تەرجىمىھال
يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىش ۋە تەلىم بېرىش مېنى كۆپ خۇشاللىققا ئېرىشتۈردى
مەن پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى ئىستون شەھىرىدە چوڭ بولدۇم. مۇھىم بىر ئادەم بولۇشنى خالىغاچ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلىدىم. ماتېماتىكا ۋە تەبئىي پەن دەرسلىرىنى ياخشى كۆرەتتىم. 1956-يىلى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان تەشكىلات ماڭا 25 دوللار بەردى، چۈنكى مەن قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئىدىم. كېيىنچە، مېنىڭ مەقسەتلىرىم ئۆزگەردى. نېمە ئۈچۈن؟
يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئالدىم
1940-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاتا-ئانام يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىغان. ئۆگىنىش توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئاپام «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىنى ئوقۇپ تۇراتتى. 1950-يىلى، نيۇ-يورك شەھىرىدە خەلقئارا چوڭ يىغلىش ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك ئىدى ۋە ئائىلىمىزمۇ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.
چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي، لاۋرېنس جېففرىس بۇرادەر ۆيىمىزگە كەلدى. ئۇ ماڭا ھەقىقەت توغرۇلۇق ئۆگىتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆردى. مەن دەسلەپتە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىتەرەپلىكنى ساقلاش، سىياسەت ۋە ھەربىي خىزمەتكە بولغان كۆزقارىشىنى قوبۇل قىلمىدىم. ئامېرىكىدا ھەممىسى ئۇرۇشقا بېرىشنى رەت قىلسا، دۈشمەنلەر دۆلەتنى بېسىۋالىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. جېففرىس سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلدى. ئۇ مۇنداق سوئال قويدى: «ئەگەر ئامېرىكىدىكى ھەممە ئادەملەر يەھۋاغا خىزمەت قىلسا، دۈشمەنلەر ھۇجۇم قىلغاندا، سىزنىڭچە يەھۋا خۇدا نېمە قىلاتتى؟» ئۇنىڭ بۇ سوئالى ۋە باشقا چۈشەندۈرۈشلىرى كۆزقارىشىمنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمگە ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە بولغان قىزىقىش كۈچەيدى.
«كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىنى سائەت-سائەتلەپ ئوقاتتىم. ئاپام بۇنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئامبارغا ئەكىرىپ قويدى. ۋاقىت ئۆتۈپ، ھەقىقەتنى بىلگەنلىكىمنى چۈشەندىم ۋە جېففرىس بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. دائىم جامائەت يىغىلىشلىرىغا باراتتىم. ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ياخشى كۆردۈم. كېيىن ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇم. «يەھۋانىڭ چوڭ كۈنى يېقىن. ئۇ كۈن يېقىن، ناھايىتى تېز كېلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى چۈشىنىپ، مەقسەتلىرىمنى ئۆزگەرتتىم (زەف. 1:14). شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشنىڭ ئورنىغا، باشقىلارغا مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى ئۆگىتىشنى خالىدىم.
1956-يىلى، 13-ئىيۇن كۈنى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم. ئۈچ كۈندىن كېيىن رايونلۇق چوڭ يىغىلىشتا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.
شۇ ۋاقىتتا، ھاياتىمنى باشقىلارغا يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىسام، شۇنچە كۆپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ باشقىلارغا تەلىم بېرىمەن
چۆمۈلدۈرۈلۈپ ئالتە ئايدىن كېيىن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇم. 1956-يىل، دېكابىر ئېيىنىڭ «پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىمىز» ۋاراقچىسىدا، «ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق يەرلەرگە كۆچۈپ بارالامسىز؟» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ماقالە مەن ئۈچۈن يېزىلغانىدى. مەن ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز يەردە خىزمەت قىلىشنى خالىدىم.—مەتتا 24:14.
جەنۇبىي كارولىنانىڭ ئېجفىلد شەھىرىگە كۆچۈپ باردىم. شۇ جامائەتتە پەقەت تۆت ۋەز ئېيتقۇچى بار ئىدى. مەن كېلىپ، بەش كىشى بولدۇق. بىز جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىنى قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزەتتۇق. ھەر ئايدا 100 سائەت ۋەز قىلاتتىم. ھاياتىم بەك ئالدىراش ئۆتەتتى، چۈنكى ۋەز قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىدا نۇتۇقلارنى ئېيتىشنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغانىدىم. جامائەتتە كۆپ خىزمەت قىلغانسېرى، يەھۋا توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولدۇم.
مەن بىر ئايال بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزدۈم. شۇ ئايالنىڭ مەن تۇرىدىغان جايدىن بىرنەچچە كىلومېتر يىراقلىقتىكى، جونسىتون شەھىرىدە دەپنە مۇراسى ئۆتكۈزىدىغان قوراسى بار ئىدى. ئۇ ماڭا يېرىم كۈن ئىشلەيدىغان ئىش بەردى ۋە كىچىك بىر بىنانى يىغىلىش زالى سۈپىتىدە قوللىنىشقا رۇخسەت بەردى.
مېنىڭ بىلەن ئۆگەنگەن بۇرادەرنىڭ ئوغلى جولى جېففرىس نيۇ-يوركتىكى برۇكلىندىن كۆچۈپ كەلدى. بىز بىرلىكتە پىدائىي ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە بولدۇق. بىز بىر بۇرادەر ئىشلىتىشگە بېرىپ تۇرغان كىچىك كارۋان ئۆيىدە ياشىدۇق.
جەنۇبتا ئىش ھەققى تۆۋەن ئىدى. كۈنىگە 2-3 دوللار تاپاتتۇق. بىر كۈنى دۇكانغا بارغاندا، بار پۇلۇمنىڭ ھەممىسىگە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋالدىم. دۇكاندىن چىققاندا، بىر كىشى مېنىڭدىن «ئىش كېرەكمۇ؟ سائىتىگە 1 دوللار بېرىمەن»،— دېدى. ئۇ ماڭا قۇرۇلۇش ئورنىنى ئۈچ كۈن بېسقتۇرىدىغان ئىش بەردى. ناھايىتى ئېنىقكى، يەھۋا مېنىڭ داۋاملىق ئېجفىلدتا خىزمەت قىلىشىمغا ياردەم بېرىۋاتاتتى. گەرچە پۇلۇم كۆپ بولمىسىمۇ، 1958-يىلى نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا بېرىش پۇرسىتىم بولدى.
چوڭ يىغىلىشنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئالاھىدە بىر ئىش يۈز بەردى. مەن رۇبى ۋودلىڭتون ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ تېننېسسى شتاتىنىڭ گالاتىن شەھىرىدە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. كېيىن، بىز خەت يېزىشىپ، ئارىلىشىشقا باشلىدۇق. كېيىنرەك، گالاتىن شەھىرىدە نۇتۇق ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىندىم. مەن بۇ پۇرسەتنى پايدىلىنىپ، «مەن بىلەن توي قىلامسىز؟»،— دەپ رۇبىغا توي تەكلىپى قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن، رۇبىنىڭ جامائىتىگە كۆچۈپ باردىم. 1959-يىلى بىز توي قىلدۇق.
جامائەتتە باشقىلارغا تەلىم بېرىمەن
23يېشىمدا گاللاتىندا، جامائەتنى تەكشىللىگۈچى خىزمەتكار بولۇپ تەيىنلەندىم (ھازىر ئاقساقاللار كېڭىشىدىكى رىياسەتچى ئاقساقال). چارلىز تومپسون رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلىنىپ، بىرىنچى بولۇپ بىزنىڭ جامائەتنى زىيارەت
قىلىشقا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ كۆپ تەجرىبىسى بولسىمۇ، ئۇ مېنىڭدىن بۇرادەرلەرنىڭ نېمىگە مۇھتاجلىقىنى ۋە باشقا رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى سورىدى. ئۇنىڭدىن بىر ئىشقا قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال ھەممە نەرسىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن سوئاللارنى قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەندىم.1964-يىل، ماي ئېيىدا نيۇ-يورك شتاتىدىكى جەنۇبىي لانسىڭ شەھىرىدە ئېچىلغان بىر ئايلىق پادىشاھلىق ۋەز خىزمەت مەكتىپىدە ئوقۇشقا چاقىرىلدىم. بۇ مەكتەپتە يېتەكچىلىك قىلدىغان بۇرادەرلەر بىلىم ئېلىش ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈش ئارزۇ-ئىستىكىمنى كۈچەيتتى.
رايونغا مەسئۇل ئاقساقال سۈپىتىدە تەلىم بېرىمەن
1965-يىلى يانۋار ئېيىدا، رۇبى ئىككىمىزنى جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىگە چاقىردى. بىز خىزمەت قىلىدىغان رايون كۆپ جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تېننېسسىدىكى نوكسۋىلدىن باشلاپ، ۋىرجىنىيىدىكى رىچموندغىچە سوزۇلغان. ئۇنىڭ ئىچىگە شىمالىي كارولىنا، كېنتاكى ۋە غەربىي ۋىرجىنىيە كىرەتتى. مەن پەقەت قارا تەنلىك قېرىنداشلارنىڭ جامائەتلىرىنى زىيارەت قىلاتتىم. چۈنكى، شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى شتاتلاردا ئاق ۋە قارا تەنلىكلەر دەپ بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەر بىرگە ئولتۇرۇشقا بولمايتتى. بۇرادەر ئىنتايىن كەمبەغەل ئىدى، بىز ئۆزىدە بارىنى ئۇلار بىلەن بۆلۈشۈشنى ئۆگەندۇق. ئۇزۇن يىل رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان بۇرادەر ماڭا مۇھىم نەرسىنى ئۆگەتتى: «ئۆزۈڭنى قېرىنداشلاردىن ئۈستۈن تۇتما. جامائەتكە باشلىققا ئوخشاش بارما. پەقەت ئۇلار سېنى ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشىدەك كۆرگەندىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيسەن».
بىز كىچىك بىر جامائەتنى زىيارەت قىلغاندا، رۇبى بىر ياشلىق قىزى بار ئايال بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىغانىدى. جامائەتتىكىلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولغان چاغلاردا، رۇبى ئۇنىڭغا يېزىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزەتتى. بىز كېيىنكى قېتىم شۇ جامائەتنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەندە، ئاشۇ ئايال ھەممە يىغىلىشقا قاتناشقان ئىدى. ئىككى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى شۇ جامائەتكە كۆچۈپ بارغاندا، شۇ ئايال بىلەن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى. كۆپ ئۆتمەي، ئۇ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. تەخمىنەن 30 يىلدىن كېيىن، 1995-يىلى پەتتېرسون بەيتەلدە، ياش بىر قېرىنداش ئۆزىنى رۇبى تونۇشتۇردى. ئۇ رۇبى ئۆگىنىش قىلغان ھېلىقى ئايالنىڭ قىزى ئىدى. ئۇ يولدىشى بىلەن گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 100-سىنىپىنى پۈتتۈرگەنىدى.
بىز ئىككىنچى قېتىم خىزمەت قىلغان رايون فىلورىدا شىتاتىنىڭ ئوتتورا قىسىملىرى ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، ماشىنىغا ئېھتىياجىمىز بولغاچ، ئەرزان بىر ماشىنا سېتىۋالدۇق. ئەمما، بىر ھەپتە ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ ماتورىدا كاشىلا كۆرۈلدى. رېمونت قىلدۇرۇشقا پۇلىمىز يوق ئىدى. مەن بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ دەپ قارىغان بۇرادەرگە تېلېفون قىلدىم. ئۇ بىر ئىشچىسىدىن بىزگە ياردەم بېرىشنى سوراپ، بىزگە رېمونت ھەققى بەرمەسلىكنى ئېيتتى. ھەتتا بىزگە سوۋغات سۈپىتىدە پۇل بەردى! بۇ مىسال، يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قانداق غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىزگە مەرد-سېخىي بولۇشنى ئەسكەرتىپ تۇردى.
جامائەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا، قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇراتتۇق. شۇڭا، نۇرغۇن ياخشى دوستلارنى تاپقان ئىدۇق. بىر كۈنى جامائەت توغرىسىدىكى مەلۇماتنى خەت ئۇرۇش ماشىنىسىدا يېزىپ بولالماي، ئەتىسىگە قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن قايتىپ كېلىپ قارىسام، شۇ ئۆيدىكى ئۈچ ياشلىق بالا يازغانلىرىمنى بىتچىت قىلغان ئىدى. مەن شۇ ئىشنى ئۇزۇن يىللار ئاشۇ بالىغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنى خىجىل قىلاتتىم.
1971-يىلى، نيۇ-يورك شەھىرىدە دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىش توغرىسىدا خەت تاپشۇرىۋالىدىم. بىز ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدۇق! ئۇ يەرگە كۆچۈپ بارغاندا، 34 ياشتا ئىدىم. مەن قارا تەنلىك بۇرادەرلەر ئارىسىدا بىرىنچى دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال بولغان، قېرىنداشلار مېنى ياخشى كۈتۈۋالغان ئىدى.
دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال سۈپىتىدە، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا رايونلۇق چوڭ يىغىلىشلاردا يەھۋا توغرۇلۇق تەلىم بېرىشتىن ئىنتايىن كۆپ خۇشاللىق تاپتىم. كۆپلىگەن رايون مەسئۇل ئاقساقاللارنىڭ مېنىڭدىن كۆپرەك تەجرىبىلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى مەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە نۇتۇق ئېيتقان. باشقا بۇرادەر سېئودىر جارېس كېيىنرەك يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان. برۇكلىن بەيتەلدە يەنە نۇرغۇن تەجرىبىلىك بۇرادەرلەر خىزمەت قىلغان. مەن رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار ۋە بەيتەلدىكى قېرىنداشلارغا ئىنتايىن مىننەتدار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئۆزۈمنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشىمغا ياردەم بەرگەنىدى. بۇ كۆيۈمچان پادىچىلار خۇدانىڭ سۆزىگە تايىنىپ، تەشكىلاتىمىزنى چىن يۈرەكتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم كۆردۈم. ئۇلار كەمتەر بولغاچ، ماڭا رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇش ئاسان بولغان.
قايتىدىن رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولدۇم
1974-يىلى يېتەكچى كېڭەش يەنە بىر توپ رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللارنى دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال بولۇشقا تەيىنلىدى. بۇ قېتىم مەن جەنۇبىي كارولىنا شتاتىدا قايتا رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇشقا تەيىنلەندىم. شۇ ۋاقىتتا خۇشاللىنارلىق ئىش يۈر بېرىپ، ئاق ۋە قارا تەنلىك قېرىنداشلارنىڭ جامائەتلىرى بىرلەشتۈرۈلدى. قېرىنداشلار شاد-خۇراملىققا چۆمدى.
1976-يىلى، ئاتلانتا بىلەن كولۇمبۇسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جورجىيىگە ئەۋەتىلدىم. مەن بىر دەپنە مۇراسىمدا ئېيتقان نۇتۇق ھازىرغىچە ئېسىمدىن كەتمەيدۇ. بىر قارا تەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇۋېتىلگەن، بەش بالىسى كۆيۈپ، ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ئاتا-ئانىلىرى ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا ياتقان ئىدى. ئۇلارغا تەسەللى بېرىشى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا نۇرغۇن ئاق ۋە قارا تەنلىك قېرىنداشلار كەلدى. قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆزگىچە مېھىر-مۇھەببەتنى كۆردۈم. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزئارا بۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسەتسە، ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
بەيتەلدە بىلىم ئالدىم ۋە تەلىم بەردىم
1977-يىلى برۇكلىندىكى بەيتەلگە بىرنەچچە ئاي بىر ئىشنى تاماملاشقا چاقىرىلدۇق. ئىش تۈگەي دەپ قالغاندا، يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئىككى ئەزاسى مېنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ: «رۇبى ئىككىڭلار بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى خالامسىلەر؟»— دەپ سورىدى. بىز تەكلىپنى قوبۇل قىلدۇق.
مەن 24 يىل بەيتەلنىڭ خىزمەت بۆلۈمىدە ئىشلىدىم. بۇ بۆلۈمدە بۇرادەرلەر قىيىن سوئاللارنى ھەل قىلىشى كېرەك. كۆپ يىللاردىن بۇيان، يېتەكچى كېڭەش مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە يول-يورۇقلارنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بېرىلگەن يول-يورۇقلارغا ئاساسەن، سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىپلا قالماي، يەنە رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار، جامائەتتىكى ئاقساقاللار ۋە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار تەربىيىلىنىدۇ. بۇ تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن تەييارلانغان ماتېرىيال نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشكە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، بۇ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.
1995-يىلدىن 2018-يىلغىچە، مەن مەركىزى باش ئىدارىغا ۋاكالىتەن باشقا دۆلەتلەردىكى بەيتەللەرنى زىيارەت قىلدىم. بەيتەل كومىتېتى، بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغانلار ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلھام بەردىم. ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ۋەقەلەردىن رۇبى ۋە مەن كۆپ ئىلھام ئالدۇق. مەسىلەن، 2000-يىلى رۋانداغا باردۇق. 1994-يىلى ئۇ يەردە ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈر بەرگەن ئىدى. قېرىنداشلار ۋە بەيتەلدە خىزمەت قىلغانلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، بىز قاتتىق تەسىرلەندۇق. كۆپىنچىلىرى يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇلار قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاشۇ قېرىنداشلار ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان.
ھازىر يېشىمىز 80 دىن ئاشتى. يېقىنقى 20 يىلدا، مەن ئامېرىكا بەيتەل كومىتېتىدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇمىغان بولساممۇ، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىدىن ئەڭ ئالىي بىلىمگە ئىگە بولدۇم. بۇ ماڭا باشقىلارغا، ئىنسانلارنى مەڭگۈ پايدىغا ئېرىشتۈرىدىغان مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى ئۆگىتىش پۇرسىتىنى بەردى (2-كورىنت. 3:5؛ 2-تىموت. 2:2). مۇقەددەس كىتابتىكى بىلىم ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىپ، ياراتقۇچىسى بىلەن دوست بولۇشىغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆردۈم (ياقۇپ 4:8). يەھۋا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىم ئېلىش ۋە باشقىلارغا مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بېرىش چوڭ شان-شەرەپ! ئايالىم ئىككىمىز باشقىلارنى بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەشكە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە دەۋەت قىلىمىز.