52-تەتقىق ماقالىسى
ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىڭلار
«بالىلار يەھۋادىن مىراستۇر».—زەبۇر 127:3.
41-ناخشا يەھۋاغا ياش ۋاقتىڭدا ئىبادەت قىل!
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا ئاتا-ئانىلارغا قانداق ۋەزىپىنى تاپشۇرغان؟
يەھۋا بىرىنچى جۈپ ئەر-ئايالنى بالىلىق بولۇش ئارزۇ-ئىستىكى بىلەن ياراتقان. مۇقەددەس كىتابتا: «بالىلار يەھۋادىن مىراستۇر»،— دەپ يېزىلغان (زەبۇر 127:3). بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇنداق بىر ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. يېقىن دوستىڭىز سىزگە كۆپ پۇلنى ئىشىنىپ تاپشۇردى دەيلى. سىز ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلاتتىڭىز؟ ئەلۋەتتە، دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئىشەنگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولىسىز. لېكىن، بۇ پۇلنى قانداق ساقلاپ قالارمەن، دەپ ئەنسىرەيدىغانسىز. يەھۋا بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز، ئۇ ئاتا-ئانىلارغا پۇلدىنمۇ زور قىممەت-باھا بىر ھەدىيىنى بەرگەن. ئۇ ئاتا-ئانىلارغا ئىشەنچ قىلىپ، ئۇلارغا بالىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى بەختلىك قىلىشىنى تاپشۇرغان.
2. بىز قايسى سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 ئەر-ئايالنىڭ بالىلىق بولۇشى ياكى بولماسلىقى ۋە قاچان بالىلىق بولۇشىنى كىم قارار قىلىشى كېرەك؟ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بەختلىك ھايات كەچۈرۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ئەر-ئاياللارنىڭ دانا قارار چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدىغان بىرنەچچە مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئەر-ئايالنىڭ قارارىنى ھۆرمەتلەڭ
3. (1) بالىلىق بولۇش-بولماسلىقنى كىم قارار قىلىشى لازىم؟ (2) ئەر-ئايالنىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلىسى مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى پرىنسىپنى ئۇنتۇماسلىقى زۆرۈر؟
3 بەزى مەدەنىيەتلەردە، ياشلار ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، تىزراق پەرزەنتلىك بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى باشقا ئادەملەر ئۇلارغا قاچان بالىلىق بولۇسىلەر، دەپ بېسىم قىلىشى مۇمكىن. ئاسىيادا ياشايدىغان بۇرادەر جەسېرو: «جامائەتتىكى بالا-چاقىلىق جۈپلەر پەرزەنتلىرى يوقلارغا بېسىم قىلىدۇ»،— دەيدۇ. جەفىرى ئىسىملىك يەنە بىر ئاسىيالىق بۇرادەر «بەزىلەرنىڭ بالىلىرى يوق ئەر-ئاياللارغا، سىلەرگە قېرىغاندا بىر چىنە چاي قويۇپ بېرىدىغان ئادەم بولمايدۇ دەيدىغانلىقىنى» بايقىغان. ئەمما، ھەر بىر ئەر-ئايال بالىلىق بولۇش-بولماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىشى لازىم. بۇنى قارار قىلىش — ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى (گالاتىيا. 6:5). ئەلۋەتتە، دوستلىرى ۋە ئائىلىسى يېڭىدىن ئۆيلەنگەن قىز-يىگىتنىڭ بەختلىك بولۇشىنى خالايدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەرزەنتلىك بولۇش-بولماسلىقنى ياش ئەر-ئايالنىڭ ئۆزى قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى زۆرۈر.—1-سالونىكا. 4:11.
4، 5. قىز-يىگىت قايسى ئىككى مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك ۋە قاچان؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
4 ئەر-ئايال بالىلىق بولۇشنى قارار قىلسا، ئىككى مۇھىم سوئالنى مۇھاكىمە قىلىشى لازىم. بىرىنچى، قاچان پەرزەنت كۆرۈمىز؟ ئىككىنچى، قانچە پەرزەنتىمىز بولىدۇ؟ بۇ سوئاللارنى قاچان مۇھاكىمە قىلىش كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى سوئال بەك مۇھىم؟
5 قىز-يىگىت بالا-چاقىلىق بولۇش مەسىلىسىنى توي قىلىشتىن ئىلگىرى قارار قىلسا ياخشىراق بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، بۇ مەسىلىدە ئىككىسىنىڭ ئوي-پىكىرىنىڭ بىر يەردىن چىقىشى بەكمۇ مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار بۇنداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك. ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىش زۆرۈر بولغاچ، بەزى جۈپلەر كەم دېگەندە بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن بالىلىق بولۇشنى قارار قىلىدۇ. ئۇلار بۇ ۋاقىتتا نىكاھلىق تۇرمۇشقا كۆنۈش ۋە بىر-بىرىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.—ئەفەس. 5:33.
6. قىيىن ۋاقىتلاردا ياشاۋاتقاچقا، بەزى ئەر-ئاياللار نېمە قىلىشنى قارار قىلغان؟
6 خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا بەل باغلىغان. بۇ ئۈچ جۈپ دەرھاللا بالىلىق بولمىغان (يارىت. 6:18؛ 9:18، 19؛ 10:1؛ 2-پېتر. 2:5). ئەيسا بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانى بىلەن سېلىشتۇرغان. بىزنىڭ «ئىنتايىن تەس ۋاقىتلاردا» ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ھېچ گۇمان يوق (مەتتا 24:37؛ 2-تىموت. 3:1). شۇ سەۋەبتىن، بەزى ئەر-ئاياللار خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ھازىر بالىلىق بولماسلىقنى قارار قىلىشقان.
7. لۇقا 14:28، 29-ئايەتلەر ۋە پەندى-نەسىھەت 21:5-ئايەتتىكى پرىنسىپلار ئەر-ئايالغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
7 بالىلىق بولۇش-بولماسلىقنى ۋە قانچە پەرزەنت كۆرۈشنى قارار قىلغاندا، دانا ئەر-ئايال «خىراجىتىنى ھېسابلاپ» چىقىدۇ (لۇقا 14:28، 29-نى ئوقۇڭ). پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قوشقان تەجرىبىلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالا چوڭ قىلىش ئۈچۈن پەقەت پۇل ئەمەس، يەنە كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ كېرەك. شۇڭا، ئەر-ئايال مۇشۇ سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىشى بەك مۇھىم: ئائىلىمىزنى قامداش ئۈچۈن ھەر ئىككىمىز ئىشلىشىمىز كېرەك بولامدۇ؟ ئەڭ كېرەكلىك نەرسىلەر توغرۇلۇق ھەر ئىككىمىزنىڭ ئوي-پىكىرى بىر يەردىن چىقامدۇ؟ ئىككىلىمىز ئىشلىسەك، بالىلىرىمىزغا كىم قارايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە كىم تەسىر قىلىدۇ؟ بۇ سوئاللار توغرۇلۇق سۆزلەشكەندە، ئەر-ئايال پەندى-نەسىھەت 21:5-ئايەتتىكى (ئوقۇڭ) نەسىھەتكە قۇلاق سالىدۇ.
8. ئەر-ئايال قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ ۋە كۆيۈمچان ئەر كىشى نېمە قىلىدۇ؟
8 بالا ھەم دادىسىنىڭ، ھەم ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقتىنى بۆلۈشىگە مۇھتاج. شۇڭا، بالىلار كەينى-كەينىدىن تۇغۇلسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەربىر بالىسىغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىشى قىيىن بولۇشى مۇمكىن. كىچىك بالىلىرى بار بىرنەچچە ئەر-ئايال نېمە قىلىشنى بىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئاپىسى دائىم ھېرىپ-چارچاپ يۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ تەتقىق قىلىش، دائىم ۋەز ئىشىغا قاتنىشىش ۋە دۇئا قىلىشىغا تەسىر قىلامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغىلىشلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشاش ۋە شۇلاردىن پايدا ئېلىش قىيىن بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، كۆيۈمچان ئەر كىشى ئايالىغا قولىدىن كەلگىنىچە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يىغىلىشلاردىمۇ، ئۆيىدىمۇ بالىلارغا قارايدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئائىلە بېشى ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئائىلىۋى ئىبادەتتىن پايدا ئېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن دائىم ۋەز خىزمەتكە چىقىپ تۇرىدۇ.
بالىلارغا يەھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىتىش
9، 10. بالىلارنىڭ يەھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار نېمە قىلالايدۇ؟
9 ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ يەھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئۇلار بالىلىرىنى بۇ رەزىل دۇنيانىڭ تەسىرىدىن قانداق قوغدىيالايدۇ؟ بۇنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلىنى كۆرەيلى.
10 يەھۋاغا دۇئا قىلىپ ياردەم سوراڭ. شىمشوننىڭ ئاتا-ئانىسى، مانۇھ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى. مانۇھ ئايالىنىڭ ئوغۇل تۇغىدىغانلىقىنى بىلگەندە، يەھۋادىن بالىسىنى تەربىيىلەش توغرۇلۇق يول-يورۇق سورىغان.
11. ھاكىملار 13:8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئاتا-ئانىلار مانۇھنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
11 بوسنىيا ۋە گېرسېگوۋىنادا ياشايدىغان نىخاد ۋە ئالما ئىسىملىك ئەر-ئايال مانۇھتىن ئۈلگە ئالغان. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «مانۇھقا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىشىنى سورىدۇق. يەھۋا خۇدا دۇئالىرىمىزغا ھەرخىل يوللار بىلەن، مەسىلەن مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللار، ئىبادەت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ ئىبادەت يىغىلىشلىرى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن».—ھاكىملار 13:8-نى ئوقۇڭ.
12. يۈسۈپ بىلەن مەريەم بالىلىرىغا قانداق ئۈلگە كۆرسەتكەن؟
12 ئۈلگىڭىز بىلەن ئۆگىتىڭ. ئەلۋەتتە، ئېيتقان گەپ-سۆزلىرىڭلارنىڭ بالىلارغا قىلدىغان تەسىرى كۈچلۈك، ئەمما ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلار ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭقۇرراق تەسىر قىلىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ بىلەن مەريەم بالىلىرىغا، شۇ جۈملىدىن ئەيساغا، ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكەن. يۈسۈپ ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆيىدىكىلىرىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان (تەكرار. قا 4:9، 10). گەرچە، قانۇندا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن «ھەر يىلى» يېرۇسالىمغا ئائىلىسىنى بىرگە ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنمىسىمۇ، يۈسۈپ ئائىلىسى بىلەن بارغانىدى (لۇقا 2:41، 42). بەلكىم، شۇ زاماندا ياشىغان بەزى ئائىلە باشلىقلىرى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن شۇنداق سەپەرگە چىقىشنى بەك جاپالىق، كۆپ پۇل ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلىغاندۇ. ئەمما، يۈسۈپ روھىي نەرسىلەرنى قەدىرلىگەن ۋە بالىلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن. مەريەم ھەم مۇقەددەس يازمىلارنى ئوبدان بىلگەن. ئۇ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن بالىلىرىغا خۇدانىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەتكەنلىكى شەك-شۈبھىسىزدۇر.
13. بىر ئەر-ئايال يۈسۈپ ۋە مەريەمدىن قانداق ئۈلگە ئالغان؟
13 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نىخاد ۋە ئالما، يۈسۈپ بىلەن مەريەمنى ئۈلگە قىلىشنى خالىغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئوغلىغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى ئۆگىتىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟ ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئوغلىمىزغا يەھۋانىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياشاشنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆز ئۈلگىمىز بىلەن كۆرسىتىشكە تىرىشتۇق». نىخاد يەنە: «بالىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى خالىسىڭىز، ئۆزىڭىز شۇنداق ئادەم بولۇڭ»،— دېگەن.
14. نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ كىم بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇھىم؟
14 بالىلىرىڭىزغا ياخشى دوستلارنى تاللاشقا ياردەم بېرىڭ. ئاتا-ئانا ھەر ئىككىسى بالىلارنىڭ دوستلىرى كىم ۋە ئۇلار ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ، دېگەنلەردىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك. دېمەك، ئاتا-ئانا پەرزەتنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە يانفون ئارقىلىق كىم بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇھىم. چۈنكى، دوستلىرى بالىلارنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تەسىر قىلىدۇ.—1-كورىنت. 15:33.
15. ئاتا-ئانىلار جېسسىنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
15 ئاتا-ئانا كومپيۇتېر ياكى يانفونلارنى ياخشى چۈشەنمىسە، نېمە قىلالايدۇ؟ فىلىپىندا ياشايدىغان جېسسى ئىسىملىك بىر ئاتا: «بىز ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىلارنىڭ تىلىنى بىلمەيتتۇق. لېكىن، بۇ بىزنى بالىلىرىمىزنى ئۇلار دۇچ كېلىشى مۇمكىن خەتەرلەر توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتىن توختاتمىدى»،— دەيدۇ. جېسسى ئلېكترونلۇق قۇرۇلمىلارنى ياخشى بىلمىسىمۇ، بالىلىرىغا ئۇلارنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلغان. ئۇ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «مەن بالىلىرىمنى ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىلارنى يېڭى تىل ئۆگىنىش، يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلىش ۋە ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئۈندىدىم». ئاتا-ئانا بولسىڭىز، بالىلىرىڭىز بىلەن ®jw.org تور بېكىتىنىڭ «ئۆسمۈرلەر»، دېگەن سەھىپىسىدىكى ئۇچۇر ئەۋەتىش ۋە سۈرەتلەرنى تورغا چىقىرىش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەرنى ئوقۇپ، مۇھاكىمە قىلدىڭىزمۇ؟ بالىلىرىڭىز بىلەن «كىم خوجايىن: سىز ياكى ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىڭىز؟» ۋە «ئىجتىمائىي تورلار» دېگەن فىلىملەرنى كۆردۈڭىزمۇ b؟ بۇ مەلۇماتلار بالىلىرىڭىزغا ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىلاردىن دانالىق بىلەن پايدىلىنىشنى ئۆگىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.—پەند. نە 13:20.
16. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار نېمە قىلغان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
16 نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا ياخشى ئۈلگە بولىدىغان قېرىنداشلار بىلەن ئارىلىشىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، كوتى دى-ئىۋۇئېردا ياشايدىغان ندېنى ۋە بومېن پات-پات رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ئۆيىدە قۇنۇشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. ندېنى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئوغلىمىزغا بەك ياخشى تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇ پىدائىي ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى باشلىغان. ھازىر بولسا رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ». سىزمۇ بالىلىرىڭىزنىڭ شۇنداق دوستلىرى بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلەمسىز؟
17، 18. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيىلەشنى قاچان باشلىشى كېرەك؟
17 بالىلارنى بوۋاق چېغىدىن تەربىيىلەڭ. ئاتا-ئانا بالىلىرىغا تەلىم-تەربىيىنى قانچە بالدۇرراق باشلىسا، شۇنچە ياخشى (پەند. نە 22:6). چوڭ بولغاندا ئەلچى پاۋلۇس بىلەن سەپەر قىلغان تىموتىينىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. تىموتىينىڭ ئانىسى ئەۋنىكە بىلەن مومىسى لوئىدە ئۇنى «بوۋاق چېغىدىن» تەربىيىلىگەن.—2-تىموت. 1:5؛ 3:15.
18 جان-كلود ۋە پىس دېگەن كوتى دى-ئىۋۇئېرلىق يەنە بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئالتە بالىسىنىڭ ھەممىسى يەھۋاغا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە يەھۋا خۇدانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇلار ئەۋنىكە بىلەن لوئىدەدىن ئۈلگە ئالغان. جان-كلود ۋە پىس مۇنداق دېگەن: «بىز خۇدا سۆزىنى بالىلىرىمىزغا سىڭدۈرۈشنى بوۋاق چېغىدىن، يەنى ئۇلار تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي باشلىدۇق».—تەكرار. قا 6:6، 7.
19. خۇدا سۆزىنى بالىلارغا «سىڭدۈرۈپ ئۆگىتىش» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
19 خۇدا سۆزىنى بالىلارغا «سىڭدۈرۈپ ئۆگىتىش» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ «سىڭدۈرۈپ ئۆگىتىش» دېگىنىمىز، بالىلارغا بىرنەرسىنى قايتا-قايتا ئېيتىش ئارقىلىق ئېسىگە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار كىچىك بالىلىرى بىلەن دائىم ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بەزىدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بىر نەرسىنى قايتا-قايتا ئېيتىشتىن زېرىكىشى مۇمكىن. لېكىن، ئاتا-ئانىلار بۇنى بالىلىرىغا خۇدا سۆزىنى چۈشىنىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا ياردەم بېرىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىشى كېرەك.
20. زەبۇر 127:4-ئايەتتىكى سۆزلەرنى بالا تەربىيىلەشتە قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.
20 بالىلىرىڭىزنى ياخشى بىلىڭ. زەبۇر ، بالىلار ئوقيا ئوقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ( 127-بابتازەبۇر 127:4-نى ئوقۇڭ). ئوقلار ھەر تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن، ھەرخىل شەكىلدە، چوڭ-كىچىكلىكتە ياسالغاندەك، بالىلارمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ھەربىر بالىسىغا قانداق تەلىم-تەربىيە بېرىشنى بىلىشى كېرەك. ئىسرائىلىيىدە ياشايدىغان بىر جۈپ ئىككى بالىسىنى قاتارغا قوشۇپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ بىر جۈپ بالىلىرىغا تەلىم-تەربىيىنى قانداق ئۈنۈملۈك سىڭدۈرەلىگەن؟ ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز مۇقەددەس كىتابنى ھەربىر بالىمىز بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۆگىنەتتۇق». ئەلۋەتتە، ھەربىر ئائىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا ھەر ئائىلىدە باش بولغان ئەر بالىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى قايسى ئۇسۇلدا ئۆگىنىشنى ئۆزى قارار قىلىدۇ.
يەھۋا سىزگە ياردەم بېرىدۇ
21. يەھۋا خۇدا ئاتا-ئانىلارغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
21 بەزىدە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بالىلىرىنى تەربىيلەش ئىنتايىن قىيىن بولسىمۇ، ئۇلار بالىلارنىڭ يەھۋا خۇدانىڭ ھەدىيىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. يەھۋا ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرىشكە ھەرقاچان تەييار. ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ دۇئالىرىنى دائىم تىڭشايدۇ ۋە دۇئالىرىغا مۇقەددەس كىتاب، ماتېرىياللىرىمىز ۋە جامائەتتىكى باشقا تەجرىبىلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسلىھەتلىرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ.
22. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى نەرسىلەر نېمە؟
22 بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بالىنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن 20 يىل ۋاقىت كېرەك. بىراق، ئاتا-ئانا ھەرقاچان ئاتا-ئانا بولۇپ قالىدۇ. ئاتا-ئانا بالىلىرىغا بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى نەرسىلەر — مېھىر-مۇھەببەت، ۋاقىت ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تەلىم. ھەربىر بالا تەلىم-تەربىيىگە ئوخشىمايدىغان ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بىراق، نۇرغۇن بالىلار ئاسىيادا ياشايدىغان جوئاننا مانىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاتا-ئانام بەرگەن تەربىيە توغرۇلۇق ئويلىغاندا، ئۇلارنىڭ مېنى توغرا يولغا سېلىپ، يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن بەك مىننەتدارمەن. ئۇلار مېنى پەقەت بۇ دۇنياغا كەلتۇرۇپلا قالماي، ماڭا مەنىلىك ھايات كەچۈرۈشنى ئۆگەتتى» (پەند. نە 23:24، 25). مىليونلىغان ئېتىقادداشلىرىمىز ھەم شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا.
9-ناخشا ئالقىشلاڭ خۇدايىمىز يەھۋانى!
a ئەر-ئايال بالا-چاقىلىق بولۇشى كېرەكمۇ؟ بالىلىق بولۇشنى قارار قىلسا، قانچە بالىسى بولۇشى كېرەك؟ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى قانداق ئۆگىتەلەيدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بىرنەچچە ئەر-ئاياللارنىڭ مىسالىنى ۋە مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
b شۇنداقلا 2018-يىل، ئىيۇن ئېيىدا نەشىر قىلىنغان «مەسىھىي ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىز — يىغىلىش قوللانمىسى» «ئىجتىمائىي تورلار. ئاۋايلاڭ — تۇزاقلار!» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.