52-تەتقىق ماقالىسى
ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرەش
«يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلار».—زەبۇر 55:22.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
بۇ ماقالىدە a
1. ئۈمىدسىزلىك بىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
ھەر كۈنى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز ۋە ئۇلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز. راستىنى ئېيتقاندا، ئۈمىدۋار بولساق، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز ئاسانراق بولىدۇ. شۇڭا، ئۈمىدسىزلىككە ئىشەنچىمىزنى، جاسارىتىمىزنى ۋە خۇشاللىقىمىزنى ئوغرىلاۋاتقان ئوغرىدەك قارىشىمىز كېرەك. پەندى-نەسىھەت كىتابىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، جاسارەتسىز بولساڭ، ئاجىزلىشار كۈچۈڭ» (پەند. نە 24:10). ئېنىقكى، ئۈمىدسىزلىك ھاياتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىشتا كېرەكلىك بولغان كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى خورتىۋېتىدۇ.
2. نېمە سەۋەبتىن بىز ئۈمىدسىزلىككە چۈشىمىز ۋە بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 بىز كۆرۈنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىچكى ۋە بەزىلىرى تاشقى سەۋەبلەر. بۇ نامۇكەممەللىك، كەمچىلىك ۋە ناچار سالامەتلىكنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. يەنە بۇنىڭ ئىچىگە، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا خالىغان ۋەزىپىگە ئېرىشەلمەسلىك ياكى قارىماققا كۆپۈنچە ئادەملەر بىپەرۋا يۈرۈيدىغان رايوندا ۋەز قىلىش كىرىدۇ. بۇ ماقالىدە، ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىشتا بىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان نەرسىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
كەمچىلىكلەر ۋە ئاجىزلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلغاندا
3. كەمچىلىكلىرىمىزگە تەڭپۇڭ كۆز قاراشتا بولۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
3 كەمچىلىكلىرىمىز ۋە ئاجىزلىقلىرىمىزغا تەڭپۇڭ كۆز قاراشتا بولۇش ئاسان ئەمەس. خاتالىقلىرىمىز تۈپەيلى، يەھۋا بىزنىڭ يېڭى دۇنيادا بولۇشىمىزنى خالىمايدۇ دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق كۆز قاراشتا بولغانلار ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. كەمچىلىكلىرىمىزگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب ئەيسا مەسىھتىن باشقا ھەممە ئادەملەرنى گۇناھكار، دەيدۇ (رىملىقلار 3:23). مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپى مۇكەممەل بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ ۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى ئىزدىمەيدۇ. ئەكسىنچە، ئۇ بىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كۆيۈمچان ۋە سەۋرچان ئاتىمىزدۇر. ئۇ ئاجىزلىقلىرىمىز ۋە ئۆز-ئۆزۈمىزگە بولغان ناتوغرا كۆز قارىشىمىزغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەندە، بىزگە ياردەم بېرىشكە تەييار.—رىملىقلار 7:18، 19.
4، 5. ئىككى قېرىنداشنىڭ ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىغا. 1-يۇھاننا 3:19، 20-ئايەتلەر قانداق ياردەم بەرگەن؟
4 دېبورا بىلەن مارىيانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى b. ئائىلىسىدىكىلەر دېبوراغا كىچىك چېغىدا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغاچقا، ئۇ ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلغان. ئۇلار ئۇنى بەكمۇ ئاز ماختىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزىگە قارىتا ناچار كۆز قاراشتا بولۇشنى باشلىغان. ھەتتا، ئۇ كىچىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەندە، قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان. مارىيا ئىسىملىك قېرىنداشمۇ ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھاقارەتلىگەن. نەتىجىدە، ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالدىم، دېگەن ئوي-پىكىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. ھەتتا ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشقا لايىق ئەمەس دەپ ئويلىغان.
5 بۇ ئىككى قېرىنداش يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى توختاتمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ بىرىنچىدىن، ئۇلار قىزغىن دۇئالار ئارقىلىق ئۆز يۈكىنى يەھۋاغا تاشلىغان (زەبۇر 55:22). ئۇلار شۇنى چۈشەنگەنكى، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ۋە سەلبىي ئوي-پىكىرلىرىمىزنىڭ بىزگە قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما، ئۇ يۈرىكىمىزدە بىز كۆرەلمەيدىغان ياخشى سۈپەتلىرىمىزنى كۆرىدۇ.—1-يۇھاننا 3:19، 20-نى ئوقۇڭ.
6. قايتىدىن گۇناھ قىلىپ قويغان ئادەم نېمە قىلىشى مۇمكىن؟
6 بەزىلەر سىڭىپ كەتكەن ئادەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقاندا قايتىدىن گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىز گۇناھ قىلغاندا، ئۆزۈمىزنى ئەيىبلەش تەبىئىي ئىش (2-كورىنت. 7:10). بىراق، ئۆزۈمىزنى بىكاردىن-بىكار: «مەن ھېچ نېمىگە يارىماس. يەھۋا مېنى ھېچقاچان كەچۈرمەيدۇ»،— دەپ ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەك. بۇنداق سەلبىي ئوي-پىكىرلەر ھەقىقەتكە ئاساسلانمىغان ۋە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىمىزغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. پەندى-نەسىھەت 24:10-ئايەتتىن ئوقۇغانلىرىمىزنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ئاجىز بولۇشنىڭ سەۋەبى — ئۈمىدسىزلىنىش. شۇڭا، ئىشىڭىزنى يەھۋا بىلەن بىللە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، كەچۈرۈم قىلىشىنى سوراڭ (يەشايا 1:18). ئۇ سەمىمىي توۋا قىلغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ، سىزنى كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىڭ. ئۇلار سەۋرچانلىق بىلەن سىزنىڭ روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.—ياقۇپ 5:14، 15.
7. ئەگەر ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بولساق، نېمە ئۈچۈن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز كېرەك؟
7 فرانسىيىدە ياشايدىغان جېين-لۇك ئىسىملىك ئاقساقال ئاجىزلىقلىرى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ھەققانىي ئادەم — ئۇ ھېچقاچان خاتالاشمايدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن دائىم توۋا قىلىپ، ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ئادەم» (رىملىقلار 7:21—25). ئەگەر ئاجىزلىقىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ. ھەممىمىز خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز، شۇڭا بىز خۇدانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىگە مۇھتاج.—ئەفەس. 1:7؛ 1-يۇھاننا 4:10.
8. كۆڭلۈمىز چۈشكەندە، كىمدىن ياردەم سورىساق بولىدۇ؟
8 جامائەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزگە ئىلھام بېرەلەيدۇ. سىز دەردىڭىزنى ئېيتىشنى خالىسىڭىز، ئۇلار سىزنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىشى ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىشى مۇمكىن (پەند. نە 12:25؛ 1-سالونىكا. 5:14). ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان جوي ئىسىملىك نىگېرىيىدە ياشايدىغان قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادداشلىرىم بولمىغان بولسا، قەيەردە بولاتتىمكىن، بىلمەيمەن؟ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىلھام-مەدەتلىرى يەھۋانىڭ دۇئالىرىمغا جاۋاب بەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. ھەتتا مەن ئۇلاردىن كۆڭلى چۈشكەنلەرگە ئىلھام بېرىشنى ئۆگەندىم». شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، قېرىنداشلار بىزنىڭ ئىلھامغا قاچان مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، ئۆزۈمىز روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن قېرىنداشقا بېرىپ، دەردىمىزنى تۆكۈپ، نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتايلى.
كېسەلگە قارشى كۈرەش قىلغاندا
9. زەبۇر 41:3 ۋە 94:19-ئايەتلەر، بىزگە قانداق كۈچ-غەيرەت بېرىدۇ؟
9 يەھۋادىن ياردەم سوراڭ. ئۆزۈمىزنى يامان ھېس قىلغاندا، بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولساق، ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاش ئاسان ئەمەس. گەرچە ھازىر يەھۋا مۆجىزە ئارقىلىق بىزنى ساقايتمىسىمۇ، بىزگە تەسەللى بېرىپ، ھەممىسىنى باشتىن كەچۈرۈشىمىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ (زەبۇر 41:3؛ 94:19-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، بىز ئۆي ئىشلىرىمىزغا ياكى دۇكاندىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىشقا ياردەمگە مۇھتاج بولساق، يەھۋا ئېتىقادداشلىرىمىزنى دەۋەت قىلالايدۇ. ئۇ يەنە قېرىنداشلىرىمىزنى بىز بىلەن بىللە دۇئا قىلىشقا ئۈندىشى مۇمكىن. ياكى ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن ئۆزۈمىز تېپىۋالغان تەسەللى بېرىدىغان ئوي-پىكىرلەرنى، مەسىلەن كېلەچەكتە يېڭى دۇنيادا ئاغرىق، ئازاب-ئوقۇبەت بولمايدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇكەممەل ھايات كەچۈرۈش ئۈمىدىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.—رىملىقلار 15:4.
10. ئېساگ پاجىئەلىك ۋەقەگە يولۇققاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالمىغان؟
10 نىگېرىيىدە ياشايدىغان ئېساگ پاجىئەلىك بىر ۋەقەگە يولۇقۇپ، پالەچ بولۇپ قالغان. دوختۇرى ئېساگقا ئەمدى ئۇنىڭ قايتا ماڭالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، روھۇم چۈشۈپ كەتتى». ئۇ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغانمۇ؟ ياق. ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ: «مەن ئايالىم بىلەن يەھۋاغا دۇئا قىلىشنى ۋە مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى ھېچقاچان توختاتمىدۇق. بىز يەنە خۇدا بەرگەن بەرىكەتلەرنى، يەنى يېڭى دۇنيادا ياشاش ئۈمىدىمىزنى ئۇنتۇماسلىققا بەل باغلىدۇق»،— دېگەن.
11. سىندى ئاغرىۋاتقاندا خۇشاللىقىنى قانداق ساقلاپ قالالىغان؟
11 مېكسىكىدا ياشايدىغان سىندىغا، دوختۇرلار ئۇنىڭ كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ ئۇ داۋالىنىۋاتقاندا، ھەر كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا مەقسەت قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنداق قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئوپېراتسىيەسىگە ۋە قاتتىق ئاغرىۋاتقىنىمغا ئەمەس، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدۇم. ئالدىمغا شۇنداق مەقسەت قويدۇم: دوختۇر ۋە سېستىرالار بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق سورايتتىم. ئاندىن ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك قىيىن ئىشنى تاللىغانلىقىنى سورايتتىم. شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلالايدىغان ماۋزۇلارنى تاللاش ئاسان بولاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «قانداق ئەھۋالىڭىز؟»،— دەپ ھال-ئەھۋال سورايدىغان بىمارلارنىڭ بەكمۇ ئازلىقىنى ئېيتاتتى. نۇرغۇنلىرى ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىم ئۈچۈن ماڭا رەھمىتىنى ئېيتاتتى. ھەتتا، بەزىلىرى تېلېفون نۇمۇرى ۋە ئادرېسىنى بېرەتتى. يەھۋانىڭ ماڭا مۇشۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈشۈمگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ماڭا قانچىلىك خۇشاللىق بەرگەنلىكىگە ئۆزۈممۇ بەك ھەيران قالدىم».—پەند. نە 15:15.
12، 13. بەزى ئاغرىپ قالغانلار ۋە تېنى ئاجىزلار قانداق گۇۋاھلىق بېرىدۇ ۋە نەتىجىسى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
12 كېسەل ۋە ئاجىز ئادەملەر ۋەز قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى خالىغاندەك كۈچ چىقىرىشتا چەكلىمىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچ، ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلى يېرىم بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى گۇۋاھلىق بېرىش ئۇسۇللىرىنى تاپىدۇ. ئامېرىكىدىكى لورېل ئىسىملىك قېرىندىشىمىز 37 يىل جەريانىدا سۈنئىي تۆمۈر-ئۆپكە بىلەن ياشىغان، يەنى نەپەس ئېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان تىببىي ئاپپارات ئىچىدە ياتقان ئىدى. ئۇ راك كېسىلى، چوڭ ئوپېراتسىيىلەر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. لېكىن، بۇ ئېغىر ئەھۋال ئۇنىڭ ۋەز قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىغان. ئۇ سېستىرالار ۋە باشقا تىببىي خادىملارغا گۇۋاھلىق بېرەتتى. نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئۇ كەم دېگەندە 17 كىشىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋا ھەققىدە توغرا بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن c.
13 فرانسىيىدە ياشايدىغان رىچارد ئىسىملىك ئاقساقال، ئۆز ئۆيلىرىدە ياكى بىمارلارغا قارايدىغان ساغلاملىق مەركەزلىرىدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلارغا مۇنداق مەسلىھەت بەرگەن: «مەن بەزى كىتاب-ژۇرناللارنى تىزىپ قويۇشنى مەسلىھەت بېرىمەن. بۇنداق تىزىپ قويۇلغان ماتېرىياللار ئادەملەرنىڭ قىزىقىشىنى ئويغىتىدۇ ۋە سۆھبەتلەرنى باشلاشقا پۇرسەت يارىتىدۇ. مۇنداق سۆھبەتلەر ئەمدى ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلالمايدىغان قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرالايدۇ». يەنە ئۆيىدىن چىقالمايدىغان قېرىنداشلار خەت يېزىش ۋە تېلېفون ئارقىلىقمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ.
جامائەتتىكى شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە
14. داۋۇت پادىشاھ قانداق ئاجايىپ ئۈلگە كۆرسەتكەن؟
14 يېشىمىز، تەن سالامەتلىكىمىز ياكى باشقا ئىمكانىيەتلىرىمىزنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بىز جامائەتتىكى بەزى شان-شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىز شۇنداق ۋەزىيەتتە بولۇپ قالساق، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۈلگىسىدىن ساۋاق ئالالايمىز. داۋۇت پادىشاھ ئىبادەتخانا سېلىشنى ئارزۇ قىلغان. لېكىن، يەھۋا ئىبادەتخانىنى سېلىشقا ئۇنى تاللىمىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، داۋۇت خۇدا تاللىغان ئادەمنى چىن يۈرەكتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. ھەتتا ئۇ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەردلىك بىلەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بېرىپ، ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان. ئۇ ھەقىقەتەن بىز ئۈچۈن ئاجايىپ ياخشى ئۈلگە!—2-سام. 7:12، 13؛ 1-تارىخ. 29:1، 3—5.
15. يۇگېس ئىسىملىك بۇرادەر ئۈمىدسىزلىكنى قانداق يەڭگەن؟
15 فرانسىيىدە ياشايدىغان يۇگېس ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولغاچقا، ئاقساقاللىق ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان ۋە ھەتتا ئاددىي ئىشلارنىمۇ قىلالمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن باشتا قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆزۈمنى ئەرزىمەس ھېس قىلدىم. ئەمما، ۋاقىت ئۆتۈپ، قىلالمايدىغان ئىشلار توغرۇلۇق غەم قىلماسلىقنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. كېيىن، يەھۋاغا قولۇمدىن كەلگىنىچە خىزمەت قىلالىغانلىقىمدىن خۇشال بولدۇم. مەن بەل قويۇۋەتمىدىم. ھېرىپ چارچىغان گىدېئون ۋە ئۇنىڭ ئۈچ يۈز ئەسكىرىگە ئوخشاش، مەن داۋاملىق كۈرەش قىلىمەن».—ھاكىم. 8:4.
16. پەرىشتىلەرنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
16 سادىق پەرىشتىلەر ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئاخاب پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، يەھۋا پەرىشتىلەردىن يامان پادىشاھنى ئالداشنىڭ يوللىرىنى تېپىشنى سورىغان. پەرىشتىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئۆي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقان. بىراق، خۇدا بىر پەرىشتىنى تاللاپ، ئۇنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (1-پادىشاھ. 22:19—22). بەلكىم، باشقا سادىق پەرىشتىلەر ئۈمىدسىزلىنىپ: «بىكاردىن-بىكار ئېغىزىمنى ئۇپرىتىپ سۆزلەپتىمەن»،— دەپ ئويلىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇلار شۇنداق ئويلىمىغان. پەرىشتىلەر ھەقىقەتەن كەمتەر ۋە ئۇلار ھەممە شان-شەرەپنى يەھۋاغا بېرىشنى خالايدۇ.—ھاكىم. 13:16—18؛ ۋەھىي. 19:10.
17. ئەگەر بىرەر شان-شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولمىغاچ، ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلۈمىز يېرىم بولسا، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
17 خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاتىلىش ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش چوڭ شان-شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇڭ. ۋەزىپىلەر بۈگۈن بار، ئەتە يوق، لېكىن خۇدانىڭ ئالدىدىكى قەدىر-قىممىتىمىز ئۇلارغا باغلىق ئەمەس. ئەگەر كەمتەر بولساق، بىز يەھۋا ۋە ئېتىقادداشلىرىمىز ئۈچۈن قەدىرلىك بولىمىز. شۇڭا، كەمتەر ياكى كىچىك پېئىل بولۇپ قېلىش ئۈچۈن يەھۋادىن يالۋۇرۇپ، ياردەم سوراڭ. مۇقەددەس يازمىلاردىكى كۆپلىگەن كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل ئادەملەرنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرى ھەققىدە ئويلىنىڭ. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، قېرىنداشلىرىڭىزغا خىزمەت قىلىشقا تەييار بولۇڭ.—زەبۇر 138:6؛ 1-پېتر. 5:5.
خىزمىتىڭىز نەتىجىسىز بولۇپ كۆرۈنسە
18، 19. ۋەز خىزمىتىڭىز ئۈنۈمسىز كۆرۈنسە، خۇشاللىقنى قانداق تاپالايسىز؟
18 ۋەز قىلىۋاتقان رايون ئۈنۈمسىزدەك كۆرۈنسە ياكى ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلغاندا ئادەملەر ئۆيلىرىدە بولمىغاچ، ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ باققانمۇ؟ مۇنداق ۋەزىيەتتە خۇشاللىقنى ساقلاش ياكى تېخىمۇ خۇشال بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ « ۋەز خىزمەتتىن كۆپرەك خۇشاللىق تېپىش ئۇسۇللىرى» ناملىق رامكىدا ئەمەلىي مەسلىھەتلەر بار. ۋەز خىزمەتكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇشمۇ مۇھىم. بۇ نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
19 دىققىتىڭىزنى خۇدانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەشكە ۋە پادىشاھلىقىنى جاكارلاشقا ئاغدۇرۇڭ. ئەيسا ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولنى ئاز ئادەمنىڭ تاپىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن (مەتتا 7:13، 14). بىز ۋەز قىلغاندا، ياراتقۇچى يەھۋا، مەسىھ ئەيسا ۋە پەرىشتىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش شان-شەرىپىگە ئىگە (مەتتا 28:19، 20؛ 1-كورىنت. 3:9؛ ۋەھىي. 14:6، 7). يەھۋا ئۆزىگە لايىق ئادەملەرنى جەلپ قىلىدۇ (يۇھاننا 6:44). ئەگەر بىر ئادەم بۇ قېتىم ئېيتقان سۆزلىرىڭىزگە قۇلاق سالمىسا، بەلكىم كېلەركى قېتىم قۇلاق سېلىپ قالار.
20. يەرەمىيا 20:8، 9-ئايەتلەردىن ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىش توغرىسىدا نېمىنى بىلەلەيمىز؟
20 بىز يەرەمىيا پەيغەمبەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۇ ئىنتايىن قىيىن بىر رايوندا ۋەز قىلغان. ئادەملەر ئەتىدىن كەچ كىرگىچە ئۇنى ھاقارەتلەپ، مەسخىرە قىلغان (يەرەمىيا 20:8، 9-نى ئوقۇڭ). ئۇ بىر پەيتتە، ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەنكى، ھەتتا ۋەز قىلىشنى توختىتىشنى خالىغان. بىراق، ئۇ نېمە ئۈچۈن بەل قويۇۋەتمىگەن؟ چۈنكى، خۇدانىڭ سۆزى يەرەمىيانىڭ قەلبىدە ئوتتەك لاۋۇلداپ، ئۇنى تۇتۇپ قالالمىغان. مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇساق ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇلاھىزە قىلساق، بىزمۇ يەرەمىياغا ئوخشاش بولالايمىز. نەتىجىدە، قەلبىمىز خۇشاللىققا تولۇپ، خىزمىتىمىز ئۈنۈملۈك بولىدۇ.—يەرەم. 15:16. d
21. ئۈمىدسىزلىك ئۈستىدىن قانداق غەلىبە قازىنالايسىز؟
21 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دېبورا مۇنداق دەيدۇ: «ئۈمىدسىزلىنىش — شەيتاننىڭ قولىدىكى خەتەرلىك قورال بولۇشى مۇمكىن». ئەمما، شەيتان ۋە ئۇنىڭ قوراللىرىغا قارىغاندا، يەھۋا چەكسىز كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر. ئۈمىدسىزلىنىشىمىزنىڭ سەۋەبى مەيلى قانداق بولسۇن، يەھۋادىن ئۇنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى سوراڭ. ئۇ كەمچىلىكلىرىمىز ۋە ئاجىزلىقلىرىمىزنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئاغرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ سىزگە يار-يۆلەك بولىدۇ. ئۇ ۋەزىپىلىرىڭىزگە بولغان تەڭپۇڭلۇقنى ھەمدە ۋەز خىزمىتىڭىزگە بولغان ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىڭىزغا دەردىڭىزنى ئوچۇق ئېيتىپ بېرىڭ. ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئۈستىدىن غەلىبە قازىنالايسىز.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
a بەزىدە ھەممىمىزنىڭ چۈشكۈنلۈككە چۈشىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. بۇ ماقالىدە چۈشكۈنلۈككە چۈشكەندە، بىز نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ۋە يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئۈمىدسىزلىكنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بۇ ماقالىدىكى بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى «ئويغىنىش!» ژۇرنىلى، 1993-يىل، 22-يانۋار سانىدىن ئوقۇيالايسىز.
d «ۋەز خىزمەتتىن كۆپرەك خۇشاللىق تېپىش ئۇسۇللىرى» ناملىق رامكىدا ۋەز خىزمىتىمىزنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدىغان بەزى ئەمەلىي مەسلىھەتلەر بار.
e سۈرەتتە: بىر چاغلاردا ئۈمىدسىزلەنگەن قېرىنداش، ئۆتمۈشتە قىلغان خىزمىتى توغرۇلۇق ئويلىنىۋاتىدۇ ۋە يەھۋاغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ. يەھۋانىڭ ئۇنىڭ قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىغا ئىشىنىۋاتىدۇ.