48-تەتقىق ماقالىسى
«مۇقەددەس بولۇڭلار!»
«پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا مۇقەددەس بولۇڭلار».—1-پېتر. 1:15.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يـۈرۈش
بۇ ماقالىدە a
1. ئەلچى پېترۇس ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا قانداق نەسىھەت بەرگەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىش مۇمكىن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ؟
مەيلى ئاسماندا ياكى يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولايلى، ئەلچى پېترۇسنىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا بەرگەن نەسىھەت سۆزلىرىنى مۇھاكىمە قىلساق، پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. پېترۇس مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى چاقىرغان مۇقەددەس بولغۇچىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا مۇقەددەس بولۇڭلار. سەۋەبى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان: «مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن» (1-پېتر. 1:15، 16). بۇ سۆزلەردىن پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ ئەڭ ئالىي ئۈلگىسى يەھۋانى ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرەلەيمىز. بىز بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا مۇقەددەس بولالايمىز ۋە چوقۇم شۇنداق بولۇشىمىز كېرەك. ئەمما، بىز نامۇكەممەل بولغاچ، شۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەلچى پېترۇس بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مىسالى «مۇقەددەس» بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2. بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
2 بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز: مۇقەددەس سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ يەھۋانىڭ مۇقەددەسلىكى ھەققىدە مۇقەددەس كىتاب بىزگە نېمىلەرنى ئۆگىتىدۇ؟ قانداق قىلىپ يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا مۇقەددەس بولالايمىز؟ مۇقەددەس بولۇش بىلەن يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇش ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىشى بار؟
مۇقەددەس سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
3. مۇقەددەس ئادەم دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ئالدىغا كىمنى كەلتۈرىدۇ؟ مۇقەددەس بولۇش ھەققىدە توغرا بىلىمنى قەيەردىن تاپالايمىز؟
3 نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس ئادەم دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەر دائىم چىرايىدا كۈلكە يوق، ئۇچىسىغا دىننىي كىيىملەرنى كىيگەن، قاپىقى تۈرۈلگەن بىر كىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئەمما، مۇنداق ئوي-خىيالدا بولۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى تەڭرىمىز يەھۋا مۇقەددەستۇر، ئۇ شاد-خۇرام خۇدا دەپ تەسۋىرلەنگەن (1-تىموت. 1:11). ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ شاد-خۇرام بەختلىكتۇر (زەبۇر 144:15). بىرىنچى ئەسىردە ئالاھىدە كىيىملەرنى كىيىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنى ئەيسا قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى (مەتتا 6:1؛ ماركۇس 12:38). بىز ئەيسانىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرى سۈپىتىدە، مۇقەددەس كىتابتىن مۇقەددەس بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مۇقەددەس ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بىزنى ھەرگىزمۇ قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇمايدۇ. شۇڭلاشقا، يەھۋا سىلەر چوقۇم مۇقەددەس بولۇڭلار دېسە، ناھايىتى ئېنىقكى ئۇنى قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا مۇقەددەس بولماقچى بولساق، ئالدى بىلەن مۇقەددەس بولۇشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.
4. مۇقەددەس يازمىلاردىكى «مۇقەددەس» سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
4 مۇقەددەس سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا، «مۇقەددەس» سۆزى ئاساسلىقى ئەخلاقىي ۋە دىنىي جەھەتتىن پاك ياكى پاكىزە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىبارە يەنە خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇش دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىز ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن ياشاپ، يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلساق ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتساق، بىز مۇقەددەس سانىلىمىز. بىزنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، يەھۋا خۇدا پۈتۈنلەي مۇقەددەس، بىز بولساق، نامۇكەممەل. بىراق، ئۇ يەنىلا بىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ.
«يەھۋا مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر!»
5. ساداقەتمەن پەرىشتىلەردىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
5 پەرۋەردىگار مۇتلەق مۇقەددەستۇر. ئۇنىڭ تەختى يېنىدىكى سىرافلار يۇقىرى ئاۋازدا: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر قوشۇنلارنىڭ سەركەردىسى يەھۋا!»— دەيدۇ (يەشايا 3:6). بۇ پەرىشتىلەر مۇقەددەس، چۈنكى ئۇلار مۇقەددەس تەڭرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بىر پەرىشتە مەلۇم بىر يەردە بولسا، ھەتتا شۇ يەرنى مۇقەددەس قىلالايدۇ. مەسىلەن، پەرىشتە كۆيۈۋاتقان تىكەنلىك چاتقال ئارىسىدا مۇساغا كۆرۈنگەندە، ئۇ يەر مۇقەددەس جايغا ئايلانغانىدى.—چىق. 3:2–5؛ يەشۇ. 5:15.
6، 7. (1) چىقىش 15:1، 11-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، مۇسا خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى قانداق تەكىتلىگەن؟ (2) خۇدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئىسرائىللارنىڭ ئېسىگە سېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
6 ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مۇسا ئۇلارغا خۇداسى يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى (چىقىش 15:1، 11-نى ئوقۇڭ). ھەرخىل يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان مىسىرلىقلار مۇقەددەسلىكتىن بەك يىراق ئىدى. قانانلىقلارمۇ ئوخشاش، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىبادەت قائىدە-يوسۇنلىرى بالىلارنى قۇربانلىق قىلىش ۋە ھەرخىل يىرگىنچلىك جىنسىي ئەخلاقسىزلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى (لاۋى. 18:3، 4، 21–24؛ تەكرار. قا 18:9، 10). ئەمما، يەھۋا ئاشۇ كىشىلەر چوقۇنىدىغان يالغان ئىلاھلارغا ئوخشىمىغان. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن ئۇلارنى پەسلەشتۇرىدىغان رەزىل ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇ مۇقەددەسلىكنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇنى ئىسرائىل خەلقىگە ئەسلىتىش ئۈچۈن باش روھانىينىڭ سەللىسى ئۈستىدىكى ئالتۇن قاداققا «يەھۋا مۇقەددەستۇر!» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان.—چىق. 28:36–38.
7 شۇ ئالتۇن قاداقنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى يەھۋانىڭ ھەقىقەتەن مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەن. ئەمما، ئەگەر بىر ئىسرائىل ئالىي روھانىيغا يېقىنلىشالمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ئالتۇن قاداقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتى بولمىغان بولسا، يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى بىلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىدۇ! تەۋرات ئوقۇلغاندا، ئىسرائىلدىكى ئەر ياكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئاڭلاش پۇرسىتى بار ئىدى (تەكرار. قا 31:9–12). ئەگەر سىز شۇ ۋاقىتتا ئۇ يەردە بولسىڭىز، مۇنۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولاتتىڭىز: «مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار يەھۋا، سىلەر چوقۇم . . . مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن»، «مەن ئۈچۈن مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن، يەھۋا، مۇقەددەسمەن».—لاۋى. 11:44، 45؛ 20:7، 26.
8. لاۋىيلار 19:2؛ 1 ۋە 1-پېترۇس 1:14–16-ئايەتلەردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
8 لاۋىيلار 19:2-ئايەتتىكى بۇيرۇققا دىققەت ئاغدۇرۇپ باقايلى. يەھۋا مۇساغا شۇنداق دېگەن: «سەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ بارچە جامائىتىگە سۆز قىلىپ، ئۇلارغا ئېيتقىن: «سىلەر چوقۇم مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار يەھۋا مۇقەددەستۇرمەن». ئەلچى پېترۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇقەددەس بولۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلغاندا، شۇ سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن (1-پېترۇس 1:14–16-نى ئوقۇڭ). بۈگۈنكى كۈندە، بىزدىن مۇسانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشاش تەلەپ قىلىنمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، پېترۇسنىڭ سۆزىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بىز يەنىلا لاۋىيلار 19:2-ئايەتتىكى سۆزلەردىن، يەھۋا مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ چوقۇم مۇقەددەس بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۆگىنەلەيمىز. مەڭگۈلۈك ياشاش ئۈمىدىمىز مەيلى ئاسماندا ياكى يەر يۈزىدە بولسۇن، مۇقەددەس بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.—1-پېترۇس 1:4؛ 2-پېترۇس 3:13.
بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا مۇقەددەس بولۇڭلار
9. لاۋىيلار 19-بابنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق قانداق پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9 بىز مۇقەددەس خۇدانى خۇرسەن قىلىشنى خالايمىز، شۇڭا مۇقەددەس بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىشكە تىرىشىمىز. يەھۋا بىزگە نېمە قىلىشىمىز ھەققىدە بەزى ئېنىق مەسلىھەتلەرنى لاۋىيلار كىتابى 19-بابتا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىبرانىي تەتقىقاتچى ئالىم ماركۇس كالىچ شۇنداق يازغان: «بۇ 19-باب، لاۋىيلار كىتابىدىكى، شۇنىڭدەك پۈتۈن تەۋراتتىكى بەش كىتاب ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر باب بولۇشى مۇمكىن». لاۋىيلار 19-بابنىڭ بېشىدىكى: «سىلەر چوقۇم مۇقەددەس بولۇڭلار»،— دېگەن سۆزلەرنى ئەستە تۇتقاچ، بۇ بابتىكى باشقا ئايەتلەرگە دىققەت قىلىپ كۆرسەك، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەر ساھەگە باغلىنىشلىق ئايەتلەر بار. ھازىر تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى تەھلىل قىلىپ، شۇ قائىدە-پرىنسىپلارنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
10، 11. لاۋىيلار 19:3-ئايەت، نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
10 يەھۋا ئىسرائىللارنى مۇقەددەس بولۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سىلەر ھەربىرىڭلار چوقۇم ئاناڭلارنى ۋە ئاتاڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار، . . . مەن خۇدايىڭلار يەھۋا»،— دېگەن.—لاۋى. 19:2، 3.
11 بۇ بۇيرۇق ناھايىتى مۇھىم. بىز بۇنىڭغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بىر قېتىم بىر يىگىت ئەيسادىن: «مەن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىمەن؟»— دەپ سورىغان ئىدى. ئەيسا جاۋابەن، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان (مەتتا 19:16–19). ئەيسا يەنە پەرىسىيلەرنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىگەن. سەۋەبى، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى بېقىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. بۇنداق بولغاندا، ئۇلار خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىراتتى (مەتتا 15:3–6). خۇدانىڭ بۇ ئەمرى ئون پەرماننىڭ بەشىنچىسى ۋە لاۋىيلار كىتابى 19-باب 3-ئايەتتىمۇ تىلغا ئېلىنغان (چىق. 20:12). ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، لاۋىيلار 19:2-ئايەتتە، يەھۋا: «سىلەر چوقۇم مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار يەھۋا مۇقەددەستۇرمەن»،— دەپ يېزىلغان. 3-ئايەتتە: «ئاناڭلار بىلەن ئاتاڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار»،— دېگەن بۇيرۇق بېرىلگەن.
12. لاۋىيلار 19:3-ئايەتتىكى بۇيرۇققا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈمىزدىن قانداق سوئالنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ؟
12 يەھۋانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈمىزدىن شۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «ئاتا-ئانامغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىمەن؟» ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرلىك قىلالمىغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، ھازىر ياخشىراق قىلىشنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ. گەرچە ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمىسىڭىزمۇ، ئاتا-ئانىڭىزغا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى قارار قىلالايسىز. بەلكىم، ئۇلار بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ماددىي ياكى ھېسسىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز. ئەمدى ئۇلارنىڭ داۋاملىق يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسىز. بۇ ئارقىلىق، سىز لاۋىيلار 19:3-ئايەتتىكى ئەمىرىگە بويسۇنالايسىز.
13. (1) لاۋىيلار 19:3-ئايەتتە يەنە قايسى ئەمىر تىلغا ئېلىنغان؟ (2) لۇقا 4:16—18-ئايەتلەردە يېزىلغانلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى كۈندە ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
13 مۇقەددەس بولۇش ھەققىدە، لاۋىيلار 19:3-ئايەتتە باشقا بىر نەرسە، يەنى دەم ئېلىش كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشى تىلغا ئېلىنغان. ئەلۋەتتە، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مۇسا قانۇنىغا بويسۇنۇپ، ھەر ھەپتىدە دەم ئېلىش كۈنىنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، ئىسرائىللارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن قانداق پايدا ئالغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز b. دەم ئېلىش كۈنى كىشىلەر خىزمىتىنى تاشلاپ، ئارام ئېلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلغانىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا ناسىرەدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقاتتى (چىق. 31:12—15؛ لۇقا 4:16—18-نى ئوقۇڭ). يەھۋا لاۋىيلار 19:3-ئايەتتە: «چوقۇم مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇڭلار»،— دېگەنىدى. بۇ بۇيرۇق بىزنى روھىي ئىشلارغا كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشقا دەۋەت قىلىدۇ. سىز مۇشۇ تەرەپتىن ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر روھىي ئىشلارغا دىققىتىڭىزنى قارىتىش ئۈچۈن دائىم ۋاقىت ئاجراتسىڭىز، يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى كۈچەيتەلەيسىز. بۇ مۇقەددەس بولۇشنىڭ مۇھىم قەدىمى.
يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇقىڭلارنى كۈچەيتىڭلار
14. لاۋىيلار 19-بابتا قايسى مۇھىم ھەقىقەت قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن؟
14 لاۋىيلار 19-بابتا، قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن بىر مۇھىم ھەقىقەت بىزنىڭ مۇقەددەس بولۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. 4-ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن». بۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەر، بۇ بابتا 16 قېتىم ئۇچرايدۇ. بۇ بىزگە ئون پەرماننىڭ بىرىنچىسىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ: «مەن خۇدايىڭ يەھۋا. مەندىن باشقا خۇدايىڭ بولمىسۇن» (چىق. 20:2، 3). مۇقەددەس بولۇشنى خالايدىغان ھەر بىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى چوقۇم ھېچقانداق بىر نەرسە ياكى كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشىغا يول بەرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، بىز يەھۋانىڭ ئىسىمى بىلەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ ئاتالغاچ، ئۇنىڭ ئىسىمىغا ھاقارەت ياكى داغ كەلتۈرىدىغان ھەر-قانداق نەرسىدىن يىراق تۇرۇشنى قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك.— لاۋى. 19:12؛ يەشايا 57:15.
15. لاۋىيلار 19-بابتىكى قۇربانلىققا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندىشى كېرەك؟
15 ئىسرائىللار يەھۋانىڭ نۇرغۇن قانۇنلىرىغا بوي سۇنۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. لاۋىيلار 18:4-ئايەت مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر چوقۇم ھۆكۈملىرىمنى ئىجرا قىلىڭلار، سىلەر چوقۇم قانۇنلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە مېڭىڭلار. مەن خۇدايىڭلار يەھۋا». 19-بابتا، يەنە بەزى ئەمر-پەرمانلار بېرىلگەن. مەسىلەن، 5—8، 21، 22-ئايەتلەردە، ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىش ھەققىدە ئەمىر-پەرمانلار كۆرسىتىلگەن. ئىسرائىللار قۇربانلىق قىلغاندا، يەھۋانىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەنىدى. بۇ ئايەتلەر نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ ئۇلار بىزنى يەھۋانى خۇرسەن قىلىشقا ئۈندىشى كېرەك ۋە ئىبرانىيلار 13:15-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغاندەك، يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا مەدھىيە قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك.
16. خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ئادەملەر بىلەن خىزمەت قىلمايدىغانلار ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟
16 مۇقەددەس بولۇش ئۈچۈن بىز باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇشتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، بەزىدە سىنىپداشلىرىمىز، سودا-تىجارەتتىكى شېرىكلىرىمىز، ئوخشاش ئېتىقادتا ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ياكى باشقا كىشىلەر بىزدىن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بىز شۇنداق ئەھۋالدا مۇھىم بىر تاللاشقا دۇچ كېلىمىز. توغرا تاللاش قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ لاۋىيلار 19:19-ئايەتتە، بىزگە ياردەم بېرىدىغان بىر پرىنسىپ بار. بۇ ئايەتتە شۇنداق دەيدۇ: «ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمىگىن». بۇ ئەمىر-پەرمان ئىسرائىللارنى ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق قىلغان. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندە بىز تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ئەمەس. شۇڭا، پاختا رەخت بىلەن سۈنئىي تالالىق رەختنى ئارىلاشتۇرۇپ تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىشكە قارشى تۇرمايمىز. ئەمما، باشقىلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ۋە ئىش-ھەرىكىتى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا خىلاپ بولسا، گەرچە ئۇلار بىزنىڭ سىنىپداشلىرىمىز، تىجارەتتىكى شېرىكلىرىمىز ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بولسىمۇ، ئۇلاردىن پەرقلىق بولۇشنى خالايمىز. ئەلۋەتتە بىز ئائىلىمىزنى ياخشى كۆرىمىز، ئەتراپىمىزدىكى يېقىنلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز، بىراق ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئىشلارغا كەلگەندە، بىز يەھۋانىڭ خەلقى سۈپىتىدە ئۆزۈمىزنى ئۇلاردىن پەرقلىق تۇتۇشنى خالايمىز. ئېسىڭىزدە بولسا، مۇقەددەس بولۇش — كىشىنى خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇش دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. دېمەك، مۇقەددەس بولۇش بەك مۇھىم! بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى خۇداغا ئايرىپ قويۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.—2-كورىنت. 6:14–16؛ 1-پېتر. 4:3، 4.
17، 18. لاۋىيلار 19:23—25-ئايەتلەردىن قانداق مۇھىم نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
17 «مەن خۇدايىڭلار يەھۋا» دېگەن بۇ ئىبارە، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى، ئىسرائىللارنىڭ ئېسىگە سېلىپ تۇرغان. لاۋىيلار 19:23—25-ئايەتلەردە، بۇنىڭ بىر يولى كۆرسىتىلگەن (ئوقۇڭ). ئۇلار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرگەندە، شۇ سۆزلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. ئەگەر ئۇلار مېۋىلىك دەرەخ تىكسە، ئالدىنقى ئۈچ يىلدا بەرگەن مېۋىلەرنى يېيىشكە بولمايتتى. تۆتىنچى يىلى بەرگەن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۋاغا سۇنۇشى كېرەك ئىدى. بەشىنچى يىلى بەرگەن مېۋىلەردىن ئۇلار يېسە بولاتتى. بۇ ئەمىر-پەرمان ئىسرائىللارغا ئۆز مەنپەئىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇلار يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ھايات كەچۈرۈشى، يەنى يەھۋاغا پاك ئىبادەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى زۆرۈر بولغان. يەھۋا ئۇلارنى ئاچ قويمىغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆڭلى توق بولغان. خۇدا ئۇلارنى سېخىيلىق بىلەن قۇربانلىقلارنى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىشكە ئۈندىگەن.
18 لاۋىيلار 19:23—25-ئايەتلەردىكى ئەمىر-پەرمان، بىزگە ئەيسانىڭ تاغدىكى ۋەز نەسىھىتىدىكى مۇشۇ سۆزلەرنى ئەسلىتىدۇ: «نېمە يەيمىز ۋە نېمە ئىچىمىز دەپ ... غەم-ئەندىشە قىلماڭلار». ئەيسا سۆزىدە يەنە: «ئاسماندىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 6:25، 26، 32). قۇشلارغىمۇ غەمخورلۇق قىلغان يەھۋا خۇدا چوقۇم بىزگىمۇ غەمخورلۇق قىلىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىزكى، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بەرسەك، خۇشاللىق بىلەن جامائەتكە ئىئانە بەرسەك، يەھۋا سېخىيلىقىمىزنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇ بىزنى چوقۇم مۇكاپاتلايدۇ (مەتتا 6:2–4). بىز سېخىي-مەرد بولساق، لاۋىيلار 19:23—25-ئايەتلەردىكى ھەقىقەتنى چۈشەنگەنلىكىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىمىز.
19. بۇ ماقالىدە، لاۋىيلار 19-بابتىكى بەزى ئايەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟
19 لاۋىيلار 19-بابتىكى بەزى ئايەتلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، قايسى جەھەتلەردە مۇقەددەس بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقتۇق. بىز بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا پاك بولساق، مۇقەددەس خۇدا يەھۋانى ئۈلگە قىلغان بولىمىز (1-پېتر. 1:15). يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ ياخشى يۈرۈش-تۇرۇشىمىزنى كۆرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، خۇداغا شان-شەرەپ ئېيتىدۇ (1-پېتر. 2:12). بىراق، لاۋىيلار 19-بابتىن، يەنە باشقا قىممەتباھا روھىي غەزنىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. كېيىنكى ماقالىدە، ئەلچى پېترۇس بىزنى دەۋەت قىلغاندەك، مۇقەددەس بولۇش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a بىز يەھۋانى سۆيىمىز ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى خالايمىز. يەھۋا مۇقەددەستۇر ۋە ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن مۇقەددەس بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نامۇكەممەل ئىنسانلار ئۈچۈن مۇقەددەس بولۇش راستىنلا مۇمكىنمۇ؟ ھەئە، مۇمكىن. ئەلچى پېترۇسنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا بەرگەن نەسىھەت سۆزلىرى ۋە يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتە ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن يول-يورۇقلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، بىزنىڭ قانداق قىلىپ بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا مۇقەددەس بولۇشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
b شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى) ۋە ئۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە بىلىش ئۈچۈن، كۈزىتىش مۇنارى، 2019-يىل، دېكابىر سانىدىكى «ئىشلەشنىڭ ۋە دەم ئېلىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى بار» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.