ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
پەندى-نەسىھەت 24:16-ئايەتتە: «ھەققانىي كىشى يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشسىمۇ، يەنە ئورنىدىن قوپار»،— دەپ يېزىلغان. بۇ ئايەت قايتا-قايتا گۇناھ قىلىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم سورىغان كىشىگە قارىتىلغانمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، بۇ ئايەتتە شۇنداق ئوي-پىكىر يوق. بۇ ئايەت قايتا-قايتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان ياكى چۈشكۈنلۈككە چۈشىدىغان ۋە كېيىن ئەسلىگە كېلىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئايەتنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى باشقا ئايەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى. «ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدا يامانلىق قىلىش ئۈچۈن يۇرۇشۇنۇپ ياتما، ئۇنىڭ ئارامگاھىنى ۋەيران قىلما. ھەققانىي كىشى يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشسىمۇ، يەنە ئورنىدىن قوپار؛ بىراق، رەزىل ئادەملەر پالاكەتكە ئۇچراپ يىقىلىپ چۈشەر. دۈشمىنىڭ يىقىلىپ چۈشسە، خۇشال بولۇپ كەتمە، ئۇ پۇتلىشىپ كەتسە، كۆڭلۈڭ سۆيۈنۈپ كەتمىسۇن».—پەند. نە 24:15–17.
بەزىلەر 16-ئايەت گۇناھقا پېتىپ قالغان، لېكىن توۋا قىلىپ، خۇدا بىلەن قايتا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالايدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئەنگلىيىدىكى ئىككى دىنىي رەھبەرلەر ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى دىنىي ئۇستازلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ياخشى ئادەم ئېغىر گۇناھ قىلسىمۇ، لېكىن خۇدانى داۋاملىق ياخشى كۆرىدۇ، ھەر قېتىم ئۇ توۋا قىلغاچقا، خۇدانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ». گۇناھقا قارشى كۈرەش قىلىشنى خالىمايدىغان ئادەم دىنىي ئۇستازلارنىڭ شۇنداق چۈشەندۈرۈشىنى ياقتۇرىدۇ. شۇنداق ئادەملەر، ھەتتا يۈز قېتىم گۇناھ قىلىپ قويسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى دائىم كەچۈرىۋېتىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
لېكىن، 16-ئايەتتە تامامەن باشقىچە ئوي-پىكىر يېزىلغان.
16، 17-ئايەتلەردىكى «يىقىلىش» دېگەن ئىبرانىيچە سۆزنى ھەر خىل ۋەزىيەتلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ. يىقىلىش دېگەن سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسى، مەسىلەن، كالىنىڭ يولدا يىقىلىشى، بىرسىنىڭ ئۆگىزىدىن يىقىلىشى ياكى كىچىككىنە بىر نەرسىنىڭ يەرگە چۈشىشى (تەكرار. قا 22:4، 8؛ ئاموس 9:9). بۇ سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسىمۇ بار: «يەھۋا بىر ئادەمنىڭ ماڭغان يولىدىن خۇرسەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار. ئۇ كىشى يىقىلىپ قالسىمۇ، يېتىپ قالماس، چۈنكى يەھۋا ئۆز قولى بىلەن يۆلەپ تۇرار».—زەبۇر 37:23، 24؛ پەند. نە 11:5؛ 13:17؛ 17:20.
ئەمما، ئېدۋارد خ. پىلامپېر ئىسىملىك پروفېسسورنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭ: «بۇ ئىبرانىيچە سۆز [«يىقىلىش»] ھېچقاچان گۇناھقا پېتىش دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلمەيدۇ». يەنە باشقا بىر ئالىم 16-ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئادەملەر خۇدانىڭ خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلسا، ئاخىرىدا تىرىشچانلىقى بىكار بولۇپ، ئۆزى نومۇستا قالىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ خەلقى جەزمەن قايتا ئورنىدىن تۇرىدۇ، دۈشمەنلىك قىلغۇچىلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ».
شۇڭا، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، پەندى-نەسىھەت 24:16-ئايەتتىكى «يىقىلىش» دېگەن سۆز گۇناھ قىلىشنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىنچە، بۇ ئايەت بېشىغا قايتا-قايتا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى رەزىل دۇنيادا ھەققانىي ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كېتىشى ياكى باشقا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئېھتىمال، ئۇ ھەتتا ھۆكۈمەتلەر تەرەپتىن زىيانكەشلىكىگە دۇچ كېلىدۇ. بىراق، ئۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قورام تاش ئىكەنلىكىگە ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيدۇ. يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى قانچە قېتىم ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ. نېمە ئۈچۈن؟ «يەھۋا يىقىلىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە يار-يۆلەك بولار، بەللىرى پۈكۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورنىدىن تۇرغۇزار» دېگەن سۆزلەرگە ئىشىنىمىز.—زەبۇر 41:1–3؛ 145:14–19.
«ھەققانىي» ئادەم باشقىلار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە خۇشال بولمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇ مۇنۇ سۆزلەرنى بىلگىنى ئۈچۈن تەسەللىي تاپىدۇ: «خۇدادىن قورقىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ قورقىدۇ».—ۋەز 8:11–13؛ ئايۇپ 31:3–6؛ زەبۇر 27:5، 6.