۋاتىمىز.
بىز ھەقىقەتنى سۆيىمىز
11. ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرى ھەقىقەتكە بولغان سۆيگۈسىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
11 ئەيسا مەسىھ بولسا خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدىكى ھەقىقەتنى سۆيگەن. ئۇ ھايات كەچۈرۈش تەرزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقەتكە ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە باشقىلارغىمۇ شۇ ھەقىقەت توغرىسىدا ئۆگەتكەن (يۇھاننا 18:37). ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىمۇ چىن قەلبىدىن ھەقىقەتنى سۆيگەن (يۇھاننا 4:23، 24). ئەلچى پېترۇسمۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ماڭغان يولنى، ھەقىقەت يولى دەپ ئاتىغان (2-پېتر. 2:2). ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرى ھەقىقەتنى چىن قەلبىدىن سۆيگەچ، ھەقىقەتكە قارشى دىنىي ئوي-پىكىرلەرنى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنى ۋە شەخسىي كۆزقاراشلارنى رەت قىلغان (كولوسى. 2:8). خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندە ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ھەقىقەت يولىدا مېڭىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلىملىرى مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھەقىقەتكە ئاساسلانغان ۋە ئۇلار شۇنىڭغا ماس ھايات كەچۈرىدۇ.—3-يۇھاننا 3، 4.
12. بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قېرىنداشلار چۈشەنچىمىزنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەندە، نېمە قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ؟
12 يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دائىم، بىز ھەقىقەتنى تولۇق چۈشىنىمىز،— دەپ جاكارلىمايدۇ. ئۇلار بەزىدە مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈشتە ياكى جامائەتنى تەشكىللەشتە خاتالىشىدۇ. بۇ بىزنى ھەيران قالدۇرماسلىقى كېرەك. مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق يېزىلغانكى، خۇدا خەلقى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشىنىدىغان بولىدۇ (كولوسى. 1:9، 10). يەھۋا ھەقىقەتنى ئاستا-ئاستا ئېچىپ بېرىدۇ. شۇڭا، بىز چوقۇم سەۋرچانلىق بىلەن ھەقىقەت نۇرىنىڭ يورۇتۇشىنى كۈتىشىمىز كېرەك (پەند نە. 4:18). يېتەكچى كېڭەش چۈشەنچىلىرىمىز ۋە بەزى ئىشلارنى قىلىشتا ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يەتكەندە، دەرھاللا ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىدۇ. ئۆزىنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ ئاتايدىغان نۇرغۇنلىغان مەزھەپلەر، بۇ دۇنيا كىشىلىرىنى ۋە ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىدۇ. بىراق، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇداغا يېقىنلىشىش ۋە ئەيسا قالدۇرغان ئۈلگىگە ئەگىشىپ، توغرا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىدۇ (ياقۇپ 4:4). بىزنىڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىمىز، بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى ئۆزگەرگەنلىكى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى بىز مۇقەددەس كىتابنى ياخشىراق چۈشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈندۇر. بىز ھەقىقەتنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيىمىز!—1-سالونىكا. 2:3، 4.
بىر-بىرىمىزگە ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز
13. ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەڭ ئېسىل-پەزىلىتى قايسى ۋە بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۇنى قانداق كۆرسىتىۋاتىدۇ؟
13 بىرىنچى ئەسىردە، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپلىگەن ئېسىل-پەزىلەتلەرنى كۆرسەتكەن. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنى مېھىر-مۇھەببەت بولغان. ئەيسا شۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاراڭلاردا سۆيگۈ بولسا، بۇنىڭدىن ھەممىسى سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ» (يۇھاننا 13:34، 35). بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ۋە تىنچ-ئىتتىپاقلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بىز باشقا بارلىق دىنلاردىن پەرقلىنىمىز. چۈنكى، گەرچە بىز ئوخشىمايدىغان مىللەت، ئىرق ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە بولساقمۇ، ئارىمىزدا بۇزۇلماس، مۇستەھكەم قېرىنداشچىلىق رىشتىسى بار. بۇ ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى يىغىلىشلىرىمىزدا، چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا ۋە رايونلۇق چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا كۆرەلەيمىز. بۇ دەلىل-ئىسپاتلار، يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا توغرا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
14. كولوسىلىقلار3:12—14-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئارىمىزدا چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بارلىقىنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم يولى قايسى؟
14 مۇقەددەس يازمىلار، بىر-بىرىڭلارغا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار دەيدۇ. بۇ بىزنى مېھىر-مۇھەببەتكە دەۋەت قىلىدۇ (1-پېتر. 4:8). شۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى — ئۆزئارا كەچۈرۈمچان بولۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىگە قارىماي، بەلكى ياخشى تەرەپلىرىگە قاراش. بىز يەنە جامائەتتىكى بارلىق قېرىنداشلارغا، ھەتتا كۆڭلىمىزنى رەنجىتكەنلەرگىمۇ سېخىيلىق ۋە مېھماندوستلۇق كۆرسىتىشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ئىزدەيمىز (كولوسىلىقلار 3:12—14-نى ئوقۇڭ). ئارىمىزدا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى بولسا، ئۆزۈمىزنىڭ ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەلەيمىز.
ئېتىقادىمىز بىر
15. بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىبادەت قىلىشتا قالدۇرغان ئۈلگىلەرگە ئەگىشىشنىڭ يەنە قانداق يوللىرى بار؟
15 بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى خۇداغا ئىبادەت قىلىشتا باشقا ئۈلگىلەرنىمۇ قالدۇرغان. مەسىلەن، بۈگۈنكى كۈندە تەشكىلاتىمىز شۇ ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش تەشكىللەنگەن. ئارىمىزدا خۇددى شۇ چاغدىكىگە ئوخشاش زىيارەت قىلغۇچى ئاقساقاللار، ئاقساقاللار ۋە ياردەمچى خىزمەتچىلەر بار (فىلىپى. 1:1؛ تىتۇس 1:5). بىز يەھۋانىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت، نىكاھ ۋە قان توغرىسىدىكى بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشتا، يەنە گۇناھىغا توۋا قىلمىغانلارنى جامائەتتىن چىقىرىپ جامائەتنى قوغداشتا، بىرىنچى ئەسىردىن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قالدۇرغان ئۈلگىلەرگە ئەگىشىمىز.—ئەلچى. 15:28، 29؛ 1-كورىنت. 5:11–13؛ 6:9، 10؛ ئىبرانىي. 13:4.
16. ئەفەسلىكلەر 4:4—6-ئايەتلەردىكى سۆزلەردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
16 ئەيسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى دەپ جاكارلىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ئەگەشمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 7:21–23). مۇقەددەس يازمىلار يەنە ئاخىرقى كۈنلەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئىخلاسمەن بولۇپ كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان (2-تىموت. 3:1، 5). بىراق، مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ پەقەت بىرلا ئېتىقادنى، يەنى دىننى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.—ئەفەسلىكلەر 4:4-6-نى ئوقۇڭ.
17. بۈگۈنكى كۈندە كىملەر ئەيسانى ئۈلگە قىلىۋاتىدۇ ۋە خۇداغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ؟
17 بۇ ماقالىدە، ئەيسانىڭ توغرا ئىبادەت قىلىش ھەققىدە ئۆگەتكەن تەلىملىرىنى ۋە بىرىنچى ئەسىردىكى ئېتىقادچىلار ئەيسانىڭ ئۈلگىسىگە ئەگەشكەنلىكىنى ئۆگەندۇق ۋە يەنە بەزى دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چىقتۇق. خۇلاسىلىسەك، بۈگۈنكى كۈندە كىملەر خۇداغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى پەقەتلا بىر — يەھۋا گۇۋاھچىلىرى. يەھۋانىڭ خەلقى قاتارىدا بولۇش، يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدە ھەقىقەتنى بىلىش بىز ئۈچۈن نەقەدەر چوڭ شان-شەرەپ، ھە! كېلىڭلار، ئۆزۈمىزنىڭ داۋاملىق ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىمىزغا كۆز يەتكۈزۈپ، ھەقىقەتنى چىڭ تۇتايلى!
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىگىمىز
a يەھۋاغا توغرا ئىبادەت قىلىشتا ئەيسانىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئاشۇ ئۈلگىگە ئەگەشكەنمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ توغرا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ قانداق دەلىل-ئىسپاتى بار؟ بۇ ماقالىدە، مۇشۇ سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b مەسىلەن، 2008-يىلى، رىم پاپىسى بېنېدىكت ئون ئالتە (XVI) كاتولىك چىركاۋلىرىدىكى ئىبادەتتە، مەدھىيە ناخشىلىرىدا ياكى دۇئالاردا خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلەتمەسلىكنى ياكى تىلغىمۇ ئالماسلىقنى ئېيتقان.
c سۈرەتتە: يەھۋانىڭ تەشكىلاتى يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنى 200-دىن ئارتۇق تىلدا نەشىر قىلىپ تارقاتقان. شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر خۇدانىڭ ئىسىمى ئىشلىتىلگەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇيالايدۇ.