3-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ
«يەھۋا يۈسۈپ بىلەن بولغاچ، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ئىدى».—يارىت. 39:2.
51-ناخشا يېپىش چىڭ يەھۋاغا
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) نېمە ئۈچۈن سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە ھەيران قالمايمىز؟ (2) بۇ ماقالىدە بىز نېمە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
بىز خۇدانىڭ خەلقى سۈپىتىدە سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە، بۇنىڭدىن ھەيران قالمايمىز. چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ كىرىشىمىز كېرەك» (ئەلچى. 14:22). يەنە شۇنى بىلىمىزكى، بىز خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدا ياشىمىغىچە بەزى قىيىنچىلىقلار پۈتۈنلەي ھەل بولمايدۇ. كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا «ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ، نە ماتەم، نە پەرياد ۋە ئازاب-ئوقۇبەت باشقا بولمايدۇ».—ۋەھىي. 21:4.
2 گەرچە يەھۋا بىزنى سىناقلارغا دۇچ كېلىشتىن قوغداپ قالمىسىمۇ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ رىمدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئېيتقان سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ باقايلى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە باشقا قېرىنداشلار دۇچ كېلىۋاتقان بەزى سىناقلارنى تىلغا ئالغان. كېيىن، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنى سۆيگۈچىنىڭ ياردىمى بىلەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن غەلبە قىلىۋاتىمىز» (رىملىقلار 8:35–37). دېمەك، سىناققا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتلەردە، يەھۋا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. يەھۋانىڭ يۈسۈپكە قانداق ياردەم بەرگەنلىكى ۋە سىزگىمۇ قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
تۇيۇقسىز بىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە
3. يۈسۈپنىڭ ھاياتىدا قانداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان؟
3 ياقۇپ پەيغەمبەر ئوغلى يۈسۈپنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچ، ئۇنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغان ئىدى (يارىت. 37:3، 4). نەتىجىدە، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز ئىنىسىنى مىدىيانلىق سودىگەرلەرگە سېتىۋەتكەن. ئاشۇ سودىگەرلەر يۈسۈپنى نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىسىرغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇ يەردە فىرئەۋننىڭ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ باشلىقى پوتىفارغا يەنە بىر قېتىم قۇللۇققا سېتىۋەتتى. يۈسۈپنىڭ ھاياتى ناھايىتى تېزلا ئۆزگەرگەنىدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئوغلى بولغان، ھازىر مىسىردىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك قۇلغا ئايلىنىپ قالغان!—يارىت. 39:1.
4. قانداق سەۋەبلەر بىلەن يۈسۈپنىڭكىدەك سىناقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن؟
4 مۇقەددەس كىتاب، ھەرقانداق كىشى «كۈتۈلمىگەن پەيت ۋە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرگە دۇچ كېلىدۇ» دەيدۇ. دېمەك، يامان ئىشلار ھەر بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن (ۋەز 9:11). مۇشۇ سەۋەب، بەزىدە «ئادەتتە ئادەملەر دۇچ كېلىدىغان» قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز (1-كورىنت. 10:13). بەلكىم، بىز ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بولغىنىمىز ئۈچۈنلا، ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، ئېتىقادىمىز سەۋەبلىك مەسخىرە قىلىنىشىمىز، قارشىلىقلارغا ياكى بولمىسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن (2-تىموت. 3:12). بىراق، بېشىڭىزغا مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلار كەلسۇن، يەھۋا سىزنىڭ بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇ يۈسۈپكە قانداق ياردەم بەرگەن؟
5. يۈسۈپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغىنىدىن پوتىفار نېمىنى كۆرۈپ يەتكەن؟ (يارىتىلىش 39:2–6)
5 يارىتىلىش 39:2–6-نى ئوقۇڭ. پوتىفار يۈسۈپنىڭ ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئىشچان يىگىت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلگەن. پوتىفار، «يەھۋا يۈسۈپ بىلەن بولغاچ، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق» بولغانلىقىنى بىلگەن b. ئاخىرىدا، شۇ مىسىرلىق كىشى يۈسۈپنى ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسى قىلىپ تاللىغان. ئۇنى ئۆز ئۆيىدىكى بارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويغان. نەتىجىدە، پوتىفارنىڭ ئائىلىسى روناق تېپىپ راۋاجلانغان.
6. يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟
6 شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى يۈسۈپنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ كۆرۈشكە تىرىشىڭ. ئۇ ھەممىدىن بەكرەك نېمىگە ئېھتىياجلىق بولغان؟ پوتىفارنىڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشى ياكى ئۇنى مۇكاپاتلىشىنى خالىغانمۇ؟ يۈسۈپ بەلكىم ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىشنى خالىغان. گەرچە يۈسۈپ پوتىفارنىڭ ئۆيىدە كۆپلىگەن ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قۇل ئىدى ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايتتى. يەھۋا پوتىفارغا تەسىر قىلىپ، يۈسۈپنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرمىگەن. يۈسۈپنىڭ ۋەزىيىتى بولسا تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەن.
يارىنىڭ ئۈستىگە تۇز چېچىش
7. يۈسۈپنىڭ ئەھۋالى قانداق تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەن؟ (يارىتىلىش 39:14، 15)
7 يارىتىلىش 39-بابتىكى ئۈزۈندىلەردە يېزىلغاندەك، پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى ياقتۇرۇپ قالغان ۋە ئۇنى كۆپ قېتىم ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. يۈسۈپ ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئازدۇرۇشلىرىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە، ئۇ ئايال قاتتىق غەزەپلىنىپ، يۈسۈپنى ئۆزىنىڭ نومۇسىغا تەگدى دەپ قارا چاپلىغان (يارىتىلىش 39:14، 15-نى ئوقۇڭ). پوتىفار بۇنى ئاڭلىغاندا، يۈسۈپنى زىندانغا تاشلاتقان ۋە يۈسۈپ ئاشۇ يەردە بىرقانچە يىل قاماقتا بولغان (يارىت. 39:19، 20). ئاشۇ زىندان قانداق ئىدى؟ يۈسۈپ تىلغا ئالغان «زىندان» دېگەن ئىبرانىيچە سۆزنى يەنە «قۇدۇق» ياكى «چوڭقۇر ئازگال» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئەتراپىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۈمىدسىز ھېس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (يارىت. 40:15). مۇقەددەس كىتاب يەنە مەلۇم بىر ۋاقىت يۈسۈپنىڭ قوللىرى كىشەنلىنىپ، بوينىغا ھەم تۆمۈر زەنجىرلەر سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ (زەبۇر 105:17، 18). يۈسۈپنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتكەن، ئۇ ئىشەنچىلىك بىر قۇل بولۇشتىن ئەرزىمەس بىر مەھبۇسقا ئايلانغان.
8. سىناقلار تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندا، بىز نېمىگە ئىشىنەلەيمىز؟
8 يەھۋاغا شۇنچە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭىزغا قارىماي، ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ، قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. يەھۋا بىزنى شەيتان باشقۇرۇۋاتقان بۇ دۇنيادىكى سىناقلاردىن قوغداپ قالمايدۇ (1-يۇھاننا 5:19). شۇنداقتىمۇ، شۇنىڭغا ئىشەنسىڭىز بولىدۇكى، يەھۋا بېشىڭىزدىن ئۆتكەن بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ (مەتتا 10:29–31؛ 1-پېتر. 5:6، 7). بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ مۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن» (ئىبرانىي. 13:5). گەرچە ۋەزىيىتىڭىزدە ھېچبىر ئۈمىد يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، يەھۋا سىزنىڭ بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. يۈسۈپنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
9. يۈسۈپ تۈرمىدىكى مەزگىلدە، يەھۋانىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟ (يارىتىلىش 39:21–23)
9 يارىتىلىش 39:21–23-نى ئوقۇڭ. ھەتتا مۇشۇ قاراڭغۇ زىنداندىكى مەزگىلدە، يەھۋا يۈسۈپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم بەرگەن ئىدى. قانداق؟ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يۈسۈپ پوتىفارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىنىگە ئوخشاش، زىندان باشلىقىنىڭمۇ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، زىندان باشلىقى يۈسۈپنى باشقا مەھبۇسلارنى باشقۇرۇشقا قويغان. ئەمەلىيەتتە، مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «زىندان باشلىقى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرغان ھېچبىر ئىشتىن غەم-ئەندىشە قىلمايتتى». ھازىر يۈسۈپ نېمە قىلىشنى ئويلىسا، شۇنى قىلالايتتى. بۇ ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن ئاجايىپ چوڭ بىر ئۆزگىرىش! بىر ئەمەلدارنىڭ ئايالىنىڭ نومۇسىغا تېگىشكە ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلەنگەن جىنايەتچىنىڭ بۇنداق مۇھىم خىزمەتكە قويۇلۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ؟ يارىتىلىش 39:23-ئايەت بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدۇ: «يەھۋا يۈسۈپ بىلەن ئىدى، ئۇ نېمىلا قىلمىسا، يەھۋا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلاتتى».
10. نېمە ئۈچۈن يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق بولمىدى، دەپ ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن؟
10 ئۆزىڭىزنى يۈسۈپنىڭ ئورنىغا قويۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى كۆرۈشكە يەنە بىر قېتىم تىرىشىپ بېقىڭ. يالغان ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان دەپ قارامسىز؟ شۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان؟ زىندان باشلىقىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشمۇ؟ يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئاقلىنىپ، ئازاد بولۇشىنى خالىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ھەتتا تۈرمىدىن چىققان باشقا بىر جىنايەتچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن فىرئەۋندىن ئىلتىماس قىلىپ، ئۇنى بۇ قاراڭغۇ تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان (يارىت. 40:14). ئەمما، ئاشۇ كىشى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنى فىرئەۋنگە ئېيتمىغان. نەتىجىدە، ئۇ يەنە ئىككى يىلدىن كۆپرەك زىنداندا قالغان (يارىت. 40:23؛ 41:1، 14). شۇنداقتىمۇ، يەھۋا داۋاملىق ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بەرىكەتلىگەن. قانداق؟
11. يەھۋا يۈسۈپكە قانداق ئالاھىدە قابىلىيەتنى بەرگەن؟ ئۇ يەھۋانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا قانداق مۇھىم رول ئوينىغان؟
11 يۈسۈپ زىنداندا بولغاندا، يەھۋا فىرئەۋنگە ئىككى قېتىم چۈش كۆرگۈزگەن. فىرئەۋننىڭ كۆڭلى پەرىشان بولۇپ، ئاشۇ چۈشلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولغان. ئۇ يۈسۈپنىڭ چۈشلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆرۈيەلەيدىغانلىقىنى بىلگەندە، دەرھال يۈسۈپنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، يۈسۈپ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىپلا قالماي، يەنە فىرئەۋنگە ئىنتايىن دانا مەسلىھەتلەرنى كۆرسەتكەن. فىرئەۋن يەھۋانىڭ يۈسۈپ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، يۈسۈپنى مىسىرنىڭ ئاشلىقىنى باشقۇرۇشقا قويغان (يارىت. 41:38، 41–44). كېيىن قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن، بۇ پەقەت مىسىر زېمىنىغىلا ئەمەس، يۈسۈپنىڭ ئائىلىسى ياشاۋاتقان قانان زېمىنىدىكى كىشىلەرگىمۇ تەسىر قىلغان. يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. شۇنداق قىلىپ، مەسىھنىڭ ئەجدادىنىڭ ھاياتى قوغداپ قېلىنغان.
12. يۈسۈپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا يەھۋا قانداق ياردەم بەرگەن؟
12 يۈسۈپنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن بۇ ئاجايىپ ۋەقەلەر ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. پوتىفارنىڭ دەل يۈسۈپكە دىققەت-نەزىرىنى قارىتىشىغا كىم سەۋەبچى بولغان؟ يەنە زىندان باشلىقىنىڭ ئەرزىمەس مەھبۇس يۈسۈپنى ياقتۇرۇپ قېلىشىغا كىم سەۋەبچى بولغان؟ كىم فىرئەۋنگە شۇنداق چۈش كۆرگۈزگەن ۋە يۈسۈپكە چۈشلەرنى ئۆرۈپ بېرىش قابىلىيىتىنى بەرگەن؟ يۈسۈپنىڭ مىسىرنىڭ ئاشلىق باشقۇرغۇچىسى بولۇپ تەيىنلىنىش قارارىنىڭ ئارقىسىدا كىم بار؟ (يارىت. 45:5) ناھايىتى ئېنىقكى، يۈسۈپنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا يەھۋا ياردەم بەرگەن. گەرچە يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا رەھىمسىزلارچە مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەھۋا ئاخىرىدا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قوللانغان.
يەھۋا سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
13. يەھۋا بىز دۇچ كېلىدىغان ھەر بىر ۋەزىيەتكە قول تىقىپ ئارىلىشامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
13 يۈسۈپ توغرىسىدىكى ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ يەھۋا بىز دۇچ كەلگەن ھەر بىر ۋەزىيەتكە ئارىلىشامدۇ؟ ئۇ ھاياتىڭىزدىكى ھەر بىر ئىشقا ئارىلىشىپ، يۈز بەرگەن يامان ئىشلارنى ياخشىلىققا ئايلاندۇرامدۇ؟ ياق، مۇقەددەس كىتاب بۇ كۆز قاراشنى قوللىمايدۇ (ۋەز 8:9؛ 9:11). بىراق، شۇنى بىلىمىزكى، سىناققا دۇچ كەلگەندە، يەھۋا بۇنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ياردەم تىلىسەك، يالۋۇرۇشلىرىمىزغا قۇلاق سالىدۇ (زەبۇر 34:15؛ 55:22؛ يەشايا 59:1). بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇشلۇق بەرداشلىق بېرەلىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرەلەيدۇ. قانداق؟
14. بىز سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، يەھۋا بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 دەل ۋاقتىدا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىش يەھۋانىڭ بىزگە ياردەم بېرىدىغان بىر ئۇسۇلى (2-كورىنت. 1:3، 4). ئىمان-ئېتىقادى سەۋەبلىك، تۈركمەنىستاندا ئىككى يىل تۈرمىدە ياتقان ئەزىز ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ. «مەن سوتقا چىققان كۈنى ئەتىگەندە، ماڭا بىر بۇرادەر يەشايا 30:15-ئايەتنى كۆرسەتتى، ئايەتتە شۇنداق دەيدۇ: «تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاپ ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر». شۇ ئايەت تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاپ، بارچە ئىشلاردا يەھۋاغا تايىنىشىمغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئايەت ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش مەن تۈرمىدە ئولتارغاندا، باشتىن-ئاخىرى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمگە ياردەم بەردى». مۇھتاج بولغاندا، يەھۋا سىزگە دەل ۋاقىت-سائىتىدە تەسەللى ۋە ئىلھام بەرگەنمۇ؟
15، 16. تورىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
15 بىز دائىم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا، يەھۋانىڭ بىزگە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. تورى ئىسىملىك بىر قېرىنداش شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى 6 يىل راك كېسىلىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن. تورى ئىنتايىن ئازابلىنىپ شۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب-ئوقۇبەت يوقمىكىن، بارلىق ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئەكسىنچە، شۇ ئازاب-ئوقۇبەتنى مەن چەكسەم بوپتىكەن دەپ ئويلايدۇ».
16 بىراق، بۇ ئاچچىق سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، تورى كېيىنرەك يەھۋانىڭ ئاشۇ سىناق پەيتىدە ئۆزىگە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلىسەم، مەن ئوغلۇمنىڭ كېسەل بولغان ۋاقىتتا، يەھۋانىڭ ماڭا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرىمەن. مەسىلەن، ماسوننىڭ كېسىلى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ، ئۇ ئۇنى يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، قېرىنداشلار ئىككى سائەت ماشىنا بىلەن سەپەر قىلىپ، يىراقتىن دوختۇرخانىغا يوقلاپ كېلەتتى. دوختۇرخانىدا ھەمىشە قېرىنداشلار بار ئىدى، ئۇلار ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىشقا تەييار تۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار بىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرەتتى. ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردىمۇ، ھېچبىر نەرسىمىز كەم بولمىدى». تورىنىڭ بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن، يەھۋا كېرەكلىك ھەممە نەرسىنى تەمىنلەپ بەرگەن، ئۇ ماسونغىمۇ شۇنداق ياردەم بەرگەن.—« يەھۋا دەل بىز مۇھتاج بولغان نەرسىنى بەردى» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
يەھۋانىڭ بەرىكەتلىرىنى ئۇنۇتماڭ
17، 18. سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، يەھۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ۋە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (زەبۇر 40:5)
17 زەبۇر 40:5-نى ئوقۇڭ. تاغقا چىققۇچىلارنىڭ مەقسىتى — تاغ چوققىسىغا يېتىپ بېرىش. بىراق، ئۇلار بەزىدە يولدا توختاپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىۋاتقاندا، دائىم توختاپ، يەھۋانىڭ سىزگە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ. ھەر كۈنى كەچتە ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «بۈگۈن مەن يەھۋانىڭ بەرىكىتىنى كۆردۈممۇ؟ گەرچە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار يەنىلا داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەھۋا مېنىڭ بەرداشلىق بېرىشىمگە قانداق ياردەم بېرىۋاتىدۇ؟» ھەر كۈنى قىلغان ئىشلىرىڭىزغا قاراپ، يەھۋا قايسى بىر ئىشىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغانلىقىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ.
18 بەلكىم، سىز دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن (فىلىپى. 4:6). بۇ بەك ئورۇنلۇق، سىزنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. بىراق، بىز يەنە ھازىر ئېرىشكەن بەرىكەتلىرىمىز توغرۇلۇق كۆپرەك ئويلىنىشىمىز كېرەك. يەھۋا شۇنداق ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭكى، ئۇ بىزنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە بەرداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، ھەردائىم يەھۋانىڭ سىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ. شۇ چاغدا، سىز قىيىن سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ، يەھۋا خۇددى يۈسۈپكە ياردەم بەرگەندەك، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.—يارىت. 41:51، 52.
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار
a بىز قىيىن بىر سىناقنى باشتىن كەچۈرگەندە، بەلكىم ئىشلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق بولمىدى دەپ قارىشىمىز مۇمكىن. شۇ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقىمىز ھەل قىلىنغاندا، بىز ئىشىمىزدا ئۇتۇق قازانغاندەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. بىراق، يۈسۈپ باشتىن كەچۈرگەن ئىشلار بىزگە مۇھىم بىر نەرسىنى ئۆگىتىدۇ. سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتلەردىمۇ، يەھۋا ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b مۇقەددەس كىتابتا يۈسۈپنىڭ قۇللۇقتا بولغان ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلىگەن بىرقانچە ئايەت بار، ئەمما ئۇلار بىرنەچچە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار بولۇشى مۇمكىن.