11-تەتقىق ماقالىسى
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە قانداق تەييارلىنالايسىز؟
«مانا سۇ، مېنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە نېمە توسقۇنلۇق قىلالايدۇ؟» —ئەلچى. 8:36.
48-ناخشا ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن يۈر!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئەگەر سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تېخى تەييار بولمىغان بولسىڭىز، نېمە ئۈچۈن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭىز كېرەك؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
ئەگەر سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالىسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەقسەت قويغان بولىسىز. ھازىر بۇ قەدەمنى بېسىشقا تەييار بولدىڭىزمۇ؟ ئەگەر تەييار بولسىڭىز ۋە ئاقساقاللارنىڭ چۆمۈلدۈرۈلىشىڭىزگە قوشۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا ئىككىلەنمەي سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈڭ. شۇندىلا، يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، قانائەتلىنەرلىك ھايات كەچۈرىسىز.
2 ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلار سىزگە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تېخىمۇ كۆپرەك ئىلگىرىلەش كېرەكلىكىنى ئېيتتىمۇ؟ ياكى بۇنى ئۆزىڭىز ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۈمىدسىزلەنمەڭ. مەيلى ياش ياكى ياشانغان بولۇڭ، بۇ مۇھىم قەدەمنى بېسىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيسىز.
نېمە ماڭا توسقۇنلۇق قىلالايدۇ؟
3. ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار فىلىپتىن نېمىنى سورىغان ۋە نەتىجىدە قانداق سوئال پەيدا بولغان؟ (ئەلچىلەر 8:36، 38)
3 ئەلچىلەر 8:36، 38-نى ئوقۇڭ. ئېفىئوپىيىلىك ئوردا ئەمەلدارى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى فىلىپتىن: «مېنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە نېمە توسقۇنلۇق قىلالايدۇ؟»— دەپ سورىغان. ئېفىئوپىيىلىك بۇ كىشى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلغان، بىراق ئۇ راستىنلا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولغانمۇ؟
4. ئېفىئوپىيىلىك كىشى ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئۆگىنىشنى قەتئىي قارار قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
4 ئاشۇ ئېفىئوپىيىلىك كىشى يېرۇسالىمغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بارغان ئىدى (ئەلچى. 8:27). دېمەك، ئۇ چوقۇم يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى بولغان. ئۇ يەھۇدىي دىننى قوبۇل قىلغان چەت ئەللىك كىشى ئىدى. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ يەھۋا ھەققىدە ئىبرانىيچە مۇقەددەس يازمىلاردىن ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئارزۇ-ئىستىكى كۈچلۈك ئىدى. ئەمەلىيەتتە، فىلىپ يولدا ئاشۇ ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەمەلدارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئۇ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇۋاتقان ئىدى (ئەلچى. 8:28). ئۇ ئوقۇۋاتقان يازمىلاردا چوڭقۇر ھەقىقەتلەر بار ئىدى. ئاشۇ ئەمەلدار پەقەت ئازغىنە ئاساسى بىلىملەرنى بىلىش بىلەنلا قانائەت قىلمىغان. ئۇ داۋاملىق كۆپرەك بىلىم ئېلىشنى خالىغان ئىدى.
5. ئېفىئوپىيىلىك كىشى ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرگە ماس نېمە قىلغان؟
5 بۇ كىشى ئېفىئوپىيىلىك ئايال پادىشاھ كانداسنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىدى (ئەلچى. 8:27). ئۇ خەزىنىلەرنى باشقۇراتتى. شۇڭا، ئۇ چوقۇم نۇرغۇن ۋەزىپىلەر بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان ئادەم بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ، يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلغان. ئۇ پەقەت ھەقىقەتنى ئۆگىنىش بىلەنلا قانائەت تاپمىغان، ئەكسىچە ئۆگەنگەنلىرى بويىچە ئىش قىلغان. شۇڭا، ئۇ يەھۋاغا ئىبادەت بىلىش ئۈچۈن ئېفىئوپىيەدىن يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانىغا بارغان. بۇ سەپەر ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇن ۋاقىت ۋە پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىراق، بۇ كىشى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمىغان.
