4-تەتقىق ماقالىسى
خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقمىزنى يەھۋا بەرىكەتلەيدۇ
«بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن قىلىڭلار».—لۇقا 22:19.
8-ناخشا خاتىرىلەش كېچىسى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. نېمە ئۈچۈن ھەر يىلى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىمىز؟
تەخمىنەن 2000 يىل بۇرۇن، ئەيسا مەسىھ ئۆز ھاياتىنى بىز ئۈچۈن قۇربان قىلىپ، بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان. ئۇ ئۆلۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىدە ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۆزىنى ئەسلەپ تۇرۇشىنى بۇيرىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار نان ۋە شارابنى قوللىنىپ، ئاددىي بىر خاتىرىلەش مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى.—1-كورىنت. 11:23–26.
2 بىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىمىز، چۈنكى بىز ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز (يۇھاننا 14:15). ھەر يىلى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قانچە ھەپتىدە بىز مەسىھنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ مەنىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىمىز. يەنە خۇشاللىق بىلەن كۆپرەك ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىپ، مۇشۇ ئالاھىدە يىغىلىشقا كۆپرەك ئادەملەرنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە ھېچقانداق توسقۇنلۇققا قارىماستىن، شۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بىز بۇ ماقالىدە مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يەھۋانىڭ خەلقى قايسى ئۈچ جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز: (1) ئەيسا كۆرسەتمە بەرگەن ئۇسۇلدا خاتىرىلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش، (2) باشقىلارنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش، (3) ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش.
ئەيسا كۆرسەتمە بەرگەن ئۇسۇلدا خاتىرىلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش
4. ھەر يىلى خاتىرىلەش يىغىلىشىدىكى نۇتۇقتا قايسى سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ قىممەتلىك بەرىكەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز؟ (لۇقا 22:19، 20)
4 ھەر يىلى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا، بىز مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان بىر نۇتۇقنى ئاڭلايمىز. بۇ نۇتۇق نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. مەسىلەن: ئىنسانىيەت نېمە ئۈچۈن تۆلەمگە مۇھتاج؟ بىر ئىنساننىڭ جېنىنى پىدا قىلىشى قانداقلارچە شۇنچە كۆپ ئادەملەرنى گۇناھتىن كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ؟ نان ۋە شاراب نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ كىملەر بۇ يىغىلىشتا نان ۋە شارابقا ئېغىز تەككۈزىدۇ؟ (لۇقا 22:19، 20-نى ئوقۇڭ) بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۇتۇق بىزنىڭ كەلگۈسى جەننەتتىكى ھايات ۋە بەرىكەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 35:5، 6؛ 65:17، 21–23). بىز بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك بەرىكەت ئىكەنلىكىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، مىلياردلىغان ئىنسانلار شۇلارنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئەيسانىڭ قۇربانلىقىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. يەنە ئەيسا دەسلەپتە كۆرسەتمە بەرگەن ئۇسۇلدا ئۇنى خاتىرىلىمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟
5. ئەيسانىڭ كۆپىنچە ئەلچىلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، كىشىلەر مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى قانداق ئۇسۇلدا خاتىرىلەشكە باشلىغان؟
5 ئەيسانىڭ كۆپىنچە ئەلچىلىرى ئۆلگەندىن كېيىن ساختا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائەتكە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان (مەتتا 13:24–27، 37–39). ئۇلار شاگىرتلارنى ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن «ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغان سۆزلەرنى» قىلىشقان (ئەلچى. 20:29، 30). ساختا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى تارقاتقان خاتا تەلىملەرنىڭ بىرى — ئەيسا ئۆزىنى «پەقەت بىرلا قېتىم قۇربانلىققا» بەرمىگەن. ئۇلارنىڭ بۇ تەلىمى مۇقەددەس كىتابقا تامامەن زىت بولغان (ئىبرانىي. 9:27، 28). ئەيسا بىرلا قېتىم ئۆزىنى تەغدىم قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزىگە ئالغان. ئۇلار دائىم، ھەتتا ھەر كۈنى، چېركاۋغا يىغىلىپ، «مىسا قۇربانلىقى سۇنۇش» b دەپ ئاتىلىدىغان بىر يىغىلىشقا قاتنىشىدۇ. باشقا چېركاۋلار مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى بۇنداق پات-پات خاتىرىلىمىسىمۇ، بىراق كۆپىنچە ئۆزىنى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى دەيدىغانلار مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ زادى نېمە مەنىسى بارلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. بەزىلەر بەلكىم، ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ھەقىقەتەن مېنى گۇناھتىن ئازاد قىلالامدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق گۇمانلىق سوئالنى سورايدۇ؟ بەزىدە، ئۇلار بەلكىم تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى، مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قانداق كۆز قاراشتا بولىدۇ؟
6. 1872-يىلى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار قانداق خۇلاسىگە كەلگەن؟
6 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، چارلز تېيىز راسسېل ۋە باشقىلار مۇقەددەس كىتابنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇلار ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى قانداق خاتىرىلەش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىشنى خالىغان ئىدى. 1872-يىلىغا كەلگەندە، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى ئاساس قىلىپ بىر خۇلاسىگە كەلدى. ئەيسا ھەقىقەتەن پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆلەم بەرگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ بايقىغانلىرىنى يوشۇرۇپ قويمىغان. ئەكسىنچە كىتاب، ژۇرناللار، گېزىتلار ئارقىلىق خەلققە ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار دەرھال بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ھەر يىلى بىر قېتىم مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.
7. شۇ دەسلەپكى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
7 نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئاشۇ بىر توپ ئەگەشكۈچىلەر تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈنمۇ پايدىسى بار. قانداق پايدىسى بار؟ يەھۋانىڭ بەرىكەتلىشى بىلەن كۆزۈمىز ئېچىلىپ، مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىز ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىپ يەتتۇق (1-يۇھاننا 2:1، 2). بىز يەنە مۇقەددەس كىتابتىن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئۈمىدى بارلىقىنى ئۆگەندۇق. بەزىلەرنىڭ ئاسماندا ئۆلمەيدىغان ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدى بار. يەنە مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار. يەھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقى ۋە مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ بىز ئۈچۈن شۇنچە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىش بىزنى يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ (1-پېتر. 3:18؛ 1-يۇھاننا 4:9). شۇڭا، ئىلگىرىكى ساداقەتمەن قېرىنداشلارغا ئوخشاش بىزمۇ ئەيسا مەسىھ كۆرسەتكەن ئۇسۇلدا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا باشقىلارنى تەكلىپ قىلىمىز.
باشقىلارنى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش
8. يەھۋانىڭ خەلقى باشقىلارنى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغان؟ (رەسىمگە قاراڭ)
8 يەھۋانىڭ خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنى مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 1881-يىلىدا، ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلار پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ ئالىگىنى شەھىرىدە بىر قېرىنداشنىڭ ئۆيىدە جەم بولۇشقان. 1940-يىلى، 3-ئايدا ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رايونىدىكى قىزىقىش كۆرسەتكەن كىشىلەرنى تەكلىپ قىلسا بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. 1960-يىلى، بەيتەل تۇنجى قېتىم جامائەتلەرنى بېسىپ چىقىرىلغان تەكلىپنامىلەر بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، خاتىرىلەش يىغىلىشنىڭ مىلياردلىغان تەكلىپنامىلىرى تارقىتىلدى. نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىمىز؟
9، 10. باشقىلارنى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنىڭ كىملەر ئۈچۈن پايدىسى بار؟ (يۇھاننا 3:16)
9 باشقىلارنى بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى، بىز بۇ يىغىلىشقا تۇنجى قېتىم قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانداق بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئۆگىنىشىنى خالايمىز (يۇھاننا 3:16-نى ئوقۇڭ). بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ئادەملەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىنى ۋە ئاخىرىدا يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
10 بىز يەنە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقان كىشىلەرنى شۇ يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز. شۇ ئارقىلىق بىز خۇدانىڭ ھېلىھەم ئۇلارنى ئىنتايىن سۆيىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئەسلىتىمىز. نۇرغۇنلىرى تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىلىشقا كەلگەندە، ئۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولىمىز. بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا قانچىلىك خۇشاللىق تاپقانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. مونىكانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى c. ئۇ 2019-يىلى تاجسىمان ۋىرۇس تارقالغان مەزگىللەردە قايتىدىن ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى باشلىغان. 2021-يىلىدىكى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىمقى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشى مەن ئۈچۈن بەكمۇ ئالاھىدە بولدى. 20 يىلدىن بۇيان مەن تۇنجى قېتىم باشقىلارغا ۋەز ئېيتىپ، ئۇلارنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلدىم. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۇ خىزمەتكە كىرىشتىم. چۈنكى، يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا ئىنتايىن مىننەتدارمەن» (زەبۇر 103:1–4). باشقىلار تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلسۇن-قىلمىسۇن، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن باشقىلارنى تەكلىپ قىلىشقا تىرىشىمىز. چۈنكى، چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى يەھۋانىڭ بەكمۇ قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز.
11. يەھۋا باشقىلارنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى قانداق بەرىكەتلەپ كېلىۋاتىدۇ؟ (ھاگاي 2:7)
11 يەھۋا كىشىلەرنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى مول بەرىكەتلىدى. 2021-يىلى، يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى سەۋەبلىك، ۋەز خىزمىتىمىز چەكلىمىگە ئۇچرىشىغا قارىماي، 21367603 كىشى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشتى. بۇ قاتناشقانلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ ئىككى يېرىم ھەسسىسىگە باراۋەر. ئەلۋەتتە، يەھۋانىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بۇ يىغىلىشقا قاتناشقان ھەر بىر ئادەم، يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئەمەس (لۇقا 15:7؛ 1-تىموت. 2:3، 4). بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەگەر خاتىرىلەش يىغىلىشىغا ئىنسانلارنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋا سەمىمىي كىشىلەرنى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.—ھاگاي 2:7-نى ئوقۇڭ.
تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش
12. نېمە مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرىۋېتەلەيدۇ؟ (رەسىمگە قاراڭ)
12 ئەيسا مەسىھ ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقىنىمىزدا، ھەر خىل قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن بېشارەت قىلغانىدى. مەسىلەن، ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ قارشىلىقى، زىيانكەشلىك، ئۇرۇشلار، كېسەللىكلەر ۋە باشقىلار (مەتتا 10:36؛ ماركۇس 13:9؛ لۇقا 21:10، 11). بەزى چاغلاردا، بۇنداق ۋەزىيەتلەر مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. قېرىنداشلار بۇنداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ ۋە يەھۋا ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىۋاتىدۇ؟
13. ئارتېم تۈرمىدە مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغىنى ئۈچۈن يەھۋا ئۇنى قانداق بەرىكەتلىگەن؟
13 تۈرمە. ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغان قېرىنداشلار قولىدىن كېلىشىچە مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئارتېم ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. 2020-يىلدىكى خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىللەردە، ئۇ 17 كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى بىر تۈرمە كامېرىغا سولانغانىدى. بۇ كامېرىدا بەزىدە تۆت ياكى بەش ئادەم بولغان. ئۇ تۈرمىدە قىيىن ۋەزىيەتتە بولۇشىغا قارىماي، خاتىرىلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگەندە، بەزى كېرەكلىك نەرسىلەرنى تاپالىغان ۋە ئۆزى ئۈچۈن خاتىرىلەش نۇتۇقىنى ئېيتماقچى بولغان. بىراق، ئۇنىڭ بىلەن بىر كامېرىدا بولغان مەھبۇسلار دائىم تاماكا چېكىپ، ئەخلاقسىز سۆزلەرنى قىلاتتى. ئۇ مۇشۇنداق شارائىتتا نېمە قىلغان؟ ئۇ ئۇلاردىن پەقەت بىر سائەت تاماكا چەكمەي، يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلماي تۇرۇشنى ئۆتۈنگەن. ھەيران قالارلىق يېرى، ئۇلار خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەندە، تاماكا چەكمەسلىككە قوشۇلغان. ئارتېم يەنە ئۇلاردىن بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشى ھەققىدە بىلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغان. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، بىراق ئارتېمنىڭ خاتىرىلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرگەن ۋە نۇتۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان.
14. تارقىلىشچان ۋىرۇسقا قارىماي خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خۇدا خىزمەتچىلىرى قانداق تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتى؟
14 2019-يىلىدىكى تاجسىمان يۇقۇملۇق ۋىرۇس مەزگىلى. تارقىلىشچان ۋىرۇس مەزگىلىدە، يەھۋانىڭ خەلقى گەرچە يۈزمۇ-يۈز بىرلىكتە مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ خاتىرىلەش يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈشىگە توسالغۇ بولالمىغان d. ئىنتېرنېت بار يەرلەردە جامائەتلەر ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنداقتا، ئىنتېرنېت يوق جايلاردىكى كىشىلەر قانداق قىلغان؟ بەزى دۆلەتلەردە يەرلىك بەيتەللەر تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو ئارقىلىق خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ نۇتۇقىنى تارقىتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى بەيتەللەر بۇ نۇتۇقنى 500دىن كۆپرەك تىلدا فىلىمغا ئېلىپ، يىراق جايلاردىكى قېرىنداشلارغا ئەۋەتكەن. شۇ ئارقىلىق يىراق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرمۇ مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشالىغان.
15. سۇزاننا ئىسىملىك مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئايالنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
15 ئائىلىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقى. بەزىلەر ئۈچۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىدۇ. مەسىلەن، سۇزاننا مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتاتتى. 2021-يىلى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى، سۇزاننا ئۆزى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتقان قېرىنداشقا ئۆيىدىكىلىرى قارشى چىققاچقا، ئۆزىنىڭ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. قېرىندىشىمىز سۇزانناغا لۇقا 22:44-ئايەتنى ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەن: «بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، مەسىھنى ئۈلگە قىلىشىمىز، يەھۋاغا چىن قەلبىمىزدىن ئىشىنىپ، دۇئا قىلىشىمىز كېرەك». ئەتىسى، سۇزاننا نان ۋە شارابنى تەييارلىغان ھەمدە jw.org تور بېكىتىدىن ئەتىگەنلىك ئىبادەت ئۈچۈن تەييارلانغان ئالاھىدە پروگراممىنى كۆرگەن. شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ يالغۇز ئۆز بۆلمىدە تېلېفون ئارقىلىق خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشقان. كېيىنرەك، سۇزاننا ئۆزى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان قېرىنداشقا مۇنداق دەپ يازغان: «تۈنۈگۈن سىز ماڭا ئىنتايىن چوڭ ئىلھام-مەدەت بەردىڭىز. مەن بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، قولۇمدىن كەلگەن ھەممىسىنى قىلدىم. قالغان ئىشلارنى يەھۋا ئۆزى قىلدى. مەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك خۇشال ۋە مىننەتدار بولغانلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلىيەلەيمەن». سىزنىڭچە، يەھۋا سىزگىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە ياردەم بېرەلەمدۇ؟
16. خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى يەھۋانىڭ بەرىكەتلەيدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنەلەيمىز؟ (رىملىقلار 8:31، 32)
16 ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرگەندە، يەھۋا چوقۇم ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارچە ئىشلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگىنىمىزدە، ئۇ چوقۇم بىزنى بەرىكەتلەيدۇ (رىملىقلار 8:31، 32-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، بىز بۇ يىلى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا قەتئىي بەل باغلاپ، شۇ خاتىرىلەشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قانچە ھەپتىدە، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرايلى.
149-ناخشا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
a 2023-يىلى، 4-ئاپرېل، سەيشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىدۇ. شۇ چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر تۇنجى قېتىم كېلىدۇ، يەنە بەزى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقان قېرىنداشلارمۇ قاتنىشىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن بۇ يىغىلىشقا بىرىنچى قېتىم كېلىشى مۇمكىن. بەزىلەر بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىدۇ. مەيلى ۋەزىيىتىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقارسىڭىز، يەھۋا چوقۇم بۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدۇ.
b مۇشۇ بىر توپ كىشىلەر مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلىگەندە، نان ۋە شاراپ مەسىھنىڭ تېنى ۋە قېنىغا ئۆزگىرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلار مەسىھنىڭ تېنى ۋە قېنى ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم بۇ مۇراسىمغا قاتناشقاندا قۇربانلىق قىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.
c بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
d «2021-يىللىق مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشى» ناملىق ماقالىنى jw.org تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ.
e سۈرەتتە: 1960-يىللاردىن باشلاپ، خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ تەكلىپنامىلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىر بېسىپ چىقىرىلغان ۋە ئېلېكترونلۇق نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
f سۈرەتتە: سەھنىلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈش — قېرىنداشلار جامائەتتە سىياسىي قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن مەزگىللەردە مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.