45-تەتقىق ماقالىسى
لاۋىيلار كىتابىدىن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنەلەيمىز
«باشقىلارنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن».— لاۋى. 19:18.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئالدىنقى ماقالىدە، نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
ئالدىنقى ماقالىدە، لاۋىيلار كىتابى 19-بابتىن بەزى ئەمەلىي قوللىنىدىغان پرىنسىپلارنى ئۆگەندۇق. مەسىلەن، لاۋىيلار 19:3-ئايەتتە، يەھۋا ئىسرائىللارغا ئاتا-ئانىلىرىنى ھۆرمەتلەشنى بۇيرىغان. بۈگۈن بىز ئوخشاش پرىنسىپلارنى ئىشلىتىپ، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ جىسمانىي، ھېس-تۇيغۇ ۋە روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. ئوخشاش ئايەتتە، يەنە دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. گەرچە ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ، ئۇلار ھەمىشە خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، بىز مۇقەددەس بولۇش ئۈچۈن، لاۋىيلار 19:2 ۋە 1-پېترۇس 1:15-ئايەتتىكى كۆرسەتمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
2 بۇ ماقالىدە، لاۋىيلار كىتابى 19-بابتىكى باشقا ئايەتلەرنى، جۈملىدىن جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا سەمىمىي بولۇش ۋە باشقىلارغا قانداق سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. خۇدايىمىز مۇقەددەس بولغاچ، بىزمۇ مۇقەددەس بولۇشنى خالايمىز. ئۇنداقتا، مۇقەددەس بولۇش ئۈچۈن ھازىر نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقايلى.
جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىڭ
3، 4. لاۋىيلار 19:14-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىللار گاس ۋە قارغۇ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
3 لاۋىيلار 19:14-نى ئوقۇڭ. يەھۋا ئۆز خەلقىدىن مېيىپ ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئىسرائىللارغا: «گاس كىشىنى تىللىمىغىن»،— دېگەن. ئۇلار گاسلارغا تەھدىت سالماسلىقى ۋە يامان گەپ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇ گاس بىر ئادەم ئۈچۈن بەكمۇ زالىملىق قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشى ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىغاچقا، ئۆزىنى قوغدىيالمايدۇ.
4 ئۇنىڭدىن باشقا، 14-ئايەتتە، خۇدا يەنە ئۆز خەلقىگە: «قارىغۇ كىشىنىڭ ئالدىغا پۇتلىشاڭغۇ نەرسىنى قويمىغىن»،— دەپ بۇيرىغانىدى. بىر پايدىلىنىش كىتابىدا شۇنداق دەيدۇ: «قەدىمقى ئوتتۇرا شەرىقتە مېيىپ كىشىلەر دائىم ئېزىلىشكە ياكى خورلاشقا ئۇچرىغان». بەزى رەھىم-شەپقەتسىز كىشىلەر قەستەن ئۇلارغا ئازار بېرىپ ياكى قارغۇلارنى زاڭلىق قىلىپ ئويناش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان نەرسىلەرنى قويغان. ئۇنداق قىلمىشلار ھەقىقەتەن كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. شۇڭلاشقا، خۇدا لاۋىيلار 19:14-ئايەتتىكى قانۇننى چىقىرىپ، ئىسرائىللارنىڭ مېيىپ، ئاجىز كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن.
5. جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ كىشىلەرگە قانداق ھېسداشلىق قىلالايمىز؟
5 ئەيسا جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ كىشىلەرگە ھېسداشلىق كۆرسەتكەن. ئۇ يەھيا چۆمۈلدۈرگۈچىگە مۇنداق خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئادەم ئەۋەتكەن: «كورنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىۋاتىدۇ. توكۇر مېڭىۋاتىدۇ، ماخاۋلار كېسىلىدىن ساقىيىۋاتىدۇ، گاس كىشى ئاڭلاۋاتىدۇ، ئۆلۈك تىرىلىۋاتىدۇ» (لۇقا 7:20—22؛ 18:43). ئەيسانىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر خۇدانى مەدھىيىلىگەن ئىدى. بىز خۇشاللىق بىلەن ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ كىشىلەرگە مېھرىبانلىق، ھېسداشلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى خالايمىز. ئىنسانلارنى ساقايتىدىغان مۆجىزە كۆرسىتىش كۈچ-قۇدرىتى بىزگە بېرىلمىگەن. بىراق، كەلگۈسى جەننەتتە جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن قارغۇ كىشىلەرنىڭ بولمايدىغانلىقى ۋە ھەممە كىشىنىڭ مۇكەممەل بولۇپ، يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش شان-شەرىپى بېرىلگەن (لۇقا 4:18). بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللىقاچان بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، خۇدانى چىن كۆڭلىدىن مەدھىيىلەۋاتىدۇ.
سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا سەمىمىي بولۇڭ
6. لاۋىيلار 19-بابتىكى بەزى ئايەتلەر، ئون ئەمر-پەرماننى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6 لاۋىيلار 19-بابتىكى بەزى ئايەتلەر، ئون ئەمر-پەرماننى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، سەككىزىنچى ئەمردە، «ئوغرىلىق قىلمىغىن» دېيىلگەن (چىق. 20:15). ئەمما، بەزى كىشىلەر: «باشقىلارغا تەۋە نەرسىلەرنى ئالمىساملا، بۇ ئەمرگە ئەمەل قىلىمەن»،— دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇ بەلكىم باشقا ئۇسۇللار بىلەن شۇ بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىپ، ئوغرىلىشى مۇمكىن.
7. قانداق ئۇسۇللار بىلەن سودىگەر سەككىزىنچى ئەمرگە خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن؟
7 بىر سودىگەر ھېچقاچان ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىنى ئالمىغانلىقىدىن پەخىرلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ سودا-تىجارىتىدە راستچىلمۇ؟ لاۋىيلار 19:35، 36-ئايەتلەردە، يەھۋا شۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ياكى ھەجىمنى ئۆلچىگەندە، ناھەقلىق قىلماڭلار؛ تارازا، تارازا تاشلىرى، قۇرۇق ۋە سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان كەمچىلەر چوقۇم توغرا بولسۇن». ئەگەر بىر سودىگەر ناتوغرا تارازا ۋە ئۆلچىگۈچىلەرنى قوللىنىپ، ئۆز خېرىدارلىرىنى ئالدىسا، بۇ ئۇلاردىن ئوغرىلىغانغا ئوخشاش بولىدۇ. بىز لاۋىيلار 19-بابتىكى باشقا ئايەتلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقساق، بۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.
8. لاۋىيلار 19:11—13-ئايەتلەر، ئىسرائىللارغا سەككىزىنچى ئەمرنىڭ ئارقىسىدىكى پرىنسىپلارنى قوللىنىشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ بىز ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
8 لاۋىيلار 19:11—13-نى ئوقۇڭ. 11-ئايەت شۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار». 13-ئايەتتە، ئوغرىلىقنى سەمىمىيەتسىز سودا-تىجارەت ئىشلىرى بىلەن باغلاپ شۇنداق دېگەن: «باشقىسىنىڭ ھەققىنى يەپ بۇلاڭچىلىق قىلمىغىن». دېمەك، ئەگەر ئادەم سودا ئىشلىرىدا باشقىلارنى ئالدىسا، ئۇ ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ. ئون ئەمرنىڭ سەككىزىنچىسىدە ئوغرىلىق قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلگەن بولسىمۇ، لاۋىيلار كىتابىدىكى مەزمۇنلار ئىسرائىللارغا بۇ بۇيرۇقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پرىنسىپلارنى قانداق ئىشلىتىشنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن. بىز يەھۋانىڭ سەمىمىيەتسىزلىككە ۋە ئوغرىلىققا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئۆز-ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: لاۋىيلار 19:11—13-ئايەتلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ھاياتىمدا سودا-تىجارەت ۋە خىزمەتتە ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىم كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يەتتىممۇ؟
9. لاۋىيلار 19:13-ئايەتتىكى قانۇن ئىشچىلارنى قانداق قوغدىغان؟
9 باشقىلارنى خىزمەتكە ئالغان مەسىھ ئەگەشكۈچىسى سەمىمىي بولۇشنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. لاۋىيلار 19:13-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «مەدىكارنىڭ ھەققىنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە بەرمەي، كېچىچە يېنىڭدا قوندۇرۇپ قالمىغىن». قەدىمقى زاماندا، ئىسرائىلدا دېھقانچىلىق ساھەسىدە ئىشچىلارنى ياللاپ ئىشلەتكەنلەر چوقۇم شۇ كۈنى كەچتە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئىشچىغا شۇ كۈنى كەچ ئىش-ھەققى بېرىلمىسە، ئۇ ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك سېتىۋالالماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، يەھۋا مۇنداق دېگەن: «چۈنكى ئۇ نامرات ۋە ئىش ھەققىگە تايىنىپ جان ساقلايدۇ».—تەكرار. قا 24:14، 15؛ مەتتا 20:8.
10. لاۋىيلار 19:13-ئايەتتىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10 بۈگۈنكى كۈندە ئىشچىلار مائاشىنى ھەر كۈنى ئەمەس. بەلكى، ھەر ئايدا ياكى ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم ئالىدۇ. ئەمما، لاۋىيلار 19:13-ئايەتتىكى پرىنسىپ، ھازىرمۇ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بەزى خوجايىنلار خىزمەتچىلىرىگە تۆلەشكە تېگىشلىك ھەقتىن تۆۋەن ئىش ھەققىنى بېرىپ، ناھەقچىلىك قىلىدۇ. ئۇلار شۇ ئىشچىلارنىڭ جان ساقلاش ئۈچۈن شۇ ئازغىنە ئىش ھەققى ئۈچۈن ئىشلەشتىن باشقا ئامالى يوقلىقىنى بىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قېلىش بىلەن باراۋەر. باشقىلارنى ياللاپ ئىشلەتكەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى شۇنداق قىلىشتىن چوقۇم ساقلىنىشى كېرەك. ھازىر لاۋىيلار 19-بابتىن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
قوشنىڭىزنى ئۆزىڭىزنى سۆيگەندەك سۆيۈڭ
11، 12. ئەيسا لاۋىيلار 19:18-ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ نېمىلەرنى تەكىتلىگەن؟
11 بىز لاۋىيلار 19:17، 18-ئايەتلەردىن (ئوقۇڭ) شۇنى كۆرەلەيمىزكى، خۇدا بىزدىن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى سۆيۈشكە دەۋەت قىلىپ، شۇنداق بۇيرىغان: «باشقىلارنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن». شۇڭا، مەسىھ ئەگەشكۈچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلماقچى بولسا، چوقۇم بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
12 ئەيسانىڭ لاۋىيلار 19:18-ئايەتنىڭ مۇھىملىقىنى قانداق تەكىتلىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. بىر پەرىسىي ئەيسادىن شۇنداق سورىغان: «تەۋرات قانۇندىكى قايسى ئەمر ئەڭ مۇھىم؟» ئەيسا شۇنداق جاۋاب بەرگەن: «خۇدايىڭ يەھۋانى خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن». كېيىن، ئەيسا لاۋىيلار 19:18-ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزەڭنى سۆيگەندەك سۆي»»،— دېگەن (مەتتا 22:35—40). باشقىلارنى سۆيۈپ، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار. بىراق، لاۋىيلار 19-بابتىن بەزى يوللارنى ئۆگىنەلەيمىز.
13. يۈسۈپنىڭ مىسالىنى مۇھاكىمە قىلىش، لاۋىيلار 19:18-ئايەتنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13 باشقىلارنى سۆيۈشنىڭ بىر يولى — لاۋىيلار 19:18-ئايەتتىكى نەسىھەت سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىش. شۇ ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «سەن ئۆز خەلقىڭنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئىنتىقام ئالمىغىن ياكى ئۇلارغا ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمىغىن». بەزى كىشىلەر ئۆز خىزمەتداشلىرى، ساۋاقداشلىرى، تۇغقانلىرى ياكى ئائىلە ئەزالىرىغا ھەتتا ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرىدۇ. يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچمەنلىك قىلغان، ھەتتا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان (يارىت. 37:2—8، 25—28). لېكىن، يۈسۈپ باشقىچە يول تۇتۇپ، يامانلىققا يامانلىق قايتۇرمىغان. ئۇنىڭ ئۆچ ئالىدىغان پۇرسىتى بولغان بولسىمۇ، شۇنداق قىلماي، بەلكى ئۆز ئاكىلىرىغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەن. يۈسۈپ ئۆچ-ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغان. ئەكسىچە، ئۇ لاۋىيلار 19:18-ئايەتتىكى نەسىھەت سۆزلىرىگە ماس ئىش كۆرگەن.—يارىت. 50:19—21.
14. نېمە ئۈچۈن بىز لاۋىيلار 19:18-ئايەتتىكى پرىنسىپلارغا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك؟
14 يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلمىغان ياكى ئۇلاردىن ئۆچ ئالمىغان. بەلكى، ئۇلارنى كەچۈرگەن. ئۇ خۇدانى مەمنۇن قىلىشنى خالايدىغان بۈگۈنكى كۈندىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. ئەيسا ئۈلگىلىك دۇئاسىدا، بىزگە قارشى گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلغان (مەتتا 6:9، 12). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەلچى پاۋلۇس قەدىرلىك قېرىنداشلىرىغا شۇنداق نەسىھەت قىلغان: «ئەي ئەزىزلىرىم، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆچ ئالماڭلار» (رىملىقلار 12:19). پاۋلۇس يەنە: «بىر-بىرىڭلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىڭلار. ھەتتا بىرىنىڭ باشقا بىرىگە شىكايىتى بار بولسا، ... كەچۈرۈڭلار»،— دەپ نەسىھەت بەرگەن (كولوسى. 3:13). يەھۋانىڭ پرىنسىپلىرى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا، بىز لاۋىيلار 19:18-ئايەتكە يوشۇرۇنغان پرىنسىپلارغا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.
15. ئۆچمەنلىك ساقلاشتىن يىراق تۇرۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
15 مۇنداق بىر مىسالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەيلى. رەنجىش تۇيغۇسىنى بىر يارىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بەزى يارىلار يېنىك، بەزى يارىلار ئېغىر بولىدۇ. مەسىلەن، سەي-كۆكتات توغرىغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقىڭىزنى كېسىۋالدىڭىز دەيلى. ئۇ گەرچە ئاغرىتقان بولسىمۇ، يارا تېز ساقىيىپ كەتتى. بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن، شۇ يارىنىڭ ئىزىنىمۇ كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزگە قارشى قىلىنغان گۇناھلىق ئىشلارمۇ كۆڭۈلگە ئالغۇدەك ئېغىر بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ ئويلىماستىن قىلغان سۆزلىرى ياكى ئىشلىرى بىزنى رەنجىتىشى مۇمكىن. بىراق، بىز ئۇلارنى ئاسانلا كەچۈرۈۋېتىمىز. ئەگەر كېسىلگەن جاينىڭ يارىسى ئېغىر بولسا، ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ، يارا ئېغىزىنى تىكىپ، ئۇنى تېڭىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىز يارىلانغان جايغا دائىم تەگسەك، يارىمىز ئېغىرلىشىپ، ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. بەك ئەپسۇس، بەزى كىشىلەر قاتتىق رەنجىگەندە، ئۇلار خۇددى يارىغا دائىم تەگكەنگە ئوخشاش ئاغرىقى توختىمايدۇ. دېمەك، قەلبىدە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغان كىشى ئۆز-ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنداق ئىكەن، لاۋىيلار 19:18-ئايەتتىكى نەسىھەت سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىش دانالىق بولىدۇ!
16. لاۋىيلار 19:33، 34-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىللار چەت ئەللىكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىدى؟ بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
16 يەھۋا ئىسرائىللارغا، قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن، دېگەن ئەمرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆز مىللىتىدىن بولغان كىشىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان چەت ئەللىكلەرنىمۇ سۆيۈشنى بۇيرىغان. لاۋىيلار 19:33، 34-ئايەتلەردىن بۇلارنى ئېنىق كۆرەلەيمىز (ئوقۇڭ). ئىسرائىللار چەت ئەللىكلەرگە يەرلىك كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك بولغان. مەسىلەن، ھوسۇل يىغىلغاندا، ئىسرائىللار ياكى چەت ئەللىكلەر بولسۇن، كەمبەغەللەرنىڭ ئوخشاشلا زىرائەتلەرنىڭ قالدۇق باشاقلىرىنى يىغىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان (لاۋى. 19:9، 10). بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئوخشاش پرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك (لۇقا 10:30—37). دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىليونلىغان كۆچمەنلەر بار. بەلكىم، بەزىلىرى سىزگە يېقىن ياشايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ جىنسىي ياكى يېشىغا قارىماي، ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
لاۋىيلار 19-بابتا تىلغا ئېلىنمىغان مۇھىم بىر ئىش
17، 18. (1) لاۋىيلار 19:2 ۋە 1-پېترۇس 1:15-ئايەتلەر بىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ (2) ئەلچى پېترۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى قايسى مۇھىم ئىشقا قاتنىشىشقا ئۈندەيدۇ؟
17 لاۋىيلار 19:2 ۋە 1-پېترۇس 1:15-ئايەتلەر، خۇدا خەلقى بولغان بىزنى مۇقەددەس بولۇشقا ئۈندەيدۇ. لاۋىيلار كىتابى 19-بابتىكى باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. بىز شۇ ئايەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، نېمە ئىش قىلىشقا بولىدۇ ۋە نېمە ئىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. بىز گرېك تىلىدىكى يازمىلاردىن، يەھۋا بۇ قانۇنلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز b. بىراق، ئەلچى پېترۇس يەنە مۇھىم بىر ئىشنى تىلغا ئالغان.
18 ھەر تۈرلۈك روھىي ئىش-پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن سىرت، يەنە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىمىز. ئەلچى پېترۇس شۇلاردىن بىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەلچى پېترۇس دىققىتىمىزنى مۇھىم بىر ئىشقا قاراتقان. ئۇ شۇنداق يازغان: «ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىشقا تەييارلىنىڭلار، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاڭلار» (1-پېتر. 1:13، 15). شۇ مۇھىم ئىش نېمە؟ پېترۇس مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېگەن: ئۇلارنى «چاقىرغان زاتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھەر يەردە جاكارلاڭلار دەپ سىلەرنى تاللىغان» (1-پېتر. 2:9). بۈگۈن بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ مۇھىم ئىشقا قاتنىشىش شان-شەرىپىگە ئىگە. بۇ ئىش ئىنسانلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم يولىدۇر. خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى سۈپىتىدە خۇش خەۋەرنى ئېيتىش ۋە تەسەللى بېرىش ئىشىغا قاتنىشىش، بىز ئۈچۈن ئاجايىپ شان-شەرەپ! (ماركۇس 13:10) لاۋىيلار 19-بابىدىن ئۆگەنگەن پرىنسىپلارغا ماس ياشاش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشساق ياكى كۈچ چىقارساق، بىز ياراتقۇچىمىزنى ۋە باشقىلارنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. بۇ ئارقىلىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا مۇقەددەس بولۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز.
28-ناخشا يېڭى ناخشا
a گەرچە بىز ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مۇسا قانۇنىنىڭ ئاستىدا بولمىساقمۇ، بىراق شۇ قانۇنلار بىزگە نېمە قىلىش ۋە نېمىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇلارنى ياخشى چۈشەنسەك، باشقىلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ۋە خۇدا ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگىنەلەيمىز. لاۋىيلار كىتابى 19-بابتىكى بەزى قائىدە-پرىنسىپلارنى ھاياتىمىزدا قانداق ئەمەلىي قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنمىغان ئايەتلەر، باشقىلارنى كەمسىتىش، ھاقارەت قىلىش، قان يېيىش، جىنكەشلىك، پالچىلىق ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك (لاۋى. 19:15، 16، 26—29، 31). بۇ ژۇرنالنىڭ «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن سەھىپىسىگە قاراڭ.
c سۈرەتتە: بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى مېيىپ بۇرادەرنىڭ دوختۇر بىلەن سۆزلىشىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: رېمونت ئىشلىرىنى قىلىدىغان تىجارىتى بار بۇرادەر ئىشقا ياللىغان كىشىگە ئىش ھەققىنى بېرىۋاتىدۇ.
e سۈرەتتە: بىر قېرىنداشنىڭ بارمىقى يېنىك يارىلانغاچقا، ئاغرىقىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتەلەيدۇ. بىراق، ئۇ ئېغىر يارىلانغان بولسا، شۇنداق قىلالامدۇ؟