6، 7. ئېفىئوپىيىلىك كىشىنىڭ يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتى قانداق كۈچەيگەن؟
6 ئېفىئوپىيىلىك كىشى فىلىپتىن، كىم مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مۇھىم يېڭى ھەقىقەتلەرنى ئۆگەنگەن (ئەلچى. 8:34، 35). بۇ ئوردا ئەمەلدارى ئەيسانىڭ ئۆزى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى بىلگەن. بۇ ئۇنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلغان؟ ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا ھۆرمەتكە سازاۋەر يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى بولۇپ قالالايتتى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ يەھۋاغا ۋە ئوغلىغا بولغان مۇھەببىتى كۈچىيىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ھاياتىنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلگەن. بۇ كىشىنىڭ تەييار بولغانلىقىنى كۆرگەن فىلىپ ئۇنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن.
7 ئەگەر ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدارنى ئۈلگە قىلسىڭىز، چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييارلىق قىلالايسىز. سىزمۇ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن، «مېنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە نېمە توسقۇنلۇق قىلالايدۇ؟» دېيەلەيسىز. ئېفىئوپىيىلىك كىشى باسقان قەدەملەرنى قانداق باسالايدىغانلىقىڭىزنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. ئۇ بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇردى، ئۆگەنگەنلىرىگە ماس ھەرىكەت قىلدى، داۋاملىق ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچلەندۈردى.
بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش
8. يۇھاننا 17:3-ئايەت سىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟
8 يۇھاننا 17:3-نى ئوقۇڭ. ئەيسانىڭ بۇ سۆزلىرى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلدىمۇ؟ نۇرغۇنلىرىمىزغا شۇنداق ياردەم قىلغان. ئەمما، ئوخشاش سۆزلەر يەنە بىزنى داۋاملىق بىلىم ئېلىشقا ئۈندەمدۇ؟ ئەلۋەتتە. بىز ھەرگىزمۇ بىردىن-بىر ھەق خۇدا ھەققىدە بىلىم ئېلىشنى توختاتمايمىز (ۋەز 3:11). مەڭگۈ ئۆگىنىمىز، داۋاملىق بىلىم ئالىمىز. قانچە كۆپ ئۆگەنگەنسېرى، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.—زەبۇر 73:28.
9. مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي تەلىملەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
9 چۈشىنىشكە بولىدۇكى، يەھۋا ھەققىدە ئۆگىنىش مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلىنىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىيلار يازغان خېتىدە ئاساسىي تەلىملەرنى باشلانغۇچ تەلىملەر دەپ، ئاشۇ تەلىماتنى كەمسىتمىگەن. ئۇ ئۇنى بوۋاقنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان سۈت بىلەن سېلىشتۇرغان ئىدى (ئىبرانىي. 5:12؛ 6:1). ئۇ بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئاشۇ ئاساسىي تەلىملەر بىلەن چەكلىنىپ قالماي، خۇدا سۆزىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان. سىزمۇ ئېچىرقىغان قەلبىڭىزنى مۇقەددەس كىتابتىكى چوڭقۇر ھەقىقەتلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئادەتلەندىڭىزمۇ؟ داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىشنى، يەنى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدە داۋاملىق بىلىم ئېلىشنى خالامسىز؟
10. نېمە ئۈچۈن بەزىلەر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى قىيىن ھېس قىلىدۇ؟
10 بەلكىم، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. سىزمۇ قىيىن ھېس قىلامسىز؟ مەكتەپتە چوڭقۇرراق تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى ياكى ياخشىراق ئوقۇشنى ئۆگەنگەنمۇ؟ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلاپ، كۆڭۈلنى قانائەت تاپقۇزىدىغانلىقىنى بايقىغانمۇ؟ ياكى كىتابلاردىن ئۆگىنىشكە ئۆزىڭىزنى ئانچە ماھىر ئەمەستەك ھېس قىلغانمىدىڭىز؟ يالغۇز سىزلا ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق ھېس قىلىدۇ. ئەمما، يەھۋا سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇ مۇكەممەل ۋە كائىناتتىكى ئەڭ ياخشى ئۇستاز!
11. يەھۋا ئۆزىنىڭ «ئۇلۇغ ئۇستاز» ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
11 يەھۋا ئۆزىنى «ئۇلۇغ ئۇستاز» دەپ ئاتايدۇ (يەشايا 30:20، 21). ئۇ سەۋرچان، ئاق كۆڭۈل، باشقىلارنى چۈشىنىدىغان مۇئەللىم. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشىلىق تەرىپىنى كۆرۈشكە تىرىشىدۇ (زەبۇر 130:3). ئۇ بىز قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىشمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇ ئاجايىپ بىر سوۋغاتنى، يەنى مېڭىمىزنى ئۆزى لايىھىلىگەن (زەبۇر 139:14). ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدىغان ئاچ تەبىئىتىمىز بار. ياراتقۇچىمىز بىزنىڭ ئۆگىنىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھەقىقەتكە بولغان تەشنالىقنى يېتىلدۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە ئىشتۇر (1-پېتر. 2:2). سىز ئۆزىڭىز يېتەلىگىدەك مەقسەتلەرنى قويۇڭ، ھەمدە مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈپ، شۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلىڭ (يەشۇئا 1:8). يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، ئۇ ھەققىدە كۆپرەك ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشتىن ھۇزۇر ئالالايسىز.
12. نېمە ئۈچۈن شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشىمىزدە ئەيساغا دىققىتىمىزنى قارىتىشىمىز كېرەك؟
12 ھەر دائىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە ۋەز خىزمىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. بولۇپمۇ، بۈگۈنكى كۈندە قىيىن ۋەزىيەتلەردە، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى خالىساق، چوقۇم ئەيسا مەسىھنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. بۇ بەك مۇھىم! (1-پېتر. 2:21) ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتقان ئىدى (لۇقا 14:27، 28). شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ، خۇددى ئۆزىگە خۇداغا سادىق قالالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (يۇھاننا 16:33). ئەيسانىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ ۋە كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا ئۇنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە مەقسەت قويۇڭ.
13. يەھۋاغا نېمە ھەققىدە دۇئا قىلىشىڭىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
13 پەقەت بىلىم بولسىلا، يېتەرلىك ئەمەس. بىلىم ئېلىشتىكى ئاساسىي مەقسەت — يەھۋا ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق ھەقىقەتلەرنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ دېگەنگە ئوخشاش ھەرتۈرلۈك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈش (1-كورىنت. 8:1–3). ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغىنىڭىزدا، يەھۋادىن ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياردەم سوراڭ (لۇقا 17:5). ئۇ دۇئالارغا سېخىيلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. خۇدايىمىز ھەققىدىكى توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان ھەقىقىي ئېتىقاد ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.—ياقۇپ 2:26.
ئۆگەنگەنلىرىڭىزگە ماس ھەرىكەت قىلىڭ
14. ئەلچى پېترۇس ئۆگەنگەنلىرىمىزگە ماس ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى قانداق تەكىتلىگەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
14 ئەلچى پېترۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئالغان بىلىملىرىگە ماس ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردىن نۇھ پەيغەمبەر توغرىسىدىكى ئۈزۈندىلەرنى تىلغا ئالغان. يەھۋا خۇدا نۇھ پەيغەمبەرگە توپان سۈيى ئارقىلىق شۇ زاماندىكى رەزىل كىشىلەرنى ھالاك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن كېلەچەكتە توپان سۈيىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىش يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. بۇنىڭغا دىققەت قىلسىڭىز، پېترۇس توپاندىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى «كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە» دەپ تىلغا ئالغان (1-پېتر. 3:20). نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر غايەت زور كېمە ياساپ، خۇدادىن ئۆگەنگەنلىرىگە ماس ئەمەلىي ھەرىكەت قىلغان (ئىبرانىي. 11:7). شۇڭا، پېترۇس نۇھنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۆمۈلدۈرۈلۈش بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق يازغان: «سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش . . . قۇتقۇزىدۇ» (1-پېتر. 3:21). مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېمە ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا، چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولۇش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىڭىز كېرەك.
15. چىن قەلبىدىن ھەقىقىي توۋا قىلىش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
15 چوقۇم بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمىز — گۇناھلىرىمىزغا سەمىمىي توۋا قىلىش (ئەلچى. 2:37، 38). چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلساق، ھەقىقىي ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىمىز. يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغان ھەرقانداق ناچار قىلمىشلارنى، يەنى ئەخلاقسىز تۇرمۇش كەچۈرۈش، تاماكا چېكىش، يامان سۆزلەرنى ياكى ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلىشنى تاشلىدىڭىزمۇ؟ (1-كورىنت. 6:9، 10؛ 2-كورىنت. 7:1؛ ئەفەس. 4:29) ئەگەر تېخى شۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز، داۋاملىق ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىڭ. سىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان گۇۋاھچى بىلەن پاراڭلىشىڭ ياكى جامائەت ئاقساقاللىرىدىن ياردەم ۋە كۆرسەتمە سوراڭ. ئەگەر تېخى ياش ۋە يەنىلا ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ياشاۋاتقان بولسىڭىز، چۆمۈلدۈرۈلىشىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ناچار ئادەتلەرنى تاشلاش ئۈچۈن ئاتا-ئانىڭىزدىن ياردەم سوراڭ.
16. روھىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ئادەتلىنىش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
16 روھىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر دائىم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم. بۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە يىغىلىشتا جاۋابلارنى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىبرانىي. 10:24، 25). ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، دائىم ۋەز خىزمىتىگە چىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان بۇ مۇھىم خىزمەتكە قانچە كۆپرەك قاتناشسىڭىز، ئۇنىڭدىن شۇنچە كۆپ خۇشاللىق تاپىسىز (2-تىموت. 4:5). ئەگەر تېخى ياش ۋە ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ياشاۋاتقان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «ئاتا-ئانام جامائەت يىغىلىشىغا قاتنىشىشىم ياكى ۋەز خىزمەتكە چىقىشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتەمدۇ ياكى ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇنداق قىلىمەنمۇ؟» روھىي ئىش-پائالىيەتلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ئارقىلىق ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى ئىپادىلەپ، يەھۋا خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭىز ۋە مىننەتدارلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز. خۇداغا بېغىشلانغان شۇنداق ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز يەھۋاغا سۇنغان سوۋغاتلىرىڭىزدۇر (2-پېتر. 3:11؛ ئىبرانىي. 13:15). مەجبۇرىي ئەمەس، ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن سۇنغان ھەدىيەلەرنىڭ ھەممىسى خۇدايىمىزنى خۇرسەن قىلىدۇ (2-كورىنتلىقلار 9:7-نى سېلىشتۇرۇڭ). روھىي ئىش-پائالىيەتلەرگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قاتنىشىشقا تىرىشساق، يەھۋا قولىمىزدىن كەلگىنىنى ئۇنىڭغا تەغدىم قىلغىنىمىزدىن مەمنۇن بولىدۇ.
يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچەيتىڭ
17، 18. چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايىق بولۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلىشىڭىزگە قانداق مۇھىم پەزىلەت ياردەم بېرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (پەندى-نەسىھەت 3:3–6)
17 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقىنىڭىزدا، قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايسىز. بەزىلەر يېڭى ئىمان-ئېتىقادىڭىز سەۋەبلىك سىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. ئۇلار ھەتتا سىزگە قارشى چىقىشى ياكى زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن (2-تىموت. 3:12). ناچار ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، ئاندا-ساندا ئۇنى قايتا تەكرارلاپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. بەلكىم، مەقسىتىڭىزگە يېتىش تېخى مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنۈپ، سەۋر-تاقەت قىلالماي، كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ. چىدامچان بولۇشىڭىزغا نېمە ياردەم قىلىدۇ؟ ئىنتايىن مۇھىم بىر پەزىلەت — يەھۋاغا بولغان مۇھەببەت.
18 يەھۋاغا بولغان مۇھەببەت ئەڭ ئېسىل بىر پەزىلەت. سىزدىمۇ شۇنداق ئېسىل پەزىلەت بار (پەندى-نەسىھەت 3:3–6-نى ئوقۇڭ). خۇداغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا ھەمىشە يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە بولغان سادىق مۇھەببىتى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەرگىز يوقالمايدىغان ۋە ھەرگىز بۇزۇلمايدىغان كۈچلۈك سۆيگۈ رىشتىسى (زەبۇر 100:5). سىز خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان (يارىت. 1:26). بۇنداق مۇھەببەتنى ئۆزىڭىزدە ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
19. يەھۋانىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقىڭىزنى قانداق بىلدۈرەلەيسىز؟ (گالاتىيالىقلار 2:20)
19 مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلەش بىلەن باشلاڭ (1-سالونىكا. 5:18). ھەر كۈنى ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «يەھۋا ماڭا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ؟»— دەپ سوراپ بېقىڭ. كېيىن، ئۇ سىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلارنى دۇئالىرىڭىزدا ئېنىق تىلغا ئېلىپ، رەھمەت ئېيتىڭ. خۇددى ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش، يەھۋا سىزنى سۆيگەچ، شۇ ئىشلارنى سىز ئۈچۈن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىڭ (گالاتىيالىقلار 2:20-نى ئوقۇڭ). ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: «ئۇنىڭغا جاۋابەن، ئۆزۈمنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىشنى خالايمەنمۇ؟». يەھۋاغا بولغان مۇھەببەت ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇشىڭىزغا ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يەنە روھىي ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش ئادىتىڭىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە ھەر كۈنى ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا بولغان سۆيگىڭىزنى نامايان قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
20. ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇ قارار قانچىلىك مۇھىم؟
20 ۋاقتى كەلگەندە، يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىڭىز سىزنى ئالاھىدە بىر دۇئانى قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. يەنى، دۇئادا سىز ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلايسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندىن كېيىن، ئاجايىپ بىر كېلەچىكىڭىز بولىدۇ. سىز ئۇنىڭغا مەڭگۈ تەۋە بولىسىز. ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، مەيلى ياخشى ياكى يامان كۈنلەردە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى ۋەدە قىلىسىز. بۇ ۋەدىنى قايتا يېڭىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. دەرۋەقە، بىز ئۆزىمىزنى بېغىشلىغاندا، بۇ مۇھىم قەدەمنى باسىمىز. بىراق، بۇ ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ: ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن قارارلارنى چىقىرىسىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەك ياخشى. بىراق، ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش ئەڭ ياخشى قارار! (زەبۇر 50:14) شەيتان سىزنىڭ ساداقەتمەنلىكىڭىزدىن ۋاز كېچىشىڭىزنى خالىغاچ، ئاتىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ھەرگىزمۇ شەيتاننىڭ غەلبە قىلىشىغا يول قويماڭ (ئايۇپ 27:5). يەھۋاغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىڭىز، ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا بەرگەن ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىپ ياشىشىڭىزغا ۋە ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
21. نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈش ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى باشلىنىش دەپ ئېيتالايمىز؟
21 ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندىن كېيىن، كېيىنكى مۇھىم قەدەمنى بېسىش توغرىسىدا جامائەتتىكى ئاقساقاللار بىلەن پاراڭلىشىڭ. ھەردائىم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۇ ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى باشلىنىش! ئۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنىڭ تۈگىمەس ھايات مۇساپىسىنى باشلايدۇ. شۇڭا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى كۈچەيتىڭ. مەقسەتلەرنى قويۇڭ، شۇندىلا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىز كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىدۇ. بۇ ئاخىرىدا سىزنى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييارلايدۇ. ئاشۇ كۈن ئاجايىپ گۈزەل بىر كۈن بولىدۇ. ئەمما، بۇ پەقەت بىر باشلىنىش. يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز مەڭگۈ كۈچەيسۇن!
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايىق بولۇش ئۈچۈن، بىزدە چوقۇم توغرا نىيەت-مەقسەت بولۇشى كېرەك. بىز يەنە توغرا ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. ئېفىئوپىيىلىك ئوردا ئەمەلدارىنىڭ مىسالى ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايىق بولۇشى ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى بېسىشى كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b سۈرەتتە: ياش قېرىنداش دۇئادا يەھۋا ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ.