50-تەتقىق ماقالىسى
«ئۆلگەنلەر قانداق تىرىلىدۇ؟»
«ئەي ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟ ئەي ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟»—1-كورىنت. 15:55.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلىش ھەققىدە ئۆگىنىشى كېرەك؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەردە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار. مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ يەردىكى قالدۇقلىرى ئاسماندا ياشاشقا ئۈمىد باغلايدۇ. بۇ مەسىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندىكى ھاياتى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى بەكمۇ قىزىقىدۇ. يەردە ياشاش ئۈمىدى بارلارمۇ بۇنىڭغا قىزىقىدۇ. بۇ ماقالىدىن، ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلىش يەردە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بارلارغا بەرىكەتلەرنى ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا، ئاسماندا ياكى يەردە ياشاش ئۈمىدىمىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئاسماندىكى تىرىلىشكە قىزىقىشىمىز كېرەك.
2 خۇدا بىرىنچى ئەسىردە، ئەيسانىڭ بەزى شاگىرتلىرىنى ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى ھەققىدە يېزىشقا روھلاندۇرغان. ئەلچى يۇھاننا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئەمدى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز، لېكىن كېلەچەكتە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەمما، ئۇ ئۆزى ئاشكارا بولغاندا، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنى ئۆز قىياپىتىدە كۆرىمىز» (1-يۇھاننا 3:2). شۇڭا، مەسىھ قىلىنغانلار ئاسمانغا روھىي تەندە كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارنىڭ تېنى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. لېكىن، ئۇلار مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، يەھۋا خۇدانى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلىش توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ، بىراق ئەلچى پاۋلۇس بۇ ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئايان قىلغان. ئەيسا مەسىھ «بارلىق ھۆكۈمەتلەر، ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلەرنى يوق قىلىپ»، مەسىھ قىلىنغانلار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار «ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈمنى يوق» قىلىدۇ. ئاخىرىدا، ئەيسا بىلەن مەسىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىنى ھەم باشقا بارلىق نەرسىلەرنى يەھۋاغا تىز پۈكتۈرىدۇ (1-كورىنت. 15:24—28). شۇ چاغدا قەلبىمىزنىڭ قانچىلىك ھاياجانغا تولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! b
3. 1-كورىنتلىقلار 15:30—32-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، پاۋلۇسنىڭ تىرىلىشكە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنىڭ نېمە قىلىشىغا ياردەم بەرگەن؟
3 پاۋلۇسنىڭ تىرىلىشكە بولغان ئىشەنچىسى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بەرگەن (1-كورىنتلىقلار 15:30—32). ئۇ كورىنتلىقلارغا ھەر كۈنى ئۆلۈم خەتىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. يەنە ئۇ ئەفەستە ھايۋانلار بىلەن جەڭ قىلىغانلىقىنى ئېيتقان. بەلكىم، ئۇ ئەفەستىكى مەيداندا ئۆزىنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلار بىلەن چېلىشقانلىقىنى ئېيتقان (2-كورىنت. 1:8؛ 4:10؛ 11:23). يە بولمىسا، ئۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش دۈشمەنلىك قىلىدىغان يەھۇدىيلار ياكى باشقا ئادەملەر ھەققىدە ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن (ئەلچى. 19:26—34؛ 1-كورىنت. 16:9). مەيلى قانداق بولسۇن، پاۋلۇس خەۋپ-خەتەرلەرگە دۇچ كېلىشىگە قارىماستىن، كېلەچەككە ئىجابىي كۆز-قاراشتا بولغان.—2-كورىنت. 4:16—18.
4. تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز بىزنى قانداق مۇستەھكەملەيدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
4 بىز بۈگۈن خەتەرلىك ۋاقىتتا ياشاۋاتىمىز. بەزى قېرىنداشلىرىمىز جىنايەتچىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ قالغان. يەنە بەزىلەر بولسا، ئۇرۇشلار بولۇۋاتقان يەردە ياشاپ، بىخەتەرلىكنى ھېس قىلمايدۇ. يەنە باشقىلىرى بولسا، بىزنىڭ پائالىيىتىمىز چەكلەنگەن ياكى مەنئىي قىلىنغان دۆلەتلەردە ھاياتىغا ۋە ئەركىنلىكىگە تەۋەككۈل قىلىپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىپ، بىزگە ئۈلگە قالدۇرىدۇ. ئۇلار ھازىر ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنى كېلەچەكتە تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
5. قانداق ناتوغرا كۆز قاراش تىرىلىشكە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرالايدۇ؟
5 ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلارنى، بەزىلەرنىڭ «ئەگەر ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا «كېلىڭلار، يەپ-ئىچەيلى، بەرىبىر ئەتە ئۆلۈپ كېتىمىز» دەيدىغان ناتوغرا كۆز قارىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان. كىشىلەر يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدىن باشلاپ ئاللىقاچان شۇنداق كۆز قاراشتا بولۇپ كەلگەن. بەلكىم، پاۋلۇس ئىسرائىللارنىڭ كۆز قارىشى ھەققىدە يېزىلغان يەشايا 22:13-ئايەتنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇلار يەھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ ئورنىغا، شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۆز تىككەن. دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ «بۈگۈن ھاياتتىن ھۇزۇر ئالايلى، ئەتە ئۆلىمىز»، دېگەن كۆز قارىشى بۈگۈن كۈندىمۇ كەڭ تارقالغان. مەيلى قانداق بولمىسۇن، مۇقەددەس كىتابتا ئىسرائىللارنىڭ بۇ ناتوغرا كۆز قارىشى يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە يېزىلغان.—2-تارىخ. 36:15—20.
6. تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز دوستلارنى تاللاشقا قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟
6 ئېنىقكى، يەھۋا خۇدانىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلىش بىزنىڭ دوست تاللىشىمىزغا تەسىر قىلىشى لازىم. كورىنتتىكى قېرىنداشلار تىرىلىشنى رەت قىلغانلار بىلەن ئارىلىشىشتىن پەخەس بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ بىز ئۈچۈن ساۋاق: ئەگەر كېلەچەكتە نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىمايدىغانلار ۋە پەقەت كۆڭۈل ئېچىشقا قىزىقىدىغانلار بىلەن قويۇق ئارىلاشساق، ئۇلار بىزگە يامان تەسىر قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش كۆز قارىشىمىز ۋە ياخشى ئادەتلىرىمىزنى بۇزالايدۇ. شۇنداق ئادەملەر بىزنى، ھەتتا خۇدا ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىلەرنى قىلىشقا باشلاپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، پاۋلۇس: «ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار ۋە گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار»،— دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.—1-كورىنت. 15:33، 34.
تىرىلگەن ئادەمنىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟
7. 1-كورىنتلىقلار 15:35—38-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، تىرىلىش ھەققىدە بەزى ئادەملەر قانداق سوئال قويىدۇ؟
7 1-كورىنتلىقلار 15:35—38-نى ئوقۇڭ. «تىرىلىش يوق» دەپ گۇمان قىلغان ئادەملەر ئادەتتە مۇنداق سورىشى مۇمكىن: «ئۆلگەنلەر قانداق تىرىلىدۇ؟» پاۋلۇسنىڭ جاۋابى ھەققىدە پۇختا ئويلىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۈگۈن كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ھاياتقا ۋە ئۆلۈمگە بولغان كۆز قارىشى ھەرتۈرلۈك. لېكىن، مۇقەددەس كىتاب نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟
8. ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلىشنى چۈشىنىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
8 بىرسى ئۆلگەندە ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كېتىدۇ. كائىناتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ياراتقۇچى خۇدا ئىنساننىمۇ تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا لايىق تەننى بېرەلەيدۇ (يارىت. 1:1؛ 2:7). خۇدانىڭ ئادەمنى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋال بولغان تېنى بىلەن تىرىلدۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى پاۋلۇس بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ياكى بۇغداي دېنى ھەققىدە ئويلاپ باقايلى. ئۇرۇقنى يەرگە تېرىغاندا، ئۇ ئۈنۈپ يېڭى ئۆسۈملۈككە ئايلىنىدۇ. ئۆسۈملۈك ئۇششاق ئۇرۇقلاردىن بەك كۆپ پەرقلىنىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس بۇ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۆزى خالىغان تەننى بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
9. 1-كورىنتلىقلار 15:39—41-ئايەتلەردە، تەنلەرنىڭ ھەر خىل بولىدىغانلىقى ھەققىدە نېمە يېزىلغان؟
9 1-كورىنتلىقلار 15:39—41-نى ئوقۇڭ. پاۋلۇس خۇدانىڭ ھەممە تەن ئىگىلىرىنى بىر خىل قىلىپ ياراتمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مەسىلەن، كالىلار، قۇشلار ۋە بېلىقلارنىڭ تېنى ھەر خىل. ئۇ يەنە ئاسماندىكى قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرىمىز ۋە «بىر يۇلتۇز بىلەن يەنە بىر يۇلتۇزنىڭ شان-شەرىپى بىر-بىرىدىن پەرقلىق» دېگەن. بۇ پەرقنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرەلمىسەكمۇ، ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ، كىچىك، قىزىل، ئاق ۋە سېرىق بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان يۇلتۇزلار بار. شۇنداقلا پاۋلۇس: «ئاسمان جىسىملىرى ۋە يەر جىسىملىرى بار»،— دەپ ئېيتقان. ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟ يەردە جىسمانىي تەنلەر، ئەمما ئاسماندا پەرىشتىلەرگە ئوخشاش روھىي تەنلەر بارلىقى ھەققىدە دېمەكچى بولغان.
10. ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلگەنلەرنىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟
10 پاۋلۇسنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭ: «ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلىشىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ. چىرىيدىغان ھالەتتە ئۇرۇق تېرىلىدۇ، چىرىمەيدىغان ھالەتتە تىرىلىدۇ». ئەلۋەتتە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، تېنى چىرىپ، توپىغا ئايلىنىدۇ (يارىت. 3:19). ئۇنداقتا، ئۇ قانداق قىلىپ «چىرىمەيدىغان ھالەتتە تىرىلىدۇ»؟ ئىلياس، ئېلىشا ۋە ئەيسا ئادەملەرنى يەردە تىرىلدۈرگەن. لېكىن، پاۋلۇس بۇ ئايەتتە يەردىكى تىرىلىش توغرۇلۇق ئېيتمىغان. بۇ يەردە پاۋلۇس ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن «روھىي» تەندە تىرىلگەن ئادەم ھەققىدە ئېيتقان.—1-كورىنت. 15:42—44.
11، 12. ئەيسا تىرىلگەندە ئۇنىڭدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولغان ۋە مەسىھ قىلىنغانلار قانداق ئوخشاش نەرسىلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟
11 ئەيسا يەردە بولغاندا، ئۇنىڭ جىسمانىي تېنى بولغان. بىراق، ئۇ تىرىلگەندە، «ھاياتلىق بېرىدىغان روھ» بولۇپ ئاسمانغا قايتقان. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەسىھ قىلىنغانلارمۇ روھىي تەندە ياشاش ئۈچۈن تىرىلىدۇ. پاۋلۇس مۇنداق چۈشەندۈرگەنىدى: «ھازىر تۇپراقتىن يارىتىلغان ئادەمگە قانداق ئوخشاش بولساق، كېلەچەكتە ئاسماندىكى بىرىگە شۇنداق ئوخشاش بولىمىز».—1-كورىنت. 15:45—49.
12 پاۋلۇسنىڭ تىرىلىش توغرىسىدىكى مۇھاكىمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كەلدۇق. ئەڭ مۇھىمى، ئەيسا ئىنسان تېنىدە تىرىلمىگەن. پاۋلۇس بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن: «گۆش ۋە قان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلالمايدۇ» (1-كورىنت. 15:50). ئەلچى ۋە باشقا مەسىھ قىلىنغانلار چىرىيدىغان گۆش ھەم قاندىن ئىبارەت بولغان تەندە ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلمەيدۇ. ئۇلار قاچان تىرىلىدۇ؟ پاۋلۇس بۇ تىرىلىش كېلەچەكتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن دەرھال تىرىلمىگەن. پاۋلۇس كورىنتلىقلارغا 1-خەتنى يازغاندا، بەزى شاگىرتلار مەسىلەن، ئەلچى ياقۇپ «ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا» بولۇپ قالغان (ئەلچى. 12:1، 2). باشقا ئەلچىلەر ۋە باشقا مەسىھ قىلىنغانلارمۇ تېخى «ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا» بولمىغان.—1-كورىنت. 15:6.
ئۆلۈم ئۈستىدىن غەلىبە
13. مەسىھنىڭ ھازىر بولۇش ۋاقتىدا نېمە بولىدۇ؟
13 ئەيسا ۋە پاۋلۇس تارىختىكى ئالاھىدە بىر ۋاقىت، يەنى مەسىھنىڭ ھازىر بولۇشى توغرۇلۇق پەيغەمبەرلىك سۆزى ئېيتقان. بۇ ھازىر بولۇش جەريانىدا ئۇرۇشلار، يەر تەۋرەشلەر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە باشقا يامان ئىش-ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ. بىز بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ 1914-يىلىدىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ بېشارەتنىڭ يەنە مۇھىم بىر قىسىمى كېلەچەكتە ئورۇنلىنىشى كېرەك. ئەيسا پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەر «بارچە مىللەتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا ۋەز قىلىنىدۇ ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىرى كېلىدۇ» دەپ ئېيتقان (مەتتا 24:3، 7—14). پاۋلۇس مەسىھنىڭ ھازىر بولۇش ۋاقتىدا، «ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا» بولغان مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ تىرىلىشىنىڭ ۋاقتىمۇ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتقان.—1-سالونىكا. 4:14—16؛ 1-كورىنت. 15:23.
14. مەسىھنىڭ ھازىر بولۇش ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن مەسىھ قىلىنغانلارغا نېمە بولىدۇ؟
14 بۈگۈن يەردىكى ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرغان مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار دەرھاللا ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلىدۇ. بۇنى پاۋلۇسنىڭ، 1-كورىنتلىقلار 15:51، 52-ئايەتلەردىكى سۆزلىرى تەستىقلايدۇ: «بىز ھەممىمىز ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا بولمايمىز، بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز. بۇ ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دەمدە يۈز بېرىدۇ». بۇ سۆزلەر ھازىرمۇ ئورۇنلانماقتا. ئەيسانىڭ قېرىنداشلىرى تىرىلگەندىن كېيىن، خۇشاللىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ئەيسا بىلەن دائىم بىللە بولىدۇ.—1-سالونىكا. 4:17.
15. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگەرتىلگەنلەر نېمە ئىش قىلىدۇ؟
15 «كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە» ئۆزگەرتىلگەنلەر ئاسماندا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «كىم غەلىبە قىلسا ۋە ئاخىرغىچە مېنىڭ ئەمەللىرىنى تۇتسا، ئۇنىڭغا خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بېرىمەن. مەن ئۇنىڭغا ئاتامدىن ئالغانغا ئوخشاش ھوقۇقنى بېرىمەن. ئۇ تۆمۈر كالتەك بىلەن كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئۇلارنى خۇددى ساپال قاچىلاردەك پارچە-پارچە سۇندۇرۇپ تاشلايدۇ» (ۋەھىي. 2:26، 27). ئۇلار قوشۇننىڭ سەردارى ئەيساغا ئەگىشىپ، تۆمۈر كالتەك بىلەن خەلقلەرنى باشقۇرىدۇ.—ۋەھىي. 19:11—15.
16. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلۈمنى ئۈستىدىن قانداق غەلىبە قازىنىدۇ؟
16 ئېنىقكى، مايلانغانلار ئۆلۈمنى يېڭىدۇ (1-كورىنت. 15:54—57). ئۇلارنىڭ تىرىلىشى ئۇلارغا ئارماگېدون ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، يەردىكى ھەممە رەزىللىكنى يوق قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. مىليونلىغان ئەر ۋە ئاياللار بولسا، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن ئامان قېلىپ يېڭى دۇنيادا ياشايدۇ (ۋەھىي. 7:14). يەردە ئامان قالغانلار ئۆلۈمنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر غەلىبە قىلىنغانلىقىنى، يەنى مىلياردلىغان ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى يۈز بەرگەندە، قانچىلىك شاد-خۇراملىققا چۆمىدىغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! (ئەلچى. 24:15). يەھۋاغا ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ قالغانلار ئادەم-ئاتىدىن مىراس ئالغان ئۆلۈم ئۈستىدىن ھەم غەلىبە قازىنىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ياشىيالايدۇ.
17. 1-كورىنتلىقلار 15:58-ئايەت، بىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
17 بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى پاۋلۇسنىڭ كورىنتلىقلارغا يازغان تىرىلىش ھەققىدىكى ئىلھام بېرىدىغان سۆزلىرىگە مىننەتدار بولۇشى كېرەك. پاۋلۇس قولىمىزدىن كېلىشىچە «رەبنىڭ ئىشى بىلەن» مەشغۇل بولۇش توغرۇلۇق نەسىھەت بەرگەن. بۇ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىشىمىزغا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار (1-كورىنتلىقلار 15:58-نى ئوقۇڭ). ئەگەر بىز بۇ ئىشنى سادىق ۋە قىزغىن قىلساق، كېلەچەكتىكى شاد-خۇرام تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە ئۈمىد باغلىيالايمىز. كېلەچەكتىكى ھاياتىمىزنىڭ قانچىلىك مەنىلىك بولىدىغانلىقىنى ھازىر تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بۇ ھايات خۇدا ئۈچۈن قىلغان ئەمگىكىمىز بىكار بولمىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.
55-ناخشا سادىقلار كۆرەر مەڭگۈلۈك ھاياتنى
a 1-كورىنتلىقلار 15-بابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا تىرىلىش، بولۇپمۇ مايلانغانلارنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە تەپسىلاتلار بار. ئەمما، ئەلچى پاۋلۇسنىڭ يازغانلىرى باشقا قويلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم. بۇ ماقالە تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز ھازىرقى ھاياتىمىزغا قانداق تەسىر قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە كېلەچەكتە خۇشال-خۇرام ھاياتقا ئىگە بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
b بۇ سان ژۇرنالنىڭ «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن ماقالىدە، ئەلچى پاۋلۇسنىڭ 1-كورىنتلىقلار 15:29-ئايەتتىكى سۆزلىرى چۈشەندۈرۈلىدۇ.