49-تەتقىق ماقالىسى
تىرىلىشكە بولغان ئۈمىد!
«خۇدانىڭ … تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمەن».—ئەلچى. 24:15.
12-ناخشا ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈ ھاياتلىق
بۇ ماقالىدە a
1، 2. خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ قانداق ئاجايىپ ئۈمىدى بار؟
ئۈمىد ئىنتايىن مۇھىم. بەزى ئادەملەر نىكاھىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا، ساغلام بالىلارنى ئۆستۈرۈشكە ۋە ئېغىر كېسەلدىن ساقىيىشقا ئۈمىد باغلايدۇ. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان بىزلەرمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ياشاشنى ۋە يېقىنلىرىمىزنىڭ تىرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2 ئەلچى پاۋلۇس: «مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ ھەققانىيلار ۋە ھەققانىي ئەمەسلەرنى تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمەن»،— دېگەن (ئەلچى. 24:15). تىرىلىش ئۈمىدى توغرۇلۇق بىرىنچى بولۇپ ئېيتقان كىشى پاۋلۇس ئەمەس. ئايۇپ پەيغەمبەرمۇ شۇ تىرىلىش ھەققىدە ئېيتقان. ئۇ خۇدانىڭ ئۇنى ئېسىدە ساقلىيالايدىغانلىقىغا ۋە ئۇنى قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.—ئايۇپ 14:7—10، 12—15.
3. 1-كورىنتلىقلار 15-باب، بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
3 ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى — مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تەلىملىرىنىڭ ئۇل ئاساسى ۋە دەسلەپكى مۇھىم تەلىمى (ئىبرانىي. 6:1، 2). پاۋلۇسنىڭ تىرىلىش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرى 1-كورىنتلىقلار 15-بابتا تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ يازغانلىرى چوقۇم بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىلھام بەرگەن. بۇ باب بىزگىمۇ ئىلھام بېرىپ، تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
4. يېقىنلىرىمىزنىڭ تىرىلىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنەلەيمىز؟
4 ئەيسانىڭ تىرىلىشى ئۆزۈمىزنىڭ ياكى ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنىڭ چوقۇم تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. بۇ پاۋلۇس كورىنتلىقلارغا ئېيتقان «خۇش خەۋەر»نىڭ بىر قىسىمى (1-كورىنت. 15:1، 2). ئەمەلىيەتتە، پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى تىرىلىشكە ئىشەنمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى پايدىسىز بولاتتى دېگەن (1-كورىنت. 15:17). ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىمىز ئۈمىدىمىزنىڭ ئۇل ئاساسىدۇر.
5، 6. 1-كورىنتلىقلار 15:3، 4-ئايەتتىكى سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
5 پاۋلۇس تىرىلىش توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۈچ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان: (1) مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلگەن، (2) ئۇ دەپنە قىلىنغان، (3) يازمىلارغا مۇۋاپىق ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلگەن.—1-كورىنتلىقلار 15:3، 4-نى ئوقۇڭ.
6 ئەيسانىڭ ئۆلۈمى، تىرىلىشى ۋە دەپنە قىلىنىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ يەشايا پەيغەمبەر مەسىھ ھەققىدە: ئۇ «تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن كېسىپ تاشلاندى» ھەم «ئۇنىڭغا رەزىللەر قاتارىدا بىر قەبرە بېرىلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەشايا يەنە مەسىھ ھەققىدە باشقا ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئۇ «نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە» ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەيسا تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق بۇنى ئورۇنلىغان (يەشايا 53:8، 9، 12؛ مەتتا 20:28؛ رىملىقلار 5:8). شۇڭا، ئەيسانىڭ ئۆلۈمى، دەپنە قىلىنىشى ۋە تىرىلىشى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن ئازاد بولۇش ئۈمىدىمىز ۋە ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى كۆرۈشىمىز ئۈچۈن مەھكەم ئۇل ئاساس سالغان.
كۆپ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى
7، 8. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشىنىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
7 بىزنىڭ تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز ئەيسانىڭ تىرىلىشى بىلەن باغلىنىشلىق. شۇڭا، تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن بىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئەيسانى تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنچىمىز كامىل بولۇشى زۆرۈر؟
8 تىرىلگەن ئەيسانى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلار نۇرغۇن بولغان (1-كورىنت. 15:5—7). ئەلچى پاۋلۇسنىڭ تىرىلگەن ئەيسانى كۆرگەنلەر تىزىملىكىدە، پېترۇس (كىفاس) بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئېلىنغان. بىر توپ شاگىرتلار پېترۇسنىڭ تىرىلگەن ئەيسانى كۆرگەنلىكىنى دەلىللىگەن (لۇقا 24:33، 34). كېيىن، 12 ئەلچى تىرىلگەن ئەيسانى كۆرگەن دېگەن. مەتتا 28:16—20-ئايەتتە يېزىلغاندەك، ئاندىن مەسىھ جەلىلىيىدە 500دىن ئوشۇق قېرىنداشلارغا كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن. كېيىن، تىرىلگەن ئەيسا ئىلگىرى ئۇنىڭغا مەسىھ دەپ ئىشەنمىگەن ئىنىسى ياقۇپقا كۆرۈنگەن (يۇھاننا 7:5). ياقۇپ تىرىلگەن ئەيسانى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا ئىشەنگەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تەخمىنەن مىلادى 55-يىلى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولغانلار تېخى ھايات ئىدى، شۇڭا ھەر بىر گۇمان قىلغان ئادەم بۇ گۇۋاھچىلار بىلەن سۆزلىشەلەيتتى.
9. ئەلچىلەر 9:3—5-ئايەتلەردىن ئوقۇغاندەك، ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە پاۋلۇس يەنە قانداق قوشۇمچە ئىسپات كەلتۈرگەن؟
9 كېيىنرەك، ئەيسا پاۋلۇسقا كۆرۈنگەن (1-كورىنت. 15:8). پاۋلۇس (سائۇل) دەمەشققە يول يولغا چىققاندا، تىرىلگەن ئەيسا ئۇنىڭغا ئاسماندىن سۆزلىگەن (ئەلچىلەر 9:3—5-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇس بىلەن بولغان ۋەقە ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكى ئەپسانە ئەمەسلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.—ئەلچى. 26:12—15.
10. پاۋلۇسنىڭ ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنى نېمە قىلىشقا ئۈندىگەن؟
10 پاۋلۇسنىڭ گۇۋاھلىقى بەزىلەرنى قىزىقتۇرغان، سەۋەبى ئۇ بۇرۇن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان. پاۋلۇس ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەندە، باشقىلارنىمۇ بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇ ئەيسانىڭ تىرىلىشى توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، قامچىلانغان، زىندانغا سولانغان ۋە كېمە ھادىسىگە ئۇچرىغان (1-كورىنت. 15:9—11؛ 2-كورىنت. 11:23—27). پاۋلۇس ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنگەن، شۇڭا ئۇ ئۆز ئىشەنچىسىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەتتا ئۆلۈشكە تەييار بولغان. دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ بۇ تىرىلىشكە بولغان ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەملىمەمدۇ؟
پاۋلۇس ناتوغرا كۆز قاراشلارنى تۈزەتكەن
11. كورىنت شەھىرىدە بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تىرىلىشكە بولغان كۆز قارىشى نېمە ئۈچۈن ناتوغرا بولغان؟
11 گرېتسىيىنىڭ كورىنت شەھىرىدىكى بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تىرىلىشكە بولغان كۆز قارىشى ناتوغرا ئىدى. ئۇلار ھەتتا «تىرىلىش يوق» دەپ ئېيتقان (1-كورىنت. 15:12). نېمە ئۈچۈن؟ گرېتسىيىنىڭ يەنە باشقا شەھىرى ئافىنادىكى پەيلاسوپلار ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىمنى مەسخىرە قىلغان ئىدى. بۇنداق كۆز قاراش بەزى كورىنتلىقلارغا، ھەتتا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىدىكىلەرگە تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن (ئەلچى. 17:18، 31، 32). باشقىلىرى بولسا، تىرىلىش ئۇدۇل مەنىدە بولمايدۇ دەپ ئويلىغان، يەنى ئۇلار گۇناھ قىلغان ئادەمنى «ئۆلۈك»، گۇناھلىرى كەچۈرۈلگەن كىشىنى «تىرىك» دەپ ھېسابلىغان. ئۇلارنىڭ تىرىلىشكە ئىشەنمىگەنلىكىگە مەيلى نېمە سەۋەب بولسۇن، ئىشەنچىسى بىكار بولغان. ئەگەر خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرمىگەن بولسا، تۆلەم تۆلەنمىگەنبولاتتى ۋە ھەممىسى شۇ پېتىچە گۇناھكار بولۇپ قالاتتى. شۇڭا، كىم تىرىلىشكە ئىشەنمىسە، ئۇلاردا ھېچقانداق ئۈمىد يوق.—1-كورىنت. 15:13—19؛ ئىبرانىي. 9:12، 14.
12. مەسىھنىڭ تىرىلىشى ئىلگىرىكى تىرىلىشلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە، 1-پېترۇس 3:18، 22-ئايەتلەر قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
12 پاۋلۇس تىرىلگەن مەسىھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. مەسىھنىڭ تىرىلىشى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تىرىلدۈرۈلگەن ئادەملەرنىڭ تىرىلىشىگە قارىغاندا، ئالاھىدە بولغان. سەۋەبى، تىرىلدۈرۈلگەن ئادەملەر ۋاقىت ئۆتۈپ، قايتىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. پاۋلۇس ئېيتقاندەك، ئەيسا ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئۇخلىغانلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇنجى ھوسۇل بولغان. ئۇ قايسى مەنىدە تۇنجى ھوسۇل بولغان؟ ئۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى روھىي شەخس سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلگەن ۋە ئاسمانغا بىرىنچى بولۇپ كۆتۈرۈلگەن.—1-كورىنت. 15:20؛ ئەلچى. 26:23؛ 1-پېترۇس 3:18، 22-نى ئوقۇڭ.
كىم قايتا ھايات بېرەلەيدۇ؟
13. ئەلچى پاۋلۇس ئادەم-ئاتا بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى قانداق كۆرسەتكەن؟
13 قانداق قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى مىليونلىغان ئادەملەرگە ھايات بېرەلەيدۇ؟ پاۋلۇس بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئادەم-ئاتىنىڭ سەۋەبىدىن ئىنسانىيەت نېمىگە دۇچار بولغانلىقى بىلەن ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق ئىنسانىيەت نېمىگە ئېرىشكەنلىكى ئارىسىدىكى پەرقىنى كۆرسەتكەن. ئەلچى پاۋلۇس، ئادەم-ئاتا ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۆلۈم بىر ئادەم» ئارقىلىق پەيدا بولغان. ئادەم-ئاتا گۇناھ قىلغىنىدا، ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى جاپا-مۇشەققەتكە دۇچار قىلغان. ئىتائەتسىزلىكنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى مۇشۇ كەمگىچە كۆرۈۋاتىمىز. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ، ئاجايىپ كېلەچەككە ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان. پاۋلۇس مۇلاھىزە قىلىپ: «ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىپ قوپۇشى ھەم بىر ئادەمنىڭ [ئەيسانىڭ] ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، ئادەم-ئاتا سەۋەبلىك ھەممىسى ئۆلگىنىدەك، مەسىھ سەۋەبلىك ھەممىسى ھايات بولىدۇ»،— دېگەن.—1-كورىنت. 15:21، 22.
14. ئادەم ئاتا تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
14 ئەلچى پاۋلۇس «ئادەم-ئاتا سەۋەبلىك ھەممىسى» ئۆلىدۇ دەپ، نېمە دېمەكچى بولغان؟ پاۋلۇس ئادەم-ئاتا ئەۋلاتلىرىغا گۇناھنى ۋە نامۇكەممەللىكنى مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ، ھەممە ئادەملەر ئۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولغانىدى (رىملىقلار 5:12). ئادەم-ئاتا ھايات بولىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بولمايدۇ. مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئادەم-ئاتىنىڭ گۇناھىنى يۇيمايدۇ، چۈنكى ئۇ مۇكەممەل ئادەم بولۇپ، بىلىپ تۇرۇپ خۇداغا بويسۇنمىغان. «ئىنسان ئوغلى» كېلەچەكتە سوت قىلىدىغان «ئۆچكىلەر» مەڭگۈگە يوق قىلغىنىدەك ئادەم-ئاتىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئۇ تىرىلدۈرۈلمەيدۇ.—مەتتا 25:31—33، 46؛ ئىبرانىي. 5:9.
15. «ھەممىسى ھايات بولىدۇ»، دېگەنلەر كىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
15 پاۋلۇسنىڭ «مەسىھ سەۋەبلىك ھەممىسى ھايات بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭ (1-كورىنت. 15:22). پاۋلۇسنىڭ خېتى ئاسماندا ياشاشقا تىرىلدۈرۈلۈشنى ئۈمىد قىلغان كورىنتتىكى مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۈچۈن يېزىلغان. بۇ ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن پاك قىلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا چاقىرىلغان. پاۋلۇس «مەسىھنىڭ ئۆلۈم ئۇيقۇسىغا كەتكەن شاگىرتلىرى» توغرۇلۇق گەپ قىلغان (1-كورىنت. 1:2؛ 15:18؛ 2-كورىنت. 5:17). خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يازغان باشقا خېتىدە، پاۋلۇس: «ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىپ، مەسىھ بىلەن بىرلەشكەن بولساق، ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىشىمىز شەك-شۈبھىسىزدۇر»،— دېگەن ئىدى (رىملىقلار 6:3—5). ئەيسا روھ سۈپىتىدە تىرىلىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن. شۇڭا، شۇنىڭغا ئوخشاش «مەسىھ بىلەن بىرلەشكەن» بارلىق مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارمۇ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن روھ سۈپىتىدە تىرىلدۈرىلىدۇ.
16. مەسىھنىڭ «تۇنجى ھوسۇل» بولۇشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
16 پاۋلۇس مەسىھنىڭ «ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئۇخلىغانلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇنجى ھوسۇل» بولۇپ تىرىلگەنلىكى ھەققىدە يازغان. لازارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئادەملەر يەردە تىرىلدۈرۈلگەن ئىدى، بىراق ئەيسا بولسا، تۇنجى بولۇپ ئاسمانغا روھ سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلگەن ۋە مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشكەن. ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا تەغدىم قىلغان تۇنجى ھوسۇل بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. دېمەك، ئەيسانىڭ «تۇنجى ھوسۇل» بولۇشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن باشقىلارنىڭمۇ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلچىلەر ۋە باشقا مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئەيساغا ئەگىشىدۇ. ئۆز ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلارمۇ خۇددى ئەيساغا ئوخشاش تىرىلدۈرىلىدۇ.
17. مەسىھ قىلىنغانلار ئاسماندىكى مۇكاپىتىنى قاچان ئالالايدۇ؟
17 ئەلچى پاۋلۇس كورىنتلىقلارغا خېتىنى يازغاندا، ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ تىرىلىشى تېخى باشلانمىغان. شۇڭا، ئۇ كېلەچەك ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ھەر بىرى ئۆز نۆۋىتى بىلەن تىرىلىدۇ: مەسىھ تۇنجى ھوسۇل، ئاندىن كېيىن مەسىھنىڭ ھازىر بولۇش ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار تىرىلىدۇ» (1-كورىنت. 15:23؛ 1-سالونىكا. 4:15، 16). بۈگۈن بىز بېشارەت قىلىنغان مەسىھنىڭ ھازىر بولۇش ۋاقتىدا ياشاۋاتىمىز. ئۆلۈپ كەتكەن ئەلچىلەر ۋە باشقا مەسىھ قىلىنغانلار ئاسماندىكى مۇكاپاتنى ئېلىش ۋە «[مەسىھكە] ئوخشاش تىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن» بىرلىشىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈشى كېرەك ئىدى.
چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان ئۈمىد!
18. 1-كورىنتلىقلار 15:24—26-ئايەتلەر، دەسلەپكى تىرىلىشتىن كېيىن، يەنە قانداق تىرىلىش بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
18 بىراق، مەسىھ بىلەن ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى يوق سادىق خىزمەتچىلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ تىرىلدۈرۈلۈش ئۈمىدى بار. مۇقەددەس كىتاب پاۋلۇس ۋە ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بارلار «دەسلەپكى تىرىلىشكە» ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (فىلىپى. 3:11). بۇ سۆز-ئىبارە ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە باشقا تىرىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايۇپنىڭ كېلەچەك توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىغا ماس كېلىدۇ (ئايۇپ 14:15). ئەيسا بارلىق ھۆكۈمەتلەر، ھاكىمىيەتلەر ھەم كۈچلەرنى يوق قىلغاندا، «ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار» ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسماندا بولىدۇ. ھەتتا، ئاخىرقى دۈشمەن — ئۆلۈم يوق قىلىنىدۇ. ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلگەنلەر ھەرگىزمۇ ئۆلمەيدۇ. لېكىن، شۇنداق ئۈمىدى يوقلارغا نېمە بولىدۇ؟—1-كورىنتلىقلار 15:24—26-نى ئوقۇڭ.
19. يەردە ياشاش ئۈمىدى بار ئادەملەر نېمىنى كۈتمەكتە؟
19 يەردە ياشاش ئۈمىدى بار ئادەملەر نېمىنى كۈتمەكتە؟ ئۇلار پاۋلۇسنىڭ «خۇدانىڭ ھەققانىيلار ۋە ھەققانىي ئەمەسلەرنى تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمەن» دېگەن سۆزلىرىگە ئۈمىد باغلىماقتا (ئەلچى. 24:15). ئېنىقكى، ھەققانىي ئەمەسلەرنىڭ بىرىمۇ ئاسماندا ياشىيالمايدۇ، شۇڭا بۇ سۆزلەر كېلەچەكتىكى تىرىلىش يەردە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
20. تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز بىزگە قانداق كۈچ بېرىدۇ؟
20 تىرىلىش بولىدىغانلىقىغا ھېچ گۇمان قىلمايمىز! يەردە ياشاش ئۈچۈن تىرىلگەنلەرنىڭ يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاشتەك گۈزەل كېلەچىكى بار. بىز مۇشۇ ۋەدىگە تولۇقى بىلەن ئىشىنەلەيمىز. ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىز ھەققىدە ئويلىغاندا، ئۈمىد بىزگە تەسەللى بېرىدۇ. ئەيسا ۋە 144000 ھۆكۈمرانلار 1000 يىل پادىشاھلىق قىلىۋاتقاندا، يەردە ياشاش ئۈمىدى بار ئادەملەر تىرىلىدۇ (ۋەھىي. 20:6). ئەيسانىڭ 1000 يىللىق پادىشاھلىقىدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەك، بىز كېلەچەكتە تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. ئۈمىدىمىز ئاقلانماي قالمايدۇ (رىملىقلار 5:5). بۇنى بىلىش، خۇداغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشىمىزغا كۈچ بېرىدۇ. كېلەركى ماقالىدە، 1-كورىنتلىقلار 15-بابتىن تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋالىمىز.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
a 1-كورىنتلىقلار 15-بابتا تىرىلىشكە دىققەت ئاغدۇرۇلغان. نېمە ئۈچۈن بۇ تەلىم بىز ئۈچۈن مۇھىم ۋە نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك؟ ھازىر مۇشۇ ۋە باشقا مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
b سۈرەتتە: ئەيسا بىرىنچى بولۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن (ئەلچى. 1:9). ئۇنىڭ بەزى شاگىرتلىرى توماس، ياقۇپ، لىدىيا، يۇھاننا، مەريەم ۋە پاۋلۇسمۇ ئەيساغا قوشۇلىدۇ.
c سۈرەتتە: بۇرادەر كۆپ يىللار بىللە خىزمەت قىلغان سۆيۈملۈك ئايالىدىن ئايرىلغان. ئۇ ئايالىنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلىپ، يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